logo

trugen jacn

كۆچمەن ئۇيغۇرلار تۈرك تېلېۋىزىيەسىدە خىتايدا تارتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلاتتى

89f41fb8-b17a-4d15-bb45-f6cc4c8f0aa6

ەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شاھىتلار بولۇپ، بۇلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن دەرد-ئەلەملەرنى ئاڭلاتماقتا. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەنىڭ قانال ئا تېلېۋىزىيىسى «گۆزدەن قاچانلار» يەنى كۆزدىن ساقىت بولغانلار ناملىق 3 سائەتلىك پروگراممىسىدا مالايشىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. فاھرەتتىن دامگا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىغا، چىدىغۇسىز خىتاي زۇلۇمىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادىل ئابدۇلغوپۇر ئەپەندى، يۈسۈپ ئىسمائىل ئەپەندى، قۇربان جان ئەپەندى ۋە ئېلى بەكرى ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلدى. پروگرامما رىياسەتچىسى فاھرەتتىن تامگا ئەپەندى ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتىڭلاردىن ئايرىلىپ چەتئەلگە چىقتىڭلار؟ قانداق چىقتىڭلار؟ شەرقىي تۈركىستاندا نېمە جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندىڭلار؟ تۈرمىدە قانداق قېيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىدىڭلار؟ خىتاي چېگراسىدىن قانداق قاچتىڭلار؟ مالايشىيا ۋە تايلاندتا نېمە جاپالارنى تارتتىڭلار؟ تۈركىيەگە قانداق كەلدىڭلار؟ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى قىيىنچىلىقىڭلار نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىدى. ئۇلار 3 سائەت ئىچىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت تۈرمىدە ياتقان كىشىلەردىن بىرى ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بولۇپ، ئۇ، مۇسۇلمانلارنى دىنغا تەكلىپ قىلدىڭ دەپ ئەيىبلىنىپ، 17 يىل تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، بۇ 17 يىل جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرمىدە خارلانغانلىقىنى، ئاچ قالغانلىقىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ھالدا تەقىبگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆز يۇرتىدا ياشاش ئىمكانى قالمىغاچقا قانۇنسىز يوللار بىلەن چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادىل ئابدۇغوپور ئەپەندى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، ئۆزىنىڭ خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل بېرىپ، 8 بالىسىنى ئېلىپ 10 جان ۋىيېتنام ئارقىلىق تايلاندقا كەلگەنلىكىنى، تايلاندتا قومۇشلۇقلاردا ئاچ، سۇسىز يېتىپ، ئايىلىنىڭ قومۇشلۇقتا يەڭگىگەنلىكىنى، يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتىنىڭ قومۇشلۇق ئىچىدە داۋالىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بەكلا ئېچىنىشلىق بولغىنى، خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇم دەپ مالايشىياغا كېلىپ، مالايشىيادا 4 ئاي تۈرمىدە ياتقانلىقىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە پۇل بېرىپ تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن، خىتاي زىندانلىرىدا 6 يىل ياتقان يۈسۈپ ئىسمائىل ئەپەندى، 4 يىل ياتقان قۇربان جان ۋە ئېلى بەكرى ئەپەندىلەر ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىش سەۋەبلىرى، تۈركىيەگە كەلگۈچە ۋىيېتنام، بېرما، تايلاند ۋە مالايشىيادا تارتقان جاپالىرى ۋە تۈركىيەدە دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. بۇ 4 كىشىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئېلىپ باردىڭ دەپ تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، تۈرمىدە ئىما بىلەن ناماز قىلدىڭ دەپ كۆپ قېتىم تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇ، تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم خىتاي زۇلۇمىنى، تەن جازاسىنى تارتقان شاھىتلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىتىشى بولۇپ، تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

تېلېۋىزىيە پروگراممىسى جەريانىدا ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان كىشى خەت يېزىپ ۋە تېلېفون قىلىپ، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىسى فاھرەتتىن تامگا ئەپەندىنى تەبرىكلىدى.

بىز بۇ پروگراممىنى باشتىن-ئاخىرى كۆرگەن ئۇيغۇر ئازادجان بۇغرا ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

تەتقىقاتچى ئازادجان بۇغرا ئەپەندى خىتاي زۇلۇمىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، تۈرمىلەردە خارلانغان كىشىلەرنىڭ چوڭ بىر تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىشى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچار بولۇۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇمنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ خىتايغا بولغان نەپرىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiye-musapir-02092015161701.html

Share
1692 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.