logo

trugen jacn

كوللېكتىپ ئاڭسزلىق ۋە كوللېكتىپ پاراسەت

 

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 كوللېكتىپ ئاڭسزلىق بىلەن كوللېكتىپ پاراسەت قوشكېزەك. بىر توپ ئادەم ياشىغان ماكاندا ئەخلەت پەيدا بولغاندەك بىر ماكاندا، ئوخشاش بىر زاماندا ياشىغان قەۋمنىڭ تەپەككۇرىدىمۇ ئەخلەت پەيدا بولىدۇ. بىر كوللېكتىپنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلانمايدىغان ئەقىل-پاراسىتى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق  پەيدا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، بىز كۆپىىنچە ھاللاردا كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تىلغا ئالىمىزيۇ، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز. بىر  مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان كۈچنىڭ بىرى شۇ توپنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئوپچە ساقلىنىدىغان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقتۇر.

 

ۋەھىمە ۋە ئەندىشە

 

قاراڭ، سىز مۇبالىغە قىلۋەتكەن ۋە ئاندىن سىزنى ئېزىۋاتقان ئەندىشەگە! ئۇ نەقەدەر تېتقىسىز، ئاساسسىز ۋە كۈلكىلىك بىر ھېسسىيات-ھە! يامان يېرى، ئادەم  ۋەھىمە ئوبيكتى غايب بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەندىشەنىڭ ئاساسسسىزلىقىنى  ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەقىل، ئىمان بىلەن قورقۇنچ بىر قەلبكە سىغمايدۇ. سىز قورقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەمەلىيەتتە روھىڭىز بوغۇچلىنۋاتقان بولىدۇ. نېمىدىن قورقساق قورققان نەرسىمىز ۋەھىمە شەكلىگە كىرىدۇ.

 

سەرخۇش پەلسەپىسى

 

ئىستېتىك ئەركىنلىكلا ھەقىقىي ئەركىنلىك. ئۇ ئۆزىنى ئېزىشنى توختاتقان ئادەمنىڭ قەلبىدە. ھەقىقىي ئەركىنلىكنى قەلبىمدىن ئىزدەيمەن. چۈنكى، قەلبىمدە كامېرا يوق. مېنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ماكانىم سەرخۇشستان. سەرخۇش پەلسەپىسى ئاشۇ ئىزدىنىش داۋامىدا بارلىققا كېلىدۇ. سەرخۇش پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى بىر ئىبارە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن: سەرخۇش رېئالىزىم. سەرخۇش پەلسەپىسى –بادام دوپپا پەلسەپىسىدۇر.

 

ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى

 

مەلۇم بىر تونۇشقا، مەلۇم بىر بىلىش شەكلىگە بىر ئۆمۈر ئەل بولۇپ، جاپا تارتىپ ئۆتكەن كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىمەن. ئىدىيىلەر ۋە تونۇشلار قۇربان بېرشىكە ئەرزىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا يالغان ھەم خام خىيال بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى نەدە قالدى؟ نېمىلەر ئەقىدە قىلشىقا ئەرزىيدۇ؟ ئائىلە ۋە جامائەتچىلىك، ئاددىي ھاياتنىڭ ئۆركەشلىرىدىكى  تارتىملىق دەقىقىلەر ھەم        ياخشى خسلەتلىرى بىلەن بىر جەمئيەتكە تەسىر كۆرستىۋاتقان كىشىلەر بىزنىڭ تېراگېدىك ھاياتتا ئازابلارغا پۇچۇلانماي تۇرۇپ، تارتىشىپ ياشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. نېمشىقا بۈيۈك پەيلاسوپ ۋىتتېگىنستان ”تارتىملوگىيە (ئىستېتىكا) ۋە ياشاملوگىيە (ئېتىكا) ئەسلىدىن بىر دېگەن بولغيىدىكىن؟“دەپ ئويلايتتىم. ئەمدى چۈشنىۋاتىمەن.

 

ئازاب چېكىۋاتقانلارغا ئېتىرام

 

ئازاب چېكىۋاتقانلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەسرىتى رىيا، ھەسەتخورلۇق ۋە ماددىي ئەسەبيىلىك سەۋەبىدىن بولمىغانلا بولسا. ئىچ-ئىچىدىن پۇچۇلىنۋاتقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ دەرد-ھەسرىتى شەخسىي دەرد-ھەسرىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا. نېمشىقا بۇ خىلدىكى ئازاب  چەككۈچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم؟ چۈنكى، 21-ئەسىر دۇنيا ماددىي ئەسەبيىلىك، ئىستمالپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىككە ئىنتلىپ ياشىغۇچىلار، باشقىلارنىڭ كۆز يېشى بەدىلىگە خۇشال بولۇپ ياشىغۇچىلار ئۈچۈن چۆرگىلەۋاتقان بىر ئەسىردۇر. بۇنداق بىر ئەسىردە باشقىلار ئۈچۈن ئازابلىنشمۇ بىر خىل ئىقتدار بولۇپ قالدى.

 

زامانىۋىلىشىش قىلتىقى

 

 
زامانىۋىلىشىش ياۋۇزلىشىش ۋە ئەسەبيىلىشىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ. 1-،2-دۇنيا ئۇرۇشلىرى ئەمەلىيەتتتە زامانىۋلىشىش پەيدا قىلغان ئەسەبيىلىشىشنىڭ مەھسۇلى. فاشىستىك ئۆزلۈك 21-ئەسىردە يېڭى بىر ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى زامانىۋلىق دەپ قوبۇل قىلۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە زامانىۋىيىلىق ئەخلەتلىرىدۇر.

 

 

باشقىلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئاۋازى

 

ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋازلارغا قۇلاق سالماي ھېچقانداق كىتاب ئوقۇماي ياشسىاق، نىھايەت بۇ ساددىلىقىمىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىمىز. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئاۋازىنى، ئىچىمىزدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارنى بېسىش بەدىلىگە كىتاب ئوقۇۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان بولساق، ئۇنداقتا بىزنى يېنكىرەك بولغاندا باشقىلارنىڭ سايسىىگە ئايلىنىپ كېتىىش قىسمىتى، ئېغىرراق بولغاندا روھىي كىرزىس كۈتۈۋاتقان بولىدۇ. بىر ئىلىمگەر ئۆزىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆز ساھەسىدە بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ساداسى ۋە تونۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىغاندىلا ئاندىن ھۆر ئىلىمگەر بولالايدۇ. ئۆز ساھەسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ تولۇق ئۆگەنمەي شۆھرەت دەۋاسى قىلىۋاتقان، ئىلىم دەرۋازىسى ئالدىدا قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاۋاتقان ساختا ئىلىمگەرلەردىن يىرگىنىمەن.

 

ئادەمسىمان جەسەتلەر قورشاۋىدا

 

ئەتراپىمىغا قارىسام، ئادەملەرنىڭ  تىرىك جەسەتلەر قورشاۋىدا قورشىلىپ ياشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. بۇ قورشاۋدا ھەق-ناھەق، ئاق-قارا پۈتۈنلەي ئاستۈن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. تىرىك جەسەتلەرنىڭ قورشاۋىدا  ۋە خىرىسىدا ياشاپ تۇرۇپ ”قانداق قىلغاندا تۈزۈكرەك، ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدۇ؟“دېگەن سوئال كۈندە نەچچە قېتىم خىيالىمدىن ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلجىرلاش سادالىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ. شۇ سادالار ئىچىدە تۇرۇپ شۇنداق پىچىرلايمەن: ”بىلجىرلاش ھوقۇقۇڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن سىلەرمۇ بىلجىرلاشلىرىڭلارغا پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھوقۇقۇمغا ھۆرمەت قىلىشڭلار كېرەك!“

 

ئىبىن رۇشېد ۋە كانت: ئىلىم ۋە ئەقىدە

 

كىشىلەر ئىلىم ۋە ئەقىدەنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولۇشىدۇ، دىن بىلەن ئىلىم ئارىسىغا زورمۇ-زور تام ياساپ جاپا تارتىشىدۇ. ئەپسۇس، ئىلىم ۋە ئەقىدە ئاخىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ماي تارتىشىدىغان ۋاقتى كۆپ. شەرقتە ئىبىن رۇشېد، غەربتە كانت ئىلىم بىلەن ئەقىدە ئوتتۇرىسىغا كۆۋرۈك سالغان مەشھۇر پەيلاسوپلاردۇر. شۇڭا ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. ئۇلار ئوخشمىغان ئەسىردە، پەرقلىق ماكاندا ياشاپ تۇرۇپ، بىر-بىرىنى كۆرمەي، بىلمەي تۇرۇپ ئوخشاش تىنىقتا خىيالەن پىچىرلاشقانلاردۇر. ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تېپىشماقلىرىغا ئۇلار جاۋاب بەرگەن.

 

سۈكۈت ۋە پەيلاسوپ

 

نېمشىقا 20-ئەسرىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىككى پەيلاسوپ ھايدېگېر ۋە ۋىتېنگسنتان ئەڭ ئاخىرىدا سۈكۈت ئىچىدە ياشاشنى تاللىۋالدى؟ نېمە ئۈچۈن ۋىتتېنگسىتان كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پەلسەپە پروفېسسورلۇقىدىن ۋازھ كېچىپ نورۋىگىيەدىكى ئورمانلىقتا ياشاشنى تاللىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھايدېگېر ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى 12 يىلنى تاغدا ئۆتكۈزدى؟ نېمشىقا نىتزى : ”تاغدا ياشاش ئۈچۈن بىر بولسا يولۋاس بولۇشى يا بىر بولسا پەيلاسوپ بولۇشى كېرەك“ دېگەنىدى؟
سۈكۈت مەۋھۇمغا ۋە يوقلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن پەيلاسوپتۇر. ئادەم ئۆزىگە سەمىميىلىك بىلەن تولۇق چۆككەندىلا ئاندىن سۈكۈتنىڭ پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. سۈكۈتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەڭ چوڭقۇر دۈشمەننىڭ ۋە ئەڭ چوڭقۇر تۇيغۇداشنىڭ ئەسلى ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سىلكىنىدۇ.

 

چىرىگەن ئەخلاق دەرىخى ئەتراپىدا

 

چىرىگەن ئەخلاق دەرىخى ئەتراپىغا ئولىشىپ ساداسىز ئاسمانغا قاراپ ”ئەخلاق“ دەپ ۋارقىرايمىز-دە، پورلىشىپ كەتكەن ئەخلاق دەرىخىنى زەئىپ بەدىنىمىز بىلەن كۈچەپ ئىتترىمىز.چىرىگەن چۈشەنچىلىرىمىزدىن دالالەت بەرگەن ھالدا بىز چۈشەنگەن ئەخلاق، ئېتىكا ئۇقۇملىرى ھالسىرىغان ، يارىدار ياكى مېيىپ.

 

توكسىنلىق تونۇش ۋە قارام ھۆكۈم

 

بەدىنىمىز بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى مىكروپلاردىن ئاستا-ئاستا يۇقۇملانغان كەبى تەپەككۇرىمىز چىرىگەن ئۇقۇملارنىڭ، ئاتام ئېيتقان بايىقىغا ئايلانغان شەرھىلەش مېتودلىرىنىڭ ، ۋاشاڭ قىلىنغان ماۋزۇلارنىڭ ئسىكەنجىسدە زەخمىلىنىدۇ؛ ئەقلىمىز قارام ھۆكۈملەر ۋە توكسىنلىق تونۇشلارنىڭ تەسىرىدە بۇلغىنىدۇ.  خاتا تونۇشلارغا كانىدەك چاپلىشىپ قويۇپ بەرمەيمىز. چۈنكى كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، بىزگە ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ.

 

بەختىسىز جەمئيەتشۇناسلار

 

جەمئيەتشۇناسلار بەختىسىز كىشىلەردۇر. ئۇلار تونۇش زۇلۇمى ۋە ئەبجەق بىلىملەر ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان كشىلەرنىڭ ئۆز رېئالللىقىنى توغرا چۈشۈنۈۋېلىشى ئۈچۈن ھەر قانچە جەڭ ئېلان قىلسمۇ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ. ماكىس ۋېبېر ۋە دۇركايىم نېمشىقا ھەسرەت ۋە بەختىسزلىك ئىچىدە ئۆلدى؟

http://www.ulinix.org/index.php?page=32585

Share
1454 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.