logo

trugen jacn

قەشقەردە22 – ئىيۇن توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 ساقچى، 15 ھۇجۇمچى ئۆلدى

image

بۈگۈن خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈندىدار ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى تورلاردىن بىرى «بوشۈن»دە تارقالغان قەشقەردە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىچكى ئۇقتۇرۇش بولغان.

201506232107china1

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ۋەقە توغرۇلۇق چىقارغان مەخپى ھۆججىتى

 

بۇ ئىچكى ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو كوپىيىسىدە دېيىلىشىچە،«22 – ئىيۇن سەھەر سائەت 0 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر شەھرىنىڭ <شىنچۈن بېيلۇ>دەپ ئاتىلىدىغان رايونىدا، يەنى ئۇيغۇرلار تاختا كۆۋرۈك دەپ ئاتايدىغان رايونىدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ۋە يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. نەق مەيداندا بىر ساقچى ۋە بىر ياردەمچى ساقچى پارتلاپ ئۆلگەن. 15 نەپەر ھۇجۇمچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىپ،5 نەپىرى يارىلاندۇرۇلۇپ تۇتقۇن قىلىنغان.»

خەۋەردە يەنە «پارترلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندىن قولدا ياسالغان 100 دانە كۆيدۈرگۈچ بومبا،7 دانە پارتلاتقۇچ بومبا،3 دانە قىڭغىراقنى تاپقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ قەشقەردىن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە قەشقەر شەھرىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان تاختى كۆۋرۈل ئەتراپىدا يەنى قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن. پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ 3 ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە بېرىلىدىغان پروگراممىمىزدا بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qeshqer-hojum-06232015193833.html

Share
1331 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.