مەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئۇچتۇم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ خىتايدىكى ھاياتىمنىڭ سىنتېشى ئىدى. ئەسىرلەردىن بۇيانقى سەيياھلارغا ئوخشاشلا، مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەلبىگە جايلاشقان بۇ شەھەر مەن ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ، بىر چوڭ قوۋۇق ئىدى. بۇ ئىسلامىي دىيار خىتاينىڭ ئىچكى قىسىملىرى بىلەن ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك ئىدى. ئۇنىڭ مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان باغداد بىلەن بولغان ئارىلىقى ھازىرقى ئىشخانام جايلاشقان 2500 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى بېيجىڭغا قارىغاندا بەكرەك يېقىن.

تۇنجى قېتىم قەشقەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىم 1999- يىلىنىڭ ياز ئايلىرى ئىدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن سومكامنى ئېسىپ خوڭكوڭدىن يېڭى دېھلىغىچە بولغان قۇرۇقلۇق سەپىرىمنى باشلىغان ئىدىم. قەشقەر مېنىڭ خىتايدىن چىقىشتىكى دەرۋازام ئىدى – شۇنداقلا قاراقورۇم تاشيولى ئارقىلىق قار – مۇزلار بىلەن قاپلانغان پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ پاكىستانغا بېرىشتىكى ئاخىرقى بېكىتىم ئىدى. مەن ۋە سابىق ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئورنىغا جايلاشقان چىنىباغ مېھمانخانىسىدىن كەلگەن باشقا ساياھەتچىلەر بىر ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇق.

مەن 2008- يىلى ئاۋغۇستتا ئاندىن قەشقەرگە قايتا كېلەلىدىم، بۇ مېنىڭ «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» ئۈچۈن خىتايغا كەلگىنىمگە بىر نەچچە ئاي بولغان ۋاقت ئىدى. مەن ۋە بېيجىڭ مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئاز دېگەندە 16 قوراللىق ساقچىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىر غەيرى ھۇجۇم ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئۇچقان ئىدۇق.

شۇ يىلى كۈزدە، ئىسلامغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئايلانغاندا قەشقەرگە قايتا كەلدىم. خىزمەتدېشىم شى يۈنياڭ ۋە مەن پىنسىيەگە چىققان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن غەربنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق.

2010- يىلى، ژىلېس سابرى(Gilles Sabrié) ئەپەندى ئىككىمىز ئافغانىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىنى بويلاپ ئۇزۇن بىر قۇرۇقلۇق سەپىرى ئارقىلىق قەشقەرگە يېتىپ كەلدۇق. تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ تاغلىرىدىن ماشىنا ھەيدەپ ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە، بىز يۈز يىللار بۇرۇن ئۆتكەن سەيياھلار شاھىت بولغان ئاجايىب مەنزىرىلەرنى – ئاۋات بازارلاردىكى يېمەكلىك يايمىلىرىدىن كېلىۋاتقان كاۋاب ۋە زىرىنىڭ ھىدلىرىنى، سېغىز تاملىق ئۆيلەر ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان سالقىن كوچىلارنى تاماشا قىلدۇق. شەھەر ئىنتايىن ئاۋات ئىدى: رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈنلۈك روزا ھېيت تەنتەنىسى باشلانغان ئىدى.

ئۇ يىلى، دائىرىلەر كونا شەھەر رايونىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېقىۋەتكەن ئىدى. خارابىلىكتە تولۇق چېقىلىپ بولالمىغان ئۆيلەر بار ئىدى. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئاخىرقى قېتىملىق زىيارەت ئۈچۈن كەلگىنىمدە، كونا شەھەرنىڭ چېقىلغان جايلىرى قايتا سېلىنغان ئىدى. ئازادە يوللار ۋە يېڭى سېلىنغان سېمۇنت بىنالار بار ئىدى. ھازىر ساقچىلارنىڭ كوچىلارنى نازارەت قىلىشى ئاسانلاشقان ئىدى ۋە زور مىقداردا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ساقچىلارنىڭ نازارىتى مەندە بۇ يەردىكى باشقا ھەر قانداق ئىشتىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇندىن بۇرۇنقى سەپەرلىرىمدە، مەن ساقچىلارنىڭ ئىزىمىزغا چۈشكەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ھەتتا مېھمانخانا بىزنىڭ ۋىزىمىزنى نۇسخىلاپ ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىمۇ ئۇنداق بولمىغان. بۇ قېىتم، چىنىباغ مېھمانخانىسىدىن چىقىشىمىزغا يۈسۈپ ۋە ھەمراھلىرى بىزگە ئەگىشىشكە باشلىدى.

لېكىن، ساقچىلارنىڭ پىيادە چارلىشىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. بىز ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالىدىكى بىر تاللا بازىرىدا تۇنجى چارلاش ئەترىتىنى ئۇچراتتۇق. بىر نەچچە خىتاي ساقچى بىزنى توسىۋالدى ۋە كىنىشكىمىزنى چىقىرىشىمىزنى ئېيتتى. ئۇلار ھەمراھىمغا بەكراق دىققەت قىلدى، چۈنكى ئۇ بۇ بىر توپ كىشى ئارىسىدىكى روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان چەتئەللىك ئىدى. ئۇ فىرانسىيە پاسپورتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ساقچىلار بىزنىڭ مېڭىشىمىزغا يول قويدى.

بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن بىر ۋاقتتىن كېيىن، بىز شەھەر سېپىلىنىڭ ئەتراپىدا باشقا بىر چارلاش ئەترىتى تەرىپىدىن توسىۋېلىندۇق. ئۇلار دەل يۈسۈپنى ئۇقۇشماستىن ئاۋارە قىلغان ساقچىلار ئىدى. مەن ساياھەت كىنىشكىسىنى ئېلىۋالمىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇلار بىزنى ساقچى ماشىنىسىغا چىقاردى. ساقچىخانىدا بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن يۈسۈپ پەيدا بولدى. «سىلەر قەشقەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى ئۇ راۋان ئىنگىلىز تىلىدا. ئۇ سابرىنىڭ كامېراسىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا ساقچى ياكى ھەربىيلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق نەرسىنى سۈرەتكە تارتسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ئۇلار بىزنى ماشىنىغا چىقىرىپ مېھمانخانىغا ئەكەلدى، شۇنداق بولغاندا مەن ئۇلارغا ساياھەت كىنىشكامنى كۆرسىتەلەيتتىم. سېپىل يېنىدىكى بىر چىملىقتىن ئۆتكەندە يۈسۈپ: «مەن بۇ يەردە تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن» دېدى.

مەن ياتاققا كىرىپ كىنىشكامنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇلار بىزنى قويىۋەتتى. لېكىن يۈسۈپ بىزنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «قەشقەر چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن خەتەرلىك» دېدى ئۇ، «بىز سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز.»

ئىراق ئۇرۇشىدا مۇخبىرلىق قىلغان ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا، مەن خەۋپ ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم، مەن شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)نىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئۆزەمنى خەتەر ئىچىدە ھېس قىلمىدىم.

بىز كونا شەھەردە يەنە بىردەم ئايلاندۇق. پۇخراچە كىيىنگەن بەش ساقچى بىزگە ئەگىشىۋاتاتتى. بىز ئارقىغا قارىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار بېشىنى تۆەن قىلىپ تېلېفونغا قارىغان بولۇۋالاتتى.

(داۋامى بار)

مەنبە: نيۇيورك ۋاقت گېزىتىThe New York Times