logo

trugen jacn

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي «تېررورلۇق» قا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن

image

30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر سائەت ئىچىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرلان ئابدۇلدايېف بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن.

ۋاڭ يى ئابدۇلدايېفقا خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇلدايېف بولسا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللىغان. خەۋەردە، ۋاڭ يىنىڭ ئابدۇلدايېفقا تېررورلۇققا قارشى كونكرېت قانداق ھەمكارلىق پىلانلىرى سۇنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇلدايېفنىڭ، قىرغىزىستان خىتاي بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى 30‏-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9:32 دە ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، 5 ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇمچى بومبا قاچىلانغان مىتسۇبىشى تىپلىق مىنىبۇس بىلەن ئەلچىخانىنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ كىرىپ، بومبىنى پارتلاتقان. ۋەقەدە ئاپتوموبىلدىكى ھۇجۇمچى ئۆلگەندىن باشقا، 2 نەپەر قىرغىز ئامانلىق خادىمى بىلەن 3 نەپەر ئەلچىخانا خادىمى يارىلانغان ئىدى.

دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىل توقماقلىق بىرىگە سېتىلغان، ئەمما سېتىۋالغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

دىلمۇرات ئەكبەروف مۇنداق دېدى: «ئاۋۇ ماشىنىغۇ توقماق، دەپ بىر شەھەرگە سېتىلىپتىكەن، كىمگە ساتقانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئۇنى دېمىدى. ئىزدەۋاتىمىز دەيدۇ، كىمگە ساتقانلىقى ئېنىق ئەمەس، ھازىرقى گەپ شۇ. ئەمدى بۇ ماشىنىنى ئالغۇچى بىزدە مۇنداق-دە قاراڭ. ماشىنا ئالغاندا مۇنداقلا دوكۇمېنت يېزىپ بەرمەيدۇ. پۇلنى بېرىپ قويۇپ نوپۇسنى بىر ئاي، 15كۈندىن كېيىن ئۆتىسىمۇ بولىدۇ. ئاچقۇچنى بېرىپ قويۇپ ھەيدەپ يۈرۈۋېرىدۇ، قولىغا قەغەز يېزىپ بېرىپ. شۇنداق ئالغان بولسا كېرەك. بىر قىسىم پۇلنى بېرىپ، داكۇمېنت يازغاندا قالغان پۇلنى بېرىمىز، دەپ ئالدىمىكىن، دەپ ئويلاۋاتىمەن. ماشىنىنىڭ نومۇرى كامېراغا چۈشۈپ قاپتۇ يولدا. شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى ساتقۇچىنى تېپىپتۇ. ئەمما ئاغۇچى كىمۇ ئۇنى دېمىدى.»

بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا ئىكەن، ئەمما دىلمۇرات ئەكبەروف، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتىنىڭ بۇ قېتىم ناھايىتى ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلمۇرات ئەكبەروف: «بىزنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار، دەپ بىر نېمە چىقارمىدى. ئۇنداق گەپلەر بولمىدى. بۇ تېررورلۇق ھەرىكەت، ئاخىرىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، دېدى. ئەمما مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئىسمىنى ئاتايدىغان گەپلەرنى قىلمىدى. ئىتتىپاق جەمئىيىتىمۇ يىغىن ئاچقان ئىدى. مىللەتلەر ئانسامبىلىنىڭ رەئىسى كېلىپ، ئۇمۇ سۆزلىدى، بۇ يەردە ھېچقانداق بىر مىللەت، دەيدىغان سۆز چىقمايدۇ. بۇ ئېنىقلانغاندا بولىدۇ. بىز ئاۋۇ-ماۋۇ دېيەلمەيمىز، دەپ. ئەمدى قارايمىزغۇ، ئىشقىلىپ بۇلار ئارانلا تۇرىدۇ ئارتىپ قويىدىغانغا. بۇرۇن يوق نەرسىلەرنى گېزىتلەردە يېزىپ قوياتتى. ھازىر گېزىتلەر بۇنى يازمايۋاتىدۇ.» دېدى.

ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ ئارقا تېرىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇرلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھازىرقى زامان مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى لى ۋېي «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، «بۇ ھۇجۇمنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئېلىپ بېرىشى زور ئېھتىماللىق بار» دېگەن.

ئەمما قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىش بىر سىياسىي ئىغۋا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلىرىدىكى ئافغانىستان ياكى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بېرىپ قايتقان يەرلىك غازاتچىلار قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

قەھرىمان غوجامبەردى: «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى يوق. د ئۇ ق بولسۇن ھەممىمىز تېررورلۇققا قارشى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆتۈرۈپ چىقىش بۇ ئىغۋا خاراكتېرىگە ئىگە. تېررورلۇق ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇۋاتقان پاكىت بۇ. ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەقەلەرگە بىۋاسىتە بېرىپ، قاتنىشىپ، شۇ يەردىكى شۇ ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىپ، شۇلارغا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەممە دۆلەتلەردە مەۋجۇت، بۇ پاكىت. بۇنى قىلغانلار شۇلارنىڭ 1‏-تۈركۈمدە قايتقانلىرى بولۇشى مۇمكىن.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يەنە بىر مۇمكىنچىلىك بۇ ۋەقەنى قىرغىزىستاندىكى تېررورچى ئۆكتىچىلەرنىڭ قىلغان بولۇش ئىھتىماللىقىدۇر. لېكىن ئۇ، ھەر ئىككى ئەھۋالدا خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەسى ياۋايىلارنى ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن بىلەن ئۇجۇقتۇر، دەپ نام قويغان ئۇلار. ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش. مۇشۇ نوقتىنەزەردىن ھەرىكەت بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېساپلايمەن. ئاشۇ ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەنلەرنىڭ قولى بىلەن بۇ بىرى. ئىككىنچى، قىرغىزىستاننىڭ ئۆزىدىمۇ تېررورچى ئۆكتىچىلەر بار. ئەمدى ئۇلار نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنى نىشان قىلدى. بۇ باشقا بىر مەسىلە. قىرغىزىستاندا پارتىيىلەر ئارا ۋە ھەر خىل سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئاقارمۇ-قارشىلىق مەۋجۇت. تەخت تالىشىش كۈرىشى كېتىپ بارىدۇ. قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئىككىسى بىخەتەرلىك تەرەپتىن ئاجىز دۆلەتلەر. مۇشۇ ئىككىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانى چۇۋۇۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە ھەر تۈرلۈك سېنارىيەلەرنى يېزىشقا بولىدۇ.»

خىتاينىڭ بىشكەك ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق غازاتچى كۈچلىرىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئەھۋالدا يۈز بەردى.
خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئۆمىكى يېقىندا سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«دەپكا فايل» ناملىق بىر ئىسرائىلىيە تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر غازاتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر غازاتچىلىرىنى بومباردىمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/qirghizistan-xitay-09012016140406.html

Share
990 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.