logo

trugen jacn

قوش تىل يەسلىسىدىكى سەبىي كۆزلەر نېمە دەيدۇ؟

a2a2fc94-fc23-4ae2-b7c4-e70270ebf0b0

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ جىددىي تەقەززاسى بولۇۋاتقان پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، 5 مىليارد سوم مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى توققۇز نامرات ناھىيە، شەھەرگە 2 مىليارد 95 مىليون سوم مەبلەغ سېلىپ، 2237 يەسلىنى يېڭىدىن سالغان. 2012-يىلى 9-ئايدا، ئىككى يىللىق قوش تىل سىنىپىدا ۋە خىتايچە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 426 مىڭ 100 نەپەرگە يەتكەن.

بالىلار باغچىسى، يەسلى دېگەن ئاتالغۇلار ھەممىمىزگە خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك خۇشپۇراق گۈللەرگە تولغان باغچە، مېھرىبان پەرىشتە سۈپەت تەربىيىچىلەرنى، ئويناپ ‏- ئويناپ قانمايدىغان ئويۇنچۇقلار، ئاجايىپ ‏- غارايىپ تىلسىماتتەك بالىلار ھېكايە چۆچەكلىرىنى، دىلنى مەھلىيا قىلىدىغان چۈچۈك تىللاردىن چىققان ناخشا سادالىرىنى، قول تۇتۇشۇپ دوست بولۇشلارنى، ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل خاتىرىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش سىياسىتى بىلەن ھەر بىر يېزا، كەنتلەرگىچە قۇرۇلۇپ، ھەقسىز ھالدا يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل يەسلىلىرىدە بولسا، ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىلىدىن باشقا بىر يات تىلدا يەنى خىتاي تىلىدىلا ئاڭلاش، سۆزلەش ھەتتا بالىلار ناخشىلىرىنىمۇ خىتايچە ئېيتىشقا مەجبۇر. ئاقسۇدىكى ئەقىللىق بالىلار قوش تىل يەسلىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بايانلىرى بۇنى دەلىللەيدۇ.

بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاساسلىقى شۇ مىللەت تىل-يېزىقى ئارقىلىق دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش ۋە گۈللىنىشى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مائارىپقا قوشقان تۆھپىسى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.

بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىدە «ئۆسۈپ يېتىلىش ئارخىپى» نىڭ ئەڭ ئالدىنقى بېتىنى، دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان باغچە مائارىپى خاتىرىلەيدۇ. بۇ ئارخىپنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق ئىشلەپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇۋاپىق تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئەمما يەكەن بازىرىدا قۇرۇلغان بىر قوش تىل يەسلىسىنىڭ بىر تەربىيىچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئۆزىنىڭ تەربىيىسى ھىمايىسىدە ئۆسۈۋاتقان سەبىيلەرنىڭ قوش تىل يەسلىسىدىكى ناتوغرا ئوقۇتۇشتىن ھاسىل بولغان سەلبىي نەتىجىلىرىنى كۆرسىمۇ، بالىلاردىكى ھەر بىر ئىنچىكە ئۆزگىرىشلىرىنى بايقىسىمۇ، خاتىرىلىسىمۇ، ئەمما مېھرى ۋە ئەقلىنى سەرپ قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا ئامالسىز.

يەسلى مائارىپى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەمەس، لېكىن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان مەجبۇرىيەت تۈسىنى ئالغان مەكتەپ مائارىپىغا ئايلاندۇرۇلدى، ئاتا، ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئىككى يىل مۇشۇ خىل قوش تىل يەسلىلىرىگە بېرىشى شەرت، بالىلار خالىمىسىمۇ بېرىشقا مەجبۇر. 7 ياشقا كىرىپ قالغان بالىسىنىڭ قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇغان ئىككى يىلدىن بۇيان تىلىنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان پىچاندىكى بىر ئانا، ئەنە شۇنداق ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ بىرى.

مەيلى بالىلار گەپ قىلالمىسىمۇ ئۆزىگە ئازار بەرگەندىن قېچىشنى، قورققاندا، ئەنسىز بولغاندا يىغلاشنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر بالىلىرى قوش تىل يەسلىلىرىگە بېرىشنى خالىمىسىمۇ قاچالمايدۇ، قاراپ باقتۇقمۇ، قوش تىل يەسلىلىرىدىكى بالىلارنىڭ كۆزى بىزگە نېمىلەرنى دەيدۇ؟

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-04222015154855.html

Share
1230 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.