logo

trugen jacn

ئارتۇچ بۇغرا: غۇلجا“5-فېۋرال» قىرغىنچىلىقىدىن ئويلىغانلىرىم

kalem_60380

 

ئارتۇچ بۇغرا

غۇلجا قىرغىنچىلىقى 19يىلىنى ئەسلەپ، شۇ ۋاقىتتا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى سالىھ دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئاللادىن سەبىر تىلەيمىز.
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئىمان كەمىرىنى بېلىگە مەھكەم باغلىغان، ئىسلام دىنىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا «لا ئىلەھە ئىللەللا مۇھەممەددۇن رەسۇلۇللا» دەپ يېزىلغان لوزىنكا ئىگىز كۆتىرىپ بىگىز بارماقلىرىنى كۆرسىتىپ سەپ تۈزۈپ،ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ ماڭغان ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرى تەرپىدىن ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن نەچچە كۈن قىرغىن قىلىندى
ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ،ئىلغار پىكىرلىك،دىنىي زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىندى.تۇرمىلار نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلار بىلەن تولدى.
ئۇلارنىڭ كىيىملىرى سالدۇرۇپ يانچۇقلىرىدىكى نەق پۇللىرى ۋە قىمەتلىك بۇيۇملىرى مۇسادىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، قەھرىتان سوغۇقتا تۇرمىلەرگە يالىڭاچ قامىلىنىپ سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ شېھىت قىلىندى.
ھەتتا بىز ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا شۇ ۋاقىتتا تۇرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 7ياشتىن 10ياشقىچە ئوسمۇرلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ،سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ شىھىت قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بارلىقىنى بىلدۇق.
كۆرەش كۈسەن ئەپەندىم ئاۋازغا ئالغان «ئولمەسجان»نىڭ ھىكايسى ئارقىلىق كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلار تەرپىدىن قانداق شىھىت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.
دىمەك،شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق،«5-فېۋرال»غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن خەلقئاراغا ئاشكارلىنىپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارىتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە شاھىت بولغۇچىلارنىڭ تۇركۇملەپ كانادا،ياۋروپا،تۇركىيە،ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇشىغا يول ئاچقان ۋەقە.
«5-ئىيۇل»غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىلىدە خاتىرلەپ كەلمەكتە.
بىزنىڭ يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا،«بارىن ئىنقىلاۋى»«5-فېۋرال»غۇلجا قىرغىنچىلىقى،«5-ئىيۇل»ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشىغان بۇ ۋەقەلەردە بىز ياد ئېتىپ تۇردىغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ،ئاللانىڭ دەرگاھىدا رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ.
بىز بۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ خاتىرلەپ قۇيۇش ۋە نامايىش قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن بىر جامائەت شەكىلىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، دۇئا قىلىپ قويۇش بىلەن تەسەللى تېپىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق ئۇنداق توغرا قىلىمىغان بولىمىز .
بىزدە بۇلاردىن ئۈگىنىشكە تىگىشلىك بۇ شېھىتلەرنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۈگنىشمىز، بۇ روھنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزدە ئەملىلەشتۇرۇش، شۇ شېھىتلار بەرگەن پىداكارلىق مېلى، ۋاقىتى ، جېنىنى بىزمۇ ۋاقتى كەلگەندە پىداكار قىلايدىغان بولۇشنى ئەسلەش بىلەن كوڭلىمىزنى خاتىرجەم قىلىپ بىخرامان ياشاپ ، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيالىق تۇگىمەس ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇش ، شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان 21-ئەسىردە دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە كۆرۈلۇپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرمىدە ياشىغاندەك ياشاش، مەھەللىدىن –مەھەللىگە كىمىلىك كۆتىرىپ مېڭىش، ماڭدامدا چەكلىمىگە ئۇچىراش، ئۆزىنىڭ مۇلكىگە ئىگە بولالماسلىق، خالىغان ئىسمنى قويالماسلىق، ياخشى كۆرگەن كىيىمنى كىيەلمەسلىك دەپ كەلسەك ،ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىملىك كۆرسىتىپ كىرىش قاتارلىق بەلگىمىلەر بىلەن ئەركىنلىكى بوغۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقوقلىرى شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
بۇنىداق ئەھۋالدا بىزدىن «5-فېۋرال» بولسۇن «5-ئىيۇل »بولسۇن بىزدىن نامايىش ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى خىتايغا قارىش ۋاقىراپ –جاقىراپ قويۇشنىلام تەلەپ قىلىۋاتامدۇ؟
ياق ئۇنداق ئەمەس،بەلكى نامايىش ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى قىلىشمۇ مۇھىم ئەلبەتتە بۇ نامايىش ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلەر شەكلەن بولۇپ قالمىسۇن، قىلىپ كەلگەن قىلىپ قويايلى ئەمەس،باشقىلار بىر نىمە دەپ قالمىسۇن ،رۇخسىتى يوقلار رەسىمىگە چۈشىۋالسۇنلارنى مەقسەت قىلىپ قىلساق ، قىلغان نامايىش ۋە خاتىرلەش پائالىيىتنىڭ ساۋاپى تۇرماق ،ئىجتىمائى ئۈنۈمى ۋە خەلىقىمىزنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
بىز ئالىدىدا دەپ ئۆتكەندەك شېھتلارنىڭ بەدەل تولەيدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان روھىدىن ئۈگىنىشىمىز كېرەك.
پەقەت ئاللا رىزالىقىنى كۆزلەپ قىلىغان ئىشتا ئاللانىڭ بەركىتى قىلغان ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشتىن قەتئىنەزەر ئاللا تەرپىدىن بېرىلىدىغان ساۋاپتىن تىگىشلىك نىسۋىمىزنى ئېلىۋېرىمىز.
شۇڭا پۈتۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز شەكلەن بولمىسۇن، قانداقتۇر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئاڭلىتىۋېلىش ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ گېپىدىن قورقۇپ قىلىپ قويۇش ئەمەس، چىن ئىخلاس بىلەن داۋاملاشتۇردىغان ۋە قىلغان خىزمەتلىرىمىز خەلقىمىزگە مەنپەت بېرەلەيدىغان ، ئۆزىمىز ئۈگىنىدىغان ، قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزگە تەدبىقلايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئىشىمىز ئالغا باسىدۇ، بەركەت بولىدۇ،ئىككى دۇنيالىق ساۋاپقا ئېرشكەن بولىمىز دەپ ئويلايمەن

3-فېۋرال سىتوھخولۇم

Share
1993 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.