logo

trugen jacn

غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (36): ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان سىياسىي قارارلار

1992-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان چەتئەللەردە ئۆتكۈزگەن ئەڭ مۇھىم قۇرۇلتايلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى.

68 يىلدىن بۇيان ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنلىرىدا ئۆتكۈزگەن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرىكى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى بىلەن ئەسلەيدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» غا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 80 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان ئىكەن.

قۇرۇلتاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەسمىي يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ چەتئەلدىكى رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ باشلىقى، گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن، مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، يازغۇچى زىيا سەمەدى، «ئاۋسترالىيە تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەھمەد ئىگەمبەردى، پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇق، ئادۋوكات مۇزەففەر ئۆزداغ، پروفېسسور نەۋزات يالچىن تاش، پروفېسسور مەلىكە ئاقتاغ كاشغەرلى، يازغۇچى مەمتىمىن ھەزرەت، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، «ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى» دىن شامىل قۇربان، «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى» دىن نۇرمۇھەممەت كەنجى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن قۇربان ئابدۇللا تۈركىستانى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەكىلى غۇلامدىن پاختا، شىۋېتسارىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن كېرەم شەرىف، قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باشلىقى يولداش ئەزەمەتوف، قازاقىستاندىكى يادرو سىناقلىرىغا قارشى مەشھۇر قازاق شائىرى ئولجاس سۇلايمان ئوغلى، قەيسەرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى مۇھەممەد جانتۈرك، قازاقىستاندىن يازغۇچى ھاشىر ۋاھىدى ۋە ئارخېئولوگ يۈسۈپبەگ مۇخلىسى قاتارلىق 21 كىشى سۆز قىلىدۇ.

قۇرۇلتايدا يەنە 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى ۋە تارىخچى مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغراغا پۈتۈن قۇرۇلتاي نامىدىن ئالتۇن مېدالىيۇن تەقدىم قىلىنىدۇ.

ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى كۈنى ۋەكىللەر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، تارىخ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى نىشانى ھەققىدە قىزغىن مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزىدۇ.

قۇرۇلتاي 12-ئاينىڭ 14-كۈنى كېڭىشىش ۋە مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق سىياسىي قارار، خىتابنامە ۋە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىدۇ. شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئايرىم-ئايرىم مەكتۇپ يوللايدۇ.

شۇ كۈنى يەنە قۇرۇلتاينىڭ سىياسىي كومىسسىيونى بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق كومىسسىيونى ھەيئەتلەرنىڭ ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق ئايرىم-ئايرىم قارار چىقىرىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ 21 كىشىلىك سىياسىي كومىسسىيونى چىقارغان قارارىدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى – شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىدۇ،» دەپ ئېنىق بېكىتىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم قاتناشچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدە قۇرۇلتاي سىياسىي كومىسسىيونى تەرىپىدىن چىقىرىلغان خۇلاسە خاراكتېرلىك قارارنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ھېلىھەم ئۆز قولىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن مەزكۇر قارارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار دىققىتىگە سۇندى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» (ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى) سىياسىي كومىسسىيونىنىڭ خۇلاسە قارارى:

• ئانا يۇرتىمىزنىڭ نامى شەرقىي تۈركىستاندۇر.
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىقلالىنى نىشان قىلىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش پروگراممىسى ئىشلەپ چىقىلىدۇ.
• مەزكۇر پروگراممىنى ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك تەشكىلات قۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئورگانلىرى سايلىنىدۇ، نىزامنامىسى قوبۇل قىلىنىدۇ.
• قۇرۇلتاي ئۆز پائالىيەتلىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىدۇ.
• خىتايغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان كۈچلۈك ئاخبارات تورى (گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە باشقىلار) نى بەرپا قىلىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا دىنىي ۋە مىللىي روھتا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاش خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ زۇلۇمىنى تارتىۋاتقان تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقتا بولىدۇ.
• بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەلقئارادىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن قېرىنداش تۈرك مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى، پىكىرداشلىقىنى ئويغىتىپ، ئۇلار بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.
• بىز خىتاي خەلقىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئەمەس، پەقەت خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرىمىز.
• لوپنۇردىكى يادرو سىناق پولىگونىنى تقىۋېتىشنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇرغان زىيانلىق ئاقىۋەتلىرىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقىنى تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە تاجىكلارغا ئوخشاش ۋەتەن-مىللەتنىڭ تەقدىرى يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ئىناق ياشاپ كەلگەن خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان خىتايدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
• شەرقىي تۈركىستان ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ چىقىدۇ

https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-02062018182520.html

Share
3508 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.