logo

trugen jacn

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى ۋە ئۇنىڭ داۋامى بارىن ئىنقىلاۋى

Qehriman_Ghujamberdi__Ependim_Bilen_Erktv_de_Sohbet_haberresim_9
 قەھرىمان خوجامبەردى – سىياسەتشۇناس
 
 
 
   شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ (شتج ما) قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل! ئىلى تەۋەسىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئاممىۋىي قوزغىلىڭى ”ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ“ رەھبەرلىگىدە غالىبىيەت قازىنىپ 1944-ي. 12-نويابىردە غۇلجىدا مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى – ش ت ج-نى قۇردى. ش ت ج ھۆكۈمىتى ئەلىخان تۆرىنىڭ رەئىسلىگىدە 1945-ي. 5-يانۋار كۈنى №4 قارارى بىلەن دۆلەتنىڭ 9 ماددىلىق خىتابنامىسىنى تەستىقلىدى. ئۇنىڭدا: 1.شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى تولۇق تۈپ-يىلتىزىدىن ئۈزۈل-كېسىل قومىرىپ تاشلاش؛ 2.شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىگى ئاساسىدا ئەركىن، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش؛ 3.ش ت ج-نىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇش؛ خىتابنامىنىڭ 3-ماددىسىغا بىنائەن ش ت ج ھۆكۈمىتى 26-يانۋاردا م ئا قۇرۇش بويىچە رەخىمجان سابىرھاجى رەھبەرلىكىدە كومىسسىيە قۇرىدۇ. ئۇنىڭغا: ئەخمەتجان قاسىمىي، زۇنۇن تېيىپوف، زىيا سەمەدى، تېيىپ ھاجى سابىتوف، ئى. ي. پولىنوف قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئارمىيەنىڭ تەركىۋى، تۈزۈلۈشى، شتات تەرتىۋى توغرىلىق ھۆججەتلەرنى ئەخمەتجان قاسىمىي تۈزىدۇ. بىر ۋاقىتتا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىلپەڭزە يېزىسىدا كىچىك كوماندىرلار بىلەن جەڭچىلەرنى تەييارلاش كۇرسى ئېچىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ 1945-ي. 6-مارتتىكى قارارى بىلەن م ئا باش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلدى. ئۇنىڭدا: ئوپېراتىپ ۋە رازۋېدكا باشقارمىلىرى، سىياسىي، دىنىي، كادىرلار ۋە ئارقا سەپ بۆلۈملىرى، ھەربىي سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە باشقا خىزمەتلەر تەسىس قىلىندى. ش ت ج رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئى. ي. پولىنوف (ئىسخاقبەگ مۇنىنوف 1945-يىلى سېنتيابردە) – م ئا قوماندانى؛ زۇنۇن تېيىپوف – م ئا قوماندانىنىڭ مۇئاۋىنى؛ ۋ.م. ماژاروف باش شتابنىڭ باشلىقى؛ پەخىردىن ھاجى راسۇلوف – م ئا ئارقا سەپ باشلىقى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف – م ئا سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى؛ غېنى باتۇر – ھەربىي سوتنىڭ رەئىسى؛ ئابدۇغوپۇر سابىرھاجىئېف – ھەربىي ترىبۇنالنىڭ رەئىسى، داموللا روزىئېف دىنىي ئىشلار  مەسۇلى بولۇپ تەيىنلاندى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ  ”ئازاتلىق“ ۋە ”ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن“ ئالىي ئوردېنلىرى؛ ”باتۇرلۇق“، ”ساداقەت“ ۋە ”پىدائىي“ مېداللىرى تەسىس قىلىندى. ش ت ج رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-ي. 8-ئاپرېلدە، غۇلجىدا مىللىي ئارمىيە قوماندانىغا ۋە پولكلارغا كۆك ھاۋارەڭ تۈستە ئاي يۇلتۇز ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇرچە قىسىملارنىڭ ناملىرى، نومۇرلىرى ھەم ”شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىغى ئۈچۈن ئالغا!“ دەگەن ئۇران يېزىلغان جەڭگىۋار تۇغلارنى تاپشۇردى. ھۆكۈمەتنىڭ توختامى بىلەن 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە كۈنى دەپ جاكارلاندى
 
ئۇيغۇرستاننى خىتاي باسقۇنچىلىرىدىن ئازاد قىلىش ئۇرۇش پىلانى دۈشمەنگە قارشى ئۈچ ئىستراتېگىيىلىك فرونت بويىچە ھۇجۇم قىلىش ئوپېراتسىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئارقا سېپىدە پارتىزان ئۇرۇشىنى يۈرگۈزۈشنى ۋەزىپە قىلىدۇ. ماي-ئاۋغۇست ئايلىرىدا، مەركىزىي فرونت (مف) باشتا پولىنوف كېيىن ئىسخاقبەگ مۇنىنوف قوماندانلىقىدا، شىمالىي فرونت دەلىلخان سۇگۇربائېف، جەنۇبىي فرونت سوپاخۇن سوپىئېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، قاسىمجان قەمبەرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوفىتسېرى مىرزىگۈل ناسىروف قوماندانلىقىدا  دۈشمەننىڭ 30 مىڭدىن ئوشۇق ئارمىئىيەسىنى تار-مار قىلدى ۋە سېنتەبىردە م ف يۆنىلىشىدە ماناس دەرىياسىغا چىقتى. م ئا بىر مىليون ئاھالىسى بار 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر تەۋەنى ئازاد قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ھەربىي ۋە روھىي چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىيىتىنى ئاساسەن ئۈرۈمچىدىن قاراشەھەرگە يۆتكىدى ۋە خىتايغا قېچىشقا تەرەددۇت قىلدى. بەخىتكە قارشى، 2-جاھان ئۇرۇشى تىكلىگەن سىياسىي-جۇغراپىيەۋىي ۋەزىيەتكە ۋە دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتەن سوۋېت ئىمپېرىيەسى ۋە گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، ش ت ج ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق سۆھبەتكە زورلىدى ۋە 11 ماددىلىق بىتىمنى تاڭدى. ئىئوسىف ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭ 1949-يىلى يەنە تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىككىنچى ش ت ج رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى: ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئىسخاقبەگ مۇنۇنوف، دەلىلقان سۇگۇربائېفنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالداپ ئەكىلىپ، 27-ئاۋغۇستتا موسكۋادا قەتل قىلىش ئارقىلىق ش ت ج-نى نابۇت قىلدى. مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى زور ساۋاق-ئىبرەتلەرگە، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
 
 بارىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە 25 يىل! 1990-يىلى 5-ئاپرېل كۈنى، قەشقەرىيەنىڭ بارىن يېزىسىدا مىللىي مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان سىياسىي پارتىيا رەئىسى زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىگىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش پارتلاندى. ئۇلار: «ئاللاھۇ ئەكبەر!» «يوقالسۇن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى!»، «بىزگە ئەركىنلىك!» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلدى. ھۆكۈمەت ۋەكىللىرگە «پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، ش ئۇ ئا ر-غا خەنزۇ كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن، چوڭ خەنزۇچىلىق تۈگىتىلسۇن، دېموكراتىيىگە يول قويۇلسۇن،…» قاتارلىق تەلەپلەر يېزىلغان ھۆججەتنى تاپشۇردى. نامايىشچىلارغا قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز قورال قوللاندى. ساقچىلار ئوق ئاتقاندىن كېيىن، زەيدىن پارتىيە ئەزالىرىگە، پىلانلانغان قەرەلدىن ئىلگىرى، قوزغىلاڭ باشلاشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. 16،6 مىڭ ئاھالىسى بار بارىنلىقلار زەيدىننىڭ رەھبەرلىگىدە كونا مىلتىق، پالتا، كەكە، توقماقلار بىلەن قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، ساقچى-ھەربىيلەرنىڭ قوراللىرىنى جەڭدە تارتىپ ئېلىپ ئۇرۇشۇپ، تەڭدىشى يوق ئەرلىك كۆرسەتتى. بېيجىڭنىڭ بۇيرىقى بويىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى گېنېرال گاۋ خۇئەنچاڭنىڭ باشچىلىقىدىكى 20 مىڭ ئەسكەرلىك قوشۇن زامانىۋىي قوراللارنى قوللىنىپ، بارىنلىقلارنى رەھىمسىز قىردى. بارىن يېزىسىنىڭ 4 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى ھالەك بولدى. مىللىي ئازادلىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى خاتىرىمىزدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى. ئۇلار: 26 ياشلىق رەئىس-قوماندان زەيدىن يۈسۈپ، مۇئاۋىنلىرى: ئابدۇغېنى تۇرسۇن، جامال مەھەممەت، ئىسھاق ھوشۇر؛ ئەترەت كوماندىرلىرى: ئەھەت تىلىۋالدى، تۇرغۇن ساقى، ئوبۇلقاسىم ئىبراھىم. باشقا رەھبەرلەر: ئابدۇرېھىم تۇردى، مۇھەممەت تۇردى، رەھمەتجان ئەمەت، مۇھەممەت تۇرسۇن، سىدىقھاجى ئىسھاق، ئابدۇللا قاسىم. بارىن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ خەلقىمىزدە مىللىي ئويغىنىشنىڭ، مۇستەقىللىك ئەقىدىسىنىڭ كۈچىيىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، ئىستانبۇلدا 1992.12.14، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى ھەم تۇنجى قېتىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلدى.
 
     ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەپلىرى،  بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىن، تىل، مائارىپ ۋە ئۆرپ-ئادەت ساھالاردىكى تەقىبلەش سىياسىتىگە، يەنى يېڭىچە مۇستەملىكە سىياسىتىگە بېۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بدت ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارا پرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ئۇيغۇرستاندا ئۆلۈم جازاسىنى بېكار قىلىپ، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى، شۇ جۈملىدىن ئىلھام توختىنى ئازاد قىلىپ، سىياسىي ئىسلاھات، د ئۇ ق بىلەن دىئالوگ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆز زېمىنىدا، ب د ت ۋە باشقا خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئەركىن بەلگۈلىشىگە يول قويۇشى كېرەك.
 
قەھرىمان خوجامبەردى- سىياسەتشۇناس 2015.04.04،cacharman@gmail.com، +77026409823
Share
2502 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.