logo

trugen jacn

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» چاقىرىش ھەققىدە مۇراجىئەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز ۋەتەنداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالغان قارارىغا ئاساسەن، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 -10 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە دۇنيادىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، غوللۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى، سودا – سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەربابلار، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 10- 13 – كۈنلىرى جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ ئېرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى چەكلەش … قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىمۇ تامامەن رەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخىل مۇتىھەملەرچە پوزىتسىيەسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ خەتەرلىك ۋە زور بالايى – ئاپەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق بىشارەت بەرمەكتە، خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن جىددى ئەندىشە ۋە قايغۇ تۇيماقتا !

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ب د ت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىندى، خەلقئ‍ارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ۋە خەلقئ‍ارا مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 3 مىليونغا يېتىپ بارغانلىقى قەيىت قىلىنماقتا!

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسىنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «دۈشمەن مىللەت» دەپ قارىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن شۇئار ئاستىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى مىللەت سۈپىتىدە قوزغۇلۇپ يېڭى ئىستىراتېگىيە ۋە يېڭى يول خەرىتىسى بېكىتىپ چىقىش مەقسىدىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى»نىڭ چاقىرىلىشى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تەقەززاسى بولماقتا!

نۆۋەتتە خەلقئ‍ارادا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە جىددى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈچلىنىشى ۋە كېڭەيمىچىلىكنى مەقسەد قىلغان تاشقىي سىياسىتى قوشنا دەۋلەتلەر ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دەۋلەتلەرىنى بىئ‍ارام قىلىۋاتىدۇ. ئ‍ىچكى جەھەتتە شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتىگە نىسپەتەن نارازىلىق ۋە زىددىيەتلەر كۈچلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىشكە قاراپ يۈز تۇتماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا يالغۇزلا ئۇيغۇرلا ئەمەس قازاقلار، قىرغىزلار ۋە موڭغۇللارمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلاندى. جۈملىدىن مەۋجۇت ۋەزىيەتلەر كىرىزىسقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. كىرىزىس پۇرسەت ياراتقانغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈنمۇ بەزى پۇرسەتلەر كېلىۋاتىدۇ. چەتئ‍ەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، يەنى داۋانى خەلقئ‍ارالاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى ۋە ئىككىنچى باسقۇچ بولغان داۋانى قانداق قىلىپ خەلقئ‍ارا سەھنىدە تەسىرلىك، كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملىك ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا، جۈملىدىن جازا لاگىرلىرىنى تىز سۈرەتتە تاقاشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقىمىزنى ۋە خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكنى قانداق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان مىللى كېڭىيىشىدە جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىم شەخىسلەر بىلەن تۆۋەندىكى تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە كېڭەش ئېلىپ بېرىلىدۇ:

– شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى؛

– ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇشنىڭ كونكىرىتنى چارە – تەدبىرلىرى؛

– ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان كەڭ كۆلەملىك ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زور مىللىي توقۇنۇشلاردا قانداق قىلىش؛

– سىياسىي كۆزقاراشلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى؛

– شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىدىن بولغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۇچلەندۇرۇشنىڭ يوللىرى؛

– ئىچكى – تاشقى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– مىللىي ھەرىكىتىمىزگە كېرەكلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر؛

– خىتاينىڭ مىللى ھەرىكىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارچىلاش، يوق قىلىش سىياسىتىگە ۋە ئىچكى – تاشقى ھۇجۇملىرىغا ئورتاق ھالدا قانداق تاقابىل تۇرۇش يوللىرى؛

– شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– شەرقىي تۈركىستان ئاياللار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– چەتئەللەردە مىللىي كىملىك ۋە مىللى مەۋجۇدىيىتىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش؛

– ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار ۋە مۇھاجىرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى؛

بۇ قېتىمقى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ئارقىلىق يۇقىرىقى سوئاللارغا ۋە ساقلىنىۋاتقان باشقا مەسىلىلەرگە ھەممىمىز بىرلىكتە جاۋاب تاپىمىز . ھەممىمىز ئىدىيىنى ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەۋجۇت ئىچكىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارغا تەل – تۆكۈس خاتىمە بېرىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئورتاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ھەممىمىز بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈپ يىتەكچى ئىدىيە ۋە ماڭىدىغان يۆنىلىشنى بەلگىلەشنى مەقسەد قىلىمىز.

شۇڭا، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق مىللىي كېڭەشكە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئۈنۈملىك چاقىرىلىشى ئۈچۈن پىكرىي، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ۋە تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان پۈتۈن ۋەكىللىرىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي مەسۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

AddThis Sharing Buttons

http://www.uyghurcongress.org/uy/?p=36163#.W3cdQ-dWCaA.facebook
Share
2658 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.