logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

fcb3fc86-666e-4546-b2ab-96a58269954f

8-فېۋرال شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

d5fde7aa-de49-4974-9718-18d00d1f75d9

يىغىنغا تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىندا يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ چاغداش (ھازىرقى زامان) تۈرك تىل-ئەدەبىيات بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئەكرەم ئاركلىئوغلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مۇدىرى مېتىن كۈسە ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مېتىن كۈسە ئەپەندى سۆزىدە، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسى ۋەخپىنى قۇرۇش مەقسەتلىرىدىن بىرى بولسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، مەرھۇم رەئىسىمىز تۇران يازغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر ۋاقىت تىلغا ئالاتتى. بىز تۈرك دۇنياسى ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە دائىم كۆڭۈل بۆلىمىز، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىمىز، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ، يەنى مەرھۇم گېنېرال مەھمەت رىزابېكىن پاشا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولغان دەۋردە بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ تۇردۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

IMG_0663

پروفېسسور ئەكرەم ئاركلىئوغلى ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ كەلگەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىن چوڭقۇر تەسىرات ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور ئەكرەم ئاركلىئوغلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكى، تۈركلەرنى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، باھاسى قىممەت بولسىمۇ تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور ئەكرەم ئاركلىئوغلى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغان بەزى ھەقسىزلىقلار توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ مەھرۇم قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ نەزەربەند قىلىنغان ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.

پروفېسسور ئەكرەم ئاركلىئوغلى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۇنىڭدىن ئوغلىنى تۈركىيەگە بىللە ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇنىڭدىن ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ئاستىدىن ئۆزى قۇتۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىنى بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق كاتىپى شۇنداقلا «ئۇيغۇر نېت» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھېمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/sherqiy-turkistan-yighin-02212017133145.html

Share
1981 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.