logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلاردىن بېرى ئاشكارىلاندى

 

بۇ تەربىيىلەش مەركىزىدىن ئىبارەت جازا لاگېرىغا تەخمىنەن 10،000 (ئون مىڭ) ئادەمنىڭ سىغىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلاردىن بېرى ئاشكارىلاندى
ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركىزى) نامىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىلىرىدىن بېرى ئاشكارىلاندى.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان شاۋن جاڭ ئىسىملىك بىرىنىڭ (مېدىيۇم) تورىدا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋانچىڭدىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلەش مەركىزىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر يازمىدا، داۋانچىڭدىكى بۇ چوڭ ئورۇن ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئوخشىسىمۇ، بەزى مەلۇماتلاردا ئەسلىدە بۇ بىر يېڭىدىن ئېچىلغان تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يازمىدا يەنە، بۇ تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭدا ئىكەنلىكىنى، داۋانچىڭنىڭ نوپۇسى 2005- يىلىدىكى سىتاتېستىكىدا 18000 (ئون سەككىز مىڭ) نوپۇس ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر جازا لاگېرىنىڭ چوڭلۇقى 520،000 (بەش يۈز يىگىرمە مىڭ) كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ تەربىيىلەش مەركىزىدىن ئىبارەت جازا لاگېرىغا تەخمىنەن 10،000 (ئون مىڭ) ئادەمنىڭ سىغىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

http://uyhewer.biz/ug/news/2286-%D8%B4%DB%95%D8%B1%D9%82%D9%89%D9%8A+%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89+%D8%A6%DB%95%DA%AD+%DA%86%D9%88%DA%AD+%D8%AC%D8%A7%D8%B2%D8%A7+%D9%84%D8%A7%DA%AF%DB%90%D8%B1%D9%84%D8%A7%D8%B1%D8%AF%D9%89%D9%86+%D8%A8%DB%90%D8%B1%D9%89+%D8%A6%D8%A7%D8%B4%D9%83%D8%A7%D8%B1%D9%89%D9%84%D8%A7%D9%86%D8%AF%D9%89

Share
4621 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.