logo

trugen jacn

شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ۋارىسلىق تۈزۈمى»نى ئۆزگەرتەمدۇ؟

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ۋارىسلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ ياش ھېسابلانغان چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى سۈن جېڭسەي 15- ئىيۇل «تۇيۇقسىز» ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى دەپ قارىلىۋاتقان گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن مېير ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ جەرياندا ئىككى ئىش ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى: بىرى، سۈن جېڭسەينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى قارارنامىدە نورمال ئادەت بويىچە «باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى؛ يەنە بىرى، سۈن جېڭسەينىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش يىغىنىغا قاتناشماسلىقى. بۇ ئىككى ئىش ئىزچىل شى جىنپىڭنىڭ ۋارىسى دەپ قارىلىۋاتقان بۇ ياش «چولپان»نىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلدى.

ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا رەسمىي دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شىنخۇا تورى 24- ئىيۇل بۇ ھەقتە پەقەت بىر جۈملىلىك بىر خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خەۋەرنىڭ تولۇق تېكستى مۇنداق: «يولداش سۈن جېڭسەي ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قارار قىلدى.»

بۇ سۈن جېڭسەينىڭ رەسمىي موللاق ئاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى، دۆلىتى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، خىتايدا يۇقىرى – تۆەن، چوڭ – كىچىك بولۇپ نەچچە يۈزمىڭ پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنپ، ئېغىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يېنىكلىرىنىڭ بولسا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش بولغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىل ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ئىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى رەھبەرلىك تۈزۈمى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە خىلمۇ – خىل پەرەز، تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن، بۇلار ئاساسلىق ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن ئىدى. بىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ۋارسىلارنى ئالدىن بېكىتىش تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىش – ئۆزگەرمەسلىكى. يەنە بىرى، شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيەنىڭ 20- قۇرۇلتىيىدا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – بەرمەسلىكى.

گېرمانىيەدە ئولتۇراقلاشقان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چاڭ پىڭ، سۈن جېڭسەينى ۋەزىپىسىن ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ مۇنداق ئىككى سىگنال بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ: بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ ھېچقانداق «كونا تۈزۈمگە» رىئايە قىلىشقا ئىھتىياجى يوق. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ ھەتتا ۋارىسقىمۇ ئىھتىياجلىق ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا ھازىر ئىتىياجى يوق.

سۈن جېڭسەي 1963- يىلى 9- ئايدا توغۇلغان بولۇپ، شى جىنپىڭدىن 10ياش، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى قالغان 5 دائىمىي ئەزادىن 15 – 20 ياش ئارىلىقىدا پەرقلىنىدۇ. گۇاڭداۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى خۇ چۈنخۇامۇ ئوخشاشلا 1963- يىلى توغۇلغان بۇلۇپ، بۇ ئىككەيلەن ياش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن 50- يىللاردا توغۇلغان شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىسىر لى كېچياڭنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن.

خىتايدا ئۆزىدىن كېيىنكى بىر ئەۋلادتىن كېيىن كېلىدىغان رەھبەرنى ئالدىن بېكىتىپ قويۇش بىر «ئەنئەنە» ۋە يوشۇرۇن تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان.

80- يىللاردا خىتايدا ئەمەلىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتقان دېڭ شياۋپىڭ ئەينى ۋاقتتا ۋەزىيەنىڭ ئىھتىياجى سەۋبلىك شۇ ۋاقتتىكى شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جياڭ زېمىننى كومپارتىيەنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا كۆرسەتكەن. دېڭ شياۋپىڭ كېيىن جياڭ زېمىندىن تازا خاتىرجەم بولالمىغان ۋە تىبەتنىڭ سېكرىتارلىقىنى قىلىۋاتقان خۇ جىنتاۋنى 1992- يىلى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرگۈزۈپ، جياڭ زېمىندىن كېيىنكى ئىزباسار قىلىپ تەيىنلىگەن. خۇ جىنتاۋ ياش جەھەتتىن باشقا دائىمىي ئەزالاردىن خېللا پەرقلىنەتتى ۋە ئەمەلىي ھوقۇقى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ بىراقلا كومپارتىيەنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جياڭ زېمىن 2002- يىلى پارتىيە سېكرىتارلىقىنى، 2003- يىلى دۆلەت رەئىسلىكىنى خۇ جىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. دېمەك، دېڭ شياۋپىڭنىڭ تەسىرى تاكى 2012- يىلىنىڭ ئاخىرى خۇجىنتاۋ ۋەزىپىسىن ئايرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى.

خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرىمۇ بىر نۆەت بۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان. 2007- يىلى ئېچىلغان 17- قۇرۇلتايدا، شى جىنپىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە، لى كېچياڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككەيلەننىڭ بەش يىلىدن كېيىن يەنى 2012- يىلى ئېچىلىدىغان 18- قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى.

بۇ قائىدە بويىچە، شى جىنپىڭ بۇ يىل ئېچىلىدىغان قۇرۇلتايدا ئۆزىدىن بەش يىل كېيىن بولىدىغان رەھبەرنى تەيىنلىشى كېرەك. ياش جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا سۈن جېڭسەي بىلەن خۇ چۈنخۇانىڭ ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتلار ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى. لېكىن، سۈن جېڭسەينىڭ تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاپشلىنىپ تەكشۈرۈلۈشى، يەنە بىر «چولپان» خۇ چۈنخۇانىڭ ئىستىقبالى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك يامان پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

سۈن جېڭسەي(ئوڭ) ۋە خۇچۈنخۇا(سول)

ئەسلىدىنلا، شى جىنپىڭنىڭ 2022- يىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ كونا ئادىتىنى بۇزۇپ، ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن ۋەزىپىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ، ئەكىسچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرقى تەشكىلىي قۇرۇلمىسنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ دەپ قاراشماقتا.

 

 

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە، پارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگىنى خىتاي كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ شەكىللەندۈرگەن پارتىيە مەركىزىىي كومىتېتى دېيىلگەن. كومپارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيى 5 يىلدا بىر چاقىرىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلتايدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى «سايلاپ» چىقىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى نەچچە يۈز كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئىچىدە يەنىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان ئورگان سىياسىي بيۇرو بولىدۇ. سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ھەر بەش يىلدا بىر تەيىنلىنىدۇ. 2012- يىلىنىڭ ئاخرىدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدا 25 نەپەر سىياسىي بيۇرو ئەزاسى سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس، باش مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىر، دۆلەت كومىسسارى، مۇھىم ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ پارتىيە سېكرىتارلىرى قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان. (شەرقىي تۈركىستاننى 20 يىلدىن ئارتۇق سورىغان ۋاڭ لېچۈەن ۋە جاڭ چۈنشيەنلەرمۇ سىياسىي بىيۇرو ئەزالىرى ئىدى. چېن چۈەنگونىڭمۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا سىياسىي بىيۇروغا كىرىش مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.) خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەمەلىي ھوقۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قارار چىقىرش ئورگىنى سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتى بولۇپ، نۆۋەتتە 7 نەپەر دائىمىي ئەزا بار. بۇ يەتتە كىشى دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىر، بىر نەپەر مۇئاۋىن باش مىنىستىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى كاتىباتلىقىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ يەتتە كىشى ئىچىدە شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇ بىرلا ۋاقتتا كومپارتىيەنىڭ باش سېكرىتارى(يەنى باش شۇجى)، دۆلەت رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى(دۆلىتى) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرىدۇ.

يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىگەندە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى بىر پىرامىدانى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. پىرامىدانىڭ ئەڭ چوققىسىدا بىر كىشى(شى جىنپىڭ)، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە يەتتە كىشى(سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى)، ئۇنىڭ تۆۋىنىدە 25 كىشى(سىياسىي بىيۇرو ئەزالىرى)، ئۇنىڭ ئاستىدا نەچچە يۈز كىشى(مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى)، ئۇنىڭمۇ ئاستىدا ئۆلكىلىك، ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق پارتكوملار تۇرىدۇ. خىتايدا بىر پارتىيەلىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولغاچقا، خىتاي دۆلىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىمۇ كومپارتىيەگە ماس ھالدا پىرامىدا شەكىللەندۈرگەن. پىرامىدانىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكىلەر خالىغانچە قارار چىقىرىپ، تۆەن قەۋىتىدىكىلەرنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىۋېتەلەيدۇ ۋە جازالىيالايدۇ. ئۆز – ئارا نازارەت قىلىدىغان، تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان پارالېل ئورگانلار مەۋجۇت ئەمەس. خىتايدا دېموكراتىك ئەللەردىكىدەك سايلام مەۋجۇت ئەمەس، بىر كىشى پىرامىدانىڭ ئەڭ چوقىسىغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىن يۇقىرىغا بىر بالداق، بىر بالداقتىن چىقىشى كېرەك. رەھبەرلەر ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغانلارنى كەينىدىن تەڭ ئۆستۈرۈپ ماڭىدۇ.

خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق 25 كىشىنىڭ بىرى بولغان، خىتايدىكى تۆت چوڭ بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ بىرى بولغان چوڭچىڭ شەھىرىنى سوراۋاتقان بىر كىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپلا «مەركەزنىڭ قارارى» بىلەن ۋەزىپىسىن ئېلىپ تاشلىنىشى خىتايدىكى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ

http://turkistantimes.com/uy/news-1844.html

Share
1803 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.