logo

trugen jacn

شىرىيەت ئاسمىنىدىن ئۆچكەن پارلاق يۇلتۇز – قۇربان بارات

 

 

image

شىرىيەت ئاسمىنىدىن ئۆچكەن پارلاق يۇلتۇز – قۇربان بارات

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت

قۇربان بارات ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ پارلاق نامايەندىسى ئىدى. شائىر خەلقنىڭ ۋىجدانىدۇر.قۇربان بارات ئۇيغۇر شىرىيىتىنىڭ غۇبارسىز ۋىجدانى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى ئىختىسادى،سىياسى ۋە ئىجتىمائى كىرزىس بىلەن پارالىل ئەخلاق،ۋىجدان يوقسۇللۇغى ئىچىدىكى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان قاراڭغۇلۇق دەۋىرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كەلمەكتە. مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ بۈيۈك كىرزىسلەر ئارىسىدا شائىر پاخاللىغى مۇھىم سالماقنى ئىگەللەپ كەلمەكتە. سوتسىيالىست تۈزۈمنىڭ “قەلەم ھەققى” نامىدىكى تۇزاق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە،ئۆز خەلقىنىڭ يىغا-زارىنى “بەخىت سادالىرى” دەپ ئىپادىلەشتىن ۋاز گەچمەيدىغان شائىر ئىسمىدىكى سۇخەنچى قەلەمپرۇچلار قۇشۇنىدىن پايدىلىق ئىجادىيەت مىيۋىلىرىنى كۈتۈش بالىلارچە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەتتۇر،خالاس

 ئىجادىيەت گۈلشەنىدىن ئارتۇق پىتنە بازىرى بولۇپ كەلگەن ئەدىبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسىدە قۇربان باراتقا ئوخشاش ئۇلۇغۋار بىر روھنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى غايەت زور بەدەل تەلەپ قىلىدىغان ھادىسىدۇر. قۇربان بارات ئېغىر-بېسىق مىجەزى ئارقىسىدا تىنجىماس بوران-چاپقۇنلۇق ھىسسىيات بىلەن ياشىغان يالقۇنلۇق قەلەم ئىگىسىلا بۇلۇپ قالماي،ئەينى زاماندا بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىدى.ئۇنىڭ 2016.يىلى 3.ئاينىڭ 6.كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنلىگى توغرىسىدىكى قايغۇلۇق خەۋەر،مۇسىبەتلىك كۆڭلۈمدە تېخىمۇ ئېغىر ماتەم تولغىغى پەيدا قىلماقتا.
قۇربان بارات شىرىيەت دۇنياسىدا يۈكسەك بەدىئى ماھارەتكە ئىگە، شىئىرلىرىغا يۇشۇرۇنغان مەزمۇننىڭ باي ۋە چوڭقۇرلىغى بىلەن ھەر ۋاقىت تەپەككۇرنىڭ چوققىلىرىدا ئىلگىرلىگەن،مەيدان جەھەتتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھىدىكى چاڭ-تۇزاڭنى تازىلىغۇچى تاڭ شەبنىمى رولىنى ئويناپ كەلگەن بىر تالانت ۋە مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىدى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات پوشكىنى،ئۇيغۇر شىرىيىتى ئاسمىنىنىڭ چولپان يۇلتۇزى قۇربان باراتنىڭ ۋاپاتى،ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۈيۈك يوقۇتۇشتۇر

مىنىڭ، قۇربان بارات بىلەن تونۇشۇشۇم تەساتتىبى بولغان ئىدى. 1972.يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدىم. 1973.يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتماق ئۈچۈن ئاپتۇبۇس بىلەن يۇلغا چىقتىم. سەپەردە بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشىم مەھەمەت تۇرسۇن باھاۋىدىن ( ۋاپات بولدى ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،ئامىن!) مەن بىلەن بىللە يولغا چىققان ئىدى. ئاپتوبۇس كورلا بىكەتكە كىلىپ توختىغاندا ئاشخانىدا تاماق يىدۇق ۋە بىرەر سائەت دەم ئالدۇق. مەھمەت تۇرسۇن يېنىمغا كەلدى ۋە “مەن قۇربان بارات بىلەن كۆرۈشتۈم” دىدى. مەھمەت تۇرسۇن خوشال ۋە ھاياجانلىق ئىدى. “قۇربان بارات قايەردە؟” دەپ سوردۇم.چۈنكى، قۇربان باراتنى كۆرۈش مىڭمۇ بۈيۈك ئارزۇيۇم ئىدى. “بىزنىڭ ئاپتوبۇسقا بىلەت ئاپتۇ.ئاتۇشقا بارىدىكەن.بىر دەمدىن كېيىن ئاپتوبۇسقا كىلىدۇ.” دىدى.( مەھەمەت تۇرسۇن 80.يىللاردا “بۇلاق” جورنىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەندە قۇربان بارات بىلەن بىللە كۆپلىگەن ئىلمى تەتقىقاتلارنى ئورتاق ھەمكارلىق ئىچىدە يۇرۇقلۇققا چىقاردى) مەن ،قۇربان باراتنىڭ “ئالجىرىيە قىزى” دىگەن شىئىرىنى يادقا بىلەتتىم. بۇ 60.يىللارنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بىر شىئىر ئىدى. بارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى “ياشا ماۋجۇشى! ياشا گۇڭچەنداڭ!” دەپ بەسلىشىپ شىئىر يېزىۋاتقان بىر دەۋىردە قۇربان بارات؛ “ئانىسى يوقمىدۇ مۇنۇ جاللاتنىنڭ؟ ھەدىسى يوقمىدۇ مۇنۇ جاللاتنىڭ؟” دىگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان بۇ شىئىرنى يازغان ئىدى. “ئالجىرىيە قىزى “ ناملىق شىئىردا، ئالجىريەنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ تۇرمىغا چۈشۈپ قالغان بىر قىزنىڭ،پرانسۇز تۇرما جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىلمۇ-خىل تەن جازاسىغا بەرداشلىق بىرىپ،ۋەتەن ۋە مىللىتىنىڭ ئازاتلىق يولىدىن ۋاز كەچىمىگەن قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇلغان. مەن ئالجىرىيە قىزىنى،ئۇيغۇر قىزى، پىرانسۇز تۇرما جاللاتلىرىنى،خىتاي تۇرما جاللاتلىرى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمدا جانلاندۇراتتىم.قۇربان باراتنىڭمۇ بۇ شىئىرنى ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا يازغانلىقىغا ئىشىنەتتىم
بىر پەستىن كېيىن مەمەت تۇرسۇن باھاۋىدىن “كەلدى،كەلدى.” دىدى ۋە ئابتوبۇسقا يېقىنلاپ كەلگەن ۋىجىك،ئۇرۇق بىر كىشىنى “قۇربان بارات ئۇ.” دىدى.مەمەت تۇرسۇن مىنى قۇربان باراتقا تونۇشتۇردى. قول ئېلىشىپ قىزغىن كۆرۈشتۇق. ئاپتوبۇس قوزغالدى. سەپەردە ئاپتوبۇس تاماققا توختىغان چاغلاردا قۇربان بارات بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشتۇق. بىراق قۇربان باراتنىڭ پاراڭغا بەك ھەۋىسى يوقتى. خىيالچان،روھى كەيپىياتى چۈشكۈن كۆرۈنەتتى. كىسەل ئىكەنلىكىنى،ئاتۇشقا بېرىپ ئانىسىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدىن كېيىن خوتەنگە بېرىپ مىللىي تىبابەتخانىدا داۋالىنىش نىيىتىنىڭ بارلىغىنى ئەيتتى. قۇربان بارات ئاتۇشتا ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالدى. بىز يەنە خوتەنگە قاراپ ئىلگىرلىدۇق. ئۇ قېتىمقى سەپەردە قۇربان باراتنىڭ مەندە قالدۇرغان بىرەر تەسىراتىنى خاتىرلىيەلمەيمەن. مەمەت تۇرسۇننىڭ دىيىشىچە،قۇربان باراتنىڭ ئىش ئورنى بولغان كورلا2. باسما زاۋۇتىدا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا “جىن –شەيتان” دەپ تارتىپ چىقىرىلىپ كۆپلىگەن جىسمانى ۋە مەنىۋى ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقلىدىن ئېزىپ قېلىپ،ھازىر بىراز تۈزەلگەنمىش

تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئاتۇش ئاغۇلۇق ساۋاقدىشىم ۋە دوستۇم قۇربانجان تۇردىدىن،قۇربان باراتنى سوردۇم. (قۇربانجانمۇ 10 نەچچە يىل بۇرۇن ۋاپات بولدى.ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.ئامىن!) قۇربانجان،قۇربان باراتنى ياخشى بىلىدىكەن. قۇربان بارات،مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا كورلا 2. باسما زاۋۇتىدا “بىرىنجى نومۇرلۇق جىن-شەيتان” بولۇپ قاپتۇ.ھەر كۈنى يېرىم كۈن كۈرەش قىلىنىدىكەن،يېرىم كۈن ئوبۇرنى تازىلايدىكەن.ئايالى،قۇربان باراتنى پاش قىلىشقا،چەك-چىگرانى ئاجىرتىشقا مەجبۇرلىنىپتۇ.ئايالى،قۇربان باراتتىن چەك-چىگرانى ئايرىپ ئاجىرشىپ كىتىپتۇ ۋە 2 بالىنىمۇ قۇربان باراتقا تاشلاپ بىرىپتۇ. قۇربان بارات كۈرەشكە تارتىلغان مەيداندا بالىلىرىنى كۈرەش-پىپەن مەيدانىغا توپلانغان ئايال ئىشچىلارنىڭ بېقىپ تۇرىشىنى ئىلتىماس قىلىدىكەن، ئىككى ئايال ئىككى بالىنى قۇچىغىدا تۇتۇپ تۇرىدىكەن، قۇربان بارات ئۇرۇلۇپ-سۇقۇلۇپ،ھاقارەتلەنگەنلىگىنى نارىسىدە بالىلىرى كۆرۈپ قورقۇپ يىغلاپ كىتىشىدىكەن.قۇربان بارات كۈرەش سەھنىسىدىن چۈشكەندە بالىلىرىنى قۇچىغىغا ئالىدىكەن. قۇربان بارات بۇۋاق ياشتىكى بۇ بالىلارنى بېقىشتا قىينىلىپ قالغانلىغى ئۈچۈن ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى ئانىسىغا ئېۋەتىپ بىرىپتۇ. بىر بالىسىنى ھارۋا بېسىۋىلىپ،بىر بالىسى كىسەل بولۇپ دوختۇرغا ئاپىرالماي ئۆلۈپ كىتىپتۇ. قۇربانجان بۇ ھىكايىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋېتىپ “ بالا. قۇربان باراتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن،ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بېشىغا كەلسە ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. قۇربان بارات ھېلىمۇ ئۆيىنى تېپىپ كىلەلەيدۇ.كىيىمىنى ئوڭ كىيىپ يۈرەلەيدۇ.” دىدى

قۇربان بارات 80.يىللارنىڭ ئورتىلىرىدا ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەندە ئاىلىچە ئارلىشىپ ئۆتتۇق. قۇربان باراتنىڭ ئىككىنجى ئايالى تۇنۇسايىم ۋە بىر قىزى بار ئىدى. ئۈرۈمچىدە يەنە بىر ئوغۇل بالىسى بولدى. مەن ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مەدىنىيەت نازارىتى قوراسىدا ئولتۇراتتىم،قۇربان بارات ئۇنۋىرسىتىنىڭ بىراز تۈۋەن تەرىپىدىكى نەشىريات قوراسىدا ئولتۇراتتى. ئارىمىزدا بىر كىلومىتىرمۇ مۇساپە يوقتى. بەزى ئاخشاملىرى بىز ئىككى بالىمىزنى كۆتۈرۈپ ئولارنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولساق،بەزىدە ئۇلار ئىككى بالىسىنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ ئۆيگە مىھمانغا كىلەتتى.ھەر ئىككىمىزنىڭ ئايالى قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ كەتتى. ئىككىمزنىڭ سۆھبىتىمىز شىرىيەت ئۈستىدە بولاتتى. قۇربان بارات ئۆتمۈشى توغرۇلۇق ھىچ نەرسە دىيىشنى خالىمايتتى.مەنمۇ ھىچ سورمىدىم.ئامما قۇربان باراتنىڭ روھى سالامەتلىگى ناھىيىتى ياخشى،تەپەككۇرى راۋان ۋە چوڭقۇر ئىدى

قۇربان بارات “ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرە” ماۋزۇلۇق چاتما شىئىرلىرىنى تارىم جورنىلىدا ئىلان قىلشىتىن بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ماڭا ئوقۇپ بەرگەن ۋە پىكىرىمنى سورغان ئىدى. قۇربان باراتنىڭ مۇشۇ شىئىرلىرىلا،ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخىدا يۈز يىللاپ ئەمەس،مىڭ يىللاپ ياشىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئۆلمەس ئابىدىلەردۇر. “كىسىلگەن توغراق” ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىموۋىلىدۇر.كىسىلگەن توغراقنىڭ بىر يىرىدىن يەنە بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىققىنىغا ئوخشاش،كىسىلگەن توغراققا ئايلانغان ئۇيغۇرلارمۇ تەكرار مىللىي ئويغۇنۇش ئىچىدە ياشنىماقتا.”كىسىلگەن توغراق” شىئىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى تەسەللى ۋە ئۈمىت بېغىشلىغۇچى كۇچ-قۇۋۋىتى،دۇنيا ئەدىبىيات سەھنىسىدە تىگىشلىك شان-شەرەپكە ئالدىمىزدىكى دەۋىرلەردە ئىرىشكۈسى

قانچىلىك ئىگىز چوققىدا تۇرغان كىشىلەر، خەۋپ-خەتەرگە شۇنچە يېقىن كىشىلەردۇر. قۇربان باراتنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائى دۈشمەنلىرى كۆپ ئىدى.ئۇنى ھەسەت قىلغۇچىلار،بۇ ئۇلۇغ شائىرنى ھەر زامان راھەتسىز قىلىشاتتى. قۇربان بارات ھاياتىدا ئەمەل،ھۇقۇق،شان-شۆھرەت ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاختىنىمۇ سەرپ قىلغان ئىنسان ئەمەس.ئۇ،پەقەت ئۆزىنىڭ تەپەككۇر دۇنايسىدا ياشاشنى خالايتتى.بىراق ئىجتىمائى مۇھىت ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنىمۇ ئارتۇق كۆردى.شۇڭا ئۇ،كۆپۈنچە ۋاقىت شۇڭقار،بۇركۈتلەرگە ئوخشاش يالغۇز ئۇچۇشنى تاللىدى.قۇربان بارات پىرىنسىپ ئىگىسى ئىدى.شۇڭا ئالدىغا ئۇچىرىغانلا ئادەملەر بىلەن دوستلۇق قۇرمايتتى. بىر قانچە قېتىملىق مىھماندارچىلقتا شۇنى ھىس قلدىمكى، قۇربان بارات كۆڭلى تارتمىغان كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنى بەك خالىمايتتى.مەن بىر قانچە قېتىملىق مىھمان چاقىرىشىمدا “ سۆھبىتىمىزنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن سىز،مەمەت پولات ۋە مەن ئۈچىمىز ئاىلىچە ئولتۇرايلى” دەيتتى.مەمەت پولاتمۇ ئىجتىمائى تۈزۈمدىن كۆپ دەشنام يىگەن ۋىجدانلىق ۋە تالانتلىق يازغۇچى ئىدى. قانچە قېتىم قۇربان باراتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن نۆۋەت بىلەن مىھماندارچىلىق قىلدۇق

 
ئۇيغۇر شىرىيىتىنىڭ يېڭى ئۈمىتلىرى بولغان ياش ھەۋەسكارلار قۇربان باراتنى ئۆلگە ئالاتتى ۋە ئونىڭ ئەتىراپىدا توپلىناتتى.بۇ ئەھۋال شۆھرەت ئاچلىغى ئىچىدە چاڭقاپ يۈرگەن شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇغۇسىنى قاينىتاتتى.نەشىرياتتا كىتاپ نەشىر قىلىش خىزمىتىدىمۇ قۇربان بارات،سۈپەت ۋە مەزمۇننى ئۆلچەم قىلاتتى،نەشىريات باشلىقلىرى سىياسەتنى، تەھرىرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۆلچەم قىلاتتى.شۇڭا قۇربان بارات نەشىرياتتا قىسقا زامان ئىچىدە ئۆزىگە خېلى كۆپ دۈشمەن تېتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.نەشىرياتتىكى بىر قانچەيلەننىڭ “قۇران بارات ھاكاۋۇر،باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمايدۇ.” دىگەن شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بىر كۈنى قۇربان بارات بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە،بۇ شىكايەتلەرنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالدىم. قۇربان بارات كۈلدى.قۇربان بارات ئەسلىدە ناھىيىتى يۇمشاق تەبىيەتلىك،پەس ۋە يۇمشاق ئاۋاز بىلەن گەپ قىلاتتى؛ “ئۇكام،مىنىڭ ھاكاۋۇرلىغىمنى سىز كۆردىڭىزمۇ؟” دەپ سورىدى.ئارقىدىن “ ئۈزىنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمىتى بارلىغىدىن ئۈزى خەۋەرسىز بۇ ئادەملەر مەندىن نىمە ھۆرمەت تەلەپ قىلىدىغانلىغىنى بىلسەم كاشكى.” دىدى ئەپسۇسلانغان ھالدا.

ھەقىقەتەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى مەلۇماتلىق،بىلىملىك كىشىلەر كۆپ بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلىدىغانلار ئاز. روبوت (ماشىنا ئادەم) لار بىلىملىك،بەزى روبوتلار ئىنسان قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ.ئامما ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىززەت-نەپسى،غۇرۇرى يوق.ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدىمۇ جانلىق روبوتلار كۆپ ئىدى. بۇگۈنمۇ كۆپ. ئەدىبىيات-سەنئەت قۇشۇنىدا ئۆزارا بىر بىرىگە كىبىرلىك بولغان ھاكىمىيەت مالايلىرى،قاراڭغۇ جەمىيەتنى يۇرۇتىشقا تىرىشقان ئۇچقۇنلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان جۇدۇن بولۇپ كەلگەنلىگى تارىخى بىر ھەقىقەتتۇر. قۇربان بارات نەشىرياتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندا،ياشلار نەشىرياتىنىڭ مەسئۇلى غۇجاخۇن، بۇ تالانت ئىگىسىگە ئىگە چىقتى ۋە ئىدارىسىغا يۆتكەپ كەتتى. قۇربان بارات بىلەن غوجاخۇن،ۋەتىنىمىز تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاپلارنى دادىللىق بىلەن نەشىر قىلدى

 
مەن يۇرتتىن ئايرىلىش ئالدىدا قۇربان بارات بىلەن بىر سۆھبەتتە،يېقىندا تۇققان يوقلاپ سېۋىت ئىتتىپاقىغا چىقىدىغانلىقىمىزنى،ئورتا ئاسىيانى زىيارەت قىلىپ،تۇققانلارنى كۆرۈپ،ئاندىن تۈركىيەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئەيتتىم. قۇربان باراتمۇ يۇرتىدىن پاسپورت ئېلىپ بولغانلىغىنى،تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىغىنى ئەيتتى.ئامما،تۈركىيەنىڭ ۋىزىسىنى قانداق ئېلىش مەسىلىسىدە بېشى قېتىپ تۇرغان ئىكەن.مەن بېيجىڭغا بېرىپ تۈرك ۋىزىسىنى بۇرۇنلا ئېلىپ بولغان ئىدىم. ۋىيزىنى قانداق ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئېيتىپ بەدرىم.رەخمەت ئېيتتى،ئامما بۇ سىرنى ھىچكىمگە ئېيتماسلىغىمنى رىجا قىلدى.مەنمۇ ھىچكىمگە ئېيتمىدىم.

قۇربان باراتقا ،قۇرۇق قول كەتمەي يىپەك ئېلىۋېلىشنى،بۇ تىجارەتنىڭ تۈركىيە سەپىرىدەىكى چىقىملىرىنى كۆتۈرۈدىغانلىغىنى تاپىلىدىم ۋە بېجىڭدە يىپەك سودىسى قىلىۋاتقان بىر يۇرتلۇغىمنىڭ ئادىرىسىنى بەردىم ۋە بىر پارچە خەت يېزىپ،بۇ خەتنى ئېلىپ بارغۇچى كىشىگە ئۇيغۇن باھادا يىپەك ئېلىپ بىرىشنى تاپىلىدىم

مەنمۇ بېجىڭ ئارقىلىق يولغا چىققان ئىدىم. بېجىڭدا يىپەك سودىگىرى بىلەن كۆرۈشۈپ،خەت ئېلىپ كەلگەن كىشىگە ياردەم قىلغان،قىلمىغانلىقىنى سوردۇ.سودىگەر يۇرتدىشىمىز ياردەملىشىپ يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.سودىگەر يۇرتلۇغۇم ساۋاتسىز بىر ئادەم ئىدى. ئۇ،ماڭا “سىلىنىڭ ئۇ ئاغىنىلىرى بەك نادان ئادەمكەن.تىجارەتتىن پەقەت خەۋىرى يوقكەن.تۈركىيەدە جان باقالمايدۇ.” دىدى. مەن “ئۇ ئادەم بەك بىلىملىك ئادەم،نادان ئەمەس.ئامما تىجارەتنى بىلمەيدىغانلىغى راس. تۈركىيەدە قالىمەن،دىمىدى. ساياھەت قىلىپ قايتىپ كىلىشى مۇمكىن.” دىدىم.

مەن،ئاىلەمنى ئېلىپ بېيجىڭ -نوۋى سىبىرىسكى،نوۋىيسىبىرىسكى- ئالماتا تۆمۈر يولى بىلەن ئورتا ئاسىياغا كەلدىم ۋە تۇققانلارنىڭ رىجاسى بىلەن 3 ئاي غەربىي تۈركىستان دىيارىدا قالدىم. ئىستانبۇلغا كىلىپلا قۇربان باراتنى سۈرۈشتە قىلدىم. مەن كىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن قايتىپ كەتكەن ئىكەن كۆرۈشەلمىدۇق. ئىستانبۇلدا قۇربان باراتقا ياردەمچى بولغان ئاتۇشلۇق بىر يىگىتتىن ئۈگۈنىشىمچە،قۇربان بارات ئىستانبۇلدا تارىخى مۇزىلارنى،مەشھۇر جامىلارنى،مەنزىرىلىك جايلارنى زىيارەت قىلىپتۇ. ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن،ياكى سىياسى پاالىيەتچىلەر بىلەن بەك كۆرۈشمەپتۇ.

مەن ،قۇربان باراتنىڭ ئاىلىسىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنلىگىدىن سۈيۈندۈم.تۈركىيەدە قالغان بولسا ئېغىر ئىختىسادى يۈك ئاستىدا ئىزىلىپ قېلىپ،ئىجادىيەت قىلىش پۇرسىتى بولماسلىغى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نادان ئادەملەرنىڭ كەمسىتىشى ۋە مەسخىرىسى ئىچىدە مۇھتاج ھالدا ياشاش، بۇ گىگانىت تالانت ئىگىسىنىڭ پىسخولوگىيەسىگە ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى. كېيىن ئاڭلىسام غۇجاخۇن بىلەن مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كىتىپ،بۇ زىددىيەتتىن ھەر ئىككەيلەن ئېغىر زىيان تارتقان ئىمىش.ھەر ئىككەيلەن ئورتاق ھالدا خەلقىگە تارىختا قالغۇدەك خىزمەتلەرنى قىلغان. ئاڭلاپ كۆپ ئەپسۇسلاندىم. بۇ ئىككى دوستنىڭ مۇناسىۋىتىنى كىملەر،نىمە مەخسەت بىلەن بۇزغان؟ بۇنى بىلمەيمەن
قۇربان باراتنىڭ تىراگىدىيە ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئائىلىۋى ھاياتى،كۈرەش ۋە  سىقىنتى ئىچىدە ئۆتكەن كىيىنكى ھاياتى،سۈيۈملۈك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەتتۇر.مىللەتنىڭ ھاياتى تىرادىگىيە ئىچىدە بولغان مۇددەت ئىچىدە، مىللەتنى سۆيگەنلەرنىڭ ھاياتى تىرادىگىيەدىسىز ئۆتىشى مۇمكىن ئەمەس. قۇربان بارات ئاسارەت ئاستىدىكى زىمىندا تۇغۇلۇپ،بۇلغانغان سىياسى مۇھىت ئىچىدە ياشاپ،ئاسارەت چەمبىرى ئىچىدىن بۈسۈپ چىقالماي ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۇنۇتۇلماس مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ئۆز خەلقىگە مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.ئۇ،پەقەتلا تالانتلىق بىر شائىرلا ئەمەس،بەلكى بىر ئەركىنلىك جەڭچىسىدۇر.چۈنكى،ئۇنىڭ شىئىر مىسرالىرىنىڭ ئاستىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇلىرى،كىلەچەك ئىستىقبالغا بولغان ئۈمىت ۋە ئىشەنچ تولۇپ ياتماقتادۇر

 
قۇربان بارات كېيىنكى يىللاردا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەر يازغانلىغىنى تورلاردىن ئوقۇدۇم. دۇنيادا پەقەتلا،ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار ئارىسىدا ئەسەرلىرىنى توردا ئىلان قىلىپ تۇرۇش ئادىتى شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈچۈن, قۇربان باراتنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇش پۇرسىتىم بولمىدى.شائىرنىڭ “يوقالماس پەلەستىن” ئەسىرىنى “يۇقالماس شەرقى تۈركىستان” دەپ ئوقۇش شائىرنىڭ مۇددىاسىغا ئۇيغۇن بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن

 
ئۇيغۇر مىللىتى،قۇربان باراتنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغۋار روھ ئىگىسى بىر شائىر ئىكەنلىگىنى تېخى ھىس قىلىپ يەتكىنى يوق.دۇنيا شىرىيەت خەزىنىسىمۇ،ئۇنىڭ شىئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق شىرىيەت سەمەرىسىنىڭ بۈگۈنكى پارلاق نامايەندىسى ئىكەنلىگىدىن تامامەن خەۋەرسىز.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرىنى ئۆمۈر بويى مۆرىسىدە كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچىمىغان بۇ پىداكار ۋەتەن ئوغلانىنىڭ ئالماستەك قىممەتلىك مىسرالار بىلەن تولغان شىئىرلىرىنى دۇنيا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش،ئۇنىڭ تەربىيلىشى بىلەن شىرىيەت سېپىغا كىرگەن ۋە يىتىشكەن ياش بىر ئەۋلات ئۇيغۇر شائىر ۋە ھەۋەسكارلىرىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسىدۇر

ئۇزۇنغا سۇزۇلغان قاراڭغۇلۇق بىر دەۋىردە، ھەر بىر شىئىرىنى بىرەر مەشئەل قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يولىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئۆمرىنى پىدا قىلغان مەرھۇم شائىرىمىز قۇربان باراتنى مىللىتىمىز ئەبىدى ياد ئېتىدۇ

ۋاپاسىز توپنىڭ ۋاپاكار خىزمەتچىسى بولۇش ۋە بۇ چاكارلىق ئارقىلىق ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىپ ئۆتۈش ناھىيىتى ئاز ئىنسانلارغا نىسىپ بۇلىدىغان پەزىلەتتۇر.قۇربان بارات ئەنە شۇنداق پەزىلەتكە ئىگە ئالىجاناپ ئىنسان ئىدى.
ئۇيغۇر شىرىيەت ئاسمىنىدىكى ئەڭ پارلاق چولپان يۇلتۇز ئۆچتى. مەرھۇم قۇربان باراتنىڭ ۋاپات كۈنى،ئۇيغۇر ئەدىبىيات ساھەسىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر.ئۇيغۇر مىللى ئەقلىنىڭ, بۇ كۈننى خاتىرلەيدىغان كۈنلەر ئۇزاقتا ئەمەس. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتە بولسۇن.ئامىن

مەرھۇمنىڭ ئايالى تۇنۇسايىم ۋە  پەرزەنتلىرىگە قايغۇلۇق تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن

Share
2033 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.