logo

trugen jacn

رۇس تارىخچىسى: 1931-1934-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە

image

 

ئۈمىدۋار

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخىغا ئائىت تېمىلارغىمۇ مۇراجىئەت قىلىنماقتا. ئەنە شۇلار قاتارىدا رۇسىيە ئاپتورلىرىمۇ بار. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى، جۈملىدىن خوجا نىياز ھاجى ۋە شېڭ شىسەي ھەم ما جوڭيىڭ مۇناسىۋەتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلكە ۋەزىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇرچە، خىتايچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللاردىمۇ كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. شۇ قاتاردا يېقىندا رۇس ئاپتورى كوكارېۋ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 1931-1934-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىي مۇساپىسىگە ئائىت ماقالىسىدە ئاپتور يەنە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇس تارىخچىسى ك. كوكارېۋ ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ماۋزۇلۇق «سېنتراسىئا» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ كېيىنكى ئابزاسلىرىنى مەخسۇس 1931-1934-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم ئاخىرىدا ئۇنىڭ تارقىلىشىدىن ئىبارەت ئۇزۇن بىر تارىخى جەرياننى يىغىنچاقلاپ بايان قىلىدۇ.

ئاپتور 1931-يىلىدىكى قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەبلەر قاتارىدا 1928-يىلى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، جىن شۇرېننىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىر قاتار قاتتىق قول سىياسىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

رۇس تارىخچىسى كوكارېۋ ماقالىسىدە، قۇمۇلدا يۈز بەرگەن ئەنە شۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا قۇمۇلدىكى خىتاي ئوفىتسېرنىڭ ئۇيغۇر قىزىغا مەجبۇرىي ئۆيلىنىشكە ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە، 1931-يىلى، 2-ئايدا قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

رۇس تارىخچىسى، قۇمۇل ۋەقەسىگە ئائىت ئەسەرلەردىكى باشقا بايانلاردىن پەرقلىق بولغان بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قوغان بولۇپ، ئۇ قۇمۇلدا باشلانغان بۇ قوزغىلاڭنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئېلىپ بارمىغانلىقى، بۇ قوزغىلاڭغا جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىدىن بىزار بولغان ھەممە خەلقنىڭ قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتورنىڭ بۇ بايانلىرى بەلكى قۇمۇل قوزغىلىڭى كېڭىيىش نەتىجىسىدە، 1933-يىلى، 12-ئاپرېل كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى چېنجوڭ، لى شاۋتيەن قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى جىن شۇرېننىڭ خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ رۇس پولكى بىلەن بىرلىشىپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان سىياسىي ئۆزگىرىشىنى نەزەرگە ئالغان بولسا كېرەك.

رۇس تارىخچىسى كوكارېۋ ئۆزىنىڭ «سېنتراسىئا» تورىدا ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە يەنە قۇمۇلدىن باشلانغان قوزگىلاڭنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ رايون ۋەزىيىتىگە ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە 1933-يىلى، 4-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي قوللاشلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/milliy-azadliq-10132015160216.html

Share
2019 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.