logo

trugen jacn

رىۋايەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە زىيىنى ھەققىدە

ئابدۇكەرىم زائىر شايار

رىۋايەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە زىيىنى ھەققىدە

رىۋايەتلەر تارىختىن بۇيان ھەرخىل نىيەتتە ۋە ھەرخىل مەقسەتتە توپلىنىپ كېلىنگەن. دىنغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ھەر بىر پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل مەقسەتتە شۇ پەيغەمبەرگە چۈشكەن دىننىڭ نامىدا توپلانغان بولۇپ، كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن قوللانغان. بىر قىسىم دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان دىن دۈشمەنلىرى ھەق دىن نامىدا يەنە بىر دىن پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەق دىننى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان يېڭى بىر دىن پەيدا قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولساق، قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇلار يېتەرلىك ھالدا زىكرى قىلىنغان. ئىسلام دىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىلا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بىر قىسىم مۇناپىقلاردىن باشلانغان. ئاللاھ تائالا بۇنداق دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان مۇناپىقلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاگاھلاندۇررۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
﴿وَإِذَا رَأَیۡتَهُمۡ تُعۡجِبُكَ أَجۡسَامُهُمۡۖ وَإِن یَقُولُوا۟ تَسۡمَعۡ لِقَوۡلِهِمۡۖ كَأَنَّهُمۡ خُشُب مُّسَنَّدَةۖ یَحۡسَبُونَ كُلَّ صَیۡحَةٍ عَلَیۡهِمۡۚ هُمُ ٱلۡعَدُوُّ فَٱحۡذَرۡهُمۡۚ قَـٰتَلَهُمُ ٱللَّهُۖ أَنَّىٰ یُؤۡفَكُونَ﴾
«ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە ئۇلارنىڭ تۇرقى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قالىسەن. ئۇلارنىڭ تۇرقى تىكلەپ قويۇلغان ياغاچقا ئوخشاش ھەيۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن گەپ ئۇلارغا قارشى دېيىلىۋاتقاندەك ئويلايدۇ. ئەسلىدە ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىل. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار نەگە بارالايدۇ؟» (سۈرە مۇنافىقۇن 4 – ئايەت).
﴿وَإِنَّ مِنۡهُمۡ لَفَرِیقا یَلۡوُۥنَ أَلۡسِنَتَهُم بِٱلۡكِتَـٰبِ لِتَحۡسَبُوهُ مِنَ ٱلۡكِتَـٰبِ وَمَا هُوَ مِنَ ٱلۡكِتَـٰبِ وَیَقُولُونَ هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَمَا هُوَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَیَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ یَعۡلَمُونَ﴾
«ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىر گۇرۇھ كىشىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بولمىغان نەرسىنى ئاللاھنىڭ كىتابدىن دەپ ئويلاپ قالسۇن دەپ تىللىرىنى چاينايدۇ. ئۇ دېگەن نەرسىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن بولمىسىمۇ، <بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن> دەيدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ.» (سۈرە ئالى ئىمران 78 – ئايەت).
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىسىدىمۇ بەزى بىر قېنى بۇزۇق ئىنسانلار كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم گەپ – سۆزلەرنى «بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى» دەپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق قىلمىشلارنىڭ زىيىنىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قاتتىق چەكلىگەن. ھەتتاكى قۇرئاندىن باشقا نەرسىنى ئاساس قىلىپ دىن نامىدا بىر نەرسە يېزىش ۋە ئىسلام دىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دىننى بىلمەي سۆزلەش قاتارلىقلاردىن قاتتىق توسقان بولۇپ، سۈرە بەقەرەنىڭ 20 ~ 8 – ئايەتلىرىدە ناھايىتى ئوچۇق توختالغان. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ زامانىدىلا كەئبى ئىبنى ئەشرەپ قالدۇرغان يۈز مىڭلىغان رىۋايەتلەر تارقالغان. بولۇپمۇ ئۇمەۋىلەر سۇلالىسىدىن باشلاپ پادىشاھلارنىڭ ۋە ھەر بىر رايوندىكى ۋالىيلارنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى خەلىققە توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم ساختىپەز موللىلار كۆپلىگەن ئويدۇرما رىۋايەتلەرنى توقۇپ چىقىپ، ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشىنى ھەقلىق كۆرسەتكەن ۋە خەلقنىڭ ئاغىزىنى ئەتكەن. مۇشۇنداق ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە ھەرخىل نىيەتتە ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرنى 058 – (ھىجرىيە 250) يىللىرىدىن باشلاپ ئىمام بۇخارى باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئالىملار قەلەمگە ئېلىپ كىتاب ھالىتىگە كەلتۈرگەن. يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بۇ كىتابلار بوراندەك ئىلگىرىلەۋاتقان شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك ئىسلام ئىمپېرىيىسىنى ئاستا – ئاستا ياۋاشلىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا تۈگىمەيدىغان ئېتىقادى بۆلگۈنچىلىك، پىتنە – پاساتنى سالغاندىن كېيىن، ھەر جەھەتتىن چارچىغان ئىسلام دۇنياسى 1258 – يىلى بىر ئوچۇم موڭغۇللار تەرىپىدىن تامامەن ۋەيران قىلىنغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى دەريا بولۇپ ئاققان. ئاللاھ تائالا، قوللىرى بىلەن يازغان نەرسىنى بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن دېگەنلەرنىڭ دۇنيادىكى ھالىنىڭ ۋاي بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلغان (سۈرە بەقەرە 79 – ئايەت). مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتى دەل قۇرئان كەرىم بايان قىلغاندەك ئالدى بىلەن خارابلىشىپ ھالىغا ۋاي بولغان ۋە ئاخىرىدا موڭغۇللارنىڭ قاتتىق ئازابىغا ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولۇشى رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان قۇرئانسىز مۇسۇلمانلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
رىۋايەتلەرنىڭ يەنە بىر زىيىنى بولسا، ئەجدادلىرىمىز شەرىئەت دەپ قوبۇل قىلغان كىتابتا «مۇرتەدنى ئۆلتۈرۈش، زىناخورنى ئۆلتۈرۈش» كە ئوخشاش بىرمۇنچە قۇرئاندا بولمىغان ھۆكۈملەر رىۋايەتلەر ئاساسىدا كىرگۈزۈلگەن. قۇرئاندا «خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى ئېيتمىسۇن» دېسە، ئەجدادلىرىمىز شەرىئەتكە ئەمەل قىلدۇق دەپ، ئۇمەۋىلەرنىڭ دۆلەت قانۇنى بولغان فىقھىنى ئىجرا قىلىپ، ئەسىرلەرچە ئىسلام ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق دەپ ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىللىتىمىزگە ئۆز دۈشمىنىنى تونۇش، تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرمەستىن، داۋاملىق ئەرەبلەرنى ۋە ئەرەبلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى تەتقىق قىلغان. «ئىسلامدا مىللەت يوق» دەپ مىللىي روھنى سۇسلاشتۇرۇۋەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىللىتىمىز دىنىي دۈشمەن دېسە جان دىلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. لېكىن، تارىخى دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلارغا كەلگەندە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ جىم تۇرىدۇ.
رىۋايەتلەرنىڭ يەنە بىر زىيىنى، ئۇ كۆپىنچە چاغدا قۇرئان كەرىم بىلەن زىت مەيداندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكاندا ئۈممەتنىڭ ياخشىسى بولۇشقا چاقىرىدۇ (سۈرە ئال ئىمران 110- ئايەت)، لېكىن رىۋايەتلەر بولسا بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى جەمئىيەتنى تەسۋىرلەيدۇ ۋە كىشىلەرنى شۇ زاماندىكى ئىشلارغا تەرغىب قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، لېكىن رىۋايەت ھەدىسلىرى دۇئا – تەسبىھنى كۆپ قىلىشقا، ھەر ئىشنى ئۆزى قىلماستىن ئاللاھقا بۇيرۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى ھەر زاماندا ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشقا (سۈرە ئەسر 3 ~ 1 – ئايەتلىرى) چاقىرىدۇ، لېكىن رىۋايەت بولسا مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ياخشى ئىنسانلارنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىم ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىشكە چاقىرىدۇ (سۈرە ئال ئىمران 114 – ئايەت)، لېكىن رىۋايەتلەر ئىبادەتتە ئاشقۇنلۇققا تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۆپ تەرغىب قىلمايدۇ. قۇرئان كەرىم ئىنسانلار ئۆز زامانىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ (سۈرە نىسا 58 – ئايەت)، لېكىن رىۋايەتلەر بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مەسىلىگە سېلىشتۇرۇشنى تەرغىب قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم مىللەتلەر ئارا مائارىپتا بەسلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ يۈكسەك مائارىپ يارىتىشقا بۇيرۇيدۇ (سۈرە ھۇجۇرات 13 – ئايەت)، لېكىن رىۋايەت ھەدىسلىرى داۋاملىق بۇرۇنقى زاماندىكى بىلىملەرنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز زامانىدىكى بىلىمدە ئالدىغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنى قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرگە توغرا تەدبىقلاشقا بۇيرۇيدۇ، لېكىن رىۋايەتلەر رەسۇلۇللاھقا مەنسۇپ قىلىنغان ھادىسىلەرگە تەدبىقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئالدىغا ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇيدۇ، لېكىن رىۋايەتلەر كونا زاماننى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئارقىغا يېنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
رىۋايەتلەر بىرىنچىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىقى ياكى دېگەنلىكى جەزىملەشمىگەن گۇمانى سۆز – ھەرىكەتلەرنى زورلاپ پەيغەمبەرگە چاپلايدۇ. رىۋايەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك نىسبىتى نۆل بولۇپ، قۇرئان كەرىم گۇمانى نەرسىگە ئىشىنىشنى توسىدۇ (سۈرە ئەنئام 116 – ئايەت).
ئىككىنچىدىن، رىۋايەتلەرنى دەلىل قىلىپ قۇرئانغا توغرا كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئەقىدە، ئەھكام ۋە ئىبادەتنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىسلامنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى قۇرئاندىن يىراقلاشتۇرىدۇ. قۇرئان كەرىم دىننى بۇرمىلاش ياكى يوشۇرۇشنى قاتتىق توسىدۇ (سۈرە ئال ئىمران 71 – ئايەت). ئىنسانلار ئۆزى يازغان نەرسىنى ئاللاھنىڭ دىنىي قىلىشتىن قۇرئان قاتتىق چەكلەيدۇ (سۈرە ئەنئام 116 – ئايەت، سۈرە بەقەرە 79- ئايەت). رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان ئەقىدىلەر مۇسۇلمانلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىندارلارنى بۇ دۇنيانىڭ ئەمەلىي ئىشىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇ دۇنيادىكى جەننەتنى چۈشەكەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ لاياقىتى توشامدۇ – يوق ھېسابلاشمايدىغان، ھازىرقى زامانغا ماسلىشالمايدىغان ۋە ئىلىم – پەنگە قىزىقمايدىغان، دۇنيادىن ياتسىرايدىغان قىلىپ قويدى.
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنى بۇ دۇنيادا ياخشى ئادەم بولۇش ئارقىلىق ئۇ دۇنيانى قازىنىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ھەر زاماندا ياخشىلىقتا ئاكتىپ بولۇشقا چاقىرىدۇ. لېكىن، رىۋايەتلەر زامانىمىزدا دىندا ئوقۇغان ياشلارنى ۋە شەرىئەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇمەۋىلەرنىڭ دۆلەت قانۇنى بولغان فىقھى بىلەن تەربىيلەش ئارقىلىق مىڭ يىللار بۇرۇنقى زامانغا لايىق ئىنسان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقماقتا ۋە داۋاملىق كونا زاماننى ئەسلەپ، كونا فىلىم ۋە كونا كىتابلارغا بېرىلىپ ھازىرقى زاماندىن بىخەۋەر ياشايدىغان قىلىپ قويدى. قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ پايدىسى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ يۈكسەك بىلىم، تەرەققىيات (سۈرە رەھمان 33 – ئايەت) ۋە ئەخلاق تەلەپ قىلىدۇ ۋە قىلغان ئىشىغا لايىق جازا ياكى مۇكاپات ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. لېكىن، رىۋايەت ھەدىسلىرى «كەبىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، يۈز مىڭ رەكەت نامازنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ ياكى پالانى كېچىسى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، مانچە يىللىق گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش يالغاننى تەشۋىق قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن ھازىرقى مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرئان كەرىم تەسۋىرلىگەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زىتلىق پەيدا بولماقتا. مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئىسلامنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن نامايەندە قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، زامانىمىزدا ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالماقتا ۋە ھەرخىل گۇرۇپپا، مەزھەپلەرگە بۆلۈنمەكتە، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ «بىرلىشىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز-ئارا تۈگىمەيدىغان جېدەلگە كىرىپ قالماقتا. مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن يېتىلگەن بىر قىسىم مۇسۇلمانلاردىكى ناچار ئەخلاق، باشقىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولماقتا.
ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر بىلەن تەربىيىلەنگەن كىشىلەرنىڭ جىسمى ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، روھى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى زامانغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىرقى تەرەققىي قىلغان زامانغا ماسلىشالماي، بۇ دۇنيادا ياشاشتىن زېرىكىپ تېزراق بۇ دۇنيادىن كېتىشنى ئارزۇ قىلىپ، ھاڭگىت پېيىدىن قەدىرسىز ئۆلۈمگە قۇرئان كەرىمدىكى شەرەپلىك «شېھىتلىك» نى سۇيىئىستېمال قىلماقتا، ئۆزىنىڭ دوست – دۈشمىنىنى پەرقلەندۈرەلمەستىن ئۆز قېرىندىشىنى دۈشمەن تۇتماقتا، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى ئىسلامنىڭ يولى دەپ ھېسابلىماقتا ۋە بۇ يولدا ئۆلتۈرمەكتە، ئۆلمەكتە. لېكىن قۇرئان كەرىم بىر مۇسۇلمان ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر ئىنساننى ناھەق ئۆلتۈرۈش بارلىق ئىنساننى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئېغىر گۇناھ دېمەكتە ۋە بۇنىڭدىن توسماقتا.
دىندارلار جامائەتكە نەسىھەت قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەرگە چاپلانغان ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنى ئىسلام دىنى نامىدا تەشۋىق قىلماقتا. پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى ئالدىغا قاراپ جىددىي ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم موللىلار رىۋايەتلەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى مىڭ يىللار بۇرۇنقى زامانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلماقتا. زامانىدىكى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قەھرىمانلىق داستانىنى سۆزلەپ كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن بۇ مەدداھلار، زامانىمىزدا ئەبۇ بەكىر، ئۆمەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىش توغرىسىدا پىكىر قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماقتا. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى «كاپىر بولۇپ كېتىدۇ» دەپ دۆلەت مەكتىپىگە بەرمەستىن قۇرئان كۇرسىغا بەرمەكتە ۋە بالىلىرىنىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكىگە خۇش بولۇپ، قۇرئاننىڭ ئىچىدىكىلەرنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنىڭ كاتتا ئالىم بولۇپ كەتكەنلىكىگە قانائەت قىلىپ ئولتۇرماقتا. يىللارچە ئوقۇغان بالىلار ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئىشىنى چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ساقال، بۇرۇتنىڭ سۈننەت، مۇستەھەب ياكى ئادەت ئىكەنلىكىنى ھەل قىلالماي، تالاش – تارتىش قىلىپ ئاخىرىغا چىقالماي بىر – بىرىگە ماي تارتىشىپ يۈرمەكتە ۋە قورساقنى باقالماي ئۆشرە – زاكاتقا تەلمۈرۈپ ئولتۇرماقتا.
يىغىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ئىلغار قاراش بىلەن تەربىيىلىگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ھازىرقى موللىلارنى تەربىيەلىيەلمەس بولۇپ قالغىنى يوق. بەلكى موللىلار ئۆزى پاسسىپ يولنى تاللىغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھازىر بولغان بولسا شۇ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى سۆز – ھەرىكەتنى قىلىپ ئولتۇرغان بولارمىدى ياكى ھازىرقى زامانغا لايىق ھالدا ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئىلغار پىكىر – ھەرىكەتتە بولارمىدى؟ دېگەننى ھېچقاچان ئېسىگىمۇ ئالالماي يۈرمەكتە. بۇ رىۋايەتلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا، بىلىمدىن يىراقلىشىشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ جىنايەتلەردىن ھېچقانداق موللا ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار قۇرئانغا قايتىشى لازىم. شۇ چاغدىلا ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. قۇرئاندىن باشقا كىتابقا ئەگىشىش بىلەن مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ. قۇرئاندىن باشقا كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈش ياكى ئەگىشىشنى ئاللاھ تائالا قاتتىق توسىدۇ. قۇرئان كەرىمدە قانچىلىغان جايدا «مۆمىن بولسا نىجات تاپىدۇ» دەپ يېزىلغان. لېكىن، ھازىرقى مۇسۇلمانلار بۇ دۇنيادىكى ئازغىنە نىجاتلىقنى ئىزدەپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىدا تېنەپ يۈرمەكتە ۋە باشقا دىندىكىلەردىن نىجاتلىق تىلىمەكتە. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ قۇرئانغا توغرا ئەگەشمىگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولۇپ، رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ پەيدا قىلغان ئويدۇرما دىننىڭ زىيىنىدۇر.

يازغۇچى كېرىم زاھىر لوندۇن. 17-09-2022

Share
2349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.