logo

trugen jacn

د.ن.ئا ئەۋرىشكىلىرىنىڭ «سىياسىي مەقسەتلەر» ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى دىققەت قوزغىغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتى خەلقئارادا كۈچلۈك گۇمان قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە ھېچقانداق قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقلىرى يوق شارائىتتا يىغىشىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال يەنىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات ژۇرنىلى بولغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئامبارلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىلغان 40 مىليوندىن ئارتۇق DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا يەنە ئۆكتىچىلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلاردىن ئېلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن، ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىگە قارىتا تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىندا، خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى بولغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بىر پارچە تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى داۋىد كيرانوسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھازىر يىغىلغان DNA ئەۋرىشكىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرلارنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن، دەيدىغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن.

تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2000 دانە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا يېتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ 8 دانىسىنى ئامېرىكانىڭ ماساچۇتېس شتاتىغا جايلاشقان بىر پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋالغان. بۇ شىركەتنىڭ ژۇرنال مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈپ بېرىشىچە، بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق يىغىلغان DNA ئەۋرىشكىلىرى بىلەن جىنايەت مەيدانىدىن ئېلىنغان DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنى، كۆز رەڭگىنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا جىسمانىي ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ تېپىپ چىقالايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىمۇ سېتىۋالغان. تەبىئەت ژۇرنىلى مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى نېمە ئۈچۈن سېتىۋالغىنىنى، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغىنىنى سورىغىنىدا، ئۇلار بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، خىتايدىكى جىنايى دېلولار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان DNA ئامبارلىرىدىن خەۋەردار بىرى، «بۇ ئارقىلىق بىر ئۇچۇر ئامبىرى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. مەنچە ئۇلار بىر تەجرىبىخانا ‹لابوراتورىيە› قۇرۇپ چىقماقچى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇنداقتا، بۇ خىل DNA ئۇچۇر ئامبارلىرى ئادەتتە نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟ ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى، دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئامېرىكىدەك غەرب ئەللىرىدە بۇنداق ئۇچۇر ئامبارلىرىنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىلەرنى تېپىپ چىقىشنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ گەرچە ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنى جىنايى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ياپونىيەدىكى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېن تەتقىقاتلىرى تەتقىقاتچىسى سۇمى سۇگانو تەبىئەت ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ قولىدا بار بولغان DNA ئەۋرىشكىلىرى ۋە بۇ سېتىۋېلىنغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى ۋە ئىقتىدارىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ ئاددىيغىنە سوتتا ئىشلىتىدىغان DNA ئەۋرىشكىسى سېلىشتۇرۇش ئىشىدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە قانۇن ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن، ساقچىنىڭ ھەرىكىتىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مۇستەقىل ھالدا كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئورگانلار بولىدۇ. ئەمما خىتايدا بۇلارنىڭ ھېچبىرى يوق. كىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەكشۈرەلەيدۇ. كىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى مەسئۇلىيەت بىلەن ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرالايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇنداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ.»

تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، مىننېسوتا شتاتىدىكى تەتقىقاتچى مېگان ئاللىيسمۇ خىتايدىكى DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتايدا بۇ ئەۋرىشكىلەرنى يىغىش، ساقلاش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى قانداق ئەھۋال ئاستىدا سوت ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ھېچقانداق بىر قانۇن-ئۆلچەم يوق» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەم شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى»مۇ گۇمان قوزغاۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، «تەبىئەت» ژۇرنىلى ئۆز خەۋىرىدە، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە 17 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇنىڭغا مەجبۇرىي يوسۇندا قاتناشقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بارلىقىنى بايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى مەسئۇلىيەت بىلەن ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق قارار ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى: «مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ، شەخسلەرنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانداق يەرگە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشى كېرەك. خۇددى ئامېرىكادا بولغاندەك، بۇنداق پائالىيەتلەر ئوچۇق-ئاشكارىلىق ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى DNA ئۇچۇرلىرىنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما ئۇنى كۆزىتىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئوخشاش يۈز بەرگەن. شۇڭا ئوچۇق-ئاشكارىلىق ئىنتايىن مۇھىم. مەنچە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى چوقۇم خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكىتلىشى كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈستىدە كېسىپ بىر نەرسە دېيىشكە بالدۇر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئاسسىمىلياتسىيە تۈسىنى ئالغان سىياسەتلىرىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ جىددىي دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ بۇنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-dna-05312017143914.html

 

Share
1512 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.