logo

trugen jacn

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «كەچلىك كۇرس» قا قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىغا كېڭەيتىلىدۇ

 

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى رايونلاردا «كەچلىك كۇرس‏»لارنىڭ قۇرۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ كۇرسلارغا مەجبۇرى قاتنىشىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغان ئىدى. ئەمما دائىرىلەر يېقىندا بۇ خىل كەچلىك كۇرسلارنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى بارلىق مەمۇرى كەنتلەرگە بىردەك كېڭەيتىشنى قارار قىلغان.

بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ كەلگەن بىر قانچە ئايدىن بېرى يولغا قويۇلغان ياكى يولغا قويۇش كۈچەيتىلگەن سىياسەتلەرنىڭ بىرى. چېن چۈەنگو ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا سىناق قىلغان بەزى سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپلا يولغا قويۇشقا باشلىغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇنىڭ سىياسىي تاكتىكىسىنىڭ جاڭ چۈنشيەنگە قارىغاندا تېخىمۇ كونكرېت ۋە تېخىمۇ قوپال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، كەچلىك كۇرس دېھقان چارۋىچىلارنىڭ« قوش تىل ئۆگىنىشى، دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقنى تاشلاپ، باي بولۇش يولىغا مېڭىشىغا ئەقلىي ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.»

ئەمما يەرلىك دېھقانلار بولسا بۇ كەچلىك كۇرسلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تەلىم-تەربىيە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئايال، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئومۇمى كەچلىك كۇرس ۋە نۇقتىلىق ئائىلىلەر قاتنىشىدىغان سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق‏-تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە دىنىي سەۋەبلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقانلار بولغاچقا ئۇلار ھەر ئىككى كۇرسىغا قاتنىشىدىكەن.

دېھقان ئايال: ھەئە، (كۇرس) باشلاندى. بىزنىڭ ئۆيىمىزدىن كۇرسىغا 4-5 مىز قاتنىشىمىز. مۇنداق ھېلىقى تۈرمە، لوگەيدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ قالغانلار ئۇلار شۇنۇڭغىمۇ چىقىدۇ. بۈگۈن بىزگە ئاشۇ نۆۋەت كەپتىكەن، ھەر ئىككىسىنى تۈگىتىپ كىردۇق.

مۇخبىر: ھەپتىدە قانچە كۈن بېرىۋاتىسىلەر كەچلىك كۇرسقا؟
دېھقان ئايال: شوۋدۈي (ئەترەت) بويىچە بولغاندا ھەپتىدە بىردىن كېلىدۇ. بىر شوۋدۈيگە بىر، بىر شوۋدۈيگە بىر مۇشۇنداق كېلىدۇ. بىزگە 7‏-شوۋدۈي بولغاچقا 7 كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ. بىزنىڭ ئائىلىمىزدىن 4 ئەمگەك كۈچىگە قاراپ بىز ئەمدى ياشانغان، 60 تىن ئاشقان، بالىلارنىڭ ئاتىسى 70 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، گەپ ئاڭلاپ قىلايلى، دەپ، بىز ئەر-خوتۇن ئىككىمىز كېلىنىم، بىر بالام تۆتىمىز چىقىۋاتىمىز كۇرسىغا. ئەمدى ئائىلىسى لوۋگەيدە بولۇپ قالغانلارغا ئاچىدىغان بىر يىغىن بار. ئۇنىڭغا بەلگىلىگەن، ئىسمى چىققانلار بارىمىز. مەنمۇ چوقۇم بېرىپ كېلىمەن.

مۇخبىر: كىم بار سىلەرنىڭ ئائىلىدە لوۋگەيدە يېتىۋاتقان؟
دېھقان ئايال: بىزنىڭ ئاۋۇ بالىلارنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىنىلىرى، ئىنىسىنىڭ بالىلىرى بار. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسى جايىدا، ئىشىدا. پەقەت ئاتىسىنىڭ ئىنىسى ۋە بالىلىرى بولۇپ 4 ئادەم يېتىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: نېمىلەرنى ئۆگىنىسىلەر ھەر بارغاندا كەچلىك كۇرسقا؟
دېھقان ئايال: كەچلىك كۇرسىدا ئەمدى شۇ بالا-ۋاقىلار ئەسەبىيلىككە قاتناشمايدىغان، بالا-ۋاقىلارغا ئوبدان قاراش توغرىلىق، سىياسەت توغرىلىق، ئەسەبىيلىك توغرىلىق ئاشۇنداق چۈشەنچىلەرنى ئۆگىنىمىز. بايراق چىقىرىشقا قېرى-ياش ھەممىمىز چىقىمىز. ھەر دۈشەنبە كۈنى چىقىرىمىز. يەنە كۇرس باشلىنىدىغان ۋاقتىدا بايراق چىقىش بولىدۇ. بىزنىڭ يوغان بىر زالىمىز بار، شۇ زالدا بايراق چىقىرىپ، ئاندىن كۇرسنى باشلايمىز.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا بىر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر دېھقان، كەچلىك كۇرسىدا «قانداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەسەبىيلىك بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋاتىمىز» دېدى.

دېھقان: بىز بۈگۈن كەچلىك كۇرسنى سەل بالدۇرراق ئېچىپ، كۇرسىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ كىردۇق. (كۇرسىدا) ئەسەبىيلىك مەسىلىسىنى ئۆگەندۇق. ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۇۋالغان ئەسەبىيلىك ئىشلىرىنى ئۆگەتتى. بىز تازا ئوقۇمىغان ئادەملەر، تازا بىلىپ كېتەلمەيدىكەنمىز.

مۇخبىر: ئانچە-مۇنچە چۈشىنىۋاتامسىلەر كۇرسىدا سۆزلەۋاتقان نەرسىلەرنى؟
دېھقان: چۈشەندۇق، چۈشەندۇق. نېمىنىڭ ئەسەبىيلىك بولىدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ توغرىلىقى، نېمىنىڭ خاتالىقىنى. ئەمدى شۇ مېڭىمىزگە ئېلىپ بولدۇق. لېكىن شۇ تىلىمىز كەلمەي، مەسىلەن، ماۋۇ بالا ئوقۇتسا خاتالىق، سىرتتا ناماز ئۆتىسە خاتالىق، دەپ جىق ئىشلارنى چۈشەندۇق. كاللىمىزدا قايسىنىڭ توغرا، قايسىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ بولدۇق.

مۇخبىر: بالا ئوقۇتسا خاتالىق دېگىنىڭىز، بالا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇسا خاتالىقمۇ ياكى؟
دېھقان: دىنىي مەكتەپتە، دىنىي مەكتەپتە ئوقۇسا خاتالىق. نامازنى ئاشۇ بەلگىلەنگەن مەسچىتتە قانداق ئوقۇساق مەيلى، لېكىن سىرتتا، دالادا، ئۇيەر-بۇيەردە ئوقۇساق بولمايدۇ، ئۇمۇ خاتالىق دەپ مۇشۇنداق كاللىمىزغا ئېنىق ئالدۇق. نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيمىز، مەھەللىمىزدە مەسچىت بار.

مۇخبىر: ئەمدى دىنىي ئەسەبىيلىك، دېگەندە ھازىر كاللاڭلاردا قانداق چۈشەندىڭلار؟ قانداق چۈشىنىۋاتىسىلەر بۇ گەپنى؟

دېھقان: ئەسەبىيلىك، دېگەن بۇ بىزنىڭكى ھېلىقى ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، ئېغىزىنى ئېتىۋېلىپ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ قىلغان ئىشلار ئەسەبىيلىكنىڭ بىر خىل تۈرىكەن ئۇ. بىز شۇنى چۈشەندۇق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھىجاپ، پەرەنجە، چۈمبەل، ساقال قاتارلىق دىنىي كىيىم-كېچەك ۋە باشقا دىنىي قىياپەتلەرنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ قاتتىق چەكلىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار بۇنداق خىل چەكلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ قارىشىچە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كەچلىك كۇرسى، ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن سىرتقى ۋاقتى ۋە پائالىيىتىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت مۇنداق دېدى: « بۇ بىر سىياسىي ھەرىكەت. بۇنداق بىر سىياسىي ھەرىكەتنى يۈرگۈزۈشنىڭ مەقسىتى (خىتاي) شۇ ئارقىلىق شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ 8 سائەتلىك ئەمگەكتىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش. روھىي، سىياسىي بېسىم ئارقىلىق بۇلارنى چۆچۈتۈش، بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئەمگەكتىن كېيىن كەچقۇرۇنلۇقى يىغىپ، رادىكاللىق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، بۆلگۈنچىلىك، دېگەن مۇشۇ تېما ئارقىلىق دېھقانلارنى قورقۇتۇشتۇر.»

لېكىن دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنى بىر مەزگىل كونترول قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ دېھقان چارۋىچىلارنى زېرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدۇ.

دىلشات رىشىت: ئەلۋەتتە بۇ سىياسەت ئۇ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ بېيجىڭنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ھەرىكەت رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھېچقانداق پايدىلىق بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنچىلىك بەرداشلىق بېرىش كۈچى قالمىدى. دېھقانلارنى بىلىسىز، ئۇلار دېھقانچىلىقتىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئۆيىدە دەم ئېلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بولۇشى كېرەك. ئەمدى بۇلارنى يىغىپ، سىياسىي كۇرسلارنى ئېچىش ئارقىلىق بۇلارنى بىر يەرگە توپلاش، بىر -بىرىگە قارىتا بۇنداق سىياسىي ھەرىكەت مېڭىۋەرسە، ئىنسان ئاخىرىدا چىدىمايدۇ.

چېن چۈەنگو تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ مۇۋاپىق بولالامدۇ؟ ئاۋسترالىيە لا تروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جېيمىس لېيبولدنىڭ، «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى»گە بىلدۈرۈشىچە، بەلكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتىشى قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىن.

بىراق جېيمىس لېيبولد، چېگرا رايونلاردا پارتىيە ۋە دۆلەت كونتروللۇقىنى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سۆرەپ كىرىش بەزى ئائىلە ۋە شەخسلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-12122016190252.html

Share
988 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.