logo

trugen jacn

دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ مۇھاكىمىسىدىن تەسىراتلىرى

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ باش ساھىبخانىلىقى ۋە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا، «مىللەت، دىن ۋە چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك ھەرىكەت ياش رەھبەرلىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» پايتەخت ۋاشنگىتونغا قوشنا مەرىيلەن شتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە مۇھاكىمىلەردىن قانداق يەكۈنلەرگە كەلگەنلىكى، يىغىن ئەھلىنىڭ مۇھاكىمىلەردىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە قانداق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغانلىقى توغرىسىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا خىتاي دېموكراتىك كۈچلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

27-ئاپرېلدىن 30 ئاپرېلغىچە داۋام قىلغان «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى»نىڭ10-نۆۋەتلىك مىللەت، دىن ۋە چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك كۈچلەر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە نەتىجىلىك تاماملاندى.

مەزكۇر يىغىنغا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇق تەشكىلاتچىلار، شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، تەرەپسىز تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىن جەريانىدىكى دىن، مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم باستۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلات ۋە مۇلاھىزىلەر كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

30-ئاپرېل يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسىنىڭ ۋەكىللىرى دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات، ئىلشات ھەسەن، زۈبەيرە شەمسىدىن قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات يېتەكچىلىرى، پائالىيەتچىلەر مەزكۇر يىغىن ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ۋە ئارزۇسىنى مەزكۇر يىغىندا توغرا، ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىنى يەكۈنلىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دەپ ئۆتكەندەك، ھەقىقەتەن بەزى يىغىن قاتناشچىلىرى، ھەتتا بەزى چەتئەلدىكى خىتايچە مەتبۇئات مۇخبىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئىنتايىن تار ۋە مۈجمەل بولۇپ، ئامېرىكىدا خىتايلار تەرىپىدىن بېسىلىۋاتقان بىر ئاممىۋى گېزىتنىڭ خىتاي مۇخبىرى ئۆزىمۇ دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىنى يوشۇرالمىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى.

مەزكۇر يىغىنغا بېيجىڭدىن كېلىپ قاتناشقان خىتاي داۋاچىلاردىن ئىلى خۇەنجۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن پەقەت خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدىلا ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى تار مەنىدىن چۈشەنگەنلىكىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىدىن بىر تۇرۇپ ھەيران قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۆزى بىر خىتاي پۇقراسى تۇرۇپ بۇنچە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان چاغدا، ئەزەلدىنلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلىقنى بىلدۈردى ھەمدە ھەممىمىز خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ قۇربانلىرىكەنمىز، چوقۇم بىرلىكتە ئەركىنلىكىمىز، ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز، مەيلى خىتاي ئىچى ياكى سىرتىدا بولايلى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ ئادالەت يولدىن يانماسلىقىمىز كېرەك، دېدى.

خوڭكوڭ يامغۇرلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋەكىللىرىدىن تاۋ ئەپەندى:
خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچىلارنى باستۇرۇپ كەلدى، بۇ يىغىنغا نۇرغۇن بىزگە ئوخشاش باستۇرۇشقا ئۇچرىغان، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل دوستلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى، مەن ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىركىشىشى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن تولىمۇ ئىلھام ئالدىم، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دىنلارغا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشى كۈچەيمەكتە، ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي تىرىك ئېلىۋېلىشى داۋام قىلماقتا، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئادالەت تەلەپ قىلغان تىنچلىقپەرۋەر زىيالىيلارنىمۇ مەڭگۈلۈك قاماقلارغا سۇلىماقتا، بىز خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، دېدى.

بۇ يىغىننىڭ باش ساھىپخانى، ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى مەزكۇر يىغىنغا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ ھەمدە چۈشەنچىسىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى دىن، مىللەت، چېگرا ھالقىغان بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز مەسىلىلىرىنى خەلقئاراغا يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ھەمدە ھەل قىلىش يوللىرىنى بىرلىكتە ئىزدەش ئۈچۈن ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئاخىرىدا بارلىق ئۇيغۇر دوستلارغا بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويسىڭىز دەپ، مۇنۇلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى:

«ئۇيغۇر سەپداشلارغا ئېيتقاندەك، تەكىتلەيدىغىنىم، گەرچە خىتاينىڭ ئادالەتسىز ھاكىمىيىتى، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كىشىلىرى بىلەن ئالاقەڭلارنى ئۈزمەسلىكىڭلار كېرەك، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەر جەھەتتىن مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەممىسى سىياسەت ئارقىلىق خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئاڭلىتىشقىمۇ ئامالسىز، ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرى بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قولىدىن كېلىدىغان يوللار بىلەن قارشىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ئۇنى تېررورلۇق، زوراۋانلىق دەپ كۆرسىتىپ باستۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى، مەسىلىنىڭ، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئىنتايىن مۇھىم.بۇنى بىرلىكتە، ھەمكارلىقتا ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۈر. چەتئەللەردە ئۇيغۇر دوستلار بىلەن ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش، ھەتتا بىرلىكتە بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا چۈشەندىمكى، ئارىمىزدا ھېچقانداق دۈشمەنلىك يوق، مىللىي زىددىيەتنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنى خىتاي پۇقرالىرىغا ئاڭلىتىش كېرەك، ھازىرچە سىلەرنى چۈشىنىدىغانلار ئاز بولسىمۇ، بارغانچە كۆپىيىدۇ. بىز ھەر بىر مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز زۆرۈر. يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەزىيىتىنى توغرا ئاڭلىتىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەنپەئەتلەنگەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش، يەنى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى بولغان تىلىنى چوقۇم ياخشى ساقلىشى كېرەك، مەن ئۇيغۇرلارغا «ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى» نى قوزغاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشنى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى ھەر يەردە كۈچەيتىشنى، ھەممە ئۇيغۇر ئۆزىدىن باشلاش كېرەك، چۈنكى تىلنى يوقاتقاندا ئۇيغۇر كىملىكى يوقايدۇ. شۇڭا تىلنى ساقلاپ قېلىش بۇ بەك مۇھىم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/demokratik-kuchler-05042015154149.html

Share
1812 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.