logo

trugen jacn

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى، خىتاينىڭ روزا تۇتۇش چەكلىمىسىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

700x281921_world-muslim-scholars_1

ئارسلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چارشەنبە 24-ئىيۇن كۈنى مەركىزى قاتارغا جايلاشقان دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتايغا خىتاب قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە دىنى ئېتىقادلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىدىن مۇسۇلمانلار ھەققىدە چىقارغان بۇ ھەقسىز قارارىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن خالىغانچە قارار ئېلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات-ئورگانلارنىڭمۇ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ۋە بۇ تۈردىكى باستۇرۇشنىڭ پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق ۋە جىددىيچىلىكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنى ۋە مىللىي زۇلۇم ھەرىكەتلىرى ھەم خەلقئارالىق ھەم خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۆزلىرى تەستىقلىغان 1949-يىلىدىكى تۆتىنچى نۆۋەتلىك جەنۋە كېلىشىمىگىمۇ خىلاپتۇر. بۇمۇ خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىنى ئوپئوچۇق دەپسەندە قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان دىنى باستۇرۇش ئەھۋاللىرىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ ئۇلارنى رامىزاندا روزا تۇتماسلىققا ۋە ھەرقانداق دىنى پائالىيەت قىلماسلىققا مەجبۇرلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق كۆزەتمەكتىمىز. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كىچىك دۇكانلىرىدىن ئاشخانىلىرىغىچە رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئوچۇق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى مەجبۇرلىدى ۋە ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىنى بۇ ئۇلۇغ ئايدا روزا تۇتقۇزماسلىققا تىلخەت ئالغانلىقى توغرىسىدا ئەنگلىيەنىڭ تھە ئىندەپەندەنت گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئاي بۇرۇن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇكان ۋە ئاشخانىلىرىدا ھاراق-تاماكا سېتىشنى، قارشى چىققۇچىلارنىڭ دۇكانلىرىنىڭ پېچەتلىنىدىغانلىقىنى قارار قىلىشىغا ئەگىشىپ يولغا قويۇلدى. بۇ ئىجرائاتلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا ئەمەلىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جىددىي ھالەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى باياناتىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسمى بىلەن تونۇلغان ۋە يەر كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ رايوننىڭ 20-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىسمى بىلەن دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇزۇن زامانلار تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. باياناتتا يەنە ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغانلىقىنى، يېڭى چېگرا مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا دىنىي، مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت سەپسەتىلىرى بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە كۆپلىگەن ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارادا ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى، ئەمما بىر ئىشنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئۇ بولسىمۇ: مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىچكى باستۇرۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن!

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئىسلامى ۋەقپە ئورۇنلار مۇسادىرە قىلىندى، ئىسلامى دەۋەت قىلغۇچىلار، مۇسۇلمان ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىشتىن چەكلەندى، كۆپلىگەن مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى، ئىسلامى كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، ئىسلامى مەدرىسىلەر تاقالدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى، ئالىملىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئاخىرقى ئىجرائاتلىرىغا قارىتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى تەكىتلىگەن:
1-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا مۇسۇلمانلارنى مۇبارەك رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىنتايىن قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. رامىزان روزىسى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلغان ئاساسى پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. بىرلىك يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى رامىزاندا روزا تۇتقۇزماسلىققا زورلىنىپ، مەجبۇرى قول قويدۇرۇلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

2-مۇسۇلمانلارغا قارشى بولۇپمۇ كۆپىنچىسىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان شىنجاڭ رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئارقىمۇ- ئارقا كېلىۋاتقان دىنىي ۋە ئىرقىي باستۇرۇشلار خەلقئارا قانۇنلارغا شۇنداقلا خىتاينىڭ يەرلىك قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپتۇر.

3-خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلەر 1949-يىلى تۆتىنچى قېتىملىقى ئېلىپ بېرىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قول قويغان جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپتۇر. بۇ بولسا بۈگۈنكى خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ.

4-مۇسۇلمانلارنى دىنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەربىر ئىنسان مىللەت، رەڭ، جىنس، تىل ۋە ياكى دىن سەۋەبلىرى بىلەن ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماستىن ئۆز ئەركىنلىكلىرى ۋە ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققىگە ئىگە.

5-خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى باستۇرۇش خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغىمۇ زىت بولۇپ، 1978-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا يېڭى سىياسەت ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىققا قارىتا قانۇن چىقارغان.

6-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ دىنى ھېس-تۇيغۇلىرىغا يول قويۇشقا چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى باستۇرۇش ياكى يالغان تۆھمەتلەر بىلەن ئۇلارنى نىشانغا ئېلىش، ياكى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرىغا زىت ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

7-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا رامىزاندا روزا تۇتقۇزماسلىق قارارىدىن يېنىشىنى، رامىزاندا دۇكان ۋە ئاشخانىلاردا مەجبۇرى تاماق ساتقۇزۇشنى توختىتىشنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتىغا خىلاپ ھالدا ھاراق-تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

8-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خەلقئارا قانۇن تەشكىلاتلىرىنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ئىسلامى تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان خەلقنى قوللاشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قارشى مۇسۇلمان خەلق تەرەپتە تۇرۇشقا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي ۋە قانۇنى ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىدۇ.

9-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرى چۈشۈپ تۇرۇۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بارلىق سىياسىي، قانۇنى ۋە خەلق قوللىشىنى ئارقىسىغا ئالغان ھالدا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

10-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلۇغ روزا ئىبادىتىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن پۈتۈن ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ.

11-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى غەرب دۆلەتلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى باستۇرۇشلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشلىرىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ.

12-دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ خەلقئارالىق جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاينىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەنگە ئالدى. شۇنداقلا تەشكىلات بۇ جىنايەتلەرنى گەرچە غەرب دۇنياسى كۆرمەسكە سالسىمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتى ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

13-ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىداغا قۇلاق سالمىغان تەقدىردە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئالىملار خىتاينىڭ ئوپئوچۇق دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيىسىنى ئۆز خەلقلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئالدىدا ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇكى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن چوڭ تەسىرى بولىدۇ.

باياناتنىڭ ئاستىغا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور يۈسۈف ئەلقەرزاۋى ۋە باش كاتىپى دوكتور ئېلى ئەلقەرداغىنىڭ ئىسىم فامىلىسى يېزىلغان ۋە ئىمزا قويۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-06252015161411.html

Share
2176 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.