logo

trugen jacn

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي پروگرامما يېتەكچىسى پېتىر قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ ب د ت دىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى جەنۋەدە باشلاندى.

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتىر ئىرۋېن ئەپەندىلەرنىڭ بىر ھەپتىلىك پائالىيىتى 10-مارتتىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رەسمىي يىغىن ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى بىناسى جايلاشقان ۋېلسون مەركىزىدە باشلاندى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش ئىشى ھەر 4، 5 يىلدا بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىقى 2013-يىلى ئېلىپ بېرىلغان، كېلەر قېتىملىقى بولسا 2018-يىلى ئېلىپ بېرىلماقچى. ب د ت نىڭ بۇ يىلقى يىغىنىدا خىتاي مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلار كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولغاچ، د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە يىغىنلاردا سۆز ھەققىگە ئېرىشكەن شۇنداقلا ب د ت نىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن ئىدى. بۇ پروگراممىمىزدا يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىدىنلا قىسقىچە مەلۇماتلار بېرىمىز.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى خىزمەت بىناسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارلىقى خىزمەت بىناسى ئورۇنلاشقان ۋېلسون مەركىزى، يەنە بىرى، ب د ت نىڭ باش شتابى جايلاشقان خىزمەت بىناسى ئىدى. بۇ ھەر بىر ئورۇننىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە بۇ ئورۇنلارغا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مۇرەككەپ ھەم سەبىر تەلەپ قىلىدىغان ئىشقا ئايلانغان ئىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن مىڭلارچە كىشى بۇ ئورۇنلاردا ئۆچىرەت ساقلاپ كىرىش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشەتتى. رۇخسەتنامىنى قولغا ئالغاندىن كېيىنمۇ بىر قانچە ساقچى ئورنىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ئاندىن ب د ت ئىچىگە قەدەم باسالايتتى. ئەتىگەن سائەت 5 بىلەن ئورنىدىن تۇرغان د ئۇ ق ۋەكىللىرىمۇ بۇ قەدەم باسقۇچلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ، ب د ت خىزمەت بىنالىرىدا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى 13-مارت 4 چوڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئەتىگەن سائەت 9:30 ئۆتكەندە ب د ت نىڭ ۋېلسون مەركىزىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ لايىھىلەر ئۈستىدە قارار ئېلىش مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى فېدىراتسىيۇنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، د ئۇ ق قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات پىكىر قاتناشتۇردى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى 7-ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، ھازىرمۇ تايلاندتا تۇرۇۋاتقان 60 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ چەتئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئىگە چىقىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سائەت 12:00 دە ب د ت باش شتابىدا «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ھەققىدە مۇلاھىزە» يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بىز ۋېلسون مەركىزىدىن ب د ت باش شتابىغا قاراپ چاپتۇق.

بۇ يىغىننى پاكىستان تەۋەلىكىدىكى بالۇچىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «بالۇچىلارنىڭ ئاۋازى» ناملىق تەشكىلات بىلەن باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئۇيغۇر باشلىق كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق، خىتاي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ ئۆتتى.

بۇ يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ھەمدە 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا سۆز ئالغان ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن 7 نەپەر سىياسىيون ۋە مۇتەخەسسىس خىتاينىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» پەيدا قىلىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇلار پىكىرلىرىدە، خىتاينىڭ قەشقەردىن باشلانغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ ئۇيغۇر، بالۇچلار، كەشمىرلىكلەر، ئافغانلار ۋە تاجىكلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى تاجاۋۇزغا ئۇچراپلا قالماي، مىللىي كىملىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم مەدەنىيەتلىرىگىمۇ ئېغىر تەھدىتلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقتەك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش يىغىنى بولدى. بۇ يىغىن يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باش شتابى بولغان ۋېلسون مەركىزىدە چاقىرىلدى. بىز ب د ت باش شتابىدىن ۋېلسون مەركىزىگە قاراپ چاپتۇق.

يىغىنغا ب د ت نىڭ 15 نەپەر ۋەكىلى بىلەن د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن رىياسەتچىسى تۇنجى سۆزنى ئۇيغۇرلار ۋەكىلىگە بەردى. د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ سورۇندا، 2015-يىلى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 109 ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە يولۇققانلىقىنى ھەمدە ھازىر تايلاند تۈرمىسىدە ياشاۋاتقان 60 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سائەت 15:00 دە، ۋېلسون مەركىزىنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا تايلاندتىن كەلگەن 48 نەپەر ھۆكۈمەت ۋەكىلىنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە قىستاش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرى بىلەن بىرگە، 200 دىن ئارتۇق ھەرساھە كىشى قاتناشتى. تايلاند ۋەكىللىرى يىغىندا تايلاندنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى تونۇشتۇردى. ب د ت ۋەكىللىرى بولسا، تايلاندتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تايلاند دائىرىلىرىدىن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 3 سائەتكە سوزۇلغان بۇ يىغىندا كۆپلىگەن سوئال-جاۋابلار بولۇپ ئۆتتى. بىراق تايلاند دائىرىلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۈگۈن بىر كۈن ۋېلسون مەركىزى بىلەن ب د ت باش شتابى ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. يىغىننىڭ ۋاقىتلىرى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ۋېلسون مەركىزى بىلەن ب د ت باش شتابىنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولغاچ، يىغىنلاردا سۆز قىلىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىككى ئارىدا چېپىپ يۈرۈپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى.

يىغىن جەريانىدا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن قىسقا-قىسقا سۆھبەتلەردە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، كېلەچەكتە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشقا كېلىشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/duq-bdt-03142017132615.html

Share
1477 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.