logo

trugen jacn

دولقۇن ئەيسا: ئەركىنلىك مېدالى – ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ

201603311427intl1

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

30-مارت خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن كۈندە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قېشىدىكى كاپىتول خىل سارىيىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، دولقۇن ئەيساغا 2016-يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» تەقدىم قىلدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارىئون سمىت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كوممۇنىزمنىڭ قۇربانى بولغان 100 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ياد ئېتىش – ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بۇرچىمىز. شۇنى جەزملەشتۈرۈش كېرەككى، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش كوممۇنىزم قۇربانلىرى تىزىمىدىن ئورۇن ئالغان خەلقتۇر.»

مارىئون سىمىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ بۇ يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

مۇراسىمدا «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نىڭ 2013-يىللىق ساھىبلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن دوكتور ياڭ جيەنلى سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ شۇنداقلا ئۆز ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكىدەك شەرەپكە ئېرىشىشى تېگىشلىكتۇر، دەپ ئويلايمەن!…»

مۇراسىمدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى لى ئېدۋاردز سۆز قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۈزلۈكسىز كۈرەشلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنسان ئەركىن ۋە ھۆر ياشاشقا تېگىشلىك. شۇنداق، ھەر بىر ئىنسان بۇنىڭغا ھوقۇقلۇق بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دولقۇن ئەيسانىڭ ئەركىنلىك مېدالى ئېلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە. بىز كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى ياد ئېتىشنى، ئىنسانىيەتنىڭ ھۆر ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دولقۇن ئەيساغا ئەركىنلىك مېدالى بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇ سەۋەبلىك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئېتىرازغا پەرۋا قىلمايمىز. ئامېرىكا بىر ئەركىن دۆلەت، بىزنىڭ ئەركىنلىك مېدالىنى كىمگە بېرىشىمىزگە ھېچكىمنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.»

ئەركىنلىك مېدالىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دولقۇن ئەيسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ جىسمىم بۈگۈنكى كۈندە گەرچە ھۆر ۋە ئەركىن ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ روھۇم خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق ئىستىبىداتىدا ئەركسىز ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىللە ئازابلانماقتا. شۇنداق، كوممۇنىزم تەھلىكىسىنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇر خەلقى 67 يىلدىن بۇيان بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىماقتا.»

مۇراسىم جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«مەن بۈگۈن ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ مېدال گەرچە ماڭا بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەۋاتقان ۋە بۇ يولدىكى كۈرەشتىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر خەلقىمگە مەنسۇپ دەپ قارايمەن. مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قېشىدىكى بۇ سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى مۇراسىم ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى خۇشال ھېس قىلماقتىمەن. مەن بۈگۈن جىسمانىي جەھەتتىن ئەركىن ۋە ھۆر ياشاۋاتىمەن، ئەمما مېنىڭ روھۇم ھەر ۋاقىت ئۆز ئەركىنلىكى يولىدا ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.»

مۇراسىمغا قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسانى تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى تەبرىكلەيمەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىغا كەلگەن كۈنگە توغرىلاپ دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن بۇ ئەركىنلىك مېدالى مەيلى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.»

ئاخىرىدا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇكاپات دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقىگە تەقدىم قىلىنغان بىر ھۆرمەت ۋە رىغبەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/dolqun-eysa-03312016135818.html

Share
1716 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.