logo

trugen jacn

دوكتور: ياپونلارنىڭ سەرخىللىرى

 

66aad532d242180c500f6a7067000290

دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان

 

دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتىپىمىزدە دەم ئېلىشقا چىققان بوۋاي-مومايلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار بار ئىدى. بۇ پىدائىيلار مەكتىپىمىزدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ياپونچە ئۆگىتەتتى، ياپونىيەنى، ياپونىيە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇراتتى. بىر نەچچە قېتىم سۆھبەتتە بۇلۇش ئارقىلىق بۇ بوۋاي-مومايلارنىڭ بىكارچىلىقتىن تەشكىللەنمىگەنلىكىنى، ئارىسىدا شىركەت قۇرغان، تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولغان، پۇل تاپقان، شىركەتلەردە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قول بولۇپ ئىشلىگەن، ھەتتا ھازىرمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقانلار بار بولغان ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ سەرخىللىرى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بۇ ماڭا سەرخىللارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا ياخشى پۇرسەت بولدى. كىيىنكى سۆھبەتلىرىمىز كۆپ ھەم مەزمۇنلۇق بولدى. تۆۋەندە ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان مەزمۇنلارنى ئېيتىپ ئۆتىمەن.

<ياپونلار بەك تىرىشىدۇ> دەپ سۆھبەتنى باشلىدىم، سۆھبەتداش بوۋاي: <مۇشۇنداق بەك تىرىشمىساق ياپون دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ياش ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ نىشانىمىز ئۇرۇشتىن كېيىن خارابلىققا ئايلانغان ياپونىيەنى قايتا قۇرۇش، قايتا قۇرۇشلا ئەمەس ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆزىمىزنى دۇنيا ئالدىدا قايتا نامايان قىلىش> دەپ جاۋاب قىلدى. ياپونىيە يەتمىشىنچى يىللاردىكى تەرەققىيات سۈرىتىنى داۋاملاشتۇرالىغان بولسا. ئىككى مىڭ بەشىنچى يىل ئەتراپىدا ياپونىيەنىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىلەتتى. ئەپسۇس 80 يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ تەسىرىدە نىشانغا يېتەلمىدى. لېكىن بىرىنچى نىشانغا يەتتى. ياپونىيە بۇ ئەۋلاد قېرىلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن قايتا قەد كۆتۈردى، دۇنياغا قايتا نامايان بولدى. بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى <ياش ۋاقتىمدا ئالدىراش ئىشلىگەن ۋاقىتلاردا بىرنەچچە ھەپتە، ھەتتا بىر-ئىككى ئاي بالىلىرىم بىلەن بىر ئۈستەلدە تاماق يېيىش، ئەھۋاللىشىش پۇرسەتلىرى بولمايتتى. كەچتە كەلسەم بالىلىرىم ئۇخلاپ بولغان. ئەتىگەن شىركەتكە ماڭغاندا بالىلىرىم ئۇيقۇدا.>. بوۋاينىڭ گەپلىرىگە ئىشەندىم. بۇ خىل ياپونلارنى بىزنىڭ مەكتەپتە كۈندە كۆرۈپ تۇرىمەن. ھەممە پىروفېسسورلار ھازىرمۇ شۇنداق ئالدىراش ياشايدۇ. تەتقىقات پىروفېسسورلارنىڭ بارلىقى. تەتقىقاتتىن ئاشقان ۋاقىت ئاندىن ئائىلىنىڭ، بالىلارنىڭ بولىدۇ. يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ھەر قېتىم خەلقئارالىق يىغىنغا بېرىپ ياپونغا قايتقاندا ئايرودۇرۇمدىن بىۋاسىتە تەجرىبىخانىسىغا كېلىدۇ. يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن قىلالماي قالغان ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيگە قايتىدۇ. تەجرىبىخانا پىروفېسسورلار ئۈچۈن يېرىم ئۆي. لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل، تەجرىبىخانىدىن ئۆيگە قايتماي تۇرۇپ بىۋاسىتە چەتئەلگە ماڭالايدۇ. لازىملىق نەرسىلەر چوڭ چاماداندا ھەرۋاقىت تەييار ھالەتتە. بەزى ئەتىگەنلىرى مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ قالسام، يۈزلىرىنى يۇيۇشقا چىققان باشقا پىروفېسسورلارنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ قالىمەن. دېمەك ھەممىسى تەتقىقاتنى بارلىقى، تەجرىبىخانىنى ئۆي قىلغان.

بۇنىڭدىن مىنىڭ ھېس قىلغىنىم، ھەر قانداق ئىشنى قىلىپ، قىلغان ئىشىمىزدىن نەتىجە چىقارماقچى بولساق، چوقۇم بارلىق ۋاقىت، زېھنىمىز بىلەن تىرىشىمىز لازىم ئىكەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تىرىشىش ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن. مەسىلەن، بالىڭىزنىڭ موچەن خىراجىتىنى، ياكى ئۆينىڭ توك، سۇ پۇلىنى تاپماقچى بولسىڭىز، ئىسكىلاتتىن ئانچە-مۇنچە مېۋە-چېۋە ئەكېلىپ مەھەللىڭىزدە ساتسىڭىز بولىدۇ. ۋاقتىڭىزغا قاراپ، كەيپىياتىڭىزغا قاراپ، ھاۋارايىغا قاراپ ئىش تۇتسىڭىز بولىدۇ. يامغۇر ياغقاندا، شامال چىققاندا، قار ياغقاندا، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا سودىغا چىقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن نىشاننى چوڭايتىپ ئائىلىنى قامدىماقچى بولسىڭىز، شامالغا، يامغۇرغا، كەيپىياتىڭىزغا باقماي ھەر كۈنى سودىغا چىقىشىڭىز، ھەم چوقۇم باشقىلاردىن ئەتىگەن تىجارىتىڭىزنى باشلىشىڭىز، باشقىلاردىن كېيىن يىغىشتۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇ قانۇنىيەت چوڭ شىركەتلەردىن باشلاپ كىچىك دوكانلارغىچە ھەممىسىگە ئورتاق.

سۆھبەتداش بوۋاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كەلگەن قىزلاردىن سورىدى: < ئۇقۇش پۈتكەندىن كېيىن نېمە پىلانىڭلار بار؟>. قىزلاردىن: <ياپونىيەدە قېلىپ خىزمەت قىلغۇمىز بار> دەپ جاۋاب قىلغانلار بولدى. بوۋاي: <ئەمىسە مەن سىلەرگە مۇھىم ئەسكەرتىش بېرەي، ھەرگىز ياپونلۇق يىگىتلەرنى تاپماڭلار. ھازىرقى كۆپ سانلىق ياشلاردا ياپونلارنىڭ ئېسىل خىسلىتى يوق> دەپ سۆز قىلدى. بوۋاينىڭ بۇنداق دېيىشكە ئاساسى بار، دەسمايىسى بار. ئۇلار دۆلەتنى خارابىلىكتىن قايتا قۇرۇپ چىقتى. ئەتىگەن توققۇزدا خىزمەتكە بېرىپ چۈشتىن كېيىن بەشتە قايتىپ كېلىش ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئەمەس.

ئوقۇشۇمنى تاماملاپ بولۇپ شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا بوۋايدەك ئادەملەرنى كۆردۈم. بوۋاينىڭ سۆزىدىكى ياشلارنىمۇ كۆرگەن بولدۇم. شىركەتلەردە پەقەت مائاش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار. ھازىر ياپونىيەدىكى ياشلارنىڭ ئىچىدە ھۇزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. توكيو ئەتراپىدىكى ياشلار توپلىشىدىغان بېكەتلەرگە بارساق، بوۋاينى ئەنسىرەتكەن ھەرخېلدىكى ياشلارنى كۆرەلەيمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ياشلىرىدا بار دېگەن مەسىلىلەر ياپونلاردىمۇ مەۋجۇت. ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ياشلارغا، كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. يەنى ياشلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر بىزنىڭ تىرىشماسلىقىمىزغا سەۋەب بولسا بولمايدۇ. باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك سۈپەت بولمىغان كىشىلەرنى ھەرگىز باشقىلارغا باش بولىدىغان ئورۇنغا چىقارغىلى بولمايدۇ. ياپونلار ئېتىراپ قىلغان، تەلەپ قىلغان ئېسىل خىسلەتلەر بولمىغان كىشىلەر شىركەتلەردە يۇقىرى ئورۇنغا، مەمۇرىي ئورگانلاردا رەھبەرلىك ئورنىغا چىقالمايدۇ. يۇقىرى ئورۇنلار، رەھبەرلىك ئورۇنلار ئىسىللەرنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك. بۇ ئورۇنلارنى نىشان قىلغانلار چوقۇم ياخشى خىسلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك. يۇقىرى ئورۇنلار ياخشىلارنىڭ قۇلىدا بولغاندا تۆۋەندىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ناچار قىلمىشلار كۆرۈلسىمۇ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان مىسرالار: < ئارسلان باش بولسا، ئىتلار ئارسلاندەك بولىدۇ. ئىت باش بولسا، ئارسلان ئىتتەك بولىدۇ> بىلەن ئوخشاش. يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ياشلارنىڭ قىلمىشلىرى كۆزىمىزگە سىغمىغان، ياقمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ياشاش يولىنى پۈتۈنلەي ئىتىۋەتسەك بولمايدۇ. ئۇلارغا ياشاش يولى قالدۇرۇشىمىز لازىم. بولمىسا جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىدۇ.

باشقا كۈنى يەنە بىر بوۋاي گەپ قىلىپ بەردى. بىر كۈنى بوۋاينىڭ ئايالى: <كورېيە تائاملىرىنى يەپ كېلەيلىچۇ> دەپتۇ. بوۋاي قوشۇلۇپتۇ. ئايالى: <ياپونىيەدىكى كورېيە تائاملىرىنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن، كورېيەگە بېرىپ ئەسلى تەم بىلەن يەپ كەلمەمدۇق> دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ. بوۋاي بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئايروپىلان، ياتاقلارنى زاكاز قىلىپتۇ. ھەپتە ئاخىرىدا كورېيەگە بېرىپ تاماقلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، يەكشەنبە قايتىپ كېلىپتۇ. بوۋاي بۇ ساياھىتىگە قوشۇپ: <باشقا بىر قېتىم ئوساكاغىمۇ (ياپونىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر) مۇشۇنداق بارغان ئىدۇق. خىراجىتىمىز كورېيە ساياھىتىمىزدىن كۆپ قىممەت توختىدى. ياپونىيە نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت نېمە ئۈچۈن دۆلەت سىرتىدىكى ساياھەتتىن قىممەت؟>.

سۆھبەتتە ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ياپونىيەنىڭ باھاسى بىلەن چەتئەلنىڭ باھاسى ئەمەس، بەلكى شۇنداق تائام ئۈچۈن چەتئەلگە بېرىپ كېلىش شارائىتى بار، تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە تولۇق شارائىتى بار بوۋاينىڭ يەنە ۋاقتىنى ئاجرىتىپ مەكتەپكە كېلىپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ياپونچە ئۆگىتىش روھى بولدى. بوۋاي پۈتۈنلەي دەم ئېلىشتا ئەمەسكەن، ھازىرمۇ بىر نەچچە شىركەتتە تەكلىپ بىلەن خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. ئايدا بىر-ئىككى قېتىم خىزمەت بىلەن يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالارغا بارىدىكەن. ياپونىيەنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتقا ئېرىشىشى ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرىدا،شىركەتلەردە، مەكتەپلەردە، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا كىشىلەرگە باش بولۇپ، كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاپ ماڭالايدىغان يۇقىرىدا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ئېسىل خىسلەتلەرگە ئىگە يۇقىرى ساپالىق سەرخىللارنىڭ بولغانلىقىدا. بۇ ياپونلارغا خاس بولغان خىسلەت ئەمەس، بەلكى بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى سەرخىللارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان خىسلەت. بىر دۆلەت ياكى كىشىلەر توپىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ھۆكۈم قىلغاندا نىشان بىلەن تاللىغان يولىغا قاراش بىلەن بىرگە، سەرخىللارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىغا، نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىغا قارىساق ھۆكۈمىمىزنىڭ توغرىلىقى يۇقىرى بولىدۇ. بىزدىكى سەرخىللار تەرەققىي قىلغانلاردىكى سەرخىللارگە قانچە ئوخشىسا بىزدە ئۈمىد شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا خاتىرجەمسىزلەنسەك بولىدۇ.

خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر نەچچە شىركەتلەردە خىزمەتتە بولدۇم. بۇ جەرياندا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن سەرخىللارنى ھەممە يەردە كۆرۈپ تۇردۇم. ھازىر ئىشلەۋاتقان شىركىتىمنى مىسال ئالسام، بۆلۈم باشلىقىمىز ھەپتىدە پەقەت بىر كۈنلا دەم ئالىدۇ. دۆلەت بېكىتكەن قىزىل كۈنلەردىمۇ دەم ئالمايدۇ. ئىش ئالدىراش بولمىغان چاغلاردىمۇ ئەتىگەن سائەت 7يەتتە يېرىمدا خىزمەتكە كېلىپ، كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا قايتىدۇ. ئاغرىپ قالمىسىلا باشقا دەم ئېلىش يوق. شىركەت باشلىقىمىزنىڭ كۈنى بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر. ھەپتە يەتتە كۈن تۇلۇق خىزمەتكە چىقىدۇ. كۈندە ھەممىدىن كىيىن قايتىدۇ. يىلدا پەقەت ياپونلارنىڭ يازدا دەم ئالىدىغان ۋاقتىدا بىر نەچچە كۈن دەم ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم خېرىدارلارمۇ دەم ئېلىشى، يېڭى تەلەپلەر بولماسلىقى كېرەك. شىركەت باشلىقىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. خىزمەتچىلەر ماشىنىلىرىنى توختىتىش ئورنىغا ئۆلچەملىك توختاتتىمۇ، باجلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋاتامدۇ، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىۋاتامدۇ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن، بىر كۈنى مەن تېلېفون ئۇرغاچ ۋېلىسىپىتنى مىنىپ كېتىپ بارسام، مېنى توختىتىپ بۇنداق قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر كۈنى ماشىنىنى ئۆلچەملىك توختاتمىغان خىزمەتدىشىمىزگە بەك كايىپ كەتكەن.

شىركىتىمىزدە توختاملىق ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر بار. شىركەت باشلىقىمىز ئېنىق قىلىپ: <نېمىشقا توختاملىق خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيسىلەر؟ باجدىن قېچىش ئۈچۈنما؟> دەپ سورىغان. بۇ يەردە ئەسكەرتىش قىلسام، شىركەتتىكى رەسمىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن باج بىۋاسىتە تارتىلىپ ماڭىدۇ. توختاملىق خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەرگەندە باج تۇتۇپ قىلىنمايدۇ. ئۆزلىرى باج ئىدارىسىغا بېرىپ تاپشۇرىدۇ. تاپشۇرغاندا كىرىمدىن چىقىمنى چىقىۋېتىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئەگەر توختاملىق خىزمەتچى ئالغان كىيىملىرىنىڭ، ماڭغا يوللىرىنىڭ، ئىشلەتكەن نەرسىلىرىنىڭ تاپاۋەت ئۈچۈن لازىملىق خىراجەت ئىكەنلىكىنى باج ئىدارىسىدىكى مەسئۇللارغا ئىشەندۈرەلىسە بۇ خىراجەت قىسمىغا باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. دېمەك توختاملىق خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەندە تۆلەيدىغان باجنى ئازايتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شىركىتىمىزدىكى توختاملىق خىزمەتچىلەر بۇنداق جاۋاب بەرمىدى. شىركەت باشلىقىمىز بوشاپ قالمىدى. ئاخىرى ئاماللارنى قىلىپ توختاملىق خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى رەسمىي خىزمەتچىگە ئايلاندۇردى. رەسمىي خىزمەتچى بولسا شىركەتكە ئىقتىساد جەھەتتىكى بېسىم ئاشىدۇ، لېكىن شىركەت باشلىقىمىز باجلارنىڭ تولۇق تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ بېسىمغا رازى بولدى.

ئاخىرىدا گېپىمنى يىغسام، ياپونلارنى كۈچلۈك قىلغان ئېسىل خىسلەتلىك سەرخىللار. ئېسىل خىسلەتلەر ئۇلاردا تۇغما بولغان ئەمەس. بۇ خىسلەتلەرنى ياپونلار بېسىم ئاستىدا ئۇلۇغ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسى، مۇنتىزىم مائارىپ تەربىيەسى ئارقىلىق يېتىلدۈرگەن. بىزدە بۇ خىلدىكى سەرخىللار قانچە كۆپەيسە بىزدە ئۈمىد شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھەممىڭلارغا رەھمەت.

مەنبە: http://www.akademiye.org/

Share
1618 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.