logo

trugen jacn

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ 6‏-كىتابى «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» نەشردىن چىقتى

82658-erkin-2

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» نى تونۇشتۇرۇشقا بىغىشلانغان 6‏-قىسىم كىتابى يېقىندا نەشر قىلىندى.

ئاپتور بۇ كىتابتا چەتئەللەردە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 51 شەخسنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، بۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئۈلگە ۋە نەمۇنە ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سىدىق ئەپەندى، بۇ كىتابقا ئالاقىدار نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاب بېرىپلا قالماي، ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان كىتاب ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك مەسىلىسى توغرىلىق ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى بەش قىسىم كىتابىنىڭ ئۈچى «كىشىلىك تەرەققىيات»قا، بىرى «كۆڭۈلدىن كۆڭۈل سۇ ئىچەر»، يەنە بىرى «غالىپلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ساۋاتلىرى»غا ئالاقىدار مەزمۇنلاردا تۈپلەنگەن ۋە ھەر بىرى 1000 نۇسخىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/erkin-sidiq-01192017143738.html

Share
2153 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.