logo

trugen jacn

خەلقئارا جامائەت: دۇنيا ئىلھام توختى بىلەن بىللە

ball-443852_960_720 (2)

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر فوند جەمئىيەت ۋە باشقا ئالاقىدار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئىلھام توختىنىڭ نامزاتلىققا تاللىنىشى ھەمدە بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى. ئۇلار بىردەك ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە قامىۋېتىلگەن بولسىمۇ دۇنيانىڭ ھېچقاچان ئۇنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنى مۇكاپات نامزاتلىقىغا تاللىغان مارتېن ئەننالس ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى» 1993 – يىلى شىۋېتسارىيەدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ «نوبېل مۇكاپاتى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مۇكاپات خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى باش كاتىپى مارتېن ئەننالسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

مارتېن ئەننالس پۈتكۈل ھاياتىنى ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە بېغىشلىغان، شۇنداقلا خەلقئارادا تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن شەخس بولۇپ، 1991 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مۇكاپات 1994 – يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىپ كېلىنمەكتە.

مارتېن ئەننالس ۋەخپىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى مايكىل خامباتتا ئىلھام توختىنىڭ 2016 – يىللىق مۇكاپات نامزاتلىقى ئۈچۈن تاللانغانلىقىغا دائىر سوئاللار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇكاپات نامزاتلىرىنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىنسان ھەقلىرى مۇھاپىزەتچىلىرى ئۈچۈن بېرىلىدىغان مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى باشقىلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ئىنسان ھەقلىرى مۇھاپىزەتچىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نامزاتلار ئىسىملىكىنى تاپشۇرۇۋالىمىز. ھەرقانداق كىشى بۇ مۇكاپات ئۈچۈن نامزات كۆرسەتسە بولىدۇ. ئەمدى ‹مەزكۇر مۇكاپاتنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان ئامىل نېمە؟› دەپ سورىسىڭىز، بۇ مۇكاپاتنى ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان ئون تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان بىر باھالاش كومىتېتى باھالاپ چىقىدۇ. بۇ ئون تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ‹خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى›، ‹ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى› ۋە باشقا سەككىز ئورگان بار. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، بۇ مۇكاپاتنى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئومۇمىي تەسىرات ئېلان قىلىش پائالىيىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىلھام توختى بۇ يىل ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ بېكىتىلدى، قالغان ئىككىسى سۈرىيەلىك رازان زەيتۇنە ۋە ئېفىيوپىيەلىك ‹9 – رايون بلوگچىلىرى›، يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك ئۆلچەم دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى باھالاش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفېي رېچاردسون ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختىنى نامزاتلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىغا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق جازا بېرىلگەنلىكىنى خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىدا نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قېلىۋاتقىنى يوق. ئەمما دۇنيا ھازىر ئىسلام دىنىڭ رولى، مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر توپى بىلەن بولغان مۇرەسسە ئىشلىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئىلھام توختى پەۋقۇلئاددە مۇھىم شەخس سۈپىتىدە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە ھالدا تۇرۇۋاتقان ئاشۇ مۇسۇلمانلار توپىغا قارىتىلغان تۈرلۈك كەمسىتىشلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.»

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا بۇ يىلقى مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بەزى نامزاتلارنىڭ كۈچلۈك خەلقئارالىق تەسىرگە ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا مايكىل خامباتتا بۇ ھەقتە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېدى: «سۆزىڭىز ئورۇنلۇق، ئىنسان ھەقلىرى مۇھاپىزىتى ئۈچۈن جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇۋاتقان سانسىزلىغان ئىنسانلار مەۋجۇت. يەنە كېلىپ بۇ يىل بىز ناھايىتى كۈچلۈك نامزاتلارغا دۇچ كەلدۇق. مېنىڭچە باھالاش كومىتېتىنىڭ بىردەك ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ئۇنىڭ ئاددىيغىنە يوسۇندا ئۆز پىكرىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بولسا كېرەك. ئىلھام توختى پەقەت دۇنياۋى يوسۇندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى سورىدى، شۇنداقلا بۇ ھەقلەرنىڭ خىتاي تەۋەسىدە ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. پەقەت مۇشۇلار ئۈچۈنلا ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىندى. خەۋىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز ئوي – پىكرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بولۇشى لازىم.»

زىيارەت جەريانىدا مايكىل خامباتتا ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى دۇچار بولغان دىشۋارچىلىقلاردىن تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى كۆرۈۋاتىدۇ. بۇ ئىشلاردىن مېنىڭ خەۋىرىم بار. ئۇنىڭ گۆدەك پەرزەنتلىرى بار ئىدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلھامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: ئىلھام توختى قاماققا ئېلىنغان بولسىمۇ ئۇ يالغۇز ئەمەس. خىتاينىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بار سانسىزلىغان ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھەمدەم بولماقتا. بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىنى يېڭىۋاشتىن مۇزاكىرە قىلىشنى، شۇنداقلا بۇ دېلوغا يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىپ ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشىدىن خۇشال بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان سوفېي رېچاردسون خانىم بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قاتتىق بىر سىگنال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بۇ بېيجىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى كۈچلۈك بىر ساۋاقنى يەتكۈزىدۇ: ئەڭ ئالدى بىلەن پروفېسسور ئىلھام ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئوي – پىكىرلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. دائىرىلەر ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋەتكەن، شۇنداقلا قانۇنسىز ھالدا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىلھامنى يوقلىشىنى مەنئى قىلغان، شۇنداقلا خىتاي تەۋەسىدىكى دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنى بۆلگۈنچىلىك تەھدىتى دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر غەرب دۇنياسى سىز باياتىن تىلغا ئالغان مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىدەك مۇكاپاتلار ئارقىلىق خىتايدىكى بۇ ئەيىبلەشلەرنى بىردەك رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا مەسىلىگە خىتاي ھاكىمىيىتى قارىغاندەك قارىمايدۇ. بەلكى ئىلھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىر ئىجابىي ھەرىكەت دەپ چۈشىنىدۇ. گەرچە ئىلھام توختى تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ ئۆيلىرىگە بەند قىلىنىپ تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بۇ مۇكاپات ھەمكارلىقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبو ۋە خىتايدا قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش بەدەل تۆلەش، دېسەم قىلچە خاتا كەتمەيدۇ. تاشقى دۇنيادىكى ئىنسانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئىلھامنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئۇنتۇمايمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05212016103529.html

Share
1663 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.