logo

trugen jacn

خىتاي ۋەكىللىرى دۇق ۋەكىللىرىنىڭ بدت يىغىنىدىكى سۆزلىرىگە قارشى چىقتى

557f7b74-e3a6-43a6-a0ff-bdc13e66d198

ئەكرەم

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلغان. خىتاي ۋەكىللىرى ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەخت – سائادەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلابى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ كەڭ تىلغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك يىغىنى 15 – ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، 21 – ئىيۇندىن بېرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيەت 22 – ئىيۇن كۈنى يىغىندا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن مەلۇماتلار بېرىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي ۋەكىللىرى دەرھال ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت – سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن بەزى خەلقارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ بۇ يالغانچىلىقىغا رەددىيە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەنۋەدىكى بۇ يىغىنغا ھېلىمۇ قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/xitay-duq-bdt-06232015195234.html

 

Share
1412 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.