logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختاتسۇن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختاتسۇن!

مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسى

ئىمزا قويۇش چاقىرىقى:

Gulshen Abdukadir paylaştı: 28 Mayıs 2018 Pazartesi

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى:

ئىمزا قويۇش تور بېتى:

https://chn.ge/2L4ZVa9

https://www.change.org/p/united-nations-stop-china-from-burning-millions-of-uyghur-books

بۇرۇنقى مۇراجىئەتنامىلەر:

https://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

https://www.change.org/o/torchlight_uyghur_group

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يۈرىكى بولغان شەرقى تۈركىستاندا ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەلمىساقتىن تارتىپ مول  مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ئەنئەنىگە ئىگە زامانىۋى خەلقتۇر. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇپراققا تاجاۋۇز قىلغان 1949ـ يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ زېمىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېستىمىلىق ۋە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە كىملىك قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى بولماقتا. تۆۋەندە بىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىنى يىغىنچاقلاپ ئۆتىمىز.

  1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىتىلىشى: شەرقى تۈركىستان زىمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان 60 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنى ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىپ چىققان. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە يېزىق ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا خىتاي پىنيىن يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقلىرىنى دەسسىتىپ، بۇنى مائارىپ ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سىڭدۈرگەن. يەنە بىر قېتىمدا بولسا ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ھەتتا ئۇيغۇر ئائىلىلەردە قوللىنىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.
  2. ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە نەشىر بويۇملىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش. ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە بۇرۇن نەشىردىن چىققان دىنىي كىتابلار، تارىخى ۋە رومان ئەسەرلەر، شېئىر توپلاملىرى ھەتتا ماقالىلەرگىچە تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ چەكلەپ ۋە كۆيدۈرۈپ، بۇ ئەسەرلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار بۇنداق كىتابلارنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈشكۈرتكەن، مىللىي كىملىكنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنى تارقاتقان دېگەندەك باھانىلەر بىلەن يوق قىلىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۆزىگە بولغان تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇ تىپلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى ئىقتىسادى جازاغا ئۇچراشتىن سىرت يەنە 5ـ15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
  3. تالانتلىق ئۇيغۇر ئەدىب ۋە سەنئەتكارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بېرىلمىگەن. 2017ـ يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئابرويلۇق ئۇيغۇرلارنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە سادىقلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىرادىنامىلەرنى مەجبۇرى يوسۇندا يازدۇرۇپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلغان. بۇنداق ۋەدىنامە يېزىپ ئۆزىنىڭ پارتىيەگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشقا مەجبۇرلانغانلاردىن نۇقتىلىق ئۇيغۇرلار يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ئۇنۋىرسىتىت مۇدىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئىكەن.
  4. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا مىللىي كىيىم ـ كېچەك كىيىپ كېلىشىنى چەكلەپلا قالماستىن ئۇنى قانۇنسىزلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە سۆزلىشىش ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كېيىشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، بۇ خىل مەجبۇرلۇق ئاممىۋى پائالىيەتلەردە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملەر سەھنىلەردىن يوقاشقا باشلىغان. 2016- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشى» قالپىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئەرـ ئاياللىرىنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ بىر قىسمى ۋە نامايەندىسى بولغان ياغلىق ئارتىش، ساقال ـ بۇرۇت قويۇشتەك نورمال ھەرىكەتلەرنى تېرورچىلىقنىڭ بەلگىسى دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئاياللارنى قەستەن قىسقا ۋە ئوچۇق كىيىملەرنى كېيىشكە، ئەرلەرنى بولسا ساقال ـ بۇرۇتلىرىنى پاك ـ پاكىز ئېلىۋىتىشكە بۇيرىغان.
  5. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، تائام مەدەنىيىتىگە قارىتا، مۇسۇلمانلار يېيىشكە تېگىشلىك بولغان يېمەكلىكلەردە «ھالال» بەلگىسى بولۇشنى قانۇنسىزلىق دەپ جاكارلىغان ۋە 2017- يىلىدىن باشلاپ بۇ بەلگىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ساھەسىدە ئىشلىتىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتكەن. ئەسلىدە ئايرىم بولغان مۇسۇلمانچە ۋە خىتايچە كوللىكتىپ ئاشخانىلارنى زورلاپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ تاشلاشنى قەستلىگەن. ئۇيغۇرلار ئاچقان ۋە ھاراق ـ تاماكا سېتىلمايدىغان دۇكانلارنىڭ ئىگىلىرىنى ھاراق ـ تاماكا سېتىشقا زورلىغان ياكى بۇ دۇكانلارنى تاقاتقۇزۇپ، دۇكان ئىگىلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىغان.
  6. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاسسىملاتسىيە قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەجبۇرى يوسۇندا ئورۇنلاشتۇرغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇيغۇر ـ خىتاي ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى مەقسەت قىلىمىز دەپ جار سالغان بۇ سىياسەتكە ئاساسەن، خىتايلار ئۇيغۇرلار بىلەن زورلاپ تۇغقانلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئوخشىماسلىقلىرى نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىنغان. ئۇيغۇر ئائىلىرىگە بېۋاستە بۆسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىغىچە كۆز ـ قۇلاق بولىدىغان بۇ سىياسەتتە «قوشماق تۇغقانلار» كەم دېگەندە ئۇيغۇر ئائىلىرىدە بىر ھەپتە تۇرىدىغان بولغان.
  7. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئىسىملىرىنىڭ بولۇشىنى تۈپتىن چەكلىگەن ۋە كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسىملىرىنى يېڭىچە ئىسىملارغا ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن 28 ئىسىمنىڭ ئىچىدە «مۇھەممەد، ئىسلام، ئارافات» قاتارلىق ئىسىملار بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنلۇق توي خېتى بولغان «نىكاھ» پائالىيىتىنىمۇ يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇ چەكلىمىنى «رادىكاللىقتىن قۇتۇلۇش» دەپ ئاتىغان.
  8. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىم جايلارنى چېقىپ تاشلىغان ۋە ئۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى شەھەر سىرتى ۋە يېزىلارغا مەجبۇرى كۆچۈرىۋەتكەن. ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز ياكى پەقەتلا تۆلەم بېرىلمىگەن. بۇنىڭلىق بىلەن قەشقەر ۋە ئۇنىڭدىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدە تۇتۇپ كەلگەن مۇھىم رولىنى سۇسلاشتۇرماقچى بولغان.

يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەر جەھەتتىن قىسىلىش ۋە يوق قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسىلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەقسىزلىقلەرگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت قانخورلۇقىغا گۇۋاھ بولۇشى ۋە نەزىرىنى ئاغدۇرىشىنى ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

قېنى كېلىڭ، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىش يولىمىزدىكى كۆرەشلىرىمىزگە ئاكتىپ قاتنىشىڭ، تۆۋەندىكى مۇراجىئەتنامىگە قول قويغانلىق سىزنىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنىڭ بەلگىسى، كۆپ رەھمەت!

مۇراجىئەتنامىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ.

تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا ئىگە بولالايسىز.

https://www.facebook.com/torchuyghur/

https://twitter.com/torch_uyghur

http://blog.freedomsherald.org

http://freedomsherald.org/ET/unb/

مەشئەل ئۇيغۇر گورۇپپىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇراجىئەتنامىلىرىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ:

Share
1221 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.