logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى چەكلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

54a99c8b-495a-4f06-b66c-1da6d5fa575f

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىم سىياسەتلىرى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۇنىڭدا ئەڭ دىققەت قوزغىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ چەكلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى تەدبىرلەرنى «زامانىۋى مەدەنىيەت يارىتىپ، مۇقىملىق يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىق» دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بىراق، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەكلەش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. يېقىندا ئەنگلىيەدە نەشردە چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ئىقتىسادچى» گېزىتىدە ئۇيغۇر بالىلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىگە «شىنجاڭدىكى مائارىپ-باغلانغان تىل» ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، كىرىش سۆزىگە «ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىش شىنجاڭغا مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدۇ» دەپ يېزىلغان.

ماقالىنىڭ ئاپتورى قەشقەر كوناشەھەردىكى قوش تىللىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كوناشەھەردىكى بۇ مەكتەپتىكى سىنىپلاردا «مەن خىتايچە سۆزلىيەلەيمەن، مەن تولىمۇ قالتىس»، «مېنىڭ ۋەتىنىم جۇڭگو، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، ۋەتەن مېنىڭ يۈرىكىمدە» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ شوئارلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە كۆرۈش مۇمكىن ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى، ئېتنىك ئايرىمىچىلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى مانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈمىدى بىلەن يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە ئىجتىمائىي مەسىلە بارلىقىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پۈتۈن دىققىتىنى مىللەتلەر ئارا بۆلۈنۈشنى يوق قىلىپ، جۇڭگولۇق دېگەن كىملىكنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە ئۆگىتىشنى بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ۋاسىتە، دەپ قارىماقتا. 2011-يىلىدىن باشلاپ رايوندا «قوش تىل مائارىپى» كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنماقتا. لېكىن بۇنىڭ مەنىسى خىتايچە ئۆگىنىش، دېگەنلىك. نۇرغۇن مەكتەپلەر پەقەتلا بىر قانچە سائەت ئۇيغۇر تىلى دەرسى بەرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا دەرسلەرنى ئاساسەن خىتايچە ئۆگىتىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ سىياسەتنى تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى قارىماققا خۇددى كومپارتىيىنىڭ بالىلار شۆبىسىنى ئەسلىتىدىغان قوش تىل مەكتەپلىرىدىكى بۇ قىزىل گالستۇكلۇق ئەسكەرلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىنىمۇ چەكلەشتەك بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئاپتور يەنە قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مائارىپ سۈپىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. ئۇ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلغان بىلەن قوش تىلدا دەرس بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار خىتاي تىلىدا بالىلىرىنىڭ دەرس تولۇقلىشىغىمۇ ياردەم قىلالمىغانلىقتىن مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدە يەنە بىر مۇھىم نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتايچىنى شۇنداق ياخشى ئۆگەنسىمۇ بەرىبىر ئۇلارنىڭ خىزمەت تېپىشتا خىتايلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىزا ھاشمەتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ۋە ماقالىسىنى «ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى زورلاش ھەل قىلىش قېيىن بولغان مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدۇ» دەپ ئاياغلاشتۇرغان.

يېقىندا يەنە «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك ئايرىمىچىلىقلار يورۇتۇپ بېرىلگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنىڭ باشقا ماقالىلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغىنى، ئۇنىڭ يازغۇچىسى بېيجىڭلىق بىر خىتاي. ئۇ بۇ ماقالىسىنى قەشقەرنى ئۆزى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئۇ «خىتاينىڭ جىددىي غەربىي رايونىدىكى ياش مۇسۇلمانلار» دەپ ماۋزۇ قويغان ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان :

«دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار 17-ئىيۇندىن باشلاپ روزى تۇتۇشقا باشلىدى. بىراق شىنجاڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا. بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى سۆز قىلىپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىننىڭ چوقۇم «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە» ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى -خىزمەتچى، كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىدى.»

ئاپتور ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر خىتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ھەققىدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلىرى بارلىقىنى، چۈنكى دۆلەت ئاخباراتلىرىدا شىنجاڭنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە تەسۋىرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىگە بىۋاسىتە شاھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ ماقالىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق قوللۇق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، دىنىي يوسۇندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ئىپادىلىشىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ چەتكە قېقىپ، ھاڭنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزى قەشقەردە تونۇشقان بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى ھەر ئىككىسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولسىمۇ ۋە ئۆزىمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر ئوقۇغۇچى تۇرۇقلۇق، ئۆتكەن يىلى يەكەندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى يېغىۋالغان. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، مەكتەپنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىغا ۋە سىنىپ-ياتاقلارنىڭ ھەممىسىگە كامېرا ئورنىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكتەپتە ناماز قىلالمايدىغان، ھەتتا پۇتبول مەيدانىدا توپمۇ ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئاپتور يەنە، قەشقەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئادەتتە بايلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدىغان بىر بەلگىنىڭ بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە چەتئەلگە باغلانغان بولۇش گۇمانى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر تونۇشقان يەنە بىر ئۇيغۇر قىز بولسا، ئۆزى بېرىشنى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئامالسىز ئۇ مەكتەپتە بارالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئاپتور ماقالىسى داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك دىنىي ۋە مىللىي بېسىملار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغاندىن سىرت، قەشقەر قەدىمى شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا مۇشۇنداق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن، تىنچلىق بىلەن پىكىر بايان قىلغانلار جىمىقتۇرۇلغانلىقتىن ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-07072015140928.html

Share
1495 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.