logo

trugen jacn

خىتاي مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسىسى ئادرىئان زېنز بىلەن «لاگېرلار» ھەققىدە سۆھبەت

 

تۆۋەندىكىسى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» تاراتقۇسىنىڭ خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسىسى ئادرىئان زېنز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلپ بارغان سۆھبىتى.

مەخسۇس زىيارەت: خىتاي مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ئۈچۈن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» قۇرۇۋاتامدۇ؟ 

گېرمانىيە دولقۇنلىرى: ئىنگىلىزچە، خىتايچە

سوئال: سىزنىڭ شىنجاڭدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى نېمە؟
ئادرىئان زېنز: ھۆكۈمەت باياناتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان، يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ خىل خەۋەرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، توردىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ زىيارىتىگە دائىر ئۇقتۇرۇش، ھەتتا خامچوت دوكلاتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا مۇناسىۋەتلىك چىقىملار خاتىرىلەنگەن.

سوئال: خىتاي ئوچۇق قىلىپ، بىز بۇ يەردە بىر «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» قۇرۇۋاتىمىز، دەمدۇ؟
ئادرىئان زېنز: شۇنداق. ھەتتا «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»دىن ئىبارەت بۇ سىستېمىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ئۈچ قاتلاملىق باشقۇرۇلىدۇ: كەنت، يېزا، ھۆكۈمەت ياكى قامالغۇچىلار دىلو ياكى مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، بۇ سىستېمىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىر ئاز ياخشى چۈشىنىشكە بولىدۇ.

سوئال: بىرەر ئۇچۇر مەنبەسى بۇ تەدبىرنىڭ «مۇۋەپپىقىيەتلىك» بولغانلىقىنى چۈشەندۈردىمۇ؟
ئادرىئان زېنز: بار، بولۇپمۇ 2014- يىلىدىن باشلاپ 2016- يىلىغىچە بولغان ھۆججەتلەردە، نىسبەتەن تۈز ھالدا «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ماختالدى، ئۇ ۋاقتتا بۇ خىل تۈزۈم ئەمدىلا تەسىس قىلىنغان، تېخى مەلۇم نۇقتىلىق ياكى سەزگۈر كىشىلەر بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. مۇۋەپپىقىيەت نىسبىتىمۇ ئوچۇق ئېلان قىلىندى، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى بىر پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىلمىي دوكلاتىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان، مەزكۇر دوكلاتتا 600 گە يېقىن كىشىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا كىرىپ چىقىشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھۋاللار سېلىشتۇرۇلغان. نۇرغۇن كىشى «قايتا تەربىيە» قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئەتراپىدىكى تونۇشلىرىنىڭ بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە تەنقىد قىلىدۇ ياكى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. لېكىن تەھلىك ھۆججەتلىرى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇرلار بارغانسىرى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا خېرىدار چارقىرىش تۈرلىرى كۆپەيدى.

سوئال: «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا ئەۋەتىلگەن كىشىلەر سانىنىڭ كۆلىمىدە قانچىلىك تەۋرىنىش بار؟
ئادرىئان زېنز: مەن ئۆزۈمنىڭ دوكلاتىدا بىر تەۋرىنىش بوشلۇقى بەردىم. تۆۋەن سىزىق تەخمىنەن 200 مىڭ ئادەم، بۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتىلغان بىر رەقەم. بىز كونكېرت ئادەم سانىنى بىلمەيمىز، لېكىن ئەگەر ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇملاشتۇرۇساق، مەسىلەن كۆپ قاتلاملىق بايانلار، خىزمەت دوكلاتى دېگەندەك، بۇ نىسبەتەن تۆەن بىر قىممەت. ئۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ساقچىلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا قىلغان بايانلىرى بار، 5000 – 6000 كىشىلىك بىر «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى»دا كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش بوشلۇقىنىڭ ئىنتايىن تار ئىكەنلىكىگە ئىسپات بەرگەن كىشىلەرمۇ بار. بىزمۇ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» تۈرلىرىگە خېرىدار چارقىرىش ئېلانلىرىدىن لاگېرلارنىڭ كۆلىمىگە دائىرى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق، مەىسلنە ئۇخلاش رايونىنىڭ كۆلىمى دېگەندەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر ھۆججىتى بار، لېكىن نۆۋەتتە بۇ ھۆججەت دەلىللىنەلمىدى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھۆججەتكە ئېرشىكەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى ياپونچە نەشرى»دە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان رەقەم بولسا 892 مىڭ ئادەم، لېكىن شىنجاڭنىڭ بارلىق رايونلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەر ۋە ئۈرۈمچى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىگەن. مۆلچەرىمىزچە، پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىدا تەخمىنەن بىر مىليون 60 مىڭ كىشى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا سولانغان.

سوئال: سىز كىشىلەرنىڭ بۇ ئورگانغا ئەۋەتىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىنى بىلەمسىز؟
ئادرىئان زېنز: 2014 ۋە 2015- يىللىرى نىسبەتەن تەپسىلىي دوكلاتلار بار ئىدى. بايا دەپ ئۆتتۈم، كىشىلەر ئا دىن د غىچە تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلىسى ئېغىر بولغانلار ئۇ يەردە 20 كۈن تۇرىدۇ، مەسىلىسى بىر ئاز يىنىك دەرىجىگە ئايرىلغانلار تۆت، بەش كۈندە قويۇپ بېرىلىدۇ.

44292560_404

ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz)

سوئال: شۇنداق دېيەلەمدۇق، بىر نەچچە ئايلىق ياكى بىر نەچچە يىللىق قاماپ قويۇش ئەمەس؟
ئادرىئان زېنز: ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەستى، لېكىن ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. چېن چۈەنگو شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا قامالغۇچىلار سانى بىردىنلا ئېشىپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتىمۇ ئۇزاردى. بۇ جەھەتتە، بىز پەقەت گۇۋاھلىق سۆزى ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا تاينىمىز، رەسمىي ماتېرىيال يوق.
بىز بىلىدىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ ئاي ئىچىدە قويۇپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۆتمۈشتە ئىككى ھەپتە تۇتىلاتتى، كېيىن ئالتە ھەپتە بولدى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، بەزى كىشىلەر بىر يىلدىن كۆپ قامالغان، ھېچ قانداق ئۇچۇرى يوق. ئىلگىرىكى بەزى چەكلىمىلەر ئاللىبۇرۇن كۈچتىن قالدى.

سوئال: سىز بايا تىلغا ئالغان چېن چۈەنگوغا قانداق باھا بېرىسىز؟
ئادرىئان زېنز: ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق قوللار گوروھىدىن، 2011- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرىتارى بولغان، ھەمدە ئۇ يەردە ھەقىقى بىر ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ چىققان. شىنجاڭغا كېلىپلا ھامان ئوخشاش، ھەتتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. ساقچى سانى شىددەت بىلەن ئاشتى، ئىجتىمائىي كونتروللۇق كۈچەيتدى، مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيگە بېرىپ زىيارەت قىلىشى. لېكىن ھازىر، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ھەقىقەتەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى. گەرچە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ تىبەت رايونىدىمۇ بارلىقىنى بىلگىلى بولسىمۇ، لېكىن كۆلىمىنى ھەرگىزمۇ شىنجاڭ بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

سوئال: سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا سۈكۈت قىلىشىغا قانداق قارايسىز؟
ئادرىئان زېنز: تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، «يەرشارى ۋاقت گېزىتى» ساقچى كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېررورىزم تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. لېكىن، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» مەسىلىسىگە قەتئىي ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىدى. بۇمۇ مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي 2013- يىلى ماۋ زېدۇڭ تەسىس قىلغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بىر ئەھۋال ئاستىدا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» بەكراق يارا ئېغىزى بىلەن ئازابقا ئوخشايدۇ، چۈنكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىدا بۇ رايون ئىنتايىن مۇھىم، سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ چىقىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ.
خىتايلار بۇ تۈزۈمگە ياخشى باھانە تاپالماسلىقى مۇمكىن ھەمدە تاپالمايدۇ، چۈنكى ئۇ نورمال تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. غەربتە بىزنىڭمۇ بىخەتەرلىك سىتېمىمىز، نازارەت سىستېمىمىز، ئالاھىدە قىسمىمىز بار، لېكىن ئەدلىيە تەرتىپى بولمىغان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» باشقا بىر ئىش.

ئادرىئان زېنز(Adrian Zenz) خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭ رايونى ئاز سانلىقلار سىياسىتى مۇتەخەسىسى. ئۇ ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى. 

http://turkistantimes.com/uy/news-3030.html

Share
2218 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.