logo

trugen jacn

خىتاي قارىقاش قارىسايدا بىر ئائىلىنىڭ مەدرىس ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئۆيىنى تۈزلىۋەتكەن

20140217_281067

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0327-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇشۇ ئاينىڭ 17 – كۈنى قارىقاشنىڭ قارىساي يېزا ئارال كەنتىدە، بىر ئائىلىنىڭ ئۆيى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توپا قېزىش ۋە توپا ئىتتىرىش ماشنىلىرى بىلەن ئاغدۇرۇپ تۈزلىۋېتىلگەن. بۇنىڭغا، مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئۆز ئۆيىنى يەر ئاستى دىنىي ئوقۇتۇشقا بېرىپ تۇرغانلىقى سەۋەب بولغان. خىتاي تەرەپ ئۆينى تۈزلەشتىن ئاۋۋال ھەرقايسى كەنتلەردىكى دىنىي زاتلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشىنى مەزكۇر ئۆينىڭ ئەتراپىغا توپلىغان ۋە يەر ئاستى مەكتەپنى قوللىغۇچىلارنىڭ مۇشۇ خىل ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆي ئاغدۇرۇلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆي ئىگىسى ئەر ۋە ئايال قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان، ئۆيدىكى 3 نارىسىدە بالا بوۋا – مومىسىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىۋېتىلگەن بولۇپ، چارىسىز قولۇم – قوشنىلار ئۆي ئىچىدىكى بىرقانچە كېگىز ۋە ئورۇن – كۆرپىنى قۇتقۇزۇشقا ئاران ئۈلگۈرگەن، قازان – قومۇش ۋە پەردە – گەرنىز قاتارلىق قالغان لاۋازىمەتلەر توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/medris-03272015221322.html

Share
1654 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.