logo

trugen jacn

خىتاي ساقچىلىرى كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزا سۈك كەنتىدە ۋەقە چىققانلىقىنى دەلىللىدى

594792e8-a5fa-482b-a75f-0d7bc1f724c6

شۆھرەت ھوشۇر

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا ۋەقە چىققان، ۋەقە سەۋەبلىك يېزا ئەتراپى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان. يېزىغا كىرىپ چىقىش چەكلەنگەن، تەكشۈرۈش داۋامىدا ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىنى يىغىۋالغان

خەۋەردە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن، ئەمما مەزكۇر يېزىدا، ۋەقە چىقىشتىن ئاۋۋال خىتاي تەرەپنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنى بىر سايلىققا يىغىپ خىتاي دۆلىتى ۋە كومپارتىيىسىگە قارىتا ساداقەتمەنلىك قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، كېرىيە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى لەڭگەر يېزىسىنىڭ سۈك كەنتىدە ۋەقە چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/keriye-weqesi-04232015135319.html

Share
1421 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.