logo

trugen jacn

خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق 2 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 2 كىشى قولغا ئېلىنغان

240620152034192578442

خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق 2 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بىراق يەرلىك ئاھالە «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق يەنە 2 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر تېررورلۇق گۇرۇھىنى پاش قىلىپ، تېررورلۇق پارتلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، پىچاق، قولدا ياسالغان بومبا ۋە باشقا قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، گۇمانلىق 2كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق يەرلىك ئاھالە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 2 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە، توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ۋە 2 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە پەقەت ۋېنجۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر تېررورلۇق گۇرۇھى پاش قىلىنىپ، جۈمە كۈنى ئەتىگەن سەھەردە 2كىشى قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ كىملىكى، مىللىتى ۋە مۇددىئاسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

چەتئەل ئاخباراتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغانلىقى، قارشىلىق قىلغانلارنى « تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا لياۋنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە بىر بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ ئۆيدە تۇرۇشلۇق 4 ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن. ئۇلاردىن ئۈچەيلەن ئۆلۈپ، بىر ئايال ئېغىر يارىلانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-teror-07242015163301.html

Share
1517 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.