logo

trugen jacn

خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

 

ئەركىن

2015-u0226-pmj.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى خىتاينىڭ تۇنجى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى» بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدى. قانۇن لايىھىسىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدىكى تېررورلۇققا بېرىلگەن چۈشەنچە خىتاي لىبېرال قانۇنچىلىرىنىڭ پىكرىنى قوزغاپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

خىتاي قانۇنشۇناس جاۋ يۈەنمىڭ مەزكۇر لايىھىنى «بۇ قانۇندا تېررورلۇق بىلەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ پەرقى مەقسەتلىك ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن» دەپ قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھە چارشەنبە كۈنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەسمىي مۇزاكىرىسىگە قويۇلۇپ، قانۇن لايىھىسىنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن چۈشەنچىسىگە بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدىكى تېررورلۇققا بېرىلگەن چۈشەنچىدە ئوي پىكىر ياكى ئىدىيە تېررورلۇق بىلەن جازالىنىش ئوبيېكتى بولۇشتىن قالدۇرۇلغان.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېررورلۇق چۈشەنچىسىگە تۈزۈش كىرگۈزۈلۈپ، ئوي پىكىر ۋە ئىدىيە تېررورلۇق جىنايىتىدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن ئومۇمىي تەبىرىدە مەسىلە بار، ئۇنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسى دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىن پەرقلىنىدۇ

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى مۇنداق دېدى: بۇنى ئىلگىرىلەش دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئۇزۇندىن بېرى بۇنى مۇنازىرە قىلىپ كەلگەن. خىتاي تېررورلۇق مەسىلىسى ۋە تېررورلۇقنىڭ تەبىرى ھەققىدە دۇنياۋى مۇنازىرە باشلانغاندىن بۇيان، بۇنى مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتقانغا ئاز دېگەندە 15 يىل بولدى. شۇنىڭدىن بېرى خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆكۈمەتلەر خىتاي قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىغا قوشۇلماي كەلدى. خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى پۈتۈنلەي پەرقلىق. ئۇنىڭ بۇ قېتىم تېررورلۇق چۈشەنچىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى چوڭ ئىلگىرىلەش، دەپ قارىمايمەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ «جىددىي تېررورلۇق تەھدىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2014 – يىلى ئۆكتەبىردە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى» نى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى چىقىرىشتىكى مەقسىتىگە سوئال قويغان ئىدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن دەسلەپكى ئىزاھاتىدا «زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە تەھدىت ئارقىلىق ئىجتىمائىي پاراكەندىلىك پەيدا قىلىش، دۆلەتنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش، مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چېچىش، دۆلەتنى ئاغدۇرۇش ياكى پارچىلاشقا دائىرىسىدىكى ھەر قانداق سۆز، ھەرىكەت ۋە ئىدىيە تېررورلۇقتۇر» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن.

لېكىن قانۇن لايىھىسىنىڭ چارشەنبە كۈندىكى مۇزاكىرە نۇسخىسىدا تېررورلۇققا بېرىلگەن چۈشەنچە «زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە تەھدىت ئارقىلىق ئىجتىمائىي پاراكەندىلىك پەيدا قىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش، دۆلەت ئورگانلىرىنى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زورلاش دائىرىسىدىكى ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە قوللاش تېررورلۇق» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇن لايىھە جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنى رامكا ئىچىدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دېلىئۇس ئەپەندى، مەزكۇر قانۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى بوغۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، پىكىر قىلىشقا ئامالسىز قالغان خەلقنى تېخىمۇ قاتتىق زوراۋانلىققا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بولۇپمۇ يېقىنقى 4 – 5 ئايدىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان بارلىق ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ يېڭى تەدبىر مەزكۇر رايوندا ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار ھەر قانداق ھەرىكەتنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلمىغان. ئەپسۇسكى بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىغا ھەر قانداق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەر قانداق مۇنازىرىنى چەكلەپ، كىشىلەردىكى تېخىمۇ يار – يۆلەكسىز قېلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. كىشىلەردىكى يار يۆلەكسىز قېلىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشى ئۇلارنى رادىكاللاشتۇرىدۇ.

شۇڭا، بىزنىڭچە بۇ قانۇن زوراۋانلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. چۈنكى كىشىلەر، پىكىر بېرىشكە بولمىسا، سىياسەتكە ھېچقانداق تەسىرىمىز ئۆتمىسە، بىز قانداق قىلاتتۇق، دەپ سورايدۇ. ھېچ بولمىسا دائىرىلەر ئاڭلىمىسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى ئىپادىلىشىگە بىر قانال ئېچىپ قويۇش باشقا بىر مەسىلە. بولمىسا بۇ، كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.

دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق قانۇنى چىقىرىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بەلكى ئۇ، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلەرنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق.

دېلىئۇس: ياق، ئۇلار مېنىڭچە تېخىمۇ كۆپ قانۇن چىقىرىپ خەلقنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. لېكىن ئۇلار تېخىمۇ كەڭ قوللۇققا، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، نېمىشقا بۇ كىشىلەر زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىدۇ، دەپ سوراشقا ئېھتىياجلىق. لېكىن ھېچكىم بۇ ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى تىلغا ئالغىنى يوق. نېمىشقا بۇنچىلىك كۆپ ئۇيغۇر بۈگۈن ئۈمىدسىزلىك ياشايدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر زوراۋانلىق سادىر قىلىشقا باشلايدۇ؟ لېكىن ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سوراپ باقمىدى. مانا بۇ 1 – مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 1 – مارت «كۈنمىڭ ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا ئاشۇنداقلا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنە كۈچىيىشكە باشلىغان مەزگىلدە مۇزاكىرىگە قويۇلدى. گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەن 25 ئادەم ئۆلگەن.

17 – فېۋرال، باي ناھىيىسىنىڭ ياقائېرىق يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 4 ساقچى، 4 پۇقراسى ۋە 9 نەپەر پىدائىي ئۆلگەن. 16 – فېۋرال، قاغىلىق ناھىيەسىدە ساقچىلار دادا – بالا ئىككى ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 13 – فېۋرال، گۇما ناھىيەسىدە بىر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى دىنىي رادىكال كۈچلىرىنىڭ دىنىي تېررورلۇق ھۇجۇم، دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بىراق ھېچقاچان بۇ ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىشتىكى سەۋەبى، ۋەقەنىڭ تەپسىلىي، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ، خەۋەر بېرىشىگە يول قويماي كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-terorluq-qanuni-02272015073203.html

Share
1690 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.