logo

trugen jacn

خوتەن لايقا يېزا باشلىقى ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى

 

سەيشەنبە 26 – ماي كۈنى ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە، 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى خوتەن ناھىيسىنىڭ لايقا يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقىنىڭ 19 ياشلىق ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى.

شىۋېتسىيىدە تىزىمغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خوتەننىڭ لايقا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ 21 – ماي كۈنى، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇنغان 19 ياشلىق بىر ئۇيغۇر يىگىتنى تېپىۋېلىپ، ئۇنى يېزىلىق ساقچىخانىغا مەجبۇرىي سۆرەپ ماڭغان. ساقچىخانىغا 12 مېتىر قالغاندا، بۇ يىگىت يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ يېزا باشلىقىنىڭ قورساق قىسمىغا پىچاق سالغان، يېزا باشلىقى ساقچىخانىغا كىرىپ ئۆلۈپ قالغان. ئۇنى پىچاقلىغان ئۇيغۇر ياش كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

خەۋەردە يەنە ئۆلگۈچى يېزا باشلىقىنىڭ 12 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە ھۆكۈمەتكە سادىق، 50 ياشلاردىكى ئاكتىپ يېزا كادىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. رادىيومىز يەرلىك ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىدا، يېزىلىق ساقچىخانا ۋەقەنى دەلىللەپ، ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن يېزا كادىرىنىڭ لايقا يېزىسىنىڭ ۋاڭ فامىلىلىك مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇ قورسىقىغا پىچاق يىگەندىن كېيىن نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-layqa-yeza-05262015195504.html

Share
1512 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.