logo

trugen jacn

خوتەندە، سۈپەتسىز ئىچىملىك سۇ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولۇپ قالدى

de4ea24a-6268-4c58-a7f7-51b71694d859

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز ئالدى بىلەن خوتەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سۇ ئىشلار باشقۇرۇش پونكىتىدىكى بىر ئايال خادىمنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىدە پۇقرالار ئاساسەن قۇدۇق سۈيى ئىچىدۇ. تۇرۇبا شىركىتى قۇدۇق سۈيىنى پاكىزلاپ تەمىنلىسىمۇ، بىراق سۇنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بار. ئىچىملىك سۇ خوتەندە ئۆت ۋە بۆرەككە تاش چۈشۈش ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

خوتەنلىك ئايال: بىز سۈيىمىزنى يەر ئاستىدىن تارتىمىز. يەر ئاستىدىن توك ئارقىلىق تۇرۇبىدا تارتىپ، كۆلگە چىڭقاپ، ئىككى كۆلىمىز بار، ئىككى كۆلدە تىندۇرۇپ، دىزىنفىكسىيەلەپ ئاندىن يوللايمىز.

مۇخبىر: سۇنىڭ تەركىبىگە قويغان بىر ئۆلچەم بارمۇ؟ مەسىلەن، سۇنىڭ تەركىبى مۇنداق بولۇشى كېرەك، شۇ ئۆلچەمگە يەتسە تەمىنلەشكە بولىدۇ، دەيدىغان؟

ئايال خادىم: تەپسىلىي سان- شىفىرلارنى مەن بىلمەيمەن. لېكىن سەھىيە پونكىتىدىن ئېلىپ بارىدىغان ھەر خىل تەكشۈرۈشلىرىمىز بار. شۇلار كېلىپ تەكشۈرۈپ، سۇنىڭ ئۆلچەملىك -ئۆلچەملىك ئەمەسلىكىنى، ئىچىملىككە لايىق-لايىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئەمدى ماۋۇ دېھقانلارغا ئۆستەڭ سۈيى يەنى ئېقىن سۇ بېرىلىدۇ. لېكىن، شەھەر ئىچىگە قۇدۇق سۈيى بېرىلىدۇ. ئەسلىدە شەھەردىكىلەر ئۆتتىكى تاشنى قۇدۇق سۈيى پايدا قىلىۋاتىدۇ، بىزگىمۇ ئېقىن سۇ بەرسۇن، دەپ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، لېكىن سۈيىمىزنى پاكىز ئەمەس دەيدىغان گەپ يوق. سۈيىمىزدە ھېچقانداق نېمە يوق. لېكىن شەھەر ئىچىدىكى خەلقنىڭ بىزگىمۇ ئېقىن سۇ بەرسە، بىزمۇ شۇ ئېقىن سۇنى ئىچسەك سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىقتى، دەيدىغان تەلىپى بار. لېكىن بىزنىڭ باشلىقلارنىڭ گېپىچە، بۇنىڭغا خېلى كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا مەبلەغ چىقىرالمايمىز، دەپ، شۇنىڭغا قىسىلىپ بۇنى ھەل قىلالماغلىق.
مەنمۇ سۇ يوللاش ئىشچىسى مۇشۇ قاراقاشنىڭ، بىزمۇ بولسا ئېقىن سۇ ئىچسەك ياخشى، دەپ ئويلايمىز.

مۇخبىر: نېمىشقا ئېقىن سۇ ئىچسەك ياخشى، دەپ ئويلايسىلەر؟

ئايال خادىم: خەلقنىڭ شىكايەت قىلىشى شۇ، خوتەندە ئۆتتە تاش، بۆرەكتە تاش يامان جىق ئاۋۇپ كەتتى ھازىر. چەينەكتە سۇ قايناتساق، چەينەكنىڭ تېگىدە لاتقا تۇرۇپ قالغاندەك لاي تۇرۇپ قالىدۇ. شۇڭا، يەرنىڭ تېگىدىن تارتقان سۇ ئۆتتە تاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئېقىن سۇ ئىچكەنلەردە مۇنداق تاش بولمايدىكەن، دېگەن قاراش بار.

مۇخبىر: ئاڭلىساق، خوتەندە تۇرۇبىلاشتۇرۇۋېتىپتىغۇ پۈتۈن دېھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ؟

ئايال خادىم: شۇنداق، ھەممىسى تۇرۇبىلىشىپ كېتىگلىك. لېكىن تۇرۇبىلىشىپ كەتكەن بىلەن يېزىلاردا ئۆستەڭ سۈيى بېرىگلىك. ئاشۇ نېمىدىن كەلگەن ئۇلۇغ ئاتىنىڭ ئېقىن سۈيىنى بېرىگلىك. لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردە يەر ئاستىدىن تارتقان قۇدۇق سۈيىنى بېرىگلىك.

مۇخبىر: خوتەنگە شەھەر ۋە ئەتراپىغا قۇدۇق سۈيى بېرىدۇ، لېكىن ناھىيە ۋە يېزىلاردا سۇنى كۆلگە يىغىپ، ئۇنى تىندۇرۇپ بېرىدۇ، رەسمىي دىزىنپىكسىيە قىلمايدۇ، دەيدىغۇ؟
ئايال خادىم: بىزنىڭ بۇ يەردە تازىلاپ، دېزىنپىكسىيە قىلىپ بېرىمىز. يېزىلاردا دېزىنپىكسىيە قىلمايدۇ، دەپ ئۇنداق دېيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم ئۇنى. ئەمدى يېزىلاردا دېھقانلار شۇنداق ئىنكاس قىلغان بولسا، شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ماۋۇ شەھەر ئىچىدىكىلەرنى، مۇشۇ پۈتۈن قاراقاش ناھىيەسىنى تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىزنىڭ سۈيىمىز ئەمدى ئۆلچەمگە لايىق.

مۇخبىر: پۈتۈن خوتەندە ئۆلچەمگە لايىق، بىخەتەر سۇ ئىچىدىغانلار 700 نەچچە مىڭ ئادەم دەپ يېزىپتىكەن. دېمەك، بۇ خوتەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك بۇ؟
ئايال خادىم: خوتەن شەھىرىنىڭ بەلكى بىزنىڭكىدىنمۇ ياخشىراقتۇر، بىراق يېزىلارنىڭكىدە قانداقكىن مەن ئۇ يەرلەرگە بېرىپ باقمىغان ئۇقمايمەن. بىزنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە، بىز ئىشلەيمىز، بۇ يەردە تازىلاپ، ئۆلچەمگە لايىق قىلىپ يوللاغلىق.

نۆۋەتتە، خىتاي ب د ت نىڭ گب5749 ناملىق ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۆلچەم تۇرمۇشتىكى ئىچىملىك سۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن خەلقئارا بىخەتەرلىك ئۆلچىمى. بۇ بەلگىمىدە ھەر بىر لىتىر ئىچىملىك سۇنىڭ تەركىبىدىكى ئارسىن، كرىمنېي قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارى 01.0 مىللىي گرام، كادۇمىينىڭ مىقدارى 005.0 مىللىي گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان.

بىراق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بىردەك ئەمەس. خوتەن ناھىيەسىنىڭ بىر سۇ ئىشلار كادىرى مەزكۇر ناھىيەدە تىندۇرما كۆل سۈيى ئېچىدىغان ئەھۋال قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىچىملىك سۇدا قايسى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدىغانلىقىغا جاۋاب بەرمىدى.

سۇ كادىرى: بىزنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە باشقا 7 ناھىيەگە قارىغاندا تاغلىق يېزىلاردىن باشقا ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ئاساسەن ھەل بولدى. بىز 1995‏- يىلى باشلىغان بۇنى. بىزنىڭ تاغلىق رايونلارنىڭ ئەھۋالى چالا قالدى. قالغان يېزا-بازارلارنىڭكى ماۋۇ قېتىم 13‏-5 يىللىق پىلانغا يوللىغاندا قانچىلىك ئادەمنى يوللىدۇقكىن. بىزنىڭ ناھىيەدە 11 يېزا-بازار بار. بىزنىڭ ناھىيەدە بىر بازار، 7 يېزىنىڭ سۇ مەسىلىسى ھەل بولۇپ بولدى. ماۋۇ لاڭرۇ، قاشتېشى دەپ ئىككى تاغلىق يېزا قالدى. بۇ يېزىلاردا بىر ئائىلە بىلەن يەنە بىر ئائىلىنىڭ ئارىلىقى 2 كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا ئۇلارغا كۆپ پۇل كېتىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىشى 13-5 يىللىق پىلانغا قېلىپ قالغان 2016‏- يىلغا قەدەر.

بىزنىڭ 1995‏- يىلى باسقان تۇرۇبىلىرىمىزغا 15-16 يىل بولۇپ قالغاچقا ھازىر سېسىپ كېتىپ، تۇرۇبىلارنى ئالماشتۇرۇرىدىغان مەسىلە بار شۇ.

مۇخبىر: تۇربىلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئىچىملىك سۇ رەسمىي ئۆلچەمگە توشمايدۇ، چۈنكى بۇ كۆلگە تىندۇرۇلۇپ كۆلدىن تارقىتىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دەيدىغۇ؟
سۇ كادىرى: بىزنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە كۆلدىن تىندۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلار يوق، ئەمدى باشقا ناھىيەلەردە بولۇپ قالسا قانداق ئۇنى بىلمىدىم. بىراق بىزنىڭ ناھىيەدە ئاساسەن سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان ئورۇن بار. ئاشۇ ئىدارىلەر تەكشۈرۈپ، ئاندىن سىرت بىز نۇرغۇن پۈك خەجلەپ، 6-7 بازارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلەشمە سۇ زاۋۇتى قۇرغان. ئاشۇ سۇ بىلەن بىزنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە ئۇنداق-مۇنداق سۈپەتسىز سۇنى دېھقانلارغا بېرىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. كۆل سۈيىنى بېرىدىغان ئىش يوق. مەسىلەن، دەريادىن سۇ ئالساقمۇ نەچچە مىليونغا ئالغان ئەسۋاپلىرىمىز بار. شۇ ئەسۋاپلاردا تازىلاپ، مەخسۇس سەھىيە پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئادەم چىقىپ كۆرۈپ، بۇنىڭ سۈپىتى رەسمىي ئۆلچەمگە يېتىپتۇ، دېگەندىن كېيىن تارقىتىمىز.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ ناھىيەنىڭ ئادەتتىكى نورمال ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمى قانداق؟ يەنى تەمىنلەۋاتقان سۈيىڭلارنىڭ ئىچىملىك ئۆلچىمى؟
سۇ كادىرى: بىزنىڭ خوتەن ناھىيىسىدە ماۋۇ ئىچىملىك سۇنى باشقۇرىدىغان بۆلۈم باشقا ئىدى. ئۇنى سەھىيە پونكىتى تەكشۈرۈپ قىلاتتى. ئۇنىڭ نەچچىلىك چىقىدىغانلىقىنى باشقا بۆلۈمدىكى بالىلار قىلاتتى. ماۋۇنى مەن تازا ئۇقمايدىكەنمەن.

مۇخبىر: بولىدۇ ئەمىسە، ماقۇل. مۇھتەررەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا قاراقاش، خوتەن ناھىيەلىرىدىكى سۇ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ كادىر ۋە خادىملىرىنى زىيارەت قىلىپ، خوتەندە بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىگە ئالاسقىدار ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلەشتۇق. بۇ پروگراممىنى ئەركىن تەييارلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/xoten-ichimlik-su-02022015151619.html

Share
1801 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.