logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەسلىكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

guzelnur-ilham-toxti-sot-urumchi

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

18-فېۋرال تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاش تەلەپلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى ۋە ئاتۇشتىكى قېرىنداشلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنى يوقلىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى قېرىنداشلىرى ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغاندا، تۈرمە دائىرىلىرى تۇيۇقسىز يەنە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئىلھام توختىنى يوقلاشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە تېلېفون قىلىپ، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھام توختىنى يوقلاش رۇخسىتىنى تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغان بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى، تۋىتېر ئارقىلىق يوللىغان ئۇچۇرىدا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلىشىنى بىكار قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ دېيىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى ئاكىسى 18-فېۋرال ئۈرۈمچىگە بارغان، ئەمما 1-تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ. ئىلگىرى دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم يوقلاشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە بۇنى ئىجرا قىلماسلىقى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى تۈرمىدە ياتقان، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ كېلىشى. ئەمما ئىلھام توختى ئادەتتىكى مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇپتۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاش كېرەك.»

دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىبارەت بىر مەھبۇسقا بېرىلگەن ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلىشى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش تورى» نىڭ ساھىبى يا شۆچاۋ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنى يوقلاش رۇخسىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە 24-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يا شۆچاۋ خانىم مۇنداق دېدى:«ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھوقۇقىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. مانا ئەمدى ئۇنى مەھبۇسلار بەھرىمەن بولىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلاردىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ. مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا توختاملىق خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئايالى گۈزەلنۇر ئېغىر روھى بېسىمدا قالغاندىن باشقا، 3500 سوم مائاشى بىلەن بېيجىڭدەك ئىستېمال چىقىمى يۇقىرى شەھەردە بالىلىرىنى بېقىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاش كېرەك. شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ماقالەمنى ئېلان قىلدىم.»

ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 15 يانۋار تۇتقۇن قىلغان، 2014-يىل 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قاراتقان ئىنسانپەرۋەرلىكتىن پۈتۈنلەي يات بولغان شەپقەتسىزلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىپ، چاغان مەزگىلىدە ئىلھام توختىنى يوقلاش رۇخسىتىنى بىكار قىلىشى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن يا شۆچاۋ خانىم ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى يولۇقۇۋاتقان ۋەزىيەتتىن جىددىي ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئى مۇنداق دېدى: «دائىرىلەرنىڭ قاتتىق تەقىب قىلىشى ۋە ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە بىز ھازىر تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئۇنىڭ بېيجىڭدا 2 بالىسىنى ئازغىنا مائاشى بىلەن بېقىۋاتقان ئايالى گۈزەلنۇر ئېغىز روھى ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئىچىدە ياشىماقتا. بۇ ئەھۋاللار ھەممىمىزنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02242016150738.html

Share
1667 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.