logo

trugen jacn

تۇنيۇقۇق: بىر يولغا ئۈچ نۇقتىنەزەر

بىر يولغا ئۈچ نۇقتىنەزەر

تۇنيۇقۇق

 

 ئونبىرىنجى  ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاقساراينىڭ سابىق ھەربىي ئىستىرادىگىيە مەسلىھەتچىسى، پىرىزدىنت مەسلىھەتچىسى باننون ياپونىيەدە بىر قىتىملىق لىكلسىيە سۆزلىدى. تۆۋەندە باننوننىڭ لىكسيەدىن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلارنى ۋەت مۇناسىۋەتلىك تەھلىللەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايدا 2035- يىلى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت بولىدىغانلىقى، 2050- يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ دۇنياغا باشلامچى رەھبەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بەش جەھەتتىن ناھايىتى ئېنىق كونكىرىت ئۇچۇرلارنى بەردى.

1- 2025 پىلانى. بۇ پىلاندا خىتاي دۇنيادىكى 10 خىل سانائەتنى قولىغا ئالماقچى. ئۇنىڭ ئىچىدە 3 خىل سانائەت كومپىيوتىر ئۆزەك سانائىتى، ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەر بولۇپ، بۇلار جۇڭگونىڭ 21- ئەسىردە پۈتۈن دۇنيانىڭ سانائەت ئىگىلىكىنى كونتىرول قىلىشىغا پايدىلىق.

2- بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسى. بۇ ئىستىرادىگىيە جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىستىرادىگىيەسىنىڭ يادروسى. پەقەت مۇشۇ ئىستىرادىگىيەلا ھەقىقىي تۈردىكى جۇغراپىيەلىك كىڭەيمىچىلىك ھىسابلىنىدۇ. ئەمما 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بىيجىڭدا تۆت كۈنلۈك داۋاملاشقان دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر چوڭ قۇرۇلتىيى، ئوخشاش كۈندە بىيجىڭدا ئىچىلغان “ دۇنيا ئىنتىرنىت دۇنياسى يىغىنى“ ۋە بۇندىن كىيىن ئىچىلىدىغان ئاللىقانداق دۇنياۋى يىغىن قاتارلىقلار يۇمشاق كۈچ كىڭەيمىچىلىكى ھىسابلىنىدۇ. قاتتىق كۈچ دىگىنى ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچنى كۆرسەتسە، يۇمشاق كۈچ دىگىنى مەدەنىيەت قارىشىقىممەت قارىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىستىرادىگىيەنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك يىرى بولسا20- ئەسىردىكى ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەت نۇقتىنەزىرىنى بىر پۈتۈن مۇكەممەل گەۋدىگە ئايلاندۇرغانلىقىدا دەپ قارىساق بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەت نۇقتىنەزىرى بولسا:

بىرىنجى- دۇنيا ئارىلى نۇقتىنەزىرى. بۇ جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناس مەككىندىر 1902- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىنەزەر. دۇنيا ئارىلى دىگەندە ياۋرو- ئاسىيا، ئافرىقا قۇرۇقلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ”كىم دۇنيا ئارىلىدىكى تۈگۈنلەرنى ئىگەللىسە، شۇ دۇنيا ئارىلىنى ئىگەللىگەن بولىدۇ. كىم دۇنيا ئارىلىنى ئىگەللىسە شۇ دۇنيانى ئىگەللىگەن بولىدۇ“ دىگەن. دۇنيا ئارىلىنىڭ تۈگۈنى، مەركىزى بولسا شىمالىي كەڭلىك پاراللىل سىزىقى 60 گىرادۇستىن 30 گىرادۇسقىچە بولغان مۆتىدىل بەلۋاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەتراپىنى كۆرسىتىدۇ. يىپەك يولىمۇ شۇنىڭ ئۈستىدە. دۇنياۋىي ئىستىلاچىلار نىڭ ھەممىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلەتتى. شۇڭا شەرقتىن قوزغالغان ھونلار، تۈكلەر، موڭغۇللار غەربكە قاراپ يۈرۈش قىلغان. غەربتىن ئالىكساندىر ماكىدونى، چار پادىشاھ پىتىر، ناپالىيون قاتارلىقلار غەرپتىن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلغان.مەككىندىر بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گىتلىرمۇ بۇ نۇقتىنەزەرنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. بۇ ئىستىرادىگىيەنىڭ زامانىمىزدا ئەمەلگە ئىشىش شەرتى تۆمۈر يول ئىدى، ھازىر خىتاينىڭ تۆمۈر يولى كۈندە ئىككى يول ئۈرۈمچىدىن ياۋروپاغا قاتنايدۇ. بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسىدىكى يىپەك يولىدا دۇنيا ئارىلىنىڭ مەركىزى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن بىر رىلىس ئۈستىدە ئەنە شۇنداق باغلىنىدۇ.

ئىككىنجى- دىڭىز ھوقۇقى نۇقتىنەزىرى. يەنە بىر جۇغراپىيەلىك سىياسەتشۇناس، دىڭىز ئارمىيە گىنىرالى ماخان دىڭىز – ئوكياندىكى ئاساسلىق دىڭىز يوللىرى زور دەرىجىدە تىجارەت ئۈنۈمى يارىتالايدۇ. كۈچلۈك بولغان دىڭىز ئارمىيەسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ چىگرا ئاتلاپ دۆلەت ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان دىڭىز ئارمىيەسى ۋە يىتەرلىك سودا كىمىلىرى ئارقىلىق پورتلارنى ئىگەللەش كىرەك دەپ قارايدۇ. ئامرىكىنىڭ جەنۇبى دىڭىزدا ئىككى قات دىڭىز مۇداپىيە زەنجىرى بار بولۇپ، تاشقى زەنجىر ئۈزۈلسە چوڭ زىيان كەلتۈرۈشى ناتايىن. ئەمما كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىندىن شەكىللەنگەن دىڭىز يولى زەنجىرى ئۈزۈلسە، ئامرىكىنىڭ پاسىبانلىق ئورنى تەۋرەپ كىتىشى ئېنىق. ياۋرو- ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بوغۇزى جەنۇبى دىڭىز بىلەن سۇۋەيىش قانىلى. شۇڭا خىتاينىڭ جەنۇبى دىڭىز، پارس قولتۇقى، جىبۇتى قاتارلىق جايلاردا دىڭىزدىن يول ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاينىڭ جەنۇبى دىڭىز ئاراللىرىنى تالىشىشى، دىڭىزدىكى يىپەك يولى ئىچىشى، نىپال، بىنگال ئارقىلىق ھىندى دىڭىزىغا، قەشقەر- پاكىستان تۆمۈر يولى ئارقىلىق ئەرەب دىڭىزىغا چىقماقچى بولىشى دەل مۇشۇ جەنۇبى دىڭىزدىكى ئامرىكا ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئۈچىنجى- چەت بەلۋاغلار نۇقتىنەزىرى. بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئامرىكىلىق جۇغراپىيەلىك ئىستىرادىگىيە تەتقىقاتچىسى سىپايىكمەن. بۇ نۇقتىنەزەر ئاساسلىقى ياۋروپا دىڭىز بويى رايونلىرى، ئوتتۇرا شەرق قۇملۇق رايونلىرى، ئاسىيا دىڭىز بويى رايونلىرى قاتارلىقلارنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق سىرتتىن دىڭىز قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، قۇرۇقلۇقتىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىنىڭ دىڭىز يولىنى قامال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي ھازىر قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىز يولى ئارقىلىق قانات يايدۇرىۋاتقان يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى دەل يۇقارقى ئۈچ خىل جۇغراپىيەلىك سىياسەتنى ئۈنۈملۈك ھالدا مۇكەممەل بىرلەشتۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ.

3- ئىش بولسا G 5 تورنىڭ ئىلان قىلىنىشى. خىتايG 5 تور جەھەتتە ئامرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كۆپ ئالدىدا. ئەگەر خىتايG 5 تورنى ئوموملاشتۇرۇشنى باشقا دۆلەتلەردىن بۇرۇن تاماملىسا، ئۇنداقتا ئۇلار تېخنىكا نوپوزى جەھەتتىن بىر بالداق ئۈستۈن ئورۇننى ئىگەللىگەن بولىدۇ.

4- پۇل- مۇئامىلە تېخنىكىسى. جۇڭگۇنىڭ ھازىر غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە ئالدىدىكى بىر ئاجىزلىقى ئۇلار خالىسا جۇڭگونى دۇنيا ئىقتىسادى بازىرىدىن تېپىپ چىقىرىۋىتەلەيدۇ. ئۇلار خالىسا خىتاينىڭ شىركەتلىرىنى چەكلەيدۇ ياكى ئۇنىڭ بانكىلىرىنى دۇنيا ئوبوروت بازىرىدىن ھەيدىۋىتىدۇ ياكى ئۇنىڭ چوڭ بانكىلىرىنى دۇنيا ئىقتىسادى بانكىلىرىدىن ئايرىۋىتەلەيدۇ. ئەمما ھازىرقىدەك تۇرىۋەرسە 5-10 يىلدىن كىيىن پۇل- مۇئامىلە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ خىل ئىھتىماللىق پۈتۈنلەي يوقاپ، ھىچكىم خىتاينى دۇنيا بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىۋىتەلمەيدىغان بولىدۇ.

5- خىتاي پۇلى ئامرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ دۇنياۋى ئوبوروت پۇلى قىلىش. بۇنداق بولغاندا دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ، ئەڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسى. ئىقتىساد، يۇمشاق كۈچ، تېخنىكا قاتارلىقلارنىڭ بولىشى دۇنيا خاراكتىرلىك چوڭ ھوقۇقنى ئىگەللەشكە يەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ. جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيىتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خوجا بولغىلى بولىدۇ.
باننون ۋە ئۇنىڭ لىكسىيەسىنىڭ يەشمىسى تۈگىدى. بۇلاردىن سىز يىپەك يولىنىڭ جاھانگىر دۆلەتلەرگە نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى، يىپەك يولى ئۈستىدە ياتقان ۋەتىنىمىزنىڭمۇ خىتايغا نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ يولنىڭ مۇقىملىقى، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ يەنە قانداق تالاپەتلەرنى تارتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ بۇ قەدەر زورىيىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئىككى قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا جاھانگىرلىرىنى دۇنياغا خوجىلىق قىلىش ئورنىدىن چۈشۈرۈپ، ئامرىكىغا بىقىندى ھالەتتە كەلتۈردى. سوتلىيالىزىم لاگىرى بولغان سوۋىت ئىتتىپاقىغا يەمچۈك بولماسلىق ئۈچۈن، ياۋروپا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامرىكا بىلەن بىرلەشتى. ئامرىكا ۋە ياۋورپا سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يىمىرىپ پارچىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامرىكا بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولۇپ قالدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا ئەندىزىسىدىن يەككە قۇتۇپلۇق، بىرلا دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئەندىزىسىدە ياۋروپا ئامرىكىغا بىقىندى بولۇپ قالدى. ياۋروپا بۇ خىل پاسسىپ ھالەتنى ياقتۇرمايدۇ –ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۇنيا سودا- ئىقتىساد ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى كۈچلەندۈرۈپ، كۆپ قۇتۇپلاشقان بىر خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى ۋە قوغداپ قالماقچى ئىدى. 70- يىللاردا ئامرىكا جۇڭگو بازىرىنى غەربكە، ئامرىكىغا ئاچساق، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىشىشى، ئەركىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىلەن جۇڭگونىڭ دىموكراتىيەلىشىشىمۇ ئالغا سىلجىپ ماڭىدۇ دەپ ئويلىغان. ھازىرقى خىتاينىڭ مۇستەبىت، ھاكىممۇتلەق سىياسىي ئەمەلىيىتى بولسا ئامرىكىنىڭ ئەجەللىق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئەجەللىك خاتالىق ئامرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلارنى ناھايىتى قىيىن بىر شارائىتقا مەھكۇم قىلدى.

بۇنداق بولغاندا كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولغان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سىلىپ، شۇ دۆلەتلەردە زاۋۇت قۇرىدۇ. سودىگەرلەر بۇ ئارقىلىق كۆپلەپ پۇل تاپىدۇ. ئەمما خەلقئارا ئەركىن سودا يەنە شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشسىز قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايلار بەك باي، كەمبەغەللەر تېخىمۇ كەمبەغەللىشىپ كىتىدۇ. ئامرىكا ۋە چۇرامپ بولسا بۇ خىل خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە باشقا دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى ۋە سودا مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك خالىغانچە زومىگەرلىك قىلالمايدۇ. شۇڭا ئامرىكا ھازىر خەلقئارالىشىشقا قارشى. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو بىرلەشسە، ئامرىكا ھىندىستاننى يۆلەۋاتىدۇ. ھىندىستاننى ب د ت تىنىچلىق يىغىنىدىكى ئامرىكا جۇڭگوغا سىتىپ بەرمىگەن تېخنىكىلىرىنى ھىندىستانغا يىرىم باھادا سىتىپ بىرىۋاتىدۇ، ئىلغار قۇراللارنى سىتىپ بىرىۋاىتىدۇ. 19 – قۇرۇلتاي ئاياغلىشىپ، جۇڭگو 2050- يىلىغا بارغاندا ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ئەتىسىلا ئامرىكا ھىندىستانغا F16,F18قاتارلىق كۆرەشچى ئايروپىلانلارنى سىتىپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چىگرا تالىشىپ مۇناسىۋەت قاتمال ھالەتتە تۇرغان بۇ بىر يىلدا ئامرىكىنىڭ ھىندىستاننى ھە دەپ قوللاپ بىرىشى جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئىلىش، ئۇنىڭ بىلەن كۈچىيىشىپ كىتىشىنى چەكلەش، شۇنداقلا 11- ئايدىكى چۇرامپنىڭ خىتاي زىيارىتىدە سودىلىشىدىغان پىچكىلارنى كۆپەيتىش رولىنى ئوينىدى.
2016- يىلىدىكى سايلامدا چۇرامپنىڭ پىرزدىنت بولىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىكىنىپ چىقىشى مەلۇم مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ ئىككىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل بولسا جۇڭگو. جۇڭگونىڭ ئەرزان ئىكىسپورت تاۋارلىرى ئەنگىلىيەنىڭ مانخاتون مەركىزى سانائەت بەلۋىغىنى زىيانغا ئۇچراتتى. ئامرىكىنىڭ كارخانىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىنى زىيانغا ئۇچرىدى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامرىكا قانداق قىلىدۇ؟
1- ئۇ كەڭ كۆلەمدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامرىكىغا كىلىشىنى توسىدۇ، قانۇنلۇق كۆچمەنلەرگىمۇ چەكلىمە كۆپەيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامرىكا مۇسۇلمان يەتتە دۆلەتكە ۋىزا چەكلەش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە ئىرىشەلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 2- ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئامرىكىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ. 3- ئامرىكا چەتئەللەردە 16 يىلدىن بۇيان ئىلىپ بىرىۋاتقان ئۇرۇشلارغا قايتىدىن قارار بىرىدۇ.

12- ئاينىڭ 2- كۈنى ئامرىكا 49غا قارشى 51 بىلەت بىلەن چۇرامپنىڭ باجنى ئىسلاھات قىلىش لاھىيەسىنى ماقۇللىدى. شۇنداقلا يەنە دۇنيا كۆچمەنلەر كىلىشىمىدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قارار بولۇپ، ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى باجنىڭ يۇقىرىلىقىدىن قاقشاپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە قۇرغان ئامرىكا كارخانىلىرى ئەمدى قايتىدىن ئامرىكىغا قايتىپ كىلىشكە باشلايدۇ. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىكىسپورت دۆلىتى ئامرىكا، خىتايغا ئەڭ جىق مەبلەغ سالغان دۆلەتمۇ ئامرىكا، ئاندىن قالسا ياۋروپا.ئەگەر خىتاي تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئامرىكا يەرلىك تاۋارلىرىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە، خىتاينىڭ ئامرىكىدىكى بازىرى ئۆلىدۇ.

شۇڭا ئامرىكا مۇشۇ 11- ئاينىڭ 30- كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ ئىقتىسادى نوپوزىنى ئىتراپ قىلماسلىق تەكلىپىنى سۇندى. ئۇندىن باشقا خىتايدىن ئامرىكىغا كىرىدىغان مەھسۇلاتلارغا تەكشۈرۈشنى كۈچەيىتتى. ئەگەر باج نى ئازايتىش بىلەن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا خىتايدىكى مىڭلىغان ئامرىكا كارخانىلىرى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كىتىدۇ، يەنە مىڭلىغان خىتاي كارخانىلىرى تاقىلىپ قالىدۇ. ئامرىكىنىڭ بۇ بىر مەيدان باج ئۇرۇشى يەنە ئاز كۈندە كىپىنەك ئىففەكتى ھاسىل قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دورىشىنى پەيدا قىلىدۇ. كورىيە، ياپونىيە بىرىنجى بولۇپ ئاۋاز قاتتى ۋە 2018- يىلىدىن باشلاپدۆلەت ئىچىدە باجنى كەڭ كۆلەملىك چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى. بۇنىڭغا ئەتە ئۆگۈن ياۋروپامۇ ئەگىشىدۇ. چۈنكى شۇنداق قىلمىسا بارلىق سانائەت دۆلەتلىرى بازار رىقابىتىدە پاسسىپ ھالەتتە قالىدۇ. ئەگەر ئامرىكا غەلبىلىك ھالدا بۇ پىلانىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىيالىسا خىتايغا ناھايىتى زور زەربە بولىدۇ، دۇنيا سانائىتىگىمۇ يىڭىچە بىسىم ۋە رىقابەت ئىلىپ كىلىدۇ.

2017-12-7

Share
1714 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.