logo

trugen jacn

تۇنجى كىتابىم ھەققىدە

Erkin1b

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

ۋەتەندىكى قېرىنداشلار ماڭا تورلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىمنى توپلاپ، كىتاب قىلىپ چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلغىلى 7-8 يىل بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىشنى ۋەتەندە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. شۇڭلاشقا مەن 2007-، 2008- ۋە 2009-يىللىرى يېزىلغان ماقالىلەرنى توپلاپ، بىر كىتاب قىلىپ، 2015-يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇردۇم. بۇ كىتابقا 16 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 320 بەت. كىتابقا «ئەركىن سىدىق يازمىلىرى: كىشىلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى يازمىلار (1-قىسىم)» دەپ ماۋزۇ قويدۇم. تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى ئاشۇ كىتاب ھەققىدىكى بىر قانچە كۆرۈنۈشلەر.

c01_kitab.jpg
1-رەسىم: كىتابنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تاشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى.

c02_kitab.jpg
2-رەسىم: كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى

مەن مەزكۇر كىتابنى پەقەت ۋەتەن-ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا تەييارلىغان بولۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆز چىقىمىم بىلەن نەشر قىلدۇردۇم. بۇ كىتاب ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق باھادا سېتىلغاندا كىتابنىڭ بېسىلىش ھەققى چىقىپ، يەنە ئازراق كىرىم بولىدۇ. مەن بۇ كىتابتىن كىرىدىغان ھەممە كىرىمنى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن خالىسانە ئىش قىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلارغا ئىئانە قىلدىم. ئۇنىڭ ئېلكىتاب (PDF) نۇسخىسىنى ھەقسىز تارقىتىمەن. ئەگەر سىزگە ئېلكىتاب نۇسخىسى لازىم بولسا، ماڭاbilim.humar@yahoo.com <mailto:bilim.humar@yahoo.com> ئارقىلىق ئېلخەت يازسىڭىز، مەن ئۇنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمەن. ماقالىنىڭ PDF ھۆججىتىنى www.meripet.com تور بېتىمگىمۇ قويۇپ قويىدىغان بولۇپ، چەت ئەلدىكى قېرىنداشلاردىن بۇ ھۆججەتنى ئاشۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىشنى سورايمەن. كىتابنىڭ باسما نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان قېرىنداشلار تۆۋەندىكى 3-رەسىمدىكى ئۇچۇر ئارقىلىق ئىنىمىز ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بىلەن ئالاقىلەشسە، ياكى ئۇنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋەتەنداشلار ئاچقان كىتابخانا، رېستوران، مېھمانخانا ۋە دۇكانلاردىن سېتىۋالسا بولىدۇ.

c03_kitab.jpg
3-رەسىم: ئىنىمىز ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى.

c04_kitab.jpg
4-رەسىم: مەزكۇر كىتاب 2015-يىلى 10- ۋە 11-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي دوكلات يىغىنى جەريانىدا سېتىشقا قويۇلغان بولۇپ، بۇ رەسىم شۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش. ئوڭدىن 1-كىشى مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان، ھەمدە ئۇنىڭغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ئىنىمىز ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى كىتابنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمى. ئۇنىڭدىن باشقا مەن مەزكۇر يازمىنىڭ ئاخىرىدا 2015-يىلى 10- ۋە 11-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئۈستىدە ئازراق توختىلىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ بۇ يىل ساياھەت قىلىپ بارغان جايلىرى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمەن.

1. كىتابنىڭ كىرىش سۆزى

مەن 1960-يىللىرى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، دادام ئىشلەيدىغان ئىدارىدىكى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، بىر قارا قۇشقاچ ئۇۋىسىدىن تۇخۇمدىن چىققىلى بىر قانچە كۈن بولغان، ئەمما كۆزلىرى تېخى ئېچىلمىغان قۇشقاچ بالىلىرىدىن تۆتنى ئېلىپ چۈشتۈم. ئۇلارنىڭ ئۈچىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئوينايدىغان دوستلىرىمغا بېرىپ، بىرىنى ئۆزۈم باقتىم. قۇشقاچنىڭ كۆزى تېخى ئېچىلمىغان بولغاچقا، مەن بىر قولۇمدا ئۇنىڭ تۇمشۇقىنى قارىپ ئېچىپ، يەنە بىر قولۇمدا ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزدۈم. سۇنىمۇ ئاشۇنداق ئىچكۈزدۈم. دوستلىرىم باققان قۇشقاچ بالىلىرى بىر قانچە كۈنگە بارمايلا ئۆلۈپ قالدى. مەن بولسام ھېلىقى قۇشقاچنى ئاشۇنداق بېقىپ چوڭ قىلدىم. ئۇ ئۇچۇرۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇچۇپ ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە قونۇپ، مەن تاماق يەۋاتقاندا ياكى بولمىسا مەكتەپكە مېڭىپ كېتىۋاتقاندا ئۇچۇپ كېلىپ مېنىڭ مۈرەمگە قونۇپ يۈردى. بۇ مەن بالىلىق دەۋرىمدە قولغا كەلتۈرگەن بىر زور مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، شۇ چاغدا ھەر قېتىم قۇشقاچ ئۇچۇپ كېلىپ مۈرەمگە قونغاندىكى خۇشاللىق ھېسسىياتىمنى مەن سۆز بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمەن. مېنىڭ ئۇ قۇشقاچتىن قانداق ئايرىلغانلىقىم ئېسىمدە قالماپتۇ. ئەمما شۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈمدە «ئەگەر مەن تىرىشسام، ھەر قانداق ئىشنى قىلالايمەن»، دېگەن ئىدىيە شەكىللەنگەن ئىدى.

مەن 1970-يىللىرى تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئاكام بىلەن بىللە رادىئو قۇراشتۇرۇشنى ئۆگەندىم. ئۇ چاغدا رادىئولار ئىنتايىن قىس بولۇپ، پەقەتلا باي ۋە ئابرۇيلۇق ئائىلىلەرنىڭلا رادىئوسى بار ئىدى. ئائىلە ئىقتىسادىمىز ياخشى بولمىغاچقا، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئەخلەتخانىلاردىن كونا تۆمۈر-تەسەككە ئوخشاش پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى تېرىپ يىغىپ، شۇلارنى سېتىپ، قولىمىزغا كىرگەن پۇلغا رادىئو زاپچاسلىرى ئالدۇق. ئۇ چاغدا رادىئوغا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتابلار قەتئىيلا بولمىغاچقا، ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر پارچە خەنزۇچە كىتابنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىكى رادىئو توك يولى خەرىتىسىنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، زاپچاسلارنىڭ نومۇرلىرىنى ئايرىيالايدىغان بولدۇق. كېچە-كېچىلەپ ئۇخلىماي ھەپىلىشىپ، بىر يۈز سوپۇنى قاچىلايدىغان پىلاستىك قۇتىنىڭ ئىچىگە پەقەت بىرلا باتارېيىسى بار، پەقەت قۇلاققا تىقىپ قويىدىغان تىڭشىغۇچ بىلەنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان رادىئودىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتۇق. مەن بىزنىڭ بىرىنچى پروجېكتىمىز (تەتقىقات تۈرىمىز) نى تاماملانغان ۋاقىتتىكى خۇشاللىق ۋە ھاياجان ھېسسىياتىمنىمۇ سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر مەزگىل ھېلىقى رادىئونى نۆۋەتلىشىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئاڭلاپ يۈردۇق. شۇنداقلا مەن شۇ چاغدا بىلىمنىڭ قانداق كۈچ-قۇدرەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بىلىمنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «بىلىمنىڭ كېرىكى يوق»، «سېسىق توققۇزىنچى» دېگەندەك سەپسەتىلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان بولسىمۇ، مەن ئۇ سەپسەتىلەرگە ئىچىمدە ئازراقمۇ ئىشەنمىدىم. شۇنىڭ بىلەن دەرسلەرنى داۋاملىق ياخشى ئوقۇپ ماڭدىم. ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەپ، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتتۈم. بەزى مەۋسۇمدا بىزنىڭ سىنىپتا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يالغۇز مەنلا قالغان ئىدىم. بىر قېتىم بىزنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن يىللىق ئىمتىھاننى ئوچۇق ئېلىپ، سوئاللارنى تارقىتىپ بېرىپ، ئەتىسى يىغماقچى بولغاندا، بىزنىڭ سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، سوئاللارنىڭ جاۋابىنى مەندىن كۆچۈردى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ماڭا 100 نومۇر بېرىپ، قالغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا 50 تىن نومۇر بەردى. قىسقىسى، مەن بىلىمنىڭ قەدرىنى شۇ چاغدا، بىلىملەر ۋە بىلىملىكلەر تەنقىد ۋە كۈرەش قىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە تونۇپ يەتكەن ئىدىم.

مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋال ۋە ھادىسىلەرنى، ۋە ئۆز ھاياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ئىلمىي ئاساس بىلەن چۈشىنىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشنى ئۆزۈمگە بىر ئادەت قىلىۋالدىم. مەن ئۈچۈن چۈشەنمەي تۇرۇپ بىر ئىشنى قىلىش، ياكى چۈشەنمىگەن بىر ئىشنى قىلىش خۇددى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ يول ماڭغانلىق بىلەن ئوخشاش تۇيۇلىدىغان بولدى. ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن «ئۇنى نېمىشقا قىلىمەن، قانداق قىلىمەن، قاچان قىلىمەن؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىشنى، ھەمدە تاپالىغان ماتېرىياللار ۋە توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشنى، قىلماقچى بولغان ئىش ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان دائىرە ئىچىدە تولۇق مەلۇماتلىق بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىش باشلاشنى ئۆزۈمگە بىر ئادەت قىلىۋالدىم.

ئۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان كىتابلار ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، مەندە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى كىتاب ياكى باشقىلار ئارقىلىق ئۆگىنىش شارائىتىمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم بىر يېڭى ئىشنى قىلماقچى بولغاندا، ئۆزۈم ئويلاپ يېتەلىگەن بارلىق يېڭى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بىرسىنى تاللاشنىمۇ ئۆزۈمگە بىر ئادەت قىلىۋالدىم. يەنى، مەن ئۈچۈن ئۆزۈم قىلماقچى بولغان ھەممە يېڭى ئىشلار بىر پەننىي تەجرىبىخانىدىكى ئىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مەن ھەر بىر ئىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تەجرىبە ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقىدىغان بولدۇم. يۇقىرىدىكى ئىككى ئادەت ماڭا ناھايىتى زور پايدا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ماڭا ھازىرمۇ ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مەن مۇنداق ئىككى ئىشنى بايقىدىم: (1) بىزنىڭ ياشلىرىمىزدا قۇللۇق ئىدىيىسى، ئۆز-ئۆزىنى باشقا ئىرقتىكىلەردىن تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسى، ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. (2) «مىڭ ئېغىز سۆزدىن بىر ئەمەل ئەلا»، دەيدىغان بىر ھەقىقەت بار بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەمەلىي مىسال بىلەن، ئۆزى بىر ئۈلگە بولۇپ تۇرۇپ يېتەكلىگەندە، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ زور بولىدىكەن. مەن ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىمدا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى، چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش، ۋە سىنىپ، فاكۇلتېت، مەكتەپ، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش جەھەتتە بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتىم. مېنىڭ ئاشۇ نەتىجىلىرىم ناھايىتى كۆپ ياشلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە كۈچلۈك ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا، ئۆز ھاياتى ھەققىدە باشقىدىن پىلان تۈزۈشىگە، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭىدىن غايە تۇرغۇزۇشىغا، ھەمدە ئاشۇنداق غايىلىرى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. مېنىڭ قىلغانلىرىم كۆپلىگەن ياشلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. مەن پۈتۈن جەمئىيەتكە «ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ قانداق ئىش كەلمەيدۇ» دەيدىغان بىر ئىدىيە سىڭىپ كەتكەن مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيەتلىرى ھەققىدە بىر ئاز ھەقىقىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا «باشقىلار قىلالىغاننى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ يولدىكى تىرىشچانلىقىنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا رەھبەرلەر ماڭا مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، باشلىق بولۇش بىلەن، ئۆز كەسپىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشنى بەرگەندە، مەن ئانچە كۆپ ئىككىلەنمەيلا كېيىنكىسىنى تاللىدىم. شۇنداقلا ئۆز كەسپىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش يولىدا شاڭخەيدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان، ياپوندا ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان، ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇغان، دوكتور-ئاشتى بولغان، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشتىم. ھەممە يەردە ئۆزۈمنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتىلدىم. مەن ئۈچۈن «ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت» دەيدىغان بىر چەك مەۋجۇت بولمىدى. بارغانلا يېرىمدە ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدىم. مەسىلەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىغا بىر پارچە ماقالە چىقارسا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالالايدىغان بولۇپ، مەن دوكتورلۇق ئوقۇشۇم جەريانىدا ئۆزۈم 1-ئاپتور بولغان ئىلمىي ماقالىدىن 9 پارچىنى چىقاردىم. يەنە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن 3 پارچە ئىلمىي ماقالىگە قوشۇمچە ئاپتور بولدۇم.

ئامېرىكىغا كېلىپ، نەچچە يىل ياشىغاندىن كېيىن، مەن يەنە بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىم: ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. مىللەت گۈللەنمىسە، سىز-بىزنىڭ ياخشى ياشىيالىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ماددىي جەھەتتە ھەممە نەرسىمىز تەل بولۇپ، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر مىللەتنىڭ كۈنى ياخشى بولمايدىكەن، بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ روھىي جەھەتتە خاتىرجەم ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆز يۇرتىمىز ۋە ئۆز خەلقىمىزگە قولۇمدىن كېلىشىچە خالىسانە خىزمەت قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىلىرىنىڭ بىرى قىلدىم. ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمدىن داۋاملىق «مەن قانداق قىلغاندا ئۆزۈمنىڭ مىللەت ئۈچۈن قوشىدىغان تۆھپەمنى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك قىلالايمەن؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇردۇم. ئۆزۈم ھەققىدىكى مۇھىم قارارلارنىمۇ يۇرتىمىزغا ۋە خەلقىمىزگە بولغان تۆھپەمنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىش پرىنسىپى بويىچە ئالدىم. چەت ئەلدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىرىگە ھەتتا زەربىلىرىگە ئۇچرىغان ۋاقىتلاردىمۇ بۇ پرىنسىپتىن قىلچە تەۋرەنمىدىم. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە ياردەمنى كۈچەيتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەندىكى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىرادىسىدىكى ياشلارغا پوچتا ئارقىلىق ماڭدۇرۇلىدىغان سالام خەت ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش، يول كۆرسىتىش، ۋە باشقا ياردەملەردە بولۇش ئىشلىرىنى قىلدىم. 2004-يىلى ئۆزۈمنىڭ بىر تور بېتىنى قۇرۇپ، ۋەتەندىكى ياشلارغا شۇ ئارقىلىق ياردەم قىلىشنى باشلىدىم. گەرچە ھازىر ۋەتەندە ئېچىلمىسىمۇ، «www.meripet.com» دەپ ئاتىلىدىغان ھېلىقى تور بەت ھازىرمۇ مەۋجۇت، ھەمدە ئۇ جۇڭگونىڭ سىرتىدا نورمال ئېچىلىدۇ. مەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن. 2006-يىلىدىن باشلاپ، مەن تۈركىيەدىكى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئۇكىمىز بىلەن بىرلىكتە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا تۈركىيەدىن ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئىشىنى قىلدىم. بۇ ئىشتا ئاساسلىق ئەجىر سىڭدۈرگۈچى ئابدۇلھەمىد ئۇكىمىز بولۇپ، مەن ئاساسەن مەسلىھەت بەرگۈچى ۋە نامزات توپلاپ بەرگۈچى رولىنى ئوينىدىم. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز بىللە تىرىشىپ، 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 54 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا تۈركىيەدىن ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتى ھەل قىلىپ بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىشلىرىغا داۋاملىق قولۇمدىن كېلىشىچە ھەمدەمدە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىمۇ بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.

مەن «ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللانسام، يۇرتۇم ۋە خەلقىم ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرەلەيدىكەنمەن»، دەپ ئويلاپ، ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدا ئۆز كەسپىمنى ئۈچ قېتىم تەبىئىي پەندىن ئىجتىمائىي پەنگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، كېيىن ئۇنداق قارارلىرىمدىن ۋاز كېچىپ باقتىم.

بىرىنچى قېتىم 1980-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رادىئو-ئېلېكتىرونىكا كەسپىدە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا خۇ ياۋباڭ ئەپەندى مەملىكەتلىك پارتىيە باش سېكرېتارى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق «ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى» ئېچىلىپ، ئەمدىلا تاماملانغان مەزگىللەر ئىدى. ئاشۇ قېتىملىق يىغىندا ئۈچنى 60 پىرسەنت قىلىش، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش، ئىشچىلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش ۋە كادىرلارنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قىلىش قارار قىلىنغان ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىنى يىغىپ، يۇقىرىدىكى قارارغا نىسبەتەن ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى سۆزلەپ بېقىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بىر سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بۇ يىغىنغا قاتناشقان بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىدىم. مەن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن ناھەق پىكىرلەرگە چىداپ تۇرالماي، تىترەپ كەتتىم. شۇنداقلا مەن (1) ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بىرى بولغانلىقىم، (2) يىغىندا خەنزۇ تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرى بولغانلىقىم، (3) مېنىڭ كەسپىم تەبىئىي-پەن بولغانلىقى، ۋە (4) مەن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بىردىن-بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن (قالغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىمۇ ئاساسەن ئىجتىمائىي پەن ئىدى)، مەن ئۆز پىكىرلىرىمنى ئىپادىلەشتە ناھايىتى پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇپ قالدىم. بۇ ئىشتىن كېيىن مەن بىر قانچە ھەپتە ئويلىنىپ، مىللەت ئۈچۈن ياخشىراق خىزمەت قىلىمەن، دەيدىكەنمەن، مەن چوقۇم ئۆز كەسپىمنى «سىياسەت ئىلمى» (political science) كەسپىگە ئۆزگەرتىشىم كېرەككەن، دېگەن تونۇشقا كەلدىم. ھەمدە كەسپىمنى ئېلېكتىر كەسپىدىن سىياسەت كەسپىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، قارارىمنى شۇ چاغدىكى فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇلتان مۇئەللىمگە ئېيتتىم. ئەمما سۇلتان مۇئەللىم ماڭا «سىز ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدىڭىز. ئۇنداق بولۇشىڭىزدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، ھازىرغىچە تەبىئىي-پەن كەسپىدە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە سىزدەك ئوقۇغان بىرەرى چىقىپ باقمىدى، ئەگەر كەسىپ ئۆزگەرتسىڭىز، سىزنىڭ بۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېرىڭىز يوقاپ كېتىدۇ» دېگەن مەزمۇندا چۈشەنچە بېرىپ، مېنىڭ قارارىمغا قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز كەسپىمنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇم.

ئىككىنچى قېتىملىقى مەن ئامېرىكىدا ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، مەن بىر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، بىر ھەپتە ئىشلىگەندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ مەن بۇرۇن ئويلىغىنىمدەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم. مەن بۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كېيىنچە بىر مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانغاندا تەپسىلىي بايان قىلىمەن.

ئۈچىنچى قېتىملىقى بۇنىڭدىن 4-5 يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى «سىياسەت ئىلمى» كەسپىدە يەنە بىر ئۇنۋان ئېلىش ئىشى بولدى. مەن ئۆزۈم كىچىكىمدىنلا ئىجتىمائىي پەنلەرگىمۇ ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن «سىياسەت ئىلمى» ۋە «خەلقئارا مۇناسىۋەت» دېگەندەك كەسىپلەرگىمۇ ناھايىتى قىزىقىپ ياشىدىم. ئامېرىكىدا ئىشتىن سىرت ياكى ئاخشىمى ئوقۇپمۇ باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالغىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدىن 4-5 يىل بۇرۇن مەن بىزنىڭ ئۆيگە 35 كىلومېتىر كېلىدىغان كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇپ، «خەلقئارا مۇناسىۋەت» كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىشقا نىيەت قىلدىم. ئەمما ئۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەم، مەن تاللىماقچى بولغان دەرسلەر ئاخشاملىرى ئەمەس، ساپلا كۈندۈزلىرى ئۆتۈلىدىكەن. مەن ئۇ چاغدا NASA مەركىزى JPL دە بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، كۈندۈزدىكى خىزمىتىمنى تاشلاپ، ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر ساھەدە دەرس تاللىسام بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولدۇم.

ئەمما ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئۆگىنىشنى توختاتمىدىم. بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ياشلار ئاسانلىقچە تاپالمايدىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۆز ئۆمۈرلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ھەمدە كۆڭلىگە پۈككەن غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھازىرقى زامان بىلىملىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق ئىزدەندىم.

2005- ۋە 2006-يىلى ئامېرىكىدا بىز بىلەن بىر يەردە ياشايدىغان ئىنىمىز قۇربانجان روزىنىڭ تەكلىپ قىلىشى، ھەمدە ۋەتەندىكى بىر قانچە ئوت يۈرەك ئۇكىلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە ياردەمدە بولۇشى بىلەن، قۇربانجان روزى ئۇكىمىز قۇرغان «www.biliwal.com» تور بېتى (بۇ تور بەت ھازىر ۋەتەندە ئېچىلمايدۇ) بىلەن ئىككى قېتىم كۆپ بۆلۈملۈك يازما سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى «بىلىۋال» تور بېتى ۋە شۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان «بىلىك» تور بېتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندا، ئۇ ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى. 2006-يىلىدىكى بىر ۋاقىتتا ئۇ سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ «بىلىك» مۇنبىرىدىكى چېكىلىش قېتىم سانى 1.3 مىليونغا يېقىنلاشتى. ئىككى قېتىملىق سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنى، 2006-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ۋەتەندىكى ئىككى تور بەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن بىز «ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» نى تەييارلاپ پۈتتۈرۈپ، ئۇنى تورلاردا ئېلان قىلدۇق. ئۇمۇ ئۇيغۇرچە تورلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 2007-يىلىدىن باشلاپ، مەن يېقىن دوستلىرىم تەۋسىيە قىلغان ۋە ئوقۇرمەنلەر تەلەپ قىلغان تېمىلاردا مەخسۇس يازما تەييارلاپ، ئۇيغۇرچە تورلاردا ئېلان قىلىشنى باشلىدىم. ماقالىگە مەزمۇن قىلىدىغان بىلىملەر ئۆزۈمدە بار بولسا، شۇنى يازدىم. ئەگەر ئۆزۈمدە يوق بولسا، مەن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تونۇلغان زىيالىي زاتلارنىڭ بىلىملىرىنى «ئارىيەتكە ئېلىپ»، شۇلارنىڭ بىلىملىرىنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرگە شۇلارنى سۇندۇم. ماڭا شۇ ۋاقىتقىچە ماقالىنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دىن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY) غا ئايلاندۇرۇش ۋە تەھرىرلەش جەھەتتە ياردەمدە بولۇپ كەلگەن ۋەتەن ئىچىدىكى بىر قىسىم ئوت يۈرەك ئۇكىلار تاكى 2009-يىلى تومۇزدىكى ۋەقەگىچە ماڭا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. مەن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن ماقالە تەييارلاش ئىشىدا ۋەتەندىكىلەردىن ماقالە تەھرىرلەشتە ياردەم سوراشنى توختىتىپ، بىرەر يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىكى «www.meripet.org» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇكىمىزنىڭ ياردىمىدە ئىش ئېلىپ باردىم. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2014-يىلىنىڭ بېشىغىچە ماقالىلەرنى باشقىلارغا تەھرىرلەتمەي، ھەممىنى ئۆزۈم تەييارلاپ تورلارغا يوللاپ تۇردۇم. 2014-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ماقالىلەرنى تەھرىرلەش ۋە ULY دىن UEY غا ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى تور ئىسمى «پىداكار» بولغان، ھازىرچە نامسىز تۇرۇشنى ئىستەيدىغان بىر ئۇكىمىز بىر قوللۇق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ماڭا ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنىمىز چەت ئەلدە ئۆزى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىمىغا كېتىدىغان ئىقتىسادنى ئۆزى ھەل قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئوقۇشىنىڭ ئاجايىپ جاپالىق بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئۈن-تىنسىز ماڭا ياردەم قىلىپ كەلدى. مەن ھەر قانداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ئۇكىمىزغا بولغان رەھمىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. 2015-يىلىنىڭ بېشىدا «پىداكار» ئۇكىمىز ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىنى تاماملاش ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا ئىمتىھان بېرىش يۈزىسىدىن ئىنتايىن قاتتىق ۋاقىت قىسچىلىقىدا قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا قاتتىق يالۋۇرۇپ، ئۇنى مېنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن «بىر قانچە ئايلىق تەتىل» ىمنى قوبۇل قىلىشقا قىستىدىم. «پىداكار» ئۇكىمىز بۇنىڭغا ناھايىتى تەستە ماقۇل بولدى. ئاشۇ بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە مېنىڭ ماقالىلىرىمنى تەھرىرلەش ئىشىغا دىلبەر خەمىت ۋە ئالمىرە مۇھەممەت سىڭلىمىز ۋە تۇرسۇن ئەرتۇنا ئىنىمىز قاتارلىق بىر قانچە ئۇكىلار ياردەم قىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئۇكىلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر مەن تەييارلىغان ماقالىلەرنى تەھرىرلەش ئىشلىرىنى يەنە «پىداكار» ئۇكىمىز قايتىدىن ئۆز قولىغا ئالدى. ئۈچ پارچە كىتاب بولىدىغان (تۆۋەندىكى 1-، 2- ۋە 3-كىتاب) ماقالىلەرنى قايتىدىن بىر قېتىم يۇقىرى سۈپەتلىك قىلىپ تەھرىرلەش ۋە ئۇلارنىڭ نەشرگە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ھۆججىتىنى تەييارلاپ چىقىش ئىشىنىمۇ ئاشۇ «پىداكار» ئۇكىمىز تاماملىدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «پىداكار» ئۇكىمىزغىمۇ چەكسىز رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

ئەگەر بىز مەن 2005-يىلىدىن باشلاپ تورلاردا ئېلان قىلغان مەزمۇنلارنى تولۇق رەتلەپ چىقساق، ئۇلارنى تۆۋەندىكى كاتېگورىيە بويىچە ئايرىم-ئايرىم كىتاب قىلىپ چىقارغىلى بولىدۇ:

1. ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە بىلىۋال تورى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەت
2. كىشىلىك تەرەققىيات
3. بالا تەربىيىسى
4. ئانا تىل ۋە مائارىپ
5. نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار
6. يەھۇدىيلار، ياپونلار، گېرمانلار، ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
7. دىنىمىزغا ئائىت بىر قىسىم بىلىملەر

ھازىر مەن «كىشىلىك تەرەققىيات» ۋە «بالا تەربىيىسى» كاتېگورىيىسىگە كىرىدىغان مەزمۇنلاردا ماقالە تەييارلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا باشقا مەزمۇنلاردىمۇ ماقالە تەييارلىشىم مۇمكىن. پىداكار ئۇكىمىز بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى 1-، 2- ۋە 3-كىتابنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھۆججىتىنى پۈتتۈرۈپ بولدى. مەن بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە 2-كىتابنى، يەنى «كىشىلىك تەرەققىيات (1-قىسىم)» نى تۈركىيەدە باستۇرۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇكىلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ يازمىلىرىنى كىتاب قىلىپ چىقىرىش تەكلىپىنى بېرىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ۋەتەندىكى بىر قىسىم قېرىنداشلار مەن تەييارلىغان يازمىلارنى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ژۇرناللارغا چىقىرىش ۋە كىتاب قىلىپ ئىشلەش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى باشلىغىلىمۇ ھازىر 10 يىلدەك ۋاقىت بولدى. لېكىن ئۇ ئىش تېخى مۇمكىن بولمىدى. كىتابنى چەت ئەلدە باستۇرغاندا ئۇنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق بولىدۇ، بۇ ھەقتە مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھازىرچە بىرەر سان يوق. ئەگەر ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مەزكۇر كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، مەن يۇقىرىدىكى قالغان كىتابلارنىمۇ باستۇرۇپ تارقىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. مەن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بىلىم ئارقىلىق، مائارىپ ئارقىلىق، پۈتۈن مىللەتنىڭ تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىمەن. ھەمدە مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە ماقالە قىلىپ يېزىپ چىققان بىلىملەردىن كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىۋېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ ماقالىلىرىمنى كىتاب قىلىپ باستۇرۇشنى قارار قىلىشىمدىكى مەقسىتىم ئەنە شۇ.

يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە قېرىنداشلاردىن باشقا، 2005-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن ئوت يۈرەك ئۇكىلار مېنىڭ ماقالىلىرىمگە تېما چىقىرىپ بېرىش، ئۇلارنى تەھرىرلەش، لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ماقالىنى ئۆز يېزىقىمىزغا ئايلاندۇرۇش، ھەمدە ماقالىلەرنى تورلارغا يوللاش، تەستىقلاش ۋە ئۇلارنى تورلاردا ساغلام ساقلاش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. يەنە مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئوقۇرمەنلەر مېنىڭ ماقالەمگە سەمىمىي ۋە ئىلمىي ئىنكاسلارنى يېزىپ، بىر تەرەپتىن ماقالىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا ناھايىتى كۆپ مەدەت ۋە كۈچ ئاتا قىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ماڭا 2009-يىلىدىن بۇرۇن ياردەم قىلغان بىر قىسىم تور بەتلەر ھازىر مەۋجۇت ئەمەس، ۋە بىر قانچە ئۇكىلار ھازىر ئەركىن ئەمەس. مەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلالمايمەن.

مېنىڭ ھازىرقىدەك ياشاپ مېڭىشىمنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور بەدەل تۆلەۋاتقان كىشى مېنىڭ ئايالىم ئامانگۈل بولىدۇ. ئۇ مېنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ ۋە ماڭا يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلدى. ئىككى بالىمىزمۇ ئىزچىل تۈردە مېنى قوللاپ ۋە ماڭا مەدەت بېرىپ تۇردى. مەن ئۇلارغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

ئاخىرىدا مەن بۇ كىتابنى مىللەتنىڭ غېمىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلاش يولىدا پاك يۈرەك بىلەن توختاۋسىز، ئۈن-تىنسىز ۋە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا بېغىشلايمەن.

2. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىلمىي دوكلات يىغىلىشى

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 10- ۋە 11-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا 20 نەپەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك بىلىم ئەھلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەن بۇ يىغىننىڭ بېشىدا باشقا بىر قانچە تەكلىپ قىلىنغان قېرىنداشلار قاتارىدا تەبرىك سۆزى سۆزلىدىم. ھەمدە يىغىننىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزۈم ھازىر قىلىۋاتقان ئىش، يەنى تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپى ھەققىدە بىر مەيدان دوكلات بەردىم.

c05_kitab.jpg
5-رەسىم: مەن ئىستانبۇلدىكى يىغىلىشتا دوكلات بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش.

c06_kitab.jpg
6-رەسىم: ئىستانبۇلدىكى يىغىن مەيدانىدىن يەنە بىر كۆرۈنۈش.

c07_kitab.JPG
7-رەسىم: بىر قىسىم يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرى، دوكلات بەرگۈچىلەر ۋە قاتناشقۇچىلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە رەسىم.

مېنىڭ تەبرىك سۆزۈمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق:

بىز مۇسۇلمانلار «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ»، دەپ قارايمىز. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاساسەن بىر مۇقىم دىنى يوق، ئەمما ئازراق ئېتىقادى بار ياپونلار بۇيرۇلغان ياردەمگە ئېرىشەلىدى. دىنى بار، ئەمما ئېتىقادى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس گېرمانلارمۇ بۇيرۇلغان ياردەمگە ئېرىشەلىدى. بىر قىسىم دىنىمۇ يوق، ئېتىقادىمۇ يوق مىللەتلەرمۇ ھازىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. نوپۇسى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان يەھۇدىيلار مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھازىر دۇنيانى سورايدىغان بىر ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىز ئۇيغۇرلار تەرەققىياتتا تېخى ئارقىدا. پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىمۇ ھەم شۇنداق.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇيرۇلغان ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ ئاللاھ ياردەم قىلىدىغان قوۋملارنى قانداق تاللايدۇ؟ مەن ئامېرىكىدىكى ھەدىسشۇناس، ئەقىدىشۇناس، ۋە شەيخ دوكتور ياسىر قازىنىڭ «مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن 108 قىسىملىق لېكسىيەسىنى ئىككى قېتىم تولۇق ئاڭلاش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىككى ئۇرۇشقا دىققەت قىلدىم. ئۇنىڭ بىرى بەدرى ئۇرۇشى بولۇپ، ئۇنىڭدا 300 نەپەر مۇسۇلمان 1300 نەپەر بۇتقا ئىشىنىدىغان قۇرەيش كىشىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا ئوھۇد ئۇرۇشى بولۇپ، گەرچە بۇ قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بىلەن دۈشمەن سانىنىڭ پەرقى بەدرى ئۇرۇشىدىكىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ، ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ.

بۇ ئىككى ئۇرۇشنىڭ پەرقى نېمە؟ بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار تاشتەك ئۇيۇشۇپ ياكى بىرلىشىپ، جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ھەمدە ھەممەيلەن بىردەك قاتتىق تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بىر مىڭ پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سانى ئۆزىنىڭكىدىن 4 ھەسسىدىن ئارتۇق بولغان دۈشمەننى يېڭىپ، غەلىبە قىلىدۇ. ئوھۇد ئۇرۇشىدا بولسا، مۇسۇلمانلار ئۆزىگە ئەڭ دەسلىپىدە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنى يېڭىپ بولۇپلا ئولجا تالىشىپ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. قالغان دۈشمەنلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كارى بولمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى. ئابۇتالىپ (پەيغەمبىرىمىزنىڭ چوڭ دادىسى، ۋە ئەينى زاماندا قۇرەيش قەبىلىسى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە كىشى) نىڭ ئوغلى. ئۇرۇش تېخى تۈگىمىدى. قايتىپ كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ گېپىنى ھېچ كىم ئاڭلىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئاللاھمۇ ياردەم قىلمايدۇ. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار مەغلۇپ بولىدۇ.

دېمەك، بۇيرۇلغان ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم تاشتەك ئۇيۇشۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ھەر قانداق بىر قوۋم مەيلى دىنى بار ياكى يوق بولسۇن، مەيلى ئېتىقادى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇيرۇلغان ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. ھازىرقى مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەرنى سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، يۇقىرىدىكى كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

ئۇنداقتا ھازىرقى زاماندا «قاتتىق تىرىشىش» قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئامېرىكىنىڭ «STEM مائارىپ پروگراممىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، ھازىر ئامېرىكا بۇ پروگراممىنى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى «STEM» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە تەبىئىي-پەن (science)، تېخنولوگىيە (technology)، ئىنژېنېرلىق (engineering)، ۋە ماتېماتىكا (mathematics) دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى. دېمەك، ئامېرىكا «قاتتىق تىرىشىش» نى STEM دىن ئىبارەت 4 ساھەگە قارىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ 4 ساھەدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قاتتىق تىرىشىش نىشانى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ، مائارىپقا تايىنىپ، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت 4 ساھەدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، شۇ ئاساستا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بولىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئوخشاش تەشكىلاتلار ۋە ھەر بىر قېرىنداشلاردىن بۇ نۇقتىنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن.

3. مېنىڭ بۇ يىلقى ساياھىتىم

مەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزۈمنىڭ ھەر يىلدىكى ساياھەت ئىشلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئاشۇ ئادىتىم بويىچە مەزكۇر يازمىغا بۇ يىلقى ساياھىتىمدىن قىسقىچە ئۇچۇر قىستۇرۇپ قوياي. مەن بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي ۋە ئابۇدەبىي شەھىرىنى ساياھەت قىلىپ كەلدىم. مەن بۇرۇن بۇداپېشتتا بىر-ئىككى مىڭ ئۇيغۇر بار، دەپ ئويلايتتىم. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 30 قىمۇ بارمايدىغاندەك قىلىدۇ. مەن بۇ ھونلارنىڭ قەدىمكى شەھىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم. قىسقىسى، بۇ قېتىم بارغان يەرلەر بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. نېفىتنىڭ پۇلى بىلەن سۈيى قىس ۋە ھېچ نېمە ئۆسمەيدىغان بىر زېمىندا بەرپا قىلىنغان دۇبەي بىلەن ئابۇدەبىي شەھىرى بولسا مەن بۇرۇن كۆرگەن يەرلەرگىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن. ئۇ يەرلەردىكى يېڭىلىقلاردىن خېلى تەسىرلەندىم. ئەمما ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە دۇنيا تەرەققىياتىغا ئانچە بەك تۆھپە قوشالمايۋاتقانلىقىنى، بۇ زامانىۋى بىنالار نېفىتتىن كىرگەن پۇلنىڭ كۈچى بىلەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس-ئىنژېنېرلارنىڭ قولى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىدىم. تۆۋەندىكىسى مەن بۇ قېتىمقى سەپەردە تارتقان بىر قانچە پارچە رەسىملەر.

c08_DSC_6641.JPG
8-رەسىم: بۇداپېشتنىڭ كېچە مەنزىرىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

c09_kitab.JPG
9-رەسىم: سىڭلىمىز مەريەم ئۆمەر بۇداپېشتتىكى بىر قىسىم ئۇكىلارنى ئۆيىگە يىغىپ، مەن بىلەن بىللە مېھمان قىلدى. بۇ ئاشۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

c10_kitab.JPG
10-رەسىم: ئابۇدەبىي شەھىرىدىكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان زەيىد مەسچىتنىڭ قېشىدىكى بىر كۆرۈنۈش.

c11_IMG_4349.JPG
11-رەسىم: ئابۇدەبىي شەھىرىدىكى زامانىۋى بىنالار.

c12_DSC_7385.JPG
12-رەسىم: دۇبەيدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ قېشىدا

http://bbs.bagdax.cn/thread-35273-1-1.html

Share
2457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.