logo

trugen jacn

تىرىلگەن رۇھلار – ھىكايە

images

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت

 

تىرىلگەن رۇھلار 

(ھىكايە)

(ئۈرۈمچى5.ئىيۇل شىھىتلىرىگە بىغىشلايمەن)

 

ئۈرۈمچى. 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 5.كۈنى كىچە

ئۇزاقلاردا ئاندا-ساندا ئاڭلانغان ئوق ئاۋازىدىن باشقا ئەتىراپ جىم-جىت ئىدى. بۇگۇن كۇندۇزى قان ۋە جەسەتلەر بىلەن كوچىلار، ۋەھىمىلىك كېچە قاراڭغۇلىغىدا ئۇيقۇسىز،ئاما سۈكۈت ئىچىدە ئىدى.ئات بەيگىسى مەيدانى مەخەللىسىدىكى تار بىر كوچىنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىر قورونىڭ چىراقلىرى، باشقا ئويلەردىكىگە ئوخشاش ئوچۇرۇلگەن بولسىمۇ،بۇ ئوينىڭ ئىگىسى ئاينۇر ئويغاق ياتاتتى. ئۇ، ھىچ ئۇخلىيالمىدى.كىچە سائەت بىر بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كىرمىدى. ئۇنىڭ يۇرىگىنى بىر ئەنسىزلىك تىرمىلاييتى. بەلكى خاۋانىڭ ھەددىدىن زىيادە دىمىق ۋە ئىسسىقلىغىدىندۇر. ئۇ كوچىدا بىر ئاۋاز ئاڭلىغاندەك بولدى-دە،دەرھال تۇرۇپ دەرىزىنى ئېچىپ كوچىغا قارىدى.كىچە جىمجىتلىغىغا چۆككەن بۇ تار كوچىنى بېخىل ئاينىڭ غۇۋا نۇرلىرى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى.كوچىدا ھىچكىم كۆرۈنمەيتتى.ئاينۇر دەرىزىنى تاقاي دەپ تۇرىشىغا ئىڭرىغاندەك بوغۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى.“ۋاي،ۋايجان..“دىگەن بوغۇق پەريات ئۇنىڭ دەرىزىسىنىڭ تىگىدىن چىقىۋاتاتتى.ئۇ،دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ يەرگە قارىشى بىلەن بىر گەۋدىنى كۆرگەندەك بولدى. ئاۋاز بىردىنلا توختاپ قالدى.ئۆي تېمىغا يۆلۈنىپ ياتقان گەۋدە بىر قىمىلدىغاندەك بۇلدى-دە توختاپ قالدى.- مەمەت! تۇرۇڭ.تىز بولۇڭ!-ئاينۇر خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ئېرىنى ئويغاتتى؛-كوچىدا بىر يارىدار بار.تىز بولۇڭ
مەمەت چاچراپ تۇرۇپلا ھويلىغا چىقتى.ئاينۇر ئۇنىڭغا ئەگەشتى.ھويلا ئىشىگى ئاستا ئېچىلدى.مەھمەت بېشىنى چىقىرىپ ياتقان گەۋدىگە باقتى،ئارقىدىن كوچىنىڭ ئىككى بېشىغا ئىھتىيات بىلەن قارىۋېتىپ كوچىغا چىقتى.ئۇ ،سوزۇلۇپ ياتقان گەۋدىگە ئىگىلىپ قارىدى.ئارقىدىن قولىنى تۇتتى.مىللىچچىدەك قانغا مىلەنگەن قولىنى تۇتقانلىغىنى ھىس قىلدى.ئامما،بۇ قول ئىسسىق ئىدى.مەمەت ئاينۇرغا گەۋدىنىڭ پۇتىنى تۇتۇشقا ئىشارەت قىلدى.ئۆزى بەشىنى تۇتتى

2

ئاينۇر، يارىدارنى سوپىدا قويۇپلا ئۆيدىكى كىرسىن چىراقنى ياندۇردى. چۈنكى پۈتۈن مەھەللىدە ئاخشاملا توك كەتكەن ئىدى.كىرسىن چىراق نۇرى خۇددى كىيىنكى 60 يىللىق ئۇيغۇر ۋىجدانىغا ئوخشاش سۇس ۋە غۇۋا ئىدى.قاراڭغۇلۇقنىڭ قۇرشاۋى ئىچىددە تىتىرەپ تۇرغان سۇس نۇر، شىرەنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىككىنە دائىرىنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى.مەمەت يارىدارغا سىنچىلاپ قارىدى.يارىدارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى قان بىلەن بويىلىپ كەتكەن ئىدى.مەمەت، يارىدار يىگىتنىڭ كۆينىگىنى يىشىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ يېشەلمىدى.يارىدار يىگىت بولسا ھۇشسىز ئىدى.؛-قايچىنى ئەكەل.تىز بول
ئاينۇر پەرۋانىدەك تىز نەدىندۇر دەرھال قايچىنى تەپىپ كەلدى.مەمەت،يارىدارنىڭ قانغا چىلىنىپ چالا قۇرىغان قوي تىرىسىدەك بولۇپ كەتكەن كۆينىگىنى قايچا بىلەن كەسىشكە باشلىدى.- ئاق داكا،ياكى پاكىز لاتا بولسا تېپىپ كەلگىنە
ئاينۇر،كىرسىن لامپىسىنى يەنە شىرە ئۈستىدە قويدى – دە، بىر نەرسىلەرنى تەپىپ كەلدى.؛-بۇ مەنىڭ ئاق پاختا رەخ كۆينىگىم. پاكىز
مەمەت، يارىدارنىڭ قانلىق كۆينىگىنى كېېسىپ تاشلىدى ۋە قان تەپچىپ ئېقىۋاتقان قورساققا ئاينۇر ئەكەلگەن ئاق كۆينەكنى يىرتىپ بىر قىسمىنى باستى.ئاق رەخ بىردىنلا قىزىلغا بويالدى.بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ قورققىنىنىدىن لاغ-لاغ تىترەپ تۇرغان 30 ياشلاردىكى ياش چوكان ئاينۇرنىڭ بۇرنىغا قانسىق قان ھىدى ئۇرۇلىشى بىلەن ئۇنى ھۆ تۇتتى ۋە ئۆزىنى ئاشخانىغا ئاتتى.ئاينۇر ئىچ- ئىچىدىن قېقىلىپ قۇسۇشقا باشلىدى

مەمەت ،يارىدارنىڭ قانلىق كۆكسىنى، قورسىغىنى تازىلاش بىلەن مەشخۇل ئىدى.مەمەت ئوقنىڭ ئىككى يەردىن بۆسۈپ چىققانلىغىنى كۆردى.ئارقا تەرەپتىن كىرگەن ئىككى پاي ئوقنىڭ بىرسى مەيدىسىنى،يەنە بىرسى كىندىگىنىڭ سەل ئۈستىدىن بۆسۈپ چىققان ئىدى. كىندىگىنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىلىپ قالغان بوشلۇقتىن ئۈچەي ساڭگىلاپ قالغان ئىدى.مەمەت قان بۇلۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇ يەرگە ئاق كۆينەكنىڭ چوڭ پارچىسىنى بەسىپ تۇردى؛-ئاينۇر،بىر لۈڭگىنى ھۆل قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن بوساڭ
ئاينۇر ھۆل لۈڭگىنى ئەكەلدى.ئامما،توختىماي ھۆ قىلىپ تۇراتتى
مەمەت ھۆل لۇڭگە بىلەن يىگىتنىڭ قانغا مىلەنگەن يۈزىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ؛-سەن يان ئۆيگە كىرىپ ئۇخلا.دەدى
ئاينۇر؛-ياق
يارىدار يىگىت 22 ياشلىرىدا ئىدى.ئۇ ئاستا-ئاستا كۆزلىرىنى ئاچتى;– مەن نەدە؟-ئۇنىڭ ئاۋازى بەك سۇس ئىدى
مەمەتتىن بورۇن ئاينۇر جاۋاپ بەردى ئالدىراپ؛- بىزنىڭ ئۆيدە
يارىدار يىگىت؛- سۇ
مەمەت؛- سۇ ئەكەل! ئاينۇر

ئاينۇر دەرھال بىر ئىستاكان سۇ ئەكەلدى.مەھمەت يارىدار يىگىنتنىڭ بېشىنى بىر قولى بىلەن بىراز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سۇنى ئۇنىڭ قانسىز لەۋلىرىگە تەككۈزدى.يىگىت ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچتى ۋە بىردىن ھۆتۈلۈپ كەتتى.ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېتىلىپ چىقتى.مەمەت.قانلارنى سۈرتتى.يىگىت جۆيلىگەندەك سۆزلەۋاتاتى؛رۇشەن! بىرىنجى پاي ئوقتا رۇشەن يىقىلدى.مەن ئۇنى يۈلىدىم،مەنمۇ يېقىلدىم-يارىدار خۇددى ئۇيقۇسىدا گەپ قىلىۋاتقاندەكلا سۆزلىرى دانىمۇ-دانە،ئامما كەمتۇك ئىدى.مەمەت قولىغىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا يىقىن ئەكىلىپ سۆزلىرىنى تىڭشاشقا تىرىشتى
يارىدار؛- مەن بىلەتتىم …بۇنداق….بولۇشىنى…رۇشەن… سەن ئوغۇل بالىمۇ؟…دېدى…بۇپتۇ دىدىم،چىقتىم. رۇشەننىڭ قولىدا قىزىل بايراق بار ئىدى….ئۇ يىقىلدى.بايراقمۇ يىقىلدى…ئەتە تەتىل قىلىپ يۇرتقا كىتەتتىم.ئانام …. مېنى كۈتۈپ تۈرىدۇ…ھە…ئانا ساڭا كىم باقار ئەندى سۈيۈق ئىشىڭنى ئىچەلمەيدىغان بولدۇم…ھە…ھە….ئىچ ئەزايىم كۈيۈۋاتقاندەك ئاغرىۋاتىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە… رۇشەن بىلەن…ئىككىمىز… ئاۋدۇكاتلىق شىركىتى…قۇرماقچى ئىدۇق….ئانام… ئىسمىم ئۆمەر…ئاقسۇ..ئاۋاتتىن…شىنجىاڭ داشۆنىڭ 27.ياتاق بىناسى….3.قات …41. ياتىغىكى چامىدىنىمدا… 450 كوي پۇل بار. ئىشلەپ يىققان ئىدىم.ئانامغا…. يەتكۈزۈپ بەرسەڭ…ئاكا….مەن….-ئۆمەر قاتتىق ئۆكسۈرۈپ كەتتى.ئاغزىدىن يەنە قانلار ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىدەك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى.لەۋلىرى
مىدىرلايتتى-يۇ،ئاۋازى يوق ئىدى.ئۇىنىڭ لەۋلىرىمۇ ئاستا-ئاستا مىدىرلەشتىن توختىدى مەمەت،ئۆمەرنىڭ بەدىنى مۇزلاپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدى.ئۆمەر نەپەس ئۆزگەن ئىدى

3

ئۈرۈمچى 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 6.كۈنى. ئەتتىگەن

ئەتتىگەن سائەت 7 دىلا مەھەللىگە ئەسكەر-ساقچى تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەسكەر ۋە ساقچىلار، ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى دەپ ئاتالغان بۇ يوقسۇل ئۇيغۇر مەھەللىسىدىكى ھەممە ئاھالىنى مەيدانغا يېغىشقا باشلىدى
مەمەت كىچە بۇيىچە ھويلىسىغا گۆر كولاپ ئۆمەرنى يەرلىگىدە قويۇپ بولغان ئىدى.ئۇ،“شەھىتلەرنى يۇيۇپ-تاراشقا كېرەك يوق.كىيىمى بىلەنلا يەرلىگىدە قويسا بولىدۇ“ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان.ئەنە شۇنداق كۆمىۋەتتى. كوچىدىكى قان ئىزلىرىنىمۇ تازىلىۋەتتى
ئاينۇر بولسا،ئۆمەر كۆمۈلگەن يەرنىڭ ئۈستىگە بىر تاختاي قويۇپ ئۈستىگە چىچەك تەشتەكلىرىنى تىزىپ قويغان ئىدى.مەمەت “بۇ قەۋرە گۈل-چىچەكلەر بىلەن بىزەشكە تىگىشىلىك” دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە ۋە ئاينۇرنىڭ بۇ ئىشىغا رەخمەت ئىيتتى
بۇ ھويلىغىمۇ 5-6 نەپەر غالجىر ئىتتەك ئەسەبىلەشكەن خىتاي قوراللىق ئەسكەرى كىرىپ كەلدى.ئەسكەرلەر،سوراپ تۇرماستىن ئۆيلەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.بىرسى تەشتەكتە گۈللەر قويۇلغان تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلىدى.ئۇ،ئەسكەرنىڭ ئالدىدا بىردىنلا ئاينۇر پەيدا بولدى.قولىدا ئەينەكلىك رامكا بار ئىدى.؛- قاراڭ، مېنىڭ ئېرىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى نەمۇنىچىسى!-ئاينۇرنىڭ قوپال تەلەپبۇزدا بوزۇپ سۆزلىگەن خەنزۇچە سۆزىنى ئەسكەر چۈشەندى ۋە دەرھال رامكىلارغا قارىدى. بىر رامكىدا،مەمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم سەكىرتارى ۋاڭلوچۇەن بىلەن يانمۇ يان تۇرۇپ چۈشكەن رەسىمى بار ئىدى. بىر رامكىدا” مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ئۆلگىسى مەمەت خەمىت”دەپ خەنزۇچە خەتلەر يەزىلغان ۋە رەسىمنىڭ ئاستىدا ۋاڭلوچۇەننىڭ ئىمزاسى بار ئىدى. ئەسكەر بولسا “كەچۈرۈڭ “دېدى ۋە ئۆي ئاختۇرۇۋاتقانلارنى چاقىردى. “بىزگە ياردەمچى بولۇڭ .مەھەللە مەيدانىغا كەلىڭ”دەدى.قۇراللىق ئەسكەرلەر ھويلىدىن چىقىپ كەتىشتى

يۈزى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن مەمەت،ئاينۇرغا قارىدى. ئاينۇرنىڭ چىكىسىدىن تامچە-تامچە تەرلەر تەپچىرەپ چىققان ئىدى.ئىككى رامكىنى تۇتقان ئىككى قولى دىر-دىر تىترەيتتى.مەمەت ئاينۇرنىڭ قولىدىكى رامكىلارنى ئالدى.؛-كەل ئۆيگە كىرىپ كىتەيلى!-ئۇلار ھويلىدىن ئۆيگە كىردى. مەمەت رامكىلارنى تامغا ئاستى.سوپىدا جىممىدە ئولتۇرۇپ قالغان ئاينۇرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى ۋە؛- مېنىڭ ئەقىللىق خوتۇنۇم.بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ-دېدى
ئاينۇنىڭ شەھلا كىرپىكلىرى ئارىسىدىن قوندۇزدەك پارلىغان كۆزلىرى پەقەتلا ئۇيغۇر قىزلىرىدىلا بولىدىغان مىھىر-شەپقەت ئىچىدە ئىرىگە تىكىلدى.ئۇ ئاھۇ كۆزلەردىن تاراملاپ ياش ئاقتى.ئاينۇر خۇددى ئېرىنى بىرلىرى قولىدىن ئېلىپ چقىپ كەتىدىغاندەك،ئۇنى مەھكەم قوچاغلىدى.مەمەت،ئاينۇرنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.چاچلىرىنى سىلىدى.ئىرىنىڭ كۆكسىگە بەشىنى قويغان ئاينۇر سەسسىز، ئامما ئۆكسۇپ-ئۆكسۈپ يېغلاۋاتاتتى.ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە خىتاي قۇراللىق ئەسكەرلىرى كىردىمۇ،ئۇ ئۆيدىن ئەڭ ئاز بىر-ئىككى كىشىنىڭ جىنازىسى چىقاتتى.شۇڭا،ئاينۇر بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى.بۇ ئەر-خوتۇنلار مۆجىزىدەكلا قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.ئامما،تەشۋىش،ئەندىشە يۈرەكلەرنى يىرىدىن قوزغىۋەتكىدەك دەرىجىدە ۋەھىمىگە سەۋەپ بولغان ئىدى

كوچىدىن تۇيۇقسىزلا پىلىمۇت-ئاپتوماتنىڭ ئوق ئاۋازى ئاڭلنىشقا باشلىدى؛-سەن ئۆيدە قال.مەن چىقىپ باقاي-دىدى مەمەت ۋە تاشقىرغا ئىتىلدى

4
مەمەت كوچا بېشىدىكى مەيدانغا كەلگەندە،يولدا قان ئىچىدە ياتقان 3 جەسەتنى كۆردى. قانچە يۈزلىگەن مەھەللە خەلقىغە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرەپ-تەرەپتىن پىلىمۇت،ئاپتوماتلارنى بەتلەپ ئوق چىقىرىشقا تەييار ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتاتتى
مەھەللىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئانىسى 68 ياشلىق سارىخان ئانىنى ئەسكەرلەر چېچىدىن تۇتۇپ زورلۇق-زومبۇرلۇق بىلەن مەيدانغا سۆرەپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بىر ئوغلى تۈنۈگۈنكى نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ،2 ئوغلى قىچىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنى ئوغۇللىرىنى تەپىشقا قىستاش ئۈچۈن جاندارما ئەسكەرلىرى ئەنە شۇنداق سۆرەپ كېلىۋاتاتتى. مەيدانغا ھەيدەپ كەلىنگەن ياشلار ئارىسىدىن 3 نەپىرى “قويىۋەت ئايال كىشىنى”دەپ ئەسكەرلەرگە قاراپ كېلىشى بىلەن ئوققا تۇتۇلۇپ جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ قويدى.
سارىخان ئائىلىسى جەنۇپتىكى يوقسۇللۇق،ھاشار،ناھاقچىلىقتىن قېچىپ ئۈرۈمچىگە كەلگىلى 20 يىل بولغان بولسىمۇ،ئانا ۋەتىنىنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەردە قارا نۇپۇس بولۇپ ياشايتتى.سارىخاننىڭ ئىرى ئۈرۈمچى ئەتىراپىدىكى تاغلاردا تاش كولاپ جىنىنى باقاتتى. ئون ئىككى يىل ئالدىدا تاغ كامىرىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاشلارنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.بالىلىرى ئۇيغۇر قۇرۇلۇشچىلارنىڭ قولىدا قۇرۇلۇشلاردا قارا ئىش قىلاتتى.خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتقانلىغىنى ئاڭلاپ قوللىرى،يۈز-كۆزلىرى لاي پىتى خەلق مەيدانى تەرەپكە قاراپ يۈگەردى.ئۇلار شائىرلار شىئىر ئوقۇسا ھاياجانلىنىدىغان،زىيالىلار نوتۇق سۆزلىسە خىيالغا پاتىدىغان،ناخشىچىلار ناخشا ئىيىتسا گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىتىدىغان،ئۆزلىرىگە ئوخشاش ياقا يۇرتلاردىن بىشى قىيىپ ئۈرۈمچىگە كىلىپ قالغانلارنىڭ بىشىنى سىلايدىغان،ياۋاشلارنى بۇزەك قىلىدىغان لۈكچەك،ئالدامچىلارنى ئەدەپلەپ قويىدىغان…قىسقىسى باشقىلارنى ئۇنۇتمايدىغان،ئامما باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنۇتۇلغان،تۈنۈگۈنكىدەك ۋەتەننىڭ ئىھتىياجى چۈشكەندە، ۋەتەن تۇپرىغىدا ۋەتەن ئۈچۈن ئوق چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگرىيەلەيدىغان بالىلار ئىدى.ئۇلار، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەرتلىك خاراكتىرىنىڭ جانلىق ئابىيدىلىرى ئىدى.ئۇلاردەك مەرت ئۈچ يىگىت،ئۇ بالىلارنىڭ ئانىسىغا قىلىنغان زوراۋانلىققا چىدىماي ئىتىلىپ چىقىپ مانا بۇ مەيداندا شىھىت بولۇپ كەتتى
جەسەتلەر يارتقان زىمىن قىپ-قىزىل قانلار بىلەن بويىلىپ كەتكەن ئىدى.بۇ زىمىنلار مانا مۇشۇنداق شەھىتلەرىنىڭ قىنى بىلەن بويىلىپ كەلگەن زىمىندۇر.ئامما،بۇ زىمىنغا يۈك بولغانلار كۆپ سانلىقنى، يۈكىنى كۈتەرگەنلەر ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلغاچقا،خارلانغانلار كۆپ،راھەت يۈزى كۆرگەنلەر ئاز بولۇپ كەلدى.شەھىت قىلىنغانلارنىڭ بىرسى 28 ياشتىكى ئەخمەتجان ئىدى.ئايالى تۇل.3 بالىسى يېتىم قەلىشىنى ئىككى مىنۇت ئالدىدا ھىچ يادىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى.ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بىرسى سابىر،بىرسى تۇرغۇن ئىدى.ھەر ئىككىسى كېسەك تۈكۈپ جان باقىدىغان جەنۇپلۇق ياشلار ئىدى. ئەتىراپ چىۋىن ئۇچسا ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە سۈكۈت ئىچىدە ئىدى.قانچە يۈز ئۇيغۇر ئاھالىسى بىلەن قانچە يۈز خىتاي ئەسكىرى ئارىسىدا بىر بىرىگە قارىشى سەپ تۈزۈلگەن ئىدى.ئاھالىنىڭ 80% ئايلار ئىدى.قالغانلىرى بالىلار ئىدى

ئۆلگەنلەرنىڭ رەسىملىرى تارتىلىپ بولغاندىن كەيىن 3 جەسەتنى ئەسكەرلەر ھەربى ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا تاشلىغىلى باشلىدى. دەل بۇ پەيتتە كىشىلەر ئارىسىدىن تۇيۇقسىزلا بىر ئىشىت ئېتىلىپ چىقىپ جەسەتلەرنى توشۇۋاتقان ئەسكەرنىڭ بىرسىگە ئېتىلىپ كېلىپ يۈزىدىن چىشلەپ تارتىپ ئاستىغا باشتى.خىتاي ئەسكەرلەر بىر پەسلىك ھودۇقۇش ئىچىدە قالدى.قورشاۋدىكى خەلق ئىچىدىن بىر ئايالنىڭ “يۇقالسۇن جاللاتلار!”دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.باشقىلارمۇ “يۇقالسۇن جاللاتلار” دەپ بىردەك ۋاقىرىدى. “كەي چاڭ!”دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پىلىمۇت،ئاپتوماتلاردىن خەلقنىڭ بەشىدىن بىراز يۇقىرىغا قارىتىپ ئوق ياغدۇرۇلۇشقا باشلىدى. كوماندىر خىتاي ئىشىتنى تاپانچا بىلەن ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ ،يۈزىنىڭ تىرىسى سويۇلۇپ قان بولۇپ كەتكەن ئەسكەرنى قۇتقۇزدى.ئەتىراپ تەكرار سۈكۈتكە چۆمدى.كوماندىر خىتاي ئاچچىغىنى باسالماي، باشقا بىر ئەسكەرنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتنى ئەلىپ ئۆلگەن ئىشىتنىڭ ئۈستىگە بىر دىسكا ئوق ياغدۇردى.كىشىلەر ئارىسىدىن ئون ئىككى ياشلاردىكى بىر بالا ئىتىلىپ چىقتى “مېنىڭ ئىشتىمنى نىمىشكە ئۆلتۈرىسەن كاپىر؟”بالا ۋاقىرىغانچە ئىشىتنى ئوققا تۇتۇۋاتقان كوماندىرغا قاراپ يۈگرەپ كەلدى.كوماندىر ئۆزىگە بىر قەدەم يېقىنلىشىپ قالغان بالىغا ئوق چىقاردى.بالا ئىشىتنىڭ ئۈستىگە يېقىلدى
تارىختىن بىرى بۇ ئەزىز ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلگەلەنلەر،سارىخان ئانىنىڭ بالالىرى،شۇ يەردىن سۆرەپ ئېلىنىپ ھەربىي ماشىنىغا تاغاردەك تاشلانغان جانسىز ئەخمەتجان،سابىر،تۇرغۇن ۋە ئانا تۇپراقنى قانغا بۇياپ جان دوستى ئىشتى بىلەن يانمۇ-يان ياتقان شۇ ئون ئىككى ياشلىق سەبى بالىغا ئوخشاش يوقسۇل،ئوت يۈرەك يىگىتلەر بولۇپ كەلدى.قەھرىمانلىق خاراكتىرى،تاماسىز پىداكارلارغا خاستۇر.ئۇلار ھايات ۋاختىدا ھىچكىمدىن پۇل،ھۇقۇق،مائاش تاما قىلمىغىنىغا ئوخشاش،باشقىلارنى ياشىتىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنى قۇربان قىلغاندىمۇ،”ئۆلگەندىن كىيىن قاھرىمانلىق نامىم قالسۇن” دەپ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باققانلار ئەمەس.ئۇلارنىڭ جېنى،قېنى بەدىلىگە، ۋەتەن خائىنلىرى،مىللەت مۇناپىقلىرى،ئۆزلىرىنى زىيالى ئاتىۋالغان لاتا غەلەپلەر…راھەت كۆرۈپ كەلدى.يوقسۇل مەرت يىگىتلەر ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەن توپرىغىغا يىقىلغانسىرى،بوينى مائاش سىرتمىغى بىلەن باغلانغان قۇللارنىڭ مائاشلىرى،ئەمەللىرى ئۆستى،بۇ ئاددى،پۇتىدا پايپاقسىز يىرتىق ئاياق،ئامما ئالىجاناپ ۋىجدان ئىگىسى بولغان بىگۇنا يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆككەن زالىملار،ئۈستىدە كەستىيوم-بورۇلكا،پۇتىدا پاقىراپ تۇرىدىغان بىتىنگە،قولىدا ئالما تىلىپۇن،يانچۇغىدا بانكا كالىرى بولغان، ئۇيغۇر ئاتالغان كىبىرلىك خام-سىمىزلەرنىڭ بېشىنى “شەپقەت” بىلەن سىلايدۇ،ئۇلارنى تېخىمۇ ئەتىۋالايدۇ.بۇ قەدىردان شىھىتلارنىڭ جەسەتلىرى سوغۇماي تۇرۇپ،بۇ قەدىردانلاردىن مۇكەممەل ۋە سەۋىيەلىك ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان بۇ مانقۇرتلار خىتاينىڭ تىلىۋىزور،رادىيولىرىىغا چىقىپ بۇ شەھىتلەرنى“بۇلاڭچى،قاراقچى،تىرورىست” دەپ تىللاشقا باشلىدى.بەزىلىرى،ئۇلاردىن نۇمۇس قىلىپ،”ئۇلار ئۈرۈمچىلىك ئەمەس،جەنۇپتىن كەلگەن قارا قوساقلار،كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ساراڭلار..” دەپ ،خۇجايىنلىرى ئالدىدا خىجىللىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. بۇ گىلاستۇك تاقىۋالغان خۇمسىلار،خەلقنىڭ ھەر قىتىمقى زۇلۇمغا قارشى ئىسيانىنى “ئۆسۈشنىڭ پۇرسىتى” دەپ قارىدى.چۈنكى ئۇلار،ھەقىقەتنىڭ ئەبىدى مەغلۇپ بولغانلىقىنى،كۇچ-قۇدىرەتنىڭ غالىپ بولۇپ كەلگەنلىكىنى،كۇچ تەرەپتە تۇرۇش “ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئىشى” ئىكەنلىگىنى ئويلاپ،ئۆزلىرىنىڭ “ئەقلى”دىن پەخىرلىنىپ، قەھرىمان شەھىتلىرىمىزنىڭ “نادانلىقى”نى ئەيىپلەپ،خۇجايىنلىرى ئالدىدا قۇيرۇق شىپپاڭگشىتىدىغان كاسكى ئىشىتتەك ھالىدىن ھۇزۇر ھىس قىلىشاتتى.ئۇلار،شۇ شەھىتلەرنىڭ قاتارىدا شىھىت بولۇپ ياتقان ئىشىت بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان ئاسى كوچا ئىتلىرى ئىدى
ئۆزلىرىنى “ئوقۇغان” دەپ قارايدىغان ساۋادى بار،ئامما ۋىجدانى يوق ئوقۇغان نادانلارنىڭ مىللەت،تارىخ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ بەدىلىنى،ئائىلە تۇرمۇشىنى ھالال ئەمگەك تەرى بىلەن قازانغان، شۇ توپىلارنى قىزىل رەڭگە بوياپ ياتقان شەھىتلەر ئۆتەپ كەلدى.ئۇ ئۇلۇغ روھقا ئىگە ئاددى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىسىگە يىزىپ تارىخچىلارغا تەقدىم قىلىدىغان ساۋاتلىق ئۇيغۇرلار چىقىپ قالسا،بۇ شىھىتلەرنىڭ روھى سۈيۈنىدۇ،ئەلبەتتە.تارىختىكى بارلىق ۋەتەن شەھىتلىرىگە ئوخشاش بۇ شەھىتلىرىمىزمۇ بوينى مائاش تاسمىسى بىلەن باغلانغان،خۇجايىنى ئالدىدا مۈشۈك،مىللىتى ئالدىدا يولۋاس بولىدىغان نامەرتلەردىن ئۈمىت كۈتكەن ئەمەس

كىشىلەر ئارىسىدىن –ئاھ،بالام –دەپ ياش بىر ئايال ئېتىلىپ چىقتى.ئاياللار، قۇراللىق ئەسكەرلەرنىڭ بىشىغا ئاياقلىرىنى چىقىرىپ پىقىرىتىپ ئېتىشقا باشلىدى. سەپ بوزۇلدى.خىتاي ئەسكەرلىرى بىر تەرپتىن ئاسمانغا ئوق ئېتىپ بىر ياقتىن چەكىنىشكە باشلىدى.ئىشتنىڭ ۋە 12 ياشلىق بالىنىڭ ئۆلۈگىنى ئالالماستىن چىكىنىپ كەتتى.
بىچارە ئاھالىلەرنى قوغداش ئۈچۈن دۈشمەنگە ئىتىلغان ئىشىتنىڭ بەدىنى غەلۋىر تۆشىگىدەك تىشىپ كەتكەن ھالدا يەردە سۇزۇلۇپ ياتاتتى.ئىشىتىڭ يىنىدا ئون ئىككى ياشلىق بالا ياتاتتى.ھەر ئىككىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىقىپ چىققان قانلار بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ بىر پارچە كىگىزدەك يەرنى قانغا بويىۋەتكەن ئىدى.بالىنىڭ ئانىسى ئوقتەك ئىتىلىپ كىلىپ كىچىك جەسەتنى قوچىغىغا ئالدى. “ۋاي بالام،جىنىم بالام! كۆزۈڭنى ئاچ!…”ئانا جانسىز ئوغىنىڭ قانغا مىلەنگەن يۈزلىرىگە يۈزىنى يىقىپ،جەسەتنى خۇددى قۇچىغىدىن بىرسى تارتىپ ئالىدىغاندەك مەھكەم باغىرىغا بىسىپ پەريات قىلىشقا باشلىدى.چاچلىرى چۇگۇلغان ئانا بىر ئۇيان، بىر بۇ يان يۈگىرەيتتى “ئاھ خۇدا! بىزگە ئىگە بۇل پەرۋەيدىگارىم.بالامنىڭ قاتىلىنى قان قۇستۇر خۇدايىم!…” ئانا ئەقلىنى يۇقۇتۇپ قويغاندەك توپنىڭ ئىچىدە ھەر تەرەپكە يۈگىرەيتتى.توپ ئارىسىدىن بىر ئايال ۋاقىرىدى؛-نارىسىدە بۇ بالىمىزنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقايلى،نامايىش قىلايلى
توپ ئىچىدىن؛ نامايىش!نامايىش! دىگەن ئاۋزلار تىخىمۇ ئۇلغۇيۇپ ياڭرىدى.بىشىغا رومال ئورىۋالغان 45 ياشلىرىدىكى بىر ئايال كىلىپ ئانىنىڭ قۇچىغىدىكى شىھىت بالىنى ئالدى.توپ كوچىغا يۈزلەندى.توپنىڭ ئالدىدا بىردىنلا مەھەللە جۇرىنى 60 ياشلاردىن ئاشقان مەسخۇت ئاكا پەيدا بولدى؛-توختاڭلار!قىزلىرىم،سىڭىللىرىم! سىلەر نامايىشقا چىقىپ قىرىلىپ كەتسەڭلار،بالىلىرىڭلارنى كىم باقىدۇ؟تۇتۇپ كىتىلگەن ئەرلىرىڭلارنىڭ،بالىلىرىڭلارنىڭ سۈرۈشتىسىنى كىم قىلىدۇ؟
ئاياللار ئىچىدىن ۋاقىرىغان ئاۋازلار يۈكسىلىشكە باشلىدى“ يولنى بۇشات مۇناپىق! ئەمدى يولنى توسقىلى سەن چىقتىڭمۇ؟ باللىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن،ئەرلىرىمىزنى تۇتۇپ كەتكەن خىتاينى توسالمايسەن، بىزنى تۇسامسەن؟
مەخسۇت ئاكا ئاياللارنى توسۇشتا قەتئى ئىدى؛- قىرىنداشلىرىم! سەبىر قىلىڭلار.ھەممىڭلار قىرىلىپ كىتىسىلەر.ۋەزىيەت يامان
بۇ مەھەللىنىڭ ئەڭ كونىسى،ھەممەيلەن ھۆرمەت قىلىدىغان 78 ياشلىق ئاق چاچلىق مۇماي گۈلسۈم ئانا،مەخسۇت ئاكىنىڭ يىنىغا كەلدى ۋە “ ئۇماق قىزلىرىم،سىڭىللىرىم! مەخسۇت ئەپەندى.ئۇرۇنلۇق گەپ قىلىۋاتىدۇ.نامايىش قىلىش ئىرادەڭلار قەتئى بولسا،بالىنىڭ ئۆلۈگىنى كۆتۈرۈپ ئەڭ ئالدىدا مەن ماڭىمەن.ئۆلسەم مەن ئۆلەي.ئامما ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتمەيلى.بالىلار دادىسىز ياشىيالايدۇ،ئانىسىز ياشىيالمايدۇ.ئۆلگەن بالىلىرىمىزنىڭ ئورنىغا بالا توغۇدىغان يەنە سىلەر.-گۈلسۈم ئانا كىلىپ ئون ئىككى ياشلىق بالىنىڭ جەسىدىنى قۇچىغىغا ئالدى ۋە “مەمەت ئوغلۇم،كەل!” دىدى.ئۆلۈكنى مەھمەتكە بەردى.-مەھەللە مەسچىتىگە ئاپىرىڭلار.نامىزىنى بۇرۇنراق چۈشۈرىۋىتەيلى-دىدى
مەمەت،ئۆلۈكنى ئىككى قوللاپ قۇچىغىغا ئالدى.مەخسۇت ئاكا ؛- مەسچىتنىڭ ئىمامىنىمۇ تۇتۇپ كەتتى.مىيىت نامىزىنى چۈشۈرىدىغان ئادەم يوق
گۈلسۈم ئانا تەمكىنلىك بىلەن؛- سىلەر بارغۇ بىرسىڭلار چۈشۈرسەڭلار بولىۋىرىدۇ.ئەگەر ئەرلەردىن جىنازا نامىزى چۈشۈرىدىغان ئادەم چىقمىسا،مەن چۈشىرىمەن.مەسچىتكە ئاپىرىڭلار-دىدى
مەمەت مەسچىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى.”ۋاي بالام!”دىگەن يىغا ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى بىلەن بۈتۈن مەھەللە ئۇمۇمى خور مەيدانىغا ئايلاندى. بىرسى ۋاي، ئوغلۇم،دەپ يىغلىسا ،بىرسى،ۋاي دادىسى،دەپ پەريات قىلاتتى.ئاياللار توپى،جەسەت كۆتەرگەن مەمەتنىڭ ئارقىسىدىن يىغلىشىپ مەسچىت تەرەپكە ئېقىشقا باشلىدى

گۈلسۈم ئانا، مەمەتنىڭ قولىغىغا؛-ئوغلۇم، جىنازا ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ماڭا بىر يولۇقۇپ ئۆت-دېدى ۋە توپتىن ئۇزاقلاشتى
5

ۋېلىسىپىتلىق مەمەت شىنجىاڭ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ ئىچىدە ئۆمەر ئېيتىپ بەرگەن ئادرىس بويىچە ئو بىنانىڭ ئالدىغا كەلدى.ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ ياتاق بىنالىرى ئالدىدا ھىچكىم كۆرۈنمەيتتى. پەقەتلا بىر بىنا كۈزەتچىسى بار ئىدى. – دوستۇم سېنىڭ بۇ يەردە نىمە ئىشىڭ بار؟-دەپ مەمەتنىڭ ئالدىغا كەلدى ئۇ
مەمەت؛- 41.ياتاقتا ئۇكامنىڭ چامىدىنى بار ئىدى. ئالغىلى كەلدىم

كۈزەتچى؛ -بۇ بىناغا كىرىشكە رۇخسەت يوق.بىنادا ھىچكىم يوق.دەرھال يوقۇلۇڭ.ئۆزىڭىزگە ئىش تەپىۋالىسىز.ئۇيغۇردىن ئۇيغۇرغا كېلىدىغان ياخشىلىق مۇشۇنچىلىك.-دېدى كۈزەتچى ۋە ئارقىسىغا بورۇلدى
مەمەت،بۇ يەردىمۇ ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى پايقىدى.ئۇ بىنا ئالدىدىن ئايرىلاي دەپ تۇرىۋىدى،كۈزەتچى سوردى؛-ئىنىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى؟
مەمەت؛-ئۆمەر توختى.دەپ جاۋاپ بەردى.كۈزەتچى؛- ئۆمەر توختىغا بۇگۈن ئەتتىگەن بىر پارچە خەت كەلدى.خالىسىڭىز سىزگە بىرەي.دىدى ۋە ئالدىدىكى خەتلەر ئىچىدىن چىقىرىپ بىر پارچە كونۋىرىتنى مەمەتكە ئۇزاتتى.مەمەت كوۋىرىت ئىلىپ يان يانچۇقىغا سالدى ۋە ۋەلىسىپىتىگە مىنىپ بىنا ئالدىدىن ئايرىلدى
ئۇ،ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تۈنۈگۈن كىچە يارىدار كىرىپ ئىككى سائەت ئىچىدە قۇچىغىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۆمەرنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇندىيالماي قايتىۋاتقىنىغا تولىمۇ ئەچىندى. “450 كوي پۇلنى يېنىمدىن چقىرىپ ئۆمەرنىڭ ئانىسىغا چوقۇم ئەۋەتىپ بىرىمەن”دەپ ئويلىدى
مەمەتنىڭ قىززىق ھىكاسى بار. ئۇ ئىلىنىڭ دۆڭ مازار دىگەن سەھراسىدىن. ئىككى ئىنىسى، بىر سىڭلىسى بار.دادىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرەلمەي ئەتىزدا ئىشلەشكە باشلىغان.ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۇكىلىرىنى ئوقۇتتى.ئۇكىلىرىمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۇنىۋەرسىتىتتا ئوقۇشقا پۇل يوق.يەنە دۆڭ مازارغا قايتتى.مەمەت سەككىز يىل ئالدىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى.غۇلجىلىق بالىلارنىڭ ئالمىلىرىنى سېتىپ باقتى.توپتىن سىتىش بازارلىرىدا ھامماللىق قىلىپ باقتى.پۇل يىغالمىدى.يىشى 30غا كېلىپ قالدى.غۇلجىدىن ئايرىلغىلى 3 يىل بولغاندىمۇ ئاىلىسىنى مەمنۇن قىلالغۇچىلىك پۇلغا ئېرىشەلمىدى.چۇلۇڭقاي يېزىسىدا سۆز كەستۈرۈپ قويغان ئاينۇرنى سېغىنىدۇ.ئامما،توي راسخۇدىنى تۆزلىيەلمىدى. بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن غۇلجىلىق بالىلاردىن برسى مەمەتكە چاقچاق قىلىپ “ئاداش،ئەگەر پۇل تېپىپ ئۆيلىنەي دىسەڭ بۆرىگىڭنى سات.باي بولىسەن،خۇتۇنمۇ ئالىسەن”دېدى.مەمەت “سەن مىنى ئاخماق كۆرىۋاتامسەن نىمە؟”دەپ تىرىككەن بولسىمۇ.بۇ گەپ ئونىڭ ئەقلىگە كىرىۋالدى.ئۈرۈمچىدە مەمەتكە ئوخشاش قارا قوساق بىرسىگە كىم ئىش بىرىدۇ.بىر بۆرەكنى ساتسا، بىر بۆرەك بىلەن ياشاۋەرىشكە بۆلىدۇ،دىيىشىدۇ.شۇنداقلا قىلمايمۇ…. مەمەت شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچى ئىككىنجى دوختۇرخانىسىغا باردى. بۆرەك ساتىدىغانلىغى دوختۇرلارغا ئاڭلاتتى.قان تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىپ مەلۇمات ئالىدىغان بولۇپ كەتتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلدى.دوختۇرخانىدا بىر يېرىم يىلدىن بىرى تىببى تەلەپ بويىچە ئۇيغۇن بۆرەك تىپىلماي يېتىۋاتقان بىر خەنزۇ قىز بار ئىكەن.مەمەتنىڭ بۆرىگى ئۆنىڭغا ئۇيغۇن چىقىپتۇ.خەنزۇ قىزنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ئىمىش, ئاڭلاپ بەك خوش بوپتۇ.مەمەت بۇ ئائىلىدىن قانچىلىك پۇل ئالغانلىغىنى ھىچكىمگە دىمىدى.ئامما خېلى بىر مىقتار پۇل ئالغانلىغى ئىنىق.بىراق خەنزۇ ئاىلە بۇ ئىشنى مىللەتلەر دوسلىغى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپتۇ.ئۇيغۇرنىڭ بۆرىگى،خەنزۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر جاننى ياشناتقاچقا، مەمەت ئۆزىمۇ بىلمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى نەمۇنىچىسى بولۇپ قاپتۇ.تەلىۋىزور.گېزىتلەرگە چىقىپتۇ.ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكۇم شۇجىسى ۋاڭ لوچۇەن ئۇنى قوبۇل قىلىپتۇ.ھۆكۈمەتمۇ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ
مەمەت پۇللارنى ئېلىپ غۇلجىغا بارغاندا بولسا، دۆڭ مازاردا ئۇنىڭ يۈزىگە قارايدىغان،ئۇنىڭغا سالام قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى.ئۇكىلىرىمۇ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىمىدى.دۆڭمازادا 6 ئايمۇ تۇرالمىدى. ئانىسى چۇلۇنقايدىكى ئۆز تۇققانلىرىنىڭ قىزى بولغان ئاينۇر بىلەن ئۆيلەندۈرۈپ ئۇددۇل ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىپ قويدى.مەمەت ئۈرۈمچىنىڭ كەمبەغىل ئۇيغۇرلىرى كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ”ئات بەيگە مەيدانى“ دەپ ئاتىلىدىغان,شەرھەرنىڭ چەت-ياقىسىدىكى بۇ نامرات ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئۆي سېتىۋالدى.سېغىنلىق كالىلارنى ئالدى.5 يىلدىن بەرى ئاينۇر سۈت ساغىدۇ. مەمەت كالىلارنى باقىدۇ.ئېغىلنى تازىلايدۇ. ھەر كۈنى سۈت فىرمىسىغا سۈت سېتىپ جېنىنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ.بىراق مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلار توي قىلسا تويغا چاقىرمەيدۇ.ئۆلۈم پەتىلىرىگە چاقىرمىسىمۇ بارىدۇ.قېرى-ئاجىزلارنىڭ ئىشى چۈشسە يۈگرەپ بېرىپ قىلىپ بىرىدۇ.بۇرۇن كىشىلەر پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرغان يەرگە بارسا،پاراڭ توختايتتى.ئادەملەر تارقىلىپ كىتەتتى.ئۇنىڭ زىيانسىز ئىكەنلىگىنى چۈشەنگەن مەھەللە خەلقى، ھازىر مەمەت بار يەردىمۇ “بۇ خىتتايلار..”دىگەن گەپلەرنى قورقماي قىلىۋېرىدۇ

مەمەت كەچمىشىنى ئويلاپ مېڭىپ گۈلسۈم ئانىنىڭ ئىشىگى ئالدىغا كىلىپ قالغانلىغىنى بىلمەي قالدى.ئۇ ۋەلىسىپىتتىن چۈشتى ۋە گۈلسۈم ئانىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.مەمەت ھەر زامان گۈلسۈم ئانىنىڭ ئۇششاق-چۈسەك ئىشلىرىنى قىلىپ بىرەتتى،دۇئاسىنى ئالاتتى

گۈلسۈم ئانا ئىشىكنى ئاچتى ۋە مەمەتنى ھويلىغا باشلىدى؛-ئوغلۇم مەمەت چاچتەك قىلىپ لەغمەن قىلىپ قويدۇم.ئالدى بىلەن ئېشىڭنى يەۋال،كەل ھويلىدىلا ئولتۇرايلى
مەمەت؛-گۈلسۈم ئانا،ھىچنىمە يىگۈم يوق. سىزگە رەخمەت
گۈلسۈم ئانا؛-ئۇنداق دىمە بالام.ئىشىڭ ئىغىر.سېنى بىر-ئىككى سائەت ئىشقا سالىمەن.گۈلسۈم ئانا لەغمەننى تەخسىگە سىلىپ ھازىرلاپ قويغان شىرەگە ئەكەلدى
مەمەت لەغمەننى يەۋاتقاندا بولسا، گۈلسۈم ئانا ئويدىن گۈرجەك،جوتۇ ئېلىپ چىقىپ ھويلىنىڭ بىر بۇرجىگىدە قويۇپ قويدى.مەمەت، گۈلسۈم ئانىنىڭ چاچلىرىنىڭ ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەنلىگىنى، قوللىرىنىڭ ۋە بىشىنىڭ تىتىرەيدىغان بولۇپ قالغانلىغىنى پايقىدى.يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن؛-گۈلسۈم ئانا،يەنىلا تىتىك تۇرىۋاتىسىز.سالامەتلىگىڭىز ياخشى-دە،دېدى
گۈلسۈم ئانا؛- نەدىكىنى بالام.يىشىم 78. بىر پۇتىمىز گورگە ساڭگىلىدى.ئاللاھ ئالمىغان جاندا ئۈمىت بار دەپ ياشاپ تۇرۇۋاتىمەن،ئوغلۇم
مەمەت لەغمەننى يەپ بولدى ۋە؛-قەنى ئىشىڭىزنى قىلىۋەتەي،نىمە ئىش ئىدى؟
گۈلسۈم ئانا؛-ھويلىنىڭ شۇ بۇرجىگىگە ئۇزۇنلىغى ئىككى مېتىر،كەڭلىگى يەتمش سانتا،چوڭقۇرلىغى بىر ئىككى مىتىرلىك بىر ئورا كولاپ بەرسەڭ، دەيمەن ئوغلۇم
مەمەت؛-بولىدۇ.ئامما،سىز ئورىنى نىمە قىلىسىز؟
گۈلسۈم ئانا؛-سەن كولا.مەن ساڭا دەيمەن

6

مەمەت 3 سائەت چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە ئىشلەپ ئورىنى كولاپ بولدى
گۈلسۈم ئانا بولسا، ئۇنىڭغا چاي دەملەپ بېرىپ تۇردى
مەمەت ئورىنىڭ ئىچىدىن چىقىپ؛- گۈلسۇم ئانا كەتسەم بولامدۇ؟دەپ سوردى تەرلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ
گۈلسۈم ئانا؛- ياق.-ئۇ،يانچۇغىدىن بىر كىملىك بەلگىسىنى چىقىرىپ مەمەتكە ئۇزاتتى.مەمەت كىملىكنى قولىغا ئېلىپ قارىۋىدى. بۇ بىر قىزغا ئاىت كىملىك ئىكەن ئالىيامۇ…دەپ يەزىلغان،دىمەك ئالىيەم دىگەن قىزغا ئاىت كىملىك ئىكەنلىگىنى بىلدى.كىنو ئەرتىسىدەك گۈزەل قىز ئىكەنلىگى رەسىمدىن بىلىنىپ تۇراتتى.مەمەت سوئال ئىشارىتى بىلەن گۈلسۈم ئانىغا قارىدى.- كەل !دەدى گۈلسۈم ئانا.مەمەتنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆيگە كىردى. سۇپا ئۈستىدە قاتلاپ تىزىلغان يوتقان –كۆرپىلەرنى بىر بىرلەپ بىر تەرەپكە ئالدى. ئاندىن؛- قورقما ئوغلۇم.ساڭا ئىشىنىمەن.سەنمۇ ماڭا ئىشەن.ئۇ يوتقاننى ئاچتى.يۈزىگە ياغلىق يىپىلغان بىر بەدەن ياتاتتى.
گۈلسۈم ئانا؛- قولۇڭدىكى رەسىمنىڭ ئىگىسى بۇ قىز.ئاخشام كىچە يېرىمىدا ئىشىگىمنى چكتى.ئاچتىم.3 بالا قولللىرىدا قانغا مىلەنگەن بۇ قىز. يالۋاردى.ئۆيگە باشلىدىم.نامايىشتا ئوققا تۇتۇلۇپ يارىدار بولۇپتۇ.ئوق ئارقا مىڭە تەرەپتىن كىرگەن ئىكەن،يۈزىنىڭ يېرىمىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەكەلگەن بالىلار بىر سائەت ئىچىدە دوختۇر ئېلىپ كېلىمىز دەپ چقىپ كەتتى.قىز يېرىم سائەتمۇ بەرداشلىق بەرەلمەي نەپەستىن قالدى.كېچىچە ساقلىدىم.بۇگۈن بىر كۈن ئۆتتى. كەتكەن بالىلار كەلمىدى. بەلكىم ئولارمۇ شەھىت بولدى،ياكى تۇتۇلۇپ كەتتى

مەمەت قىزنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئاچتى.قېتىپ كەتكەن قان ئىچىدىكى يۈزنى تونۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.گۈلسۈم ئانا سۆزىنى داۋام قىلىۋاتاتتى؛-مەن ئۆزەمدىن ئەنسىرىمەيمەن.40 يېشىمدا 20 ياشلىق ئوغلۇمنى بۇ ۋەتەن ئۈچۈن بۇ تۇپراقلارغا كۆمۈپ چىدىغان ئانا مەن.بۇ قىزنىڭ جەسىدى دۈشمەنلەرنىڭ قولدا خارلانمىسۇن،دېدىم

مەمەت جەسەتنى ئىككى قوللاپ كۆتۈردى.ئۇ، قىزنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ 45-46 كىلولاردا ئىكەنلىگىنى پايقىدى. مەمەت جەسەتنى ئورىغا ياتقۇزدى
گۈلسۈم ئانا ئاق داكا رەخنى ئۇزاتتى.مەمەت داكا رەخنى قىزنىڭ ئۈستىگە ياپتى، ئاندىن ئۆزى ئورىدىن چقتى

گۈلسۈم ئانا بىشىغا ئاق ياغلىق سېلىپ ھويلىدىكى سۇپا ئۈستىگە چقتى.مەمەتكە توپا تاشلا دىگەن ئىشارەتنى قىلدى.ئۆزى بولسا جەينامازنى سېلىپ ئۆستىدە ئولتۇردى ۋە قۇر ئانى-كەرىمنى ئېچىپ ياسىن سۈرەسىنى ئوقۇشقا باشلىدى

مەمەت جەسەتنى كۆمۈشكە باشلىدى
گۈلسۈم ئانىنىڭ قۇرئان ئوقۇغان مۇڭلۇق ئاۋازى ئاستا-ئاستا كۈچىيىۋاتاتى.مەمەت توختاپ قالدى. ئۇ كۆمۈلۈۋاتقان قىزنىڭ ياسىن سۈرەسىنى ئاڭلاپ تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدىغانلىغىغا ئىشەنگەندەك،گۇيا بىر مۆجىزە بولىدىغاندەك جم-جىت سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى
گۈلسۈم ئانىنىڭ جاراڭلىق قوڭغۇراقتەك ئاۋازى شۇنچىلىك مۇڭلۇق ئىدىكى يۈرەكنى ئىزەتتى
مەمەت، گۈلسۈم ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈۋاتقانلىغىنى كۆردى. ئۇ ئۆزىنى تۇتالمىدى.بۇ،بىر كۈن ئىچىدە ئىككىنجى ئېەتىم ئۆزىگە تونۇش بولمىغان ئامما مەڭگۇ ئۇنۇتالمايدىغان قېرىندىشىنىڭ جەسىدىنى كۆمۈۋاتاتتى.گۈلسۈم ئانا قولى بىلەن ئۇنىڭغا” كۆمۈشنى داۋاملاشتۇر” ئىشارىتىنى قىلدى.مەمەت ئورىغا توپا تاشلاشقا باشلىدى
گۈلسۈم ئانا ئوقۇغان ئايەت ئاۋازى بۇ كىچىك ھويلىدىن ھالقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماتەم نىدالىرىغا ئايلىنىپ ئۇزاقلارغا تاراپ كىتىۋاتاقاندەك ئىدى

7

مەمەت ناھىيىتى چارچىغان ھالدا ھويلىغا كىرىپ كەلدى

ئاينۇر ئەنسىزلىك ئىچىدە ئىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ؛-ئەجەپمۇ ئەنسىرەتتىڭىزغۇ. نىمانداق يۇقاپ كەتتىنىڭىز؟نىمە تۇپا-چاڭلار بۇ؟
مەمەت-سۇ ئەكەل باش-كۆزىمنى بىر يۇۋەتەي
ئاينۇر سۇ ئەكەلدى ۋە؛-بىر ياققا چىققاندا قول تەلىپۇنىڭىزنى ئېلىۋەلىڭ.ئۇنتۇپ قاپسىز. ئەنسىرەپ كەتتىم
مەمەت؛-ھە،تەلىپۇننى ئەكەل غۇلجىغا بىر تەلىپۇن قىلىپ باقاي.-مەمەت يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ بولۇپ،قانچە قېتىم تەلىپۇن ئۇرۇپ باقتى،ئامما تەلىپۇن ئۇلانمىدى

كۈزەتچىنىڭ ئۆمەرگە ئائت،دەپ بەرگەن خىتىنى ئىسىگە ئالغان مەمەت،يانچۇقىدىن خەتنى چىقاردى.كونۋىرىت ئۈستىگە ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ ئادىرىسى يىزىلغان ئىدى.مەمەت كونۋىرىتنى تۇتۇپ بىر ئازئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن،كونۋىرىتنى ئېچىشنى قارار قىلدى ۋە ئاچتى.ئۇ خەتكە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى.خەت مۇنداق يىزىلغان ئىدى؛ “قەدىرلىك دوستۇم ئۆمەر! ئاناڭ سىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ئالدىدا ساڭا بىلدۈرمەسلىكىم توغرۇلۇق مەندىن ۋەدە ئالغان بولسىمۇ،سەن يۇرتقا كەلگەندە ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقىڭ بولسۇن،دەپ ئويلاپ يېزىش قارارىغا كەلدىم.بەلكىم بۇ خەت ساڭا تەككىچە ئىمتىھانىڭمۇ تۈگەپ قالار
بىلىسەن، ئاكاڭ ساۋۇت جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلىپ سىېتىپ ئاىلەڭنى بىقىپ كىلىۋاتقان.ئۈچ ئاي ئالدىدا كىچىدە ئىشەك ھارۋىسىنى ئىلىپ يەنە ئوتۇنغا ماڭغان ئىكەن.ئاكاڭ ھارۋىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ.ئىشەك ھارۋىنى سۆرەپ چوڭ يولدا مىڭىۋىرىپ يېزىمىزنىڭ يۇقىرىسىدىكى بىڭتىۋەننىڭ ئىچىگە كىرىپ قاپتۇ.بىڭتىۋەننىڭ ساقچىلىرى ئاكاڭنى كېچىدە بىڭتىۋەنگە ئوغۇرلۇققا كەلدى،دەپ تۇتۇۋىلىپ سۇلاپ قويۇپتۇ.مەھەللە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ،سىكىتار ۋە بىر نەچە يۇرت چوڭلىرى بىڭتىۋەنگە باردى.ئۇلار 15 كۈندەك قاتىراپ يۈرۈپ ئاكاڭنى قايتۇرۇپ كەلدى.ئاڭلىشىمچە ساۋۇتنىڭ مىڭىسىگە قاتتىق ئۇرىۋەتكەچكە ئەقلىدىن ئىزىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالغان ئىكەن.”ماڭا تۇرمىدا سۈيدىكىمنى ئىچكۈزدى،تەرىتىمنى يىگۈزدى.مەن ئادەم تۇرسام،ماڭا شۇنداق قىلدى” دەپ سۆزلەپ يۈردى.ئۆتكەن ھەپە يەنە كىچىدە ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ شۇ بىڭتىۋەنگە بىرىپ قاپتىمىش.ۋاقىراىپ،ۋاقىراپ ئۇلارنى تىللىغان بولسا كىرەك.پوستا تۇرغانلار بىزگە ھۇجۇم قىلدى،دەپ ئىتىۋىتىپتۇ.جەسىدىنى مەھەللە سىكىتارى،ئامانلىق قوغداش مۇدىرى ئەكىلىپ بەردى.يەرلىكىدە قويدۇق.ئاناڭ قان يىغلايدۇ.پۈتۈن يۇرت بۇ ناھاقچىلىققا چىدىمىسىمۇ،ھىچكىم ئىغىز ئىچىشقا پىتىنالمايدۇ.بۇ يەردە ۋەزىيەت بەك يامان.مىنىڭچە مۇمكىن بولسا ئۈرۈمچىدە خىزمەت تېپىپ قېپ قال.ئاناڭنى يىنىڭغا ئال،ئاداش.بۇ يەردە كەمبەغىللىك،ناھاقچىلىقتىن باشقا نەرسە يوق.شۇنداقتىمۇ ئاناڭنى كۆرگىلى كىلىمەن دىسەڭ،تەييارلىقىڭ بۇلسۇن ئۈچۈن يازدىم.دوستۇڭ مۇرات” مەمەت خەتنى ئوقۇپ بولۇپ قېتىپ قالغاندەكلا خەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.مەمەت خىيالغا چۆمدى “بىز دەرەخ شاخلىرىغان قونغان قۇچقاچمۇ,قۇلىغا قۇرال ئالغان ھەر بىر ئادەم ئېتىپ ئوينايدىغان؟ قۇشلار ئۇگىسىدا،ياۋايى ھايۋانلار تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە خاتىرجەم ياشىيالايدۇ-يۇ،بىز ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتىمىزدا ئۆيىمىزدىمۇ،تالادىمۇ ئاراملىق يوق.ئۆز ئەجىلىمىز بىلەن ئۆلۈشكە،ئۆلگەندىن كىيىن ئۆلۈكلىرىمىزنى مازارلىققا ئاپىرىپ دەپنە قىلىشقىمۇ پۇرسەت بىرىلمەيدىغان خەلق بولۇپ قالدۇق.بىزنىڭ گۇنايىمىز نىمە؟” دەپ ئويلايتتى.ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نىمىشكە بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ تەكتىگە چۈشەنمەيتتى

8

ئۈرۈمچى 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 8.كۈنى

مەمەت ۋە ئاينۇر بۈگۈن بەكلا ئەتتىگەن تۇرۇپ كەتتى.مەمەت كالىلارغا يەم ھازىرلىدى. ئاينۇر كالىلارنى ساغدى.سۈتنى قايناتتى. سائەت 10 دىن ئاشقاندا ئەتىگەنلىك چايغا ئولتۇردى. ئۇلار بۈگۈن ئىشلىگەندىمۇ،چايدىمۇ ھىچ گەپ-سۆز قىلىشمىدى. ئۇلار چاينى ئىچىپ بولۇپ ئورنىدىن تۇراي دىگەندە، ھويلىنىڭ ئىشىگى چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. مەمەت ئىشىكنى ئاچتى.
مەھەللە جۇرىنى مەخسۇت ئاكا كەلگەن ئىدى. ئۇ، 5 ياشلارىدىكى بىر قىزنى بىللە ئەكەلگەن بولۇپ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛-ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەمەت،- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !-كىلىڭ مەخسۇتاكا.ئۆيگە كىرىڭ
مەخسۇت؛-رەخمەت.دېدى 60 ياشلاردىن ئاشقان ئوتتۇرا بويلۇق كۆز لىرى ئۆتكۇر بۇ كىشى.-ئۇكا ساڭا بۇ قىزنى ئەكەلدىم.ئىسمى ئازاتگۈل
ئۇلارنىڭ يېنىغا ئاينۇرمۇ كەلدى. مەخسۇئاكا ئاينۇر بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.-ئازاتگۈل يېتىم قالدى.ھازىرچە سەن بېقىپ تۇر.بەلكى مەڭگۇ سېنىڭ ئاىلەڭدە قېلىشى مۇمكىن
ئازاتگۈل سەبى گۆزلىرىنى مولدۇرلىتىپ قورقۇپ،قورۇنۇپ يەرگە قاراپ تۇراتتى
ئاينۇر،قىزنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئىشىكنىڭ ئىچىگە ئالدى. ئاندىن كۆتۈرۈپ قۇچىغىغا ئالدى
مەخسۇت؛-قىزىم ئاينۇر.سىز قىزنى ئويگە كۆتۈرۈڭ.مەمەتكە ئىككى ئېغىز سۆزۈم بار-دېدى
ئاينۇر كىچىك ئازاتگۈلنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى
مەخسۇت؛-قىزنى قوبۇل قىلالامسەن دەپ سورمدىم.كەچۈر
مەمەت؛-قوبۇل قىلىمەن ئاكا.بىزنىڭ بالىمىز يوق.باقىمىز

مەخسۇت؛-رەخمەت. ئارقا كوچىدا سادىق دەپ بىر يىگىت بار ئىدى. كوچىلاردا مىيۋە ساتىدىغان
مەمەت؛-ھە،تونۇيمەن
مەخسۇت؛- يەكشەنبە كۈنى بازاردا ھارۋا سۆرەپ مىيۋە سېتىۋاتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىنى كۆرۈپلا،ھارۋىسىنى باشقا بىرسىگە تاشلاپ بېرىپ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارغا قۇشۇلۇپ كىتىپتۇ. تۈنۈگۈن مەلىمىزدىن تۇتۇلۇپ كەتكەنلەر ئارىسىدا مامۇت دىگەن بىر بالا بار.ئۇ سادىقنى يەكشەنبە ئاخشام سانشىخاڭزىدا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىگىنى ئۆز گۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ.ئايالى تۇرسۇنگۈل، ئېرىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىز.تۈنۈگۈنكى ئاياللار نامايىشىدا ئالدىدا مېڭىپ“ ئىرىمنى قايتۇرۇپ بەر” دەپ شۇئار توۋلاپ ماڭغان ئىكەن. چەتئەللەردە تەلىۋىزورغا چىقىپ كەتكەنمىش.بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 6 لاردا ساقچىلار كىلىپ تۇتۇپ كەتتى. 3 بالا . ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى مەن ئالدىم. بىر يىرىم ياشلىق قىزىنى باشقا خوشنىغا بەردىم. چوڭىنى ساڭا ئەكەلدىم

مەمەت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي چىقىر كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككەن ھالدا گەپنى تىڭشاۋاتاتتى. ئۇ ،بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ؛-مەخسۇت ئاكا،بىزمۇ ئادەم.يۈرىگىمىز گوش.ئەندى ئۇيغاندۇق. ئازاتگۈلنى ئۆز ئەۋلادىمدەك باقىمەن ئاكا.-دەدى ئاۋازى بوغۇلغان ھالدا
مەخسۇت؛-تۇرسۇنگۈلنىڭ قوللىرىدا ئىشكەل.ساقچى ماشىنىسىغا چىقىپ كېتىۋەتىپ،مەخسۇتاكا.باللىرىمغا ياخشى قاراڭلار. مەكتەپكە بېرىدىغان بولساڭلار ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەرىڭلار، دەپ ۋاقىرىدى. كۆز يېشىمنى تەس تۇتىۋالدىم.ئۇكا.تۇيۇقسىزلا بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈنلەرگە قارىمامسەن
مەمەت؛-قولىمىزدىن كەلىدىغان ئىش بولسا قىلايلى ئاكا-دېدى.ھاياجاندىن ئۇنىڭ لەۋلىرى دىر-دىر تىتىرەيتتى
مەخسۇتاكا ئولۇغ-كىچىك تىندى.ئاندىن؛-200 ئاىلىلىك مەھەللىدە 60 ياشتىن تۈۋەن 3 ئەر قالدۇق ئۇكا
مەمەت چۇچۇپ سوردى؛-باشقىلارچۇ؟
مەخسۇت؛-قېپقالغان ئەرلەرنى كىچە بويىچە ئۆي-ئۆي كىرىپ تۇتۇپ كتتى. سەن مىللەتلەر ئىتتىپالغى ئۆلگىسى. مەن 35 يىل ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.پىنىسسىيەگە چىققاندىن كېيىن خەلقنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بۇ مەھەللىگە مەھەللە باشلىغى قىلىپ قويۇلغان بىرسى.يەنە بىرى ئۇ ۋىتنامچى گىنىرال. مەھەللىنىڭ ئىشى ئۈچىمىزگە ئامانەت.مەن كىتەي –دېدى.مەخسۇت ئاكا ھىچقاچان بۇنداق چۈشكۈن ھالدا كۆرۈلمىگەن ئىدى.ئۇ،خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى

مەمەت ئىشىك ئالدىدا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى.ۋىتنامچى گىنىرال دېگىنى قاسىم دىگەن كىشى ئىدى.55 ياشلىردا بار بىر كىشى سەپىرا مىجەز.ئادەملەر بىلەن ئاز ئارىلىشىدىغان،كۆپ گەپ قىلمايدىغان بىر كىشى.1979.يىلى جۇڭگو ۋىتنامغا ھۇجۇم قىلغاندا ۋىتنامدا يارىدارلىنىپ مۇكاپاتقا ئەرىشىپتىكەن.پىنىسسىيە مائاشى بار. يالغۇز ياشايدۇ.مەھەللىدە پارتىيەگە ،ھۆكۈمەتكە سادىق دەپ قارالغان 3 نەپەرلا ئەر قالدىمۇ؟ بۇ مەھەللىدە 500-600 ئەر بارئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتچىگە ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟
ئاينۇر؛- مەمەت- ئاينۇرنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن مەمەت خىيالدىن ئويغۇنۇپ ئارقىسىغا قارىدى.- مەن،ئازاتگۈلنىڭ چېچىنى يۇيۇپ تاراپ قوياي دەۋاتىمەن-دەدى ئاينۇر
مەمەت؛- ياخشى بۇپتۇ-دېدى ۋە ھويلىنىڭ ئىشىگىنى ياپتى
ئاينۇر ئىسسىق سۇ بىلەن سوغۇق سۇنى تەڭشەۋاتاتى.مەمەت كىلىپ كىچىك ئازاتگۇلنىڭ قولىنى تۇتتى؛- كەل قىزىم. مەمەت.مەن سېنىڭ داداڭنىڭ دوستى. –ئۇنى قۇچىغىغا ئالدى
ئازاتگۈل؛- سەن مېنىڭ دادامنى تونۇمسەن؟مەن سېنى ھىچ كۆرمىگەن.-دېدى كىچىك قىز مەمەتنىڭ يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ
مەمەت؛ -تونۇيمەن.سېنىڭ داداڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا
كىچىك ئازاتگۈلنىڭ كۆزلىرىدە تەبەسسۇم پەيدا بولدى؛- سەن نەدىن بىلدىڭ؟
مەمەت؛- مەن بىلىمەن.ياخشى دادىلارنى كىم بىلمەيدۇ؟!-مەمەتنىڭ بوغىزىغا قاتتىڭ بىر نەرسە توختاپ قالغاندەك بولدى.ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.كۆزلىرىدىن بولسا تاراملاپ ياش ئاقتى
ئازاتگۈل؛- سېنىڭ كۆزىڭ ئاغيامدۇ؟يىغىما!-ئۇ،ئۇماق كىچىك قوللىرى بىلەن مەمەتنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈشكە تىرىشتى
ئاينۇر كەلدى ۋە قىزنى قۇچىغىغا ئالدى.مەمەت بولسا كۆزلىرىنى سۈرتۈپ ئېغىل تەرەپكە قاراپ كىتىپ قالدى

                                                          9                      

 

بۇ ئائلىنىڭ كىرىم مەنبەسى بۇ 3 سېغىنلىق كالا ئىدى. شۇڭا مەمەتمۇ،ئاينۇرمۇ كالىلارنىڭ يېنىدىن پارۋانىدەكلا ئايرىلالمايدۇ.2 كۈندىن بېرى مەمەتنىڭ كۆرگەن،بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەر ئۇنى خۇددى پىقىرىتىپ-پىقىرىپتىپ تاشلىۋەتكەندەك بېشى گاراڭ،نىمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.يەم يەۋاتقان كالىلارغا قاراپ ھىيالغا چۈمۈپ قالغان مەمەتنى بىردىنلا چېلىنغان قول تەلىپۇنىنىڭ ئاۋازى چۇچىتىۋەتتى.ئۇ تەلىپۇننى ئاچتى ۋە قارشىدىن؛ “ۋەي،ئاكامما “دىگەن تونۇش ئاۋاز كەلدى
مەمەت؛-ماھىرە قانداق ئەھۋالىڭلار؟ تەلىپۇندا سىلەرگە ئۇلاشالماي ئەنسىرەپ تۇراتتىم.ئاپام ياخشىمۇ؟
قارشىدىن يىغا ئاۋزاى كەلىشكە باشلىدى؛-ماھىرە سىڭلىم نىمە بولدى؟
ماھىرە؛-يارى ئاكام بىلەن رەخمەتجەن ئاكامنى ساقچىلار تۇتۇپ ئەكەتتى.ئاپام ، ئۇلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئىلىپ ماڭغاننى كۆرۈپلا بىر قىسما بولۇپ ھوشىدىن كىتىپ يېقىلىپ چۈشتى.ۋاي ئاپام،ۋاي ئاپام… يىغا ئاۋازىدىن بىر باشقا گەپ كەلدىمىدى.ماھىرە.ماھىرە!…قارشىدىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى كەلدى؛-مەمەت ئۇكا.مەن سەيدەخمەت. ياخشىمۇسەن
مەمەت-دىگىنە ئاكا چاپسانراق، نىمە بۇپكەتتى دۆڭ مازادا؟
سەيدەخمەت؛-مەھەللىدىن نامايىش قىلماچى بولغان دەپ 24 بالىنى تۇتۇپ كەتتى . تۇتۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا سىنىڭ ئىككى ئىنىڭمۇ بار. ئاپاڭ رۇقىيەم ھەدەم بۇ ئىشلارنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كېتىپ قېلىۋىدى
مەمەت؛-ئاكا،جىنىم ئاكا، بىر دىگىنە ئاپام ساقمۇ؟
سەيدەخمەت؛- رۇقىيىم ھەدەم تۈگەپ كەتتى ئۇكا
مەمەتنىڭ قولغىغا سەيدەخمەتنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغى كىرمىدى.تەلىپۇن قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئولتۇرغان يېرىدە ئولتۇرۇپلا قالدى. ۋە بىردىنلا يەر-زىمىننى تەتىرىتىدىغان گۈلدۈرمامىدەك بىر ئاۋاز بىلەن پەريات قىلىشقا باشلىدى؛-ئاللاھ،ھەي جانابى ئاللاھ! سەن قايەردە؟بىز سېنىڭ بەندەڭ ئەمەسمۇ؟مۇشۇنداق ئۆلۈپ تۈگەپ كېتىمىزمۇ ئاللاھ،مۇشۇنداق ئۆلۈپ تۈگەپ كەتىمىزمۇ؟؟؟؟؟….مەمەت ھۆڭرەپ-ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.؛-ئاھ،جىنىم ئاپا، ساڭا لايىق بالا بولامىدىمغۇ…ئاپا…مېنىڭ يۈزۈمدىن مەھەللىدە سۆز-چۆچەككە قالدىڭغۇ ئاپا. ۋاي ئاپا…ئاپا……ئۇ،قانچىلىك يىغلىغانلىغىنى بىلمەيدۇ.بىردىن قارا دىگەندەك بولدى،ئۇ كالىلارغا قارىدى ھەر 3 كالىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتاتتى.مەمەت بىردىنلا قىتىپلا قاراپ قلدى.ئۇ كالىلارنىڭ يىغلىغانلىغىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتى
ھەر 3 كالىنىڭ مۇلايىم، قۇندۇزدەك قارا كۆزلىرىدىن توختىماي تاراملاپ ياش ئەقىۋاتاتتى

10
ئۈرۈمچى.2009.يىلى 7.ئاينىڭ 9.كۈنى

مەمەتنىڭ ئۆيى پەتىگە كەلگەن ئاياللار بىلەن تولغان ئىدى.ئاق ياغلىقلىق ئاياللار خەتمە-كۇران قىلماقتا ئىدى. ھويلىدا مەمەت 55 ياشلىرىدىكى ئىگىز بويلۇق بىر كىشى بىلەن پاراڭلىشۋاتاتتى.ئۇ كىشى ۋىتناملىق گىنىرال لەقىمى بار قاسىم ئاكا ئىدى.قاسىم ئاكا ،مەمەتكە تەسەللى بەرىۋاتاتتى؛-ئۇكا،ئۆلگەن يالغۇز سېنىڭ ئاناڭلا ئەمەس.بۇ كۈنلەردە ھەممە يەردە ئادەم ئۆلۈۋاتىدۇ.غۇلجىغا بېرىشتىن يالتايغىنىڭ ياخشى بولدى.بەلكى ئۇ يەردە سېنىڭ بېشىڭغىمۇ كۈن كېلىشى مۇمكىن ئىدى.دۇئانى نەدە قىلساق ئوخشاشلا روھلارغا ئۇلىشىدۇ.چۈشتىن كېيىن ئۆيۈمدە سېنى كۈتىمەن.مۇھىم مەسلىتىم بار.-قاسىماكا خوشلۇشۇپ ھويلىدىن چىقتى

11

ئۈرۈمچى . 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 10.كۈنى

ئاخشام سائەت 11 دە ئۇخلىغان ئاينۇر ئېغىر ھارغىنلىقتا ئەتتىگەن سائەت 9 غىچە ئۇخلىدى.ئەگەر ئۇنى كىچىك ئازاتگۈل “سىيگۈم كەپكەتتى”دەپ ئويغاتمىغان بولسا يەنە ئۇخلاۋىرەتتى.ئاينۇ،ئازاتگۈلنى ھاجەتخانىغا ئاچقىپ ئەكىردى.ئۇ،ھويلىغا،ئېغىلغا قارىدى. مەمەت يوق ئىدى. ئۆي تەلىپۇنىدىن مەمەتنىڭ قول تەلىپونىغا تەلىپۇن قىلدى.مەمەتنىڭ تەلىپۇنى تەلىۋىزورنىڭ ئۈستىدە چىلىۋاتاتتى.ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇپلا تەلىۋىزورنىڭ ئۈستىدىكى تەلىپۇننى ئالدى.تەلىپۇننىڭ ئاستىغا قىستۇرۇلۇپ قويۇلغان بىر پارچە قەغەزنى كۆردى.ئۇ،قەغەزنى قولىغا ئەلىپ ئاچتى.تونۇش پۇچۇركا.بۇ مەمەتنىڭ خىتى ئىدى.ئۇ، چۇلۇڭقايدىكى يېزىسىدا مەمەتتىن كەلگەن كۆپ خەتلەرنى ئوقۇغان.مەمەتنىڭ پوچۇركىسى ئۇنىڭغا تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى
ئاينۇر سۇپىدا ئولتۇردى ۋە خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى؛“ قەدىرلىگىم! كۆڭلۈمنىڭ ئايى،كۆزۈمنىڭ نۇرى.مىنىڭ ئاينۇرۇم! ئانامدىن،قەرىنداشلىرىمدىن ئايرىلىپ چىدىدىم.ئامما،سەندىن ئايرىلىپ چىدىيالمايمەن.3 كۈن ئىچىدە مەن تامامەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندىم. ۋىتناملىق گىنىرالنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلالمىدىم. مەھەللىدە قالغان ئاخىرقى 3 نەپەر ئەر مەھەللىدىن ئايرىلدۇق.
جېنىمدىن ئەزىز ئاينۇرۇم! سېنى ئۈرۈمچىگە مەن ئەكەلدىم.ماڭا ئىشىنىپ كەلدىڭ.سېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتكىنىمنى ۋاپاسىزلىق ھىساپلىما.بەلكىم مەن ھىچ قايتىپ كەلەلمەسلىگىم،سېنى ھىچ كۈرەلمەسلىگىم مۇمكىن.شەھىتلەر جەننەتتە ئۇچىرشىدىكەن.سېنىڭ بىلەن جەننەتتە ئۇچىرىشىدىغانلىغىمغا چوقۇم ئىشىنىمەن-ئاينۇرنىڭ كۆزلىرىدىن مارجاندەك دومۇلاپ چۈشىۋاتقان ياشلار خەتنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى.ئاينۇر خەتنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى- سەن بىلەن يۈزتۇرانە تۇرۇپ رۇخسەت سوراشقا پېتىنالمىدىم.خەت يېزىپ قالدۇردۇم. مۇمكىن بولسا بالدۇرراق ئۆينى ۋە كالىلارنى نىمىگە ئالسا سىتىپ غۇلجىغا كەت.ئازاتگۈلنى بىللە ئەلىپ كەت.ئۇنىڭغا ياخشى قارا!ئۇ، ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن سوغىسى….جېنىم،ھاياتىم،سېنى چەكسىز سۈيىمەن. مېنى كەچۈر

ئاينۇرنىڭ ئىككى كۆزى ئىككى بۇلاققا ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى.كىچىك قىز ئارزۇگۈل ئۇنىڭغا يېپىشتى.نىمىشكە يىغلاۋىيىسەن؟…تىلۋىزوينى ئاچايمۇ؟ئاينۇر كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ،ئازاتگۈلگە تىلىۋىزورنى ئېچىپ بەردى. تىلىۋىزوردا ئۆلگەن،يارىدار بولغان خەنزۇلارنىڭ كۆرۈنىشى،”ئۈچ خىل كۈچلەر”نىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بەرىلىۋاتاتتى.بىردىنلا “جىددى خەۋەر… دەپلا كۆرۈنۈشلەر ئالماشتى “ئۈرۈمچى شەھەر نېفىت-خەمىيەۋى زاۋوتتا بىر نېفىت ئىسكىلاتى تۇيۇقسىز پارتلاپ كەتتى..” دىگەن خەۋەر بىلەن كۆيۈۋاتقان نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

كۆزلىرى ياش،مىسكىن،ئۈمىتسىز ئاينۇر تېلىۋىزوردىكى بۇ كۆرۈنىشلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ خىيالغا چۈمۈپ قالدى

12
پۇكاڭ .2009.يىلى 7.ئاينىڭ 10.كۈنى

ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن 3 كىشى چوڭ يولدىن كەسىپ ئۆتۈپ يان كوچىغا بورۇلدى.ئۇلار،مەمەت،مەخسۇتاكا ۋە ۋىتناملىق گىنىرال قاسىماكا ئىدى. كوچا دوقمۇشىدا ئۇلارنى قوراللىق جاندارما قىسىملىرى توستى ۋە كىملىك بەلگىلىرىنى سوردى
مەخسۇتاكا ئالدى بىلەن كىملىگىنى ۋە ساقچى بەلگىسىنى چىقىرىپ جاندارما ئەسكەرلىرىگە راۋان خەنزۇچە تەلەپپۇز بىلەن ئاڭلاتتى؛- مەن 35 يىللىق ساقچى كادىرى.رازۋوتكا بۈلىمىدە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقلىغىدىن پىنىسسىيەگە چىقتىم .دوستۇم قاسىم ۋىتنام قەھرىمانلىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قەھرىمانلىق مىدالى بار
قاسىماكا مەيدە يانچۇقىنىڭ ئۈستىگە تاقاپ قويغان مىدالنى كۆرسەتتى
مەخسۇتاكا سۆزىنى داۋام قىلدى؛- بۇ كىشى مەمەت. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى ئۆلگىسى
مەمەت ،شەرەپ كىنىشكىسىنى كۆرسەتتى.ئەسكەرلەردىن بىرسى “مەن سىزنى تەلىۋىزورلاردا كۆرگەن.”دەپ قولىنى ئۇزاتتى ۋە مەمەت بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتى.
مەخسۇتاكا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى؛- بىز مۇھىم ۋەزىپە بىلەن كېتىۋاتىمىز.ئىشىمىز ئالدىراش.ئۇيغۇر بولۇشىمىز سىزنى شۆھبىلەندۈرمىسۇن
ئەسكەرلەر،بۇ 3 كىشىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كىملىك بەلگۈلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى.ئۇلار كوچىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىر بىناغا كىرىپ كەتتى

بۇ ئۈچەيلەننى ئۆي ئىگىسى 45 ياشلىرىدىكى دوغۇلاق،خوشپىىل بىر كىشى كۈلۈپ قارشى ئالدى.؛-تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈپ تۇراتتىم سىلەرنى.مانا تىلىۋىزوردا سىلەرنىڭ كارامەتلىرىڭلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

تىلىۋىزوردا پارتلىتىلغان نېفىت ئىسكىلاتنى توغرىسىدا خەۋەر بەرىلىۋاتاتتى

قاسىماكا مەغرۇر ھالدا جاۋاپ بەردى؛-ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم ئىشقا يارىدىڭ ئۇكا.بەرگەن دورىلىرىڭنىڭ كۈچى. ئۇزاقتىن باستۇق ،گۈم.
مەخسۇت؛-بىز ماڭايلى.پارتلاتقۇچلار تەييارمۇ؟-دەدى
ئوي ئىگىسى؛-نەگە؟
مەخسۇت؛-بىلمەيمىز.نەگە بەرىشىمىزنى يولدا مەسلەھەتلىشىمىز.
ئوي ئىگىسى؛-ئالدى بىلەن بىر پىيالە چاي ئىچىڭلار.سىلەرنى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ بىر يولباشچىسى بىلەن تونۇشتۇرىمەن
دەل بۇ ۋاقىتتا،ئىشىك چېكىلدى.ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچتى..تاشقىرىدىن 24 -25 ياشلاردىكى ئورتا بوي كىلىشكەن بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ قولىدا سومكا بار ئىدى.يىگىتنىڭ چىرايىدا بىر جىددىلىك ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ،ئۆيدىكىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى
ئۆي ئىگىسى سوردى؛-ئەكبەر ئۇكام،بۇلار ئىشەنجىلىك كىشىلەر-دېدى مىھمانلارنى ئىما قىلىپ-دوختۇرنى تاپالىدىڭمۇ؟
ئەكبەر؛-تاپتىم.كۆرۈشتۈم.بىراق مەن بىلەن كېلىشتىن باش تارتتى.بەزى دورا،ئوكۇللارنى ئېلىشىمغا ياردەملەشى.مەن ماڭاي ئاكا.-دەدى ئەكبەر
ئوي ئىگىسى؛-بۇ 3 كىشى ساڭا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.سەن بىلەن بىللە كەتسۇن
ئەكبەر،مەمەتكە،قاسىم ئاكىغا،مەخسۇتاكىغا بىر بىرلەپ سىنچىلاپ قاراپ چىقتى.ئۆي ئىگىسى ئەكبەرنى مىھمانلارغا تونۇشتۇردى؛-ئەكبەر مېنىڭ ئەڭ يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ئوغلى.ئەقىللىق ھەم ئىشەنچىلىك. يېقىنلا بىر تاغدا قازاق دوستۇمنىڭ ئۆيگە چۈشكەن ئىكەن
ئەكبەر؛-ھاياتى خەۋىپ ساتىدا بىر يارىدار مېنى كۈتۈۋاتىدۇ.بىز ماڭايلى-دەدى ئەكبەر ۋە ئىشىك تەرەپكە بورۇلدى
مەمەتنىڭ خىيالى بولسا ئاينۇردا ئىدى

13

تەڭرى تېغىنىڭ ئەتەكلىرى. 2009.يىلى 7.ئاينىڭ 11.كۈنى
ماتەملىك،ئامما تىز پۈكمەس ئۇيغۇر ئانىلىرىدەك بىشىغا ئاق رومال ئارتىپ تۇرغان گىگانىت بوغدا چققىسى ئۇزاقتا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ۋەتەننىڭ ئەرلىرىگە ئۆلگە كۆرسەتكەندەك قىش-ياز ئىسسىق-سوغۇق،بوران-چاپقۇندا بوي تارتىپ زورىيىۋاتقان يېشىل قارىغايلار رەتلىك تىزىلغان پەھلىۋانلاردەك تاغ باغرىنى يېشىللىققا پۈركەپ ئۇزاقلارغا سۇزۇلغان يېشىللىق دۇنياسىنى ياراتقان ئىدى.يېشىل قارىغايلىق،سۇزۇلۇپ ياتقان يېشىل چىمەنلىككە تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ،ئورتىدا سۈزۈك تاغ سۈيى ئېقىۋاتقان سۇ جىلغىسى بار ئىدى. سۇ جىلغىسىنىڭ بويىدا بىر كىگىز ئۆي.بۇ كىگىز چىدىر ئۆي ئۇزاقتىن قارىغان كىشىگە بىر ئاق دوپپىدەك كۆرۈنەتتى

مەمەت كىگىز ئۆيگە يېقىن بىر داۋان باغرىدىكى بىر تۈپ قارغاي تۈۋىدە يەنە يالغۇز گور كولىماقتا

كىگىز ئۆينىڭ ئىچىدە ،كۆرپە ئۈستىدە ياتقۇزۇلغان پەرىشتەك بىر گۈزەل قىز. ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى قىزنى شىرىن ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ.ئامما،ئۇ ئۇيغۇر شەھىتلىرىنىڭ بىرسى. ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ بوقۇلداپ يىغلاۋاتقان ھەجەر ئىسىملىك قىز بار. ئەكبەر ۋە ئۆي ئىگىسى يىگىت موقان تالادىن بىر تاختاي ئېلىپ كىردى.قاسىم ئاكا ۋە مەخسۇتاكا مىيىتقا قاراپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرماقتا.ئەكبەر،ھەجەرنىڭ مۆرىسىنى تۇتتى ۋە؛-بولدى،يىغلىما-دەپ تەسەللى بەردى.ئامما ئۆزىنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. ئەكبەر مىيىتنىڭ باش تەرىپىدىن،قاسىماكا ئاياغ تەرىپىدىن تۇتۇپ ئۇنى تاختاي ئۈستىگە ياتقۇزدى.ئاندىن ئەكبەر،بىر سومكىدىن قاتلانغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقاردى ۋە ئاچتى؛-بۇ بايراقنى زوھرە ئۆز قولى بىلەن تىككەن.-دەدى بوغۇق ئاۋازدا-ئۇ،بايراقنى زوھرەنىڭ ئۈستىگە ياپتى.ئەكبەر،قاسىماكا،مەخسۇتاكا،موقانلار تاختاينىڭ تۆت تەرىپىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.ھەجەر ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىماقاتا ئىدى.4 كىشى سۈكۈت ئىچىدە جەسەت قويۇلغان تاختىنى كۆتۈرۈپ مەمەت گۆر كولاۋاتقان تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.شەھىت زوھرەنىڭ ئۈستىگە يەپىلغان ئاي-يۇلتۇزلۇق ھاۋا رەڭ بايراق، يايلاق مەنزىرىسىگە،تەبىئەت دۇنياسىغا ھىچ كۆرۈلمىگەن بىر ھۈسۈن قۇشۇپ تۇراتتى

مەمەت گۆرنى كولاپ تۈگەتكەن ئىدى.مىيىتنى ئېلىپ كەلگەنلەر تاختاينى ئاستا يەرگە قويدى ۋە مىيىتنى مەمەتكە ئۇزاتتى.مەمەت مىيىتنى گۆرگە يەرلەشتۇرۇپ،ئۈستىدىكى باراقنى ئىلىپ، ئاق داكا رەخنى ياپتى، ئو يۇقىرى چىقتى.ھەممەيلەن بىرلىكتە بىر قانچە ياغاچنى توغرىسىغا گۆرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاختاينى يەرلەشتۇردى.ئارقىدىن توپا بىلەن كۆمۈشكە باشلىدى.مەمەت گۆر كولاش ۋە جەسەت كۆمۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ، گۆر ئۈستىگە توپا تاشلاۋاتقاندا بۇرۇنقىدەك ھاياجان ھىس قىلمىدى.خۇددى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بىر ئىشچىدەك ئىشلەۋاتاتتى

14

مەمەت،مەخسۇتاكا، قاسىم ئاكا،ئەكبەر ۋە ھەجەر كىگىز ئۆيدە ئولتۇرغان بولۇپ،ھەممەيلەننىڭ يۈزىدە ماتەم قايغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. مەخسۇتاكا ،ئەكبەرگە قاراپ گەپ قىلىۋاتىدۇ؛- ئوغلۇم ئەكبەر.شۇنداق ،بىز 3 كىشى تېخى گۇنايىمىزنى يۇيۇپ بولالىغان كىشىلەر ئەمەسمىز. بىزنىڭ يول باشچىمىز سەن بول.سەن بۇ ئىشقا لايىق.يېشىڭ كىچىك بولسىمۇ،بلىمىڭ بار. قۇماندانىمىز ئەلبەتتە گىنىرالىمىز-ئۇ يەنىدا ئولتۇرغان قاسىم ئاكىنىڭ تىزىغا ئۇرۇپ قويدى غۇرۇر بىلەن قاسىماكىغا قاراپ – ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرنى بىر دېيتمىز، دەيدىغانلاردىن
ئەكبەر: خوتەنلىكمۇ سىز؟
قاسىم ئاكا: خوتەن قارقاشتىن.
ئەكبەر: ھازىر يەرلكىدە قويۇلغان زوھرە مۇ قارقاشلىق ئىدى.- ئۇ ئولۇغ -كىچىك تىنىدۇ – ئەگەر زوھرە بىلەن تونۇشمىغان بولسا ئىدىم، بۇگۇنكى ئەكبەر بولمىغان بۇلاتتىم
قاسىم ئاكا: شۇ بىر قانچە كۇن ئىچىدە ئۇرۇمچىدە 200 دىن ئارتۇق قارقاشلىق قاسساپ يىگىت تۇتۇلۇپ كەتتى.
مەخسۇت ئاكا گەپكە ئارىلىشىدۇ: بۇنچىۋالا كوپ يۇرتلىغى تۇتۇلمىغان بولسا ئىدى، قاسىم گېنىرالىمىزنىڭ مەسلىگى يىشىلمىگەن بۇلاتتى

ئەكبەر: قاراقاش ئۇلۇغ يىتەكچىمىز مەھمەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئەركىنلىك بايرىغىنى چىقارغان يۇرت. پەخىرلىك تارىخى بار
قاسىم ئاكا: مەن نەسلىمنى تەمبەت ئۇنۇتقان نائەھلى بۇلۇپ قالغان ئىكەنمەن. ۋىتنامدا،خىتاي ئۇچۇن ئۇرۇشۇپ ئولگەن بولسام، ئىت، ئىشەكتەك ئولىدىكەنمەن. ئومرۇمنىڭ ئاخىرىدا ئويغاندىم. قىزلار، ئانىلار ئولمىسۇن، بىز ئولەيلى.
ئەكبەر: ئەقىل تۇغۇلىشتىن بار. ئاخماقلىق بولسا كېيىن ئەقىلنى كىرلەتكەن چاڭ -توزاڭدۇر.چاڭ -تۇزاڭ كەتتى.ئەقىل پاكىزلاندى، دىسەك توغرا بولىدۇ. ئەمدى، ئالدىمىزغا قارايدىغان زامان. سىز مىلتىق تۇتۇشنى، ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىكەنسىز. سىز، بىزنىڭ قۇماندانىمىز
قاسىم ئاكا: توغرا.مەن ئۇرۇش قىلىشنى بىلىمەن.ئەكبەر ئۇكام،سەن ئەقىللىق ھەم جاسارەتلىك يىگىتكەنسەن.بىز سىنىڭ ئەمرىڭدىكى ئەسكەرلەر.سەن باشلا،بىز ئەگىشەيلى
مەمەت؛-شۇنداق.بىز ئۆلۈمگە تەييار
ئۇيغۇر خەلقى ھەر زامان بىلىملىك ئىنسانلارنى بىشىغا ئىلىپ كۆتەرگەندەك.شۇ ئاندىمۇ،تېخى ياخشى تۇنۇپ كەتمىگەن،ئامما بىلىملىك بۇ يىگىتكە بەيئەت قىلىشقا ھازىر ئىدى.مەخسەت ئۆلۈپلا ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئەمەس.،ئۆزىمىز ئاز ئۆلۈش،دۈشمەننى كۆپ ئۆلتۈرۈش.بۇنىڭ ئۈچۈن قەھرىمانلارنىڭ ئەقىلغا،پلان-ئىستىراتىگىيەگە ئىھتىياجى بار.
ئەكبەر،بۇ كىشىلەرنىڭ سەمىمى تەلەپلىرىدىن تەسىرلەنگەن ئىدى؛-سىلەر مىنڭ ئاكىلىرىم،ياكى ئاتىلىرىم ئورنىدا.سىلەر ماڭا ئىشەنگەن بولساڭلار،مەن سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويمايمەن.بىز تەقدىر ئىلاھى،ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق.شىھىتلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئىلىش،ياكى بۇ يولدا شىھىت بولۇش بىز ئۈچۈن شەرەپ.يېقىنقى تارىخىمىزدا،ماڭا ئوخشاش ياش كىشىلەرنى خەلقىمىز يو باشچى قىلىپ سايلىغان،نۇرغۇن قۇربانلار بىرىلگەن.ئۇ ياش يولباشچىلارنىڭ بەزىلىرى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى،بەزىلىرى دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ ئىنقىلاپ مىيۋىلىرىنى ساتتى.ئەلبەتتە مەنمۇ كۆپ ياشىماسلىقىم مۇمكىن.سىلەردىن كىم ھايات قالسا،ئىسىدە ساقلىغاي ۋە كىيىنكىلەرگە ۋەسىيەت قالدۇرغاي؛خەلقىمىز شۇنى ئىسىدە ساقلىشى كىرەككى؛ئۆتمۈشى مەۋھۇم،تەييار ئىنقىلاپقا يولدا قىتىلىۋالغان زىيالى سىياقىدىكى سىياسى قويمىچىلاردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىسۇن.ئازاتلىق ئۈچۈن قۇربان بەرگۈچىلەر خەلقتۇر، خىيانەت قىلغۇچىلار “زىرەك زىيالى”لار ئىچىدىن ياكى چالا ساۋات “زىيالى”لار ئىچىدىن چىققان پۇرسەت پەرەسلەر بولدى.پۇرسەت پەرەسلەر ئىنقىلاپ مىيۋىلىرىنىڭ ئوغرىلىرىدۇر.ئىسلامدا ئوغرىنىڭ قولىنى كىشىش جايىز.- ئەكبەر تاشقىرىغا قاراپ ۋاقىرىدى؛- موقان! 25 ياشلاردىكى ئۆي ئىگىسى قازاق يىگىتى كىرىپ كەلدى
ئەكبەر؛- قۇرئاننى ئەكەل

موقان كىگىز ئۆينىڭ ياغاچ رىشاتكىسىغا ئىسىپ قويۇلغان قۇرئانى- كەرىمنى ئەكىلىپ ئەكبەرگە بەردى.ئەكبەر،ھەجەرگە قاراپ؛-ھەجەر. بايراق؟
ھەجەر سومكىسىدىن قاتلانغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چىقىرىپ ئەكبەرگە ئۇزاتتى.ئەكبەر ئالدى بىلەن قۇرئاننى،ئارقىدىن بايراقنى سۆيدى.ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقتا تىكىلدى
ئەكببەر؛-بايراقسىز خەلق ھوقۇقسىز خەلقتۇر.ھوقۇقسىز خەلقلەر بىزگە ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىدە خار خەلقتۇر.كەلىڭلار قەسەم قىلايلى!-ئەكبەر بايراقنى قاتلىدى.قاتلانغان بايراقنىڭ ئۈستىگە قۇرئاننى قويدى.ھەممە قوللار بايراق ۋە قۇرئان ئۈستىدە ئۈستى-ئۈستىگە قويۇلدى
پەقەت موقانلا كۈزەت قىلىش ئۈچۈن تالاغا چىقىپ كەتتى
ئەكبەر ؛-قەسەم قىلىمىز.مەن دىگەن جۈملىلەرنى تەكرارلايسىلەر- مەن ئاللاھنىڭ كالامى ۋە ۋەتىنىمنىڭ بايرىغى شەرىپىگە قەسەم قىلىمەنكى -ھەممەيلەن ئەكبەرنىڭ سۆزلىرىنى بىردەك تەكىرارلىدى -ۋەتىنىمنىڭ،مىللىتىمنىڭ،دىنىمنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن….ھەممەيلەن جۈملىنى تەكرارلىدى.كىگىز چېردىردىن خۇددى گۈلدۈرمامىدەك ياڭرىغان بۇ ئاۋازلار شامالغا،شامالدىن بورانغا ئايلىنىپ تەڭرى تېغىنىڭ ئىتەكلىرىنى تىتىرىتىپ ئۆتۈپ بوغدا چوققىسىنى لەرزىگە سالدى.قارلىق چوققىدىكى مۇزلار ۋە قارلار قەسەم ساداسىنىڭ شىددەتلىك كۈچىدىن بىر-بىرىدىن ئاجىراپ تۈۋەنگە تۆكۈلۈشكە،ئۆيدەك-ئۆيدەك پارچا مۇزلار دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. يەر تەۋرەۋاتقاندەك ھەر تەرەپ سىلكىنمەكتە ئىدى

15

كېگىز ئۆينىڭ يېنىدىكى چىملىق ئۈستىگە سېلىنغان كېگىز ئۆستىدە مىھمانلار ئولتۇرغان بولۇپ،موقان بىر بۈيۈك پەتنۇستا پۇشۇرۇلغان ئىسسىق قۇزا گوۇشىنى ئەكىلىپ

قويدى؛-ئەكەم،قوناقلارنى بىر مىھمان قىلىۋالاي،دەپ سىلەر ئۈچۈن قۇزا سويدى.ئېىلىڭلار
ھەممەيلەن گۆشكە تۇتۇش قىلدى
قاسىم ئاكا گۆشنى كىسىۋىتىپ ئەكبەرگە ئىغىز ئاچتى؛ئەكبەر ئۇكام.مەن،شۇ ئەمەلدار،زىيالى دىگەنلەر بىلەن بەك خوشۇم يوقتى.سىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.سەن ئۇلاردەك قۇرۇق گەپ قىلمايدىكەنسەن.ھەر ئىغىز گىپىڭ بىزگە قۇۋەت بولىدىكەن
ئەكبەر؛قاسىم ئاكا.كۆز قارىشىڭىزغا مەمنۇ قوشۇلىمەن. بەشىنجى ئىيۇل كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەدە بۇنچىۋالا بىگۇنا ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى بىزمۇ بىلمەيتتۇق.شاۋگۇۋەندە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇنا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئىرىشەلمىگەچكە نامايىشقا چىققانتۇق.ئەسكەرلەر بىزنى ئوققا تۇتتى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتتى.ئەڭ قورقۇپ كەتكەنلەر ئۆزلىرىنى ۋە بىزنى قوغداپ شىھىت بولۇپ كەتكەن ياشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئەمەس،بەلكى،شۇ بالاغا چىتىلىپ قالامىزمىكىن،دەپ لاغ-لاغ تىترەپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار،زىيالى… دىگەنلەر بولدى.قەلبى پىتنە،شەھۋەت بىلەن تولغان ئەمەلدارلار،دۆلەتنىڭ بايلىقىنى،خەلقنىڭ رىسقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن داستىخان دىملۇماتسىيەسى قىلىشنى،پارا شۇڭگۇتۇشنى تىجارى ماھارەت دەپ بىلىدىغان, پۇل ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى دۇزاخقا تاشلاشقا تەييار ئاچ كۆز ۋە ھىلىگەر بايلار،مىھماندارچىلىقتا ئەمەلدار ۋە بايلارنى ماختاپ قوساق تويغۇزىدىغان غۇرۇر يوقسۇلى،ئۆزىنى زىيالى دىيىشكە ئادەتلەنگەن سۇخەنچىلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تەگكەن پايدىسىنى كۆروپ باقتىڭلارمۇ؟

ھەجەر؛-مەن ھىچ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.بۇ ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر تىما ئىكەن

ئەكبەر:-مەن سىلەرگە مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىپ بىرەي؛ تۈركىيەدە، كۈرت ئىشچىلار پارتىسى ،يەنى-پ.ك.ك ،دىگەن كۈرتلەرىڭ قۇراللىق بىر تەشكىلاتى بار.بۇ تەشكىلات 1978.يىلى قۇرۇلغاندا 120 كىشىگە ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ 120 كىشى پ.ك.ك،نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى،دەپ ھىساپلانماقتا.تۈركىيەگە قارىشى كۈرتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەشنى ۋاستە قىلىپ تاللىغان بۇ 120 كىشىلىك قۇرغۇچى ئەزالار ئارىسىدا 100 دىن ئارتۇق كىشى ئۇنۋىرسىتىت پۈتتۈرگەنلەر ئىدى.بۇ 120 كىشى ئىچىدىكى 45 كىشى ئۇنىۋىرسىتىت،ئورتا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىملىرى ئىدى.بۇلارنىڭ قۇراللىق كۈرىشى جەريانىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق كۈرت ۋە تۈرك ئۆلدى.تاغلاردىكى پ.ك.ك پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن پىدايى بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئىنۋىرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان كۈرت ياشلىرىدىن تەركىپ تاپقان.كۈرت بىلەن تۈرك ئوخشاش مۇسۇلمان،مىڭ يىلدىن بىرى بىللە ياشىغان قىرىنداش خەلقلەر.ئامما كۈرت مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قۇراللىق تەشكىلات قۇرغان،كۈرەش قىلغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى كۈرت زىيالىلىرىدىن تەركىپ تاپقان
پ.ك.ك دىگەن قۇراللىق تەشكىلاتنى قۇرغان 120 ئادەمدىن بۇگۈن ھاياتتا قالغان 7 ئادەم بار.بۇلارنىڭ بىر قىسمى تۈركىيە تۇرمىسىدا،بىر قىسمى تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى تاغلاردا.قالغان 113 پ.ك.ك قۇرغۇچىلىرى ئۇرۇشتا ياكى تۈركىيە تۇرمىلىرىدا ئۆلۈپ كەتتى

ھەممەيلەن ئىنقىلاپ توغرۇلۇق تارىخ ۋە سىياسەت دەرىسى ئاڭلاۋاتقاندەك، ئەكبەرىنىڭ سۆزلىرىنى ئىخلاس بىلەن تىڭشاۋاتاتتى

ئەكبەر:- بۇگۈن دۇنيادا ئەڭ زور تېرور تەشكىلاتىغا ئايلانغان جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى 1921.يىلى قۇرۇلغاندا، بەيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق پروفىسسورلىرى بولغان چىن دۇشۇ،لىداجاۋلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان
ئويلاپ باقايلى؛ بۇگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن  كۈرەشكە قاتناشقان قانچە زىيالى بار؟ بۇنىڭدىن كىيىن قانچىلىك بولىشى مۇمكىن؟ گۇڭچەنداڭنىڭ كېيىنكى 35-40 يىل ئىچىدە يۇرتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى پۇل، ئەمەل ۋە ئۇنۋان بىلەن سەتىۋېلىشتىكى ماھارىتى بولدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ زور بەخىتسىلىگىمۇ بۇ يەردە ياتماقتا.

قاسىم ئاكا؛-توغرا دەيسەن ئۇكا.خەلق دىگەن بەدەن،زىيالى دىگەن باش.باشسىز بەدەن بىر گوشقۇ.بىزنىڭ نىمىشكە مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بۇلىۋاتىمەن،مانا

ئەكبەر:-تارىم دەرياسى،ئەركىنلىكنىڭ ماكانى دىڭىز-ئوكىيانلارغا ئەمەس،تۇرغۇنلۇقنىڭ بۈشۈگى كۆللەرگە كېلىپ توختاشقا مەجبۇر بولغان تارىخى ئۆتمۈشكە ئىگە. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىنكى 500 يۈز يىللىق تەقدىرى, تارىم دەرياسىنىڭ تەقدىرىدىن پەرىقسىزدۇر.زىيالىلار تەرىپىدىن زىھنى ئىچىلمىغان مىللەت،ئالدامچىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.ئەگەر مىللىتىمىزنىڭ نادان قالغانلىقى بىر گۇنا بولىدىغان بولسا،بۇ گۇنانىڭ مەسئۇلىيىتى بۇ مىللەتنى،دۈشمەن ئۈچۈن ئەللەيلىتىپ ئوخلۇتۇپ بەرگەن،ياكى ئويغۇنىشىغا ھەسسە قوشمىغان ئەھلى ئۆلۈما،زىيالى،دىگەن تەبىقىلەردۇر.ئەپسۇسكى،قەدىردان ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچە ھەقىقى زىيالىلار قۇشۇنىغا ئىگە بۇلالمىدى
ھەممەيلەن ئەكبەرنىڭ يالقۇنلۇق سۆزلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىدى.مەمەت،ئەكبەرنىڭ ھەر بىر سۆزىنى بىشىنى لىڭشىتىپ تەستىقلاپ ئولتۇراتتى

مەمەت -؛ ئۇلارغىمۇ خۇدايىم ئىنساپ بەرگەي
ئەكبەر؛-بىلمەي ئازغانلار،ئۈگەتسەڭ ئۆگىنىدۇ،تۈزىتىمەن دەيدۇ.بىلىپ ئازغانلار پۇل،ئەمەل ئۈچۈن مىللىتىنى ئۆلۈمگە ھەيدەيدۇ.ناداننى ئويغۇتۇش،كاپىرنى توغرا يولغا قايىل قىلىش مۇمكىنكى، ”مەن ھەممىنى بىلىمەن“ دەيدىغان مۇناپىقنىڭ ھەقىقەتكە بولغان نەپرىتىنى توسۇپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،مۇناپىقلار ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ ئەمەس،خەلقنى پۇلدەك خەجلەشنىڭ غىمىدە يۈرۈيدۇ
مەخسۇت؛-بىز بىلمەي ئىزىپتىكەنمىز.ئۆز مىللىتىمىزگە زىيان سالغان چاغلىرىمىز بولدى.ئەمدى ھەقىقەتنى كۆردۇق،ئويغاندۇق
ئەكبەر؛-ئويغاندۇق دىگەندىن كۆرە،ئۆلگەن روھىمىز تىرىلدى دىسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.مىللىي روھىمىز تىرىلدى.تەڭداشسىز كۈچكە ئىگە بولدۇق.روھى ئويغانغان ئىنسانلار ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ،ياكى ئەركىنلىك يولىدا ئۆلىدۈ.مانا بىز بۇنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟
ھەرجەر؛-ھەقىقەتەن ۋەزىپىمىز ئىغىر.خەلقنى ئويغۇتۇش،تەشكىللەش،كۈرەش قىلىش ۋە كىرلەنگەن مىللىي ۋىجداننى تازىلاش

ئەكبەر؛-سۇپۇن كىيىملەردىكى كىرنى،قان ۋىجدانلاردىكى كىرنى تازىلايدۇ.بۇ ئاققان قانلار مىللىتىمىزنىنڭ ۋىجدانىدىكى كىرلەرنى تازىلاپ پاكىزلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
بەزىلەر بىشىنى لىڭشىتىپ،بەزىلەر يۈز ئىپادىسى بىلەن،بەزىلەر ئىخلاس بىلەن تىڭشاش ئارقىلىق ھەممەيلەن ئەكبەرنىڭ سۆزىنى تەستىقلىماقتا ئىدى

16
قارىغايلارغا باغلانغان ئىگەرلەنگەن 5 ئات. مىھمانلار موقان ۋە ئۇنىڭ كەكە ساقاللىق دادىسى بىلەن قۇچاغلىشىپ ئايرىلدى.ئۇلار ئاتنىڭ يېنىغا كەلدى. ۋە ھەممەيلەن يېڭى كۆمۈلگەن زوھرەنىڭ تۇپراق بىشىغا كىلىپ سۈكۈت ئىچىدە دۇئا قىلىشتى.دۇئادىن كىيىن ئەكبەر ئۈنلۈك ئاۋازدا “ مىنىڭ يولباشچىم زوھرە! سەن مىنى ئويغاتتىڭ. “بىزنى باشقۇرىۋاتقان دۈشمەن ھاكىمىيەتكە ئىشىنىشىمىز،ئۆلۈم نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرغان قۇربانلق قويدىن پەرقسىز ئىكەنلىگىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر” دىگەن ئىدىڭ.بۇنچە كۆپ قۇربان بەرگەندىن كېيىن سېنىڭ گىپىڭنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندىم. سەن تىخى ئىككى كۈن بۇرۇن“ سىلەر ئۇيغۇر ئەرلىرى نىمىشكە بۇنچىۋالا توخۇ يۈرەك؟ مىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن بىرىدىغان پەقەت بىرلا جىنىم بولغانلىقىدىن كۆڭلۈم يىرىم بولىدۇ. ” دىگەن ۋاقىتتىكى سىمايىڭى ھىچ ئۇنۇتمايمەن.سەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خاتىرجەم يات.سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن تىككەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىزنىڭ قولىمىزدا.” دىدى ياھاجان ئىچىدە
مەمەت،ئەكبەرنىڭ مۆرىسىنى تۇتتى : ئۇكام.كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ.مەنمۇ پەرىشتەدەك ئايالىمنى تاشلاپ چىقتىم.ئاينۇرۇم ئۈچۈن،يىتىم قالغان ئازاتگۈلۈم ئۈچۈن جېنىمنى بىرىشكە چىقتىم.
تاغ باغرىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىدى. .ئارقىدىن ئۇلار يۈكلىرىنى ئاتلارغا يۈكلىدى. ئاتلارنى يىشىپ مىنىشكە باشلىدى
ئەكبەر بولسا قول تەلىپۇنىغا يىزىۋالغان “ئەجەم” مۇزىكىسىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قويىۋەتتى.ئەتىراپنى تەمبۇرنىڭ لەرزان ساداسى قاپلىدى. ئەجەم…. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق روھى تۇيغۇلىرى يۇشۇرۇنغان مۇزىكىسى.تەمبۇر بىلەن ئۇرۇنلانغان بۇ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئەكبەر ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قولىدىكى خادا ياغاچقا كىرگۈزدى ،ئاندىن ئاتقا مىندى.ئەكبەر،مەمەت،قاسىم.مەخسۇتاكا ۋە ھەجەر 5 كىشى كەچكى شەپەقنىڭ نۇرىغا پۈركەنگەن يېشىل ۋادىدا جەنۇپ تەرەپكە قاراپ ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كەتتى.ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈزۈك ئاسماندا جاۋلان قىلىپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.ئۇيغۇر مىللىي غۇرۇرىنىڭ سەنئەتتىكى بىباھا نامايەندىسى بولغان ئەجەم مۇزىكىسى تاغلارنى،داۋانلارنى سۈيۈپ ۋە ھالقىپ ئۆتۈپ ئۇزاقلارغا سىڭىپ كەتمەكتە

ھەجەر ئەكبەرگە قولىنى ئۇزاتتى؛-بايراقنى مەن تۇتايچۇ
ئەكبەر؛-قولۇڭ يارىدار تۇرسا

ھەجەر؛-كىرەك يوق .بەر-ھەجەر بايراقنى قولىغا ئالدى.ئۇ،ھاياتىدا ھىچ بىر زامان ھىس قىلىپ باقمىغان ھاياجانلىق تۇيغۇ ئىچىدە ئىدى.ئۇ،بىشىنى كۆتۈرۈپ، بېشىدا لەپىلدەۋاتقان ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراققا قارىدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى “بىزنىڭ بايرىغىمىز نىمە دىگەن گۈزەل-ھە!”.ھەجەر يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا جۇڭگونىڭ قىزىل بايرىغىنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇچىلاردىن بىرسى ئىدى.ئۇ،نامايىشتا قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كۆرۈنۈشنى ئەسىگە ئالدى.ئۇنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزاردى.ئۇ، “3 كۈن ئالدىدا نىمە دىگەن ئاخماق،نىمە دىگەن ساددە ئىدىم-ھە”دەپ ئويلىدى. – ئەندى ئۆلگىچە بۇ بايراقنىڭ ئاستىدا بولىمەن.تەكرار ئالدانمايمەن- دېدى ئۆز-ئۆزىگە

مەمەت مىنگەن ئېتىنى ھەجەرگە يېقىنلاشتۇردى؛-ھەجەر سىڭلىم.شۇ بايراقنى ماڭا بەرىڭە.مەن بىر كۆتۈرۈپ باقاي
ھەجەر بايراقنى مەمەتكە بەردى.مەمەت ئالدىغا ئۆتتى.مەمەت نىمىشكىدۇر قاتتىق ھاياجانلاندى. شامالدا بايراق شۇنچلىك تىتىرەپ لەپىلدەپ جەۋلان قىلدىكى، بۇ بايراقنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر كىشى بۇ سەپكە قېتىلىشتىن ۋاز كەچەلمەيتتى.ئات ئۈستىدە ۋەتەن جەڭچىسىگە ئايلانغان مەمەت ئەتىراپقا نەزەر سالدى.ئىگىز قارلىق چوققا،ئورمان بىلەن قاپلانغان قاتمۇ-قات يېشىل تاغ داۋانلىرى،ئاياق ئاستىدا يىشىل مەخمەل رەختەك يىيىلغان يايلاق،سۈزۈك ئاسمان،قىزارغان ئۇپۇق…مەمەت،يانمۇ يان كىتىۋاتقان ئەكبەرگە بۇرۇلۇپ؛-بىزنىڭ ۋەتىنىمىز نىمە دىگەن گۈزەل!-دىدى
ئەكبەر چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا مەمەتكە جاۋاپ بەردى؛ – مەمەت ئاكا.بۇ ۋەتەن بىز ئۈچۈن گۈزەل ۋە قەدىرلىك.بۇ زىمىنلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك تەرىپى, بۇ ۋەتەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ شەجەرىلەر قامۇسى بولغانلىقىدا.ۋەتەننىڭ ھەر بىر داۋان،ھەر بىر ئويمان،ھەر بىر دالا،ھەر بىر يول،ھەر بىر ئاقار سۇغا ئاتا -بۇۋىلىرىمىزنىڭ ھىكايىلىرى يۇشۇرۇنغان.ۋەتەننى دۈشمەنگە تاپشۇرۇپ بىرىش،ئۆتمۈشىمىزنى،بۇگۈنىمىزنى ۋە كىلىچەگىمىزنى دۈشمەنگە تەسلىم قىلىش،دىمەكتۈر
مەمەت،ئەكبەرنىڭ بۇ نۇتۇقتەك سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى؛ – ھە،مۇنداق دە،ئۇكا.بىز بەك ئۇقۇمىغان ئادەم.ۋەتەن توغرۇلۇق سەندىن يىڭى گەپلەرنى ئاڭلىساق روھىمىز ئۆسۈپ قالىدىكەن.
ئەكبەر؛ – ئوغۇزخان دەپ ئاڭلىغانمىدىڭ،ئاكا؟
مەمەت :ياق.
ئەكبەر؛ – ئۇغۇزخان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامدىن كۆپ ئەسىر بۇرۇنقى بۇۋىمىز ۋە خانىمىز.ئۇ،شەرق تەرەپتىن زىمىن سوراپ سوغا-سالام بىلەن گەلگەن دۆلەت ئەلچىلىرىگە شۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن؛ “ئىېتىمىڭ ئىگىرىنى سورا بىرەي،ئىتىمنى سورا بىرەي،چىدىر ئۆيۈمنى سورا بىرەي.ئامما يۇرتۇمدىن بىر غىرىچ زىمىننى ھىچكىمگە بىرەلمەيمەن.بەرمەيمەن.ئالىدىغانلار بولسا كەلسۇن” دەپ قىلىچىنى كۆرسەتكەن.ئۇلار بەرمىگەن ۋەتەننى بىز بىرىپ قويدۇق.شۇڭا بۇ كۈنلەر بىشىمىزغا كەلدى.بىز ئەنە شۇ ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلاتلىرى.ئاتىلىرىمىزنىڭ روھىغا قايتقاندىلا بىز قەدىرىمىزنى تاپالايمىز.” مەمەت ئەكبەرگە ئوخشاش بىر بىلىملىك يىگىتكە ئەگىشىپ ماڭغانلىغىدىن ھەقىقەتەن پەخىرلەندى
سۆزگە مەخسۇت ئاكا ئارىلاشتى؛ – ئاللاھ دەپ يولغا چىقتۇق.ئىنشائاللاھ بىزمۇ ئەركىنلىكىمىزگە ئىرىشەرمىز.بىز ئىرىشەلمىسەك باللىرىمىز ئىرىشەر.
ئەكبەر يەنە يالقۇنلۇق سۆزلىرى بىلەن جاۋاپ بەردى؛ – ئاللاھ بىزگە ھايات بەرگەندە،ئەركىنلىگىمىزنى بىللە بەرگەن.ئاللا بەندىلىرىگە بەرگەن ھەق مۇقەددەس ھەقتۇر.بۇ ھەققىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ شەرەپلىك ياشاش،ياكى شەرەۋپسىز ياشاشتىن شەرەپلىك ئۆلۈش يولىدا يولغا چىقتۇق.ئىزىمىزدىن كىلىدىغانلار ناھىيىتى كۆپ.بىز دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىمىز.- ئەكبەرنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەممەيلەننى جانلاندۇردى.مەمەت ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تىخىمۇ ئىگىز كۆتەردى ۋە ئاتقا بىر قامچا ئۇردى.ئاتلار يىشىل چىملار ئۇستىدە شامالدەك تىز ئىلگىرلەشكە باشلىدى
مەمەت يەنە خىيالغا پاتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىن ئاينۇر كەلدى.بۇ گۈزەل ۋەتەن ئاينۇرنىڭمۇ ۋەتىنى ئىدى.دىمەك ئۆزىنىڭ ۋە ئاينۇرنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ ھىكايىسىمۇ بۇ ۋەتەن توپراقلىرىغا كۆمۈلگەن.ئاينۇرنىڭ شەپقەت يېىغىپ تۇرغان كۆزلىرى…ئارقىدىنلا يارىدار ئۆمەرنىڭ بەدىنىدىن قانلارنى تازىلاۋاتقاندا ئاينۇرنىڭ قۇسۇپ كەتكەن ھالىتى كۆز ئالدىغا كەلدى.مەھەللە مەيدانىدىكى قەتلىياملار…جەسەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن كۆمۈشلىرى،ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى،قوللىرى كىلەپچىلىنىپ ساقچىلار ھەيدەپ ماڭغان ئىنىلىرى… نىمىشكىدۇ مەمەتنىڭ كۆز ئالدىدىن بىرمۇ بىر ئۆتۈشكە باشلىدى.“ھەممەيلەننىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمەن.“دەپ پىچىرلىدى مەمەت ئۆز-ئۆزىگە.مەمەتنىڭ خىيالىنى ئارقىدىن ۋاقىرىغان ئاۋاز بۆلىۋەتتى.كىگىز قالپاق كىيىۋالغان موقان ئارقىدىن ئات چاپتۇرۇپ كىلىۋاتاتتى. ئۇ،”ئەكبەر،ئەكبەر”دەپ ۋاقىرايتتى. ئاتلىقلار توختىدى.موقان ئۇلارغا يېتىشتى “ئەكەم ماغان رۇخسا ت بەردى.سىزدەرگە قوسۇلامانغوي” . ھەممەيلەن مەمنۇن بولدى

ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق پىتىۋاتقان قوياشنىڭ قىزغۇچ نۇرىغا چۈمۈلۈپ بىردىنلا قان رەڭگىگە كىردى ۋە ئارقىدىنلا يەنە ئەسلى رەڭگىگە كەلدى

مەمەت ئىلگىرلەپ كېتىۋەتىپ قاسىم ئاكىدىن سوردى؛-قاسىماكا.دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز دەۋاتىمىز بىزدە قۇرال يوق. نىمە بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز؟
قاسىم ئاكا؛-قۇرال دۈشمەن ئەسكەرلىرىدە بارغۇ.-دەپ جاۋاپ بەردى
مەمەت؛-ئۇنى دىمەيۋاتىمەن.بىزدە يوق دەۋاتىمەن
قاسىم ئاكا؛-دۈشمەننىڭ قولىدىكى قورال بىزنىڭ.ئۇنى تارتىپ ئالالغان ئوغۇل بالىلار ئۇرۇش قىلالايدۇ.-قاسىماكىنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ۋە قەتئى ئىدى
ئەكبەر سۆز قىستۇردى؛-قاسىماكا توغرا دەيدۇ.يىتەركى بىزدە يۈرەك بولسۇن.قورال ھەر يەردە بار.بىز ئۆلسەك ئۆز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدە ئۆلىمىز،ئۇلار ئۆلسە تاجاۋۇزچى بولۇپ،شەرمەندە بولۇپ ئۆلىدۇ.شۇنداق بىر كۈن كىلىدىكى،بۇ ئېزىز ۋەتىنىمىزدىن تىرىك دۈشمەننىلا ئەمەس،زىمىنىمىزنى كىرلەتكەن ئۆلۈكلىرىنىڭ كۈللىرىنىمۇ تازىلاپ چىقىرىمىز

ئاتلىقلار 6 كىشىك بىر قۇشۇن ئىدى،ئۇلار ئاز ئىدى،ئامما كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى.بۇ زورايغۇسى قوشۇن ئەجەم مۇزىكىسىنىڭ ساداسى ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇزاقلىشىپ كىتىۋاتاتى.ئاسمان رەڭگى ئاي-يۇلتۈزلۇق بايراق مەمەتنىڭ قولىدا لەپىلدەۋاتاتتى. كەچكى شەپەتتە كۆرۈنگەن ئونبەش كۈنلۈك تولۇن ئاي گۇياكى بايراققا كېلىپ قونغاندەك بولدى.بايراقلار بىردىن كۆپۈيۈشكە باشلىدى. چوققىلاردا،دالالاردا،جىلغىلاردا…ھەممە يەردە بايراق.ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار دېڭىزى ھاسىل بولدى.بايراقلارنىڭ دېڭىزدەك دولقۇنى ئاسماننى ۋە زىمىننى قاپلىدى. تۆت ئەتىراپنى قاپلىغان بايراقلار دېڭىزى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ شاھى،بەش مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇزىكىدا مۇجەسسەملەشكەن تەنتەنىسى بولغان ”ئەجەم ”مۇزىكىسىنىڭ كائىناتنى ئەللەيلىگەن سىھىرلىق ساداسى ئىچىدە ئىلگىرلىمەكتە ئىدى

يىل 2009.ئىيۇلنىڭ 17-22.كۈنى

بۇ ھىكايە ئەينى يىللاردا ”ۋەتىنىم.ئو.ر.گ“ تورىدا ئىلان قىلىنغان

 

 

 

Share
2597 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.