logo

trugen jacn

توختى پوكان – بىرىنچى ھېكايە

 

plain-blue-background-wallpaper-3

 

(بىرىنچى ھېكايە)
ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
مىنىڭ ئىسمىم توختى لېكىن كىشىلەر مىنى دائىم توختى پوكان دەپ ئاتىشىدۇ، «پوكان» دېگەن بۇ لەقەم دادامدىن ماڭا مىراس قالغان بولۇپ ئاڭلىشىمچە دادام رەھمىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە كەنىت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن، ئۇ يۇقىرىغا خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن كەنىتتىكى جاپاكەش دىھقانلارنىڭ يەيدىغان ئاشلىقىنى قىسىۋالغاچقا كىشىلەر ئۇنى«ھۇ تويمىغۇر قىزىل پاچاق! بارچە ئاشلىقنى پوكىنىڭغا بېسىپ ياتقۇچە ئۆلسەڭ بولمامدۇ؟!» دەپ كەينىدىن قارغىشىپ يۈرگەچكە شۇچاغلاردىن باشلاپ دادامنىڭ لەقىمى«پوكان» بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ دەۋىرلەردە بارچە كىشىلەر دۆلەت داھىيىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى كىيىمىنىڭ سىرتىغا قاداپ ماڭسا دادام رەھمىتى مەيدە گۆشىنىڭ تېرىسىگە ئىككى-ئۈچنى قادىۋالىدىكەنمىش.
كېيىنچە دادام يەنە شۇ ئىزناكنىڭ يىڭنىسىنى مەيدە تېرىسىدىن ئۆتكۈزىمەن دەپ تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىپ زۇۋاندىن قاپتۇ، بۇ«زورئىنقىلاب»نىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ قىزىللىشىپ كەتكەن ئانام بولسا- بىلىكىگە قىزىل يەڭلىك تاقاپ يۇرت بايلىرىغا كولا كېيگۈزۈپ «باي-پومىشچىكلار ئۇرۇپ جازالايدىغان»ھەركەتكە باش بولۇپ قاتنىشىپ شۇ قېرى-چاللارنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ يۇرگەن چاغلىرى ئىكەن، ئانام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىدىكى دۇمبا كالتىكىنى تاشلاپ دەرھال دادامنى دۇختۇرغا ئاپىرىپتۇ لېكىن دۇختۇر دادامنىڭ قاتما كېسەل بىلەن ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ساقىيىشتىن ئۈمىد يوقلىقىنى ئېيتىپ ئاخىرەت ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ كەنىتتىكى كىشىلەر دادامدەك بىر زومىگەردىن قۇتۇلغىنىدىن يىغا-زارقىلىشىپ ئۇنى ئوبدانلا يەرلىگىدە قۇيۇپتۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى مازارلىق قىلىنىدىغان يەرنىڭ توپىسى بەك يۇمشاق ئازراق كولىسىلا زەي سۇ چىقىدىغان يەربولغاچقا كىشىلەر مېيىتنى يەرنى كولاپلا كۈمىۋىتىدىكەندۇق، بۇ ئۇرانلىق كولاش دادامنىڭ مېيىتىغا كەلگەندە كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشىپ ئۆزلىگىدىن توپ-توپ بولۇشۇپ كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە يەرلىكنى باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭقۇركولاپ سۇ چىكەتكىنىگە قارىماي دادامنىڭ مېيىتىنى زەي سۇنىڭ تېخمۇ چوڭقۇرسىغا دەپنە قىلىۋەتكەن ئىكەن، كېيىن ئاڭلىسام دادامنىڭ يەرلىكىنى كولىغان ئۇ بىچارىلەر«رەھمىتى خىزمەتكە بەك ئامراق ئىدى يەنە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەپ ياتقان يىرىدىن ئۆمىلەپ چېقىۋالمىسۇن شۇڭا چوڭقۇرراق كۆمۈۋېتەيلى!» دەپ شۇنداق قىلىشىپتۇ.
مەن سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى يېگىلى نان يوق ئەتىدىن-كەچكىچە قۇناق پاخىلىنى قاينىتىپ ئىچىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ شۇئارلىرىنى توۋلاپ يۈرۈيدىغان جاپاكەش «قىزىل يەڭلىك» ئاكتىپ ئانام ئۆپكە سىل كېسىلى سەۋەبلىك مىنى يالغۇزتاشلاپ قۇيۇپ دادامنىڭ يېنىغا شۇئار توۋلىغىلى كەتتى.
شۇنداق قىلىپ مەن كىچىكلا ئىگە-چاقىسىز قالدىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئۇرۇغ-توققانلىرىمۇ ماڭا ئانچە قاراپ كەتمىدى، چۈنكى رەھمەتلىك دادام- ئانام ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈمگەئىشەنمەي بۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا ئىشىنىپ كەتكەچكە ئۇلارغىمۇ بوش ئەسكىلىك قىلماپتىكەن.
مەن شۇنداق قىلىپ يىغلاپ-قاقشاپ، يېقىلىپ –قوپۇپ كىشىلەرنىڭ ئېھسان-سەدىقىسىدە چوڭ بولدۇم.
ھازىر يېشىم بىر يەرگە بېرىپ تەڭتۇشلىرىم پۈتۈنلەي ئۆي-ئۇچاقلىق بولۇپ بولدى، ئۆيۈمدە ئاتا-ئانامدىن قالغان بىر پارچە كىگىزدىن بىلەك ھېچنىمەم يوق، مەھەللىدىكى ئەپكەش كۈتۈرۈپ ماڭغان قىزلارنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كۆل بويىغىچە بىللە بارىمەن، ئۇلار مىنى بوزەك قىلىشىپ كۆلدىن سۇ ئالغىلى سېلىشىدۇ، مەنمۇكىيىم-كىچىكىمنىڭ ھۆل بولۇپ چېلەك-چېلەك سۇنى ئۇسۇش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ كۆزۈمنى ھېيتلىتىۋالىمەن، ئۇلار مەندەك توختى پوكاننى ياراتمىسا كېرەك ماڭا سۇنى ئالدۇرۇپ بولۇشۇپلا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ مىنى يەپ كىتىدىغاندەك ماڭا ئالىيىپ قارىشاتتى…
لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھەللىمىزدىكى مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ قىزى پاتمىخان ماڭا ئۇنداق سۇغۇق كۈزى بىلەن قارىمايتتى، بىز بۇرۇندىن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان،كىچىكلىكىمىزدە بالىلار بىلەن تايتاڭلاپ يۈرۈپ ئوينايدىغان «مېھماندارچىلىق»ئويۇنىدا بالىلار ھە دىسە ئىككىمىزنىڭ تۇيىنى قىلىپ قۇياتتى، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان كوكاتلىق ئېرىق بويلىرىدا ياكى خالى پىنھان يەرلەردىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىدا ھەممىمىز قول-قولچە ئۆي سالاتتۇق، ئىگىزلىكى بىر غېرىچ كەلمەيدىغان تۇپا تاملىق ئۆيلىرىمىزنىڭ ئايۋان-سارايلىرى، مىھمانخانلىرى ھەتتا ئايرىم ياتىدىغان ھۇجرىلىرىمۇ بار ئىدى، مىنىڭ ياسىغان ئۆيۈم ھەر قېتىم باشقا بالىلارنىڭكىدىن چوڭ چىقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئارىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق،كىيىنىشى ئەڭ ياخشى بولغان مەزىننىڭ كىچىك قىزى پاتمىخاننى ماڭا تويلاپ بىرەتتى.
ئىككىمىز پاتمىخاننىڭ ياسىغان ئۆيىدىكى ئايۋاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بالىلاردىن بىرسى ئالدىراپ نىكاھ ئوقۇيتتى:«ئاسماندىن ئاسا چۈشتى، تۈڭلۈكتىن پاسارچۈشتى، توختەكنىڭ كۆڭلىگە پاتمىخان راسا چۈشتى…» شۇنداق قىلىپ بالىلار كۈلۈشۈپ ئىككىمىزنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇياتتى، بىز ئۆجمە يۇپۇرمىقىنىڭ ئۈسىتىگە كوكاتنى ياكى ھەرخىل يوپۇرماقلارنى توغراپ ئاش قىلىپ ھەر بىر بالىنىڭ ئالدىغا بىرقاچىدىن ئەكېلەتتۇق، بالىلار ئالدىدىكى ئاشنى يېگەن بولۇپ ئېغىزلىرىنى ماكچايتىشىپ يوپۇرماق ئۈستىدىكى توغرالغان غىزالارنى كەينىگە چۆرۈپ تاشلىۋېتەتتى، ئارقىدىن دۇئا ياندۇراتتى، ئاندىن ئارىمىزدىن بىر بالا يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر تال ئاپتاپپەرەسنىڭ چوڭراق گۈلىدىن بىرنى ئۈزۈپ ئۇنى چوڭراق بىر تاياققا سانچىپ ھۇجرا ئۆيىمىزنىڭ يېنىغا تىكلەپ قۇياتتى-دە « ئەمدى كېچە بولدى، ئاي چىقتى، ئەمدى ھۇجراڭلارغا كىرىڭلار!» دەپ ھېلىقى ئاپتاپپەرەسنى كۆرسىتەتتى، بىزمۇ ئاپتاپپەرەسنى تولۇن ئاي چىقتى دەپ بىلىپ ھۇجرىمىزغا كىرىپ شۇ يەردە يانمۇ-يان بولۇشۇپ ئۇخلىغان بولۇپ ياتاتتۇق…
مانا ئەمدى چوڭ بولدۇق، ۋاقىتنىڭ سۇدەك ئۆتۈشى ئىككىمىزدە ئاسمان-زېمىن پەرقلەرنى پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ مەزىن دادىسى يىراق-يېقىنغا نامى پۇر كەتكەن ھاجىمغا ئايلىنىپ ھەرەمدىن ئەكەلگەن كونا كىيىم-كىچەكلەرنى سېتىپ تېخىمۇ بېيىپ كەتتى، ئۇلار كۈنلىكى لەڭمەن يىگەنچىلىك قىلىدۇ مەن بولسام بىرە تال نانغا زار يۈرىمەن…ئەمەلىيەتتە پاتمىخاننىڭ ماڭا كۆڭلى بولسىمۇ مىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق نامراتلىقىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغدەك تۇرسۇق پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بۇلاتتى ماڭا نىسبەتەن بۇ بىرھىساپتا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەندەكلا بىر ئىش ئىدى.
بىر كۈنى مەھەللە مەسچىتمىزدىكى باغرى يۇمشاق خاتىبنىڭ مىنىڭ يىتىملىقىمغا ئىچى ئاغرىپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قوشنا كەنتىمىزدىكى بىر ساھىلنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرمەكچى بولدى، باشتا «مەن تېخى تىلەمچىنىڭ قىزىنى ئالامدىمەن؟» دەپ ئۇنىڭ پىكىرىنى رەت قىلدىم. چۈنكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى يۇرتتا نامى بار كەسپى تىلەمچىلەردىن بولۇپ چوڭىدىن كىچىككىچە يۇرت ئاتلاپ كوچىمۇ-كۇچا ھابداللىق قىلاتتى.
كېيىن خاتىپ ئاچچىقلىنىپ «ھوي ئۇكام، كەپتىرى يوقنىڭ پەغىزى چوڭ، تاماكىسى يوقنىڭ قەغىزى چوڭ دىگەندەك ئىشنى قىلماي ئالدى بىلەن ئۇ قىزنى كۆرۈپ باقمامسەن؟!» دەپ مىنى زورلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇ ھابدالنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم، دىگەندەك تىلەمچىنىڭ ئۇ قىزى راستىنلا چىرايلىق نىمىكەن، بىر كۈرۈپلا پاتمىخاننى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا قىززىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەپراق چوڭ بولغان شۇڭا خاتىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدىمىزدىكى چارشەنبە ئۇلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ چوڭلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم.
چارشەنبىمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئۈيىگە يالغۇز باردىم، ئۇلار مىنى ئايۋانغا باشلىدى، توۋۋا دەيمەن ئۇلارنىڭ ئۆيى تىلەمچىنىڭ ئۈيىگە زادى ئوخشىمايتتى،مەھەللىمىزدىكى كەنتە مۇدىرىنىڭ ئۆيىمۇ بۇنچە ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى، مەن خاتىپنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە ئالدى بىلەن دۇئا قىلىپ ئۇلاردىن تىنچلىق سورىدىم، ماڭا قىيىن ئاتا بولغۇچى نەشە چېكىدىغان بەڭگى بولسا كېرەك ئادەمنىڭ تەرىگىمۇ قارىمايدىغان مۇز چىراي كىشى ئىدى.
ئاغىزىم چايغا بارماستا ئۇ كىشى مەندىن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن گەپ سوراشقا باشلىدى:
-بىرە ھۆنىرىڭىز بارمۇ؟
مەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمىدىم، چۈنكى مەن كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيتتىم.
-ھازىرچە… بىرە ھۈنىرىم يوق!- دىدىم كېكەچلەپ.
-قانچىلىك يىرىڭىز بار؟-دەپ ۋەزنىلىك سورىدى ئۇ كىشى قاپىقىنى چىڭ تۈرۈپ.
-مىنىڭ…مىنىڭ تېرىيدىغان يىرىم يوق، مەن …
-قوي-ۋارانلىرىڭىز باردۇ؟
-قويۇممۇ يوق…شۇ…شۇ…
ئىچىمدە «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ بولدى مانا! خۇتۇننىمۇ ئېلىپ بولدۇم !» دەپ ئويلىدىم، كىم بىلسۇن قېرى بەڭگىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ ئالدىمغا يېقىنراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى-دە بايامقى سوئال-سورىقىنى خۇلاسىلىدى:
– كۆرۈپ تۇرۇپسىز بالام ! قىزىم گۈلدەكلا چوڭ بولدى،-دەپ گېلىنى قىرىپ سۆز باشلىدى ئۇ كىشى ئالدىرماي،- ئۆيۈمگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ ماڭا يارىمىدى، مەن قىزىمنى ئۆز كەسپىمدىكى كىشىگە ياتلىق قىلىشىم كېرەك، دېھقان ياكى ھۈنەرۋەن دىگەندەك بىرنېمىلەرگە ئەزەلدىن خۇشۇم يوق، ئۇلارغا بىرىدىغان قىزىم يوق مىنىڭ!
مەن بۇگەپنى دە ماللا چۈشىنەلمەي ماڭا ياپتا گەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇ كىشىدىن سورىماقچى بولدۇم:
– سىلى دېمەكچى…
– شۇنداق ، ئۇلارغا قىزىمنى بەرسەم ئۇلار بۇ بىچارە قىزىمنى ئەتىدىن-كەچكىچە ئېتىزلىققا باغلاپ ئۆلگىدەك ئىشقا سالىدۇ، تاماقنىڭ ئورنىغا دەشنەم، ئىگىننىڭ ئورنىغا تاياق بىرىدۇ، ئۇنى خارلاپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، مەن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇ باغرى تاش ئەبلەخلەرگە قىزىمنى بەرمەيمەن!
مەن گاڭگىراپ نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، دېمەك بۇ قېرى كۇسپۇرۇچ مىنى ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدۇرماقچى ئىدى، شۇ چاغدا مەن ئالماقچى بولغان قىز تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان ئىككى تال ئۆرمە چېچىنى ئوينىغىنىچە بىز ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ دادىسىنىڭ قۇلىقىغا بىرنىمىلەرنى كۇسۇرلىدى، ئۆتكەن قېتىم بۇ قىزنىڭ بەدىنىگە ئوبدان زەن سېلىپ قارىمىدىممۇ تاڭ، بۇ قېتىم كاساپەتنىڭ تولغان مەيدىسى كۈزۈمگە چېلىقىپلا تۇرىۋالدى، شۇ تاپتا بېشىمدىكى قۇتۇر شەپكىنى ئۇنىڭ تاختايغا قېقىلغان مىختەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئەشۇ بىر جۇپ ئالمىسىغا ئىلىپ قويسام قارا بوران چىقسىمۇ شەپكەمنى ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيتتى…
شۇ چاغدا ئالدىمدىكى بۇ قېرى چال تۇيۇقسىز«كەلدىما ئۇ راھەندى جوھۇت!» دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ھويلىغا چىقىپ قالدىم، تال باراڭلىق ھويلىدا مەن دىمەتلىك بىر يىگىت قۇلىنى قۇۋۇشتۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن يەرگە قاراپ تۇراتتى.ئاڭغىچە مىنى سۇراققا تارتىپ قانمىغان بۇ قېرى تىلەمچى دىۋەيلەپ بېرىپ ئۇيىگىتنىمۇ سۇراققا تارتىشقا باشلىدى:
– قىزىمنى ئۇرغىنىڭ راسىتما؟
– مەن…مەن…
يىگىت بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرەلمەي دۇدۇقلايتتى.
– قىزىم يامانلاپ كەلسە، ئېلىپ كەتكىلى كەلگىنىڭ راستما؟
– شۇنداق تۈنۈگۈن كەلگەن…
– تۈنۈگۈن مەن ئۆيدە يوق، ماڭا ساقلاپ بۇ ئۆيدە قۇنۇپ قالغىنىڭ راستما؟
قېرى بارغانسېرى ئەۋزەيلەپ كېتىۋاتاتتى.مەن يىگىتنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىڭ بۇتىلەمچىنىڭ ئائىلىسىگە كونا كىيئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيرانلا قالدىم، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا-بالىلىق ئەمەس بەلكى ساقچى بىلەن يانچۇقچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.
– شۇنداق دادا…ئاخشام ئانام سىلىنى كەلسۇن دېدى، سىلىگە ساقلاپ كەچ بولۇپ كېتىپ قۇنۇپ قالغان…
كىيئوغۇل ھەممىگە ئىقرا بولدى ئەسلىدە بۇ يىگىت ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا يامانلاپ كەتكەن ئايالىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئۈيىگە كەلگەن ئىكەن، قىيىن ئانىسىنىڭ«دادىڭىز قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ سەمىگە بىر سېلىۋېتىپ قېتىپ قۇياي بالام!»دىگىنىگە ئاساسەن بۇ يىگىت قىيىن ئاتىسىنىڭ كىلىشىگە ساقلاپ كەچكە قالغاچقا مۇشۇئۆيدە قۇنۇپ قالغان ئىكەن، كېچىسى بۇ ياش-ئەر-خوتۇنلار بىلىپ-بىلمەي بىر-بىرسىگە«كۆڭۈل چېيى» سۇنۇشۇپ قېلىپ ئەتىسى قازناق ئۆيگە كىرىپ غۇسلى-تاھارەت قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قاپتۇ، ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئۈيىگە قايتىپ كەلگەن قىيىن ئاتا قازىناق ئۈيىگە كىرىپ قارىسا يەر غىچ ھۆل تۇرغىدەك، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلسا خۇتۇنى بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ قىزىنى بۈگۈن سەھەردە كىيئوغلىغا قېتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، تەرسا بەڭگىنىڭ كۆڭلى بەك ئىنچىكە ئىكەن ئۇ قازناقتىكى ھۆلچىلىكنى ئۈز غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولغانلىقى دەپ بىلىپ «خەپ!» دىگىنىچە كىيئوغلىنى چاقىرتىپ بۇ ئىشتىن ھېساب ئالماقچى بولغان ئىكەن.
بۇ يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىسىغا«مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب»نىڭ خوش-خەۋىرىنى يەتكۈزگىلى ئۇدۇنياغا ئالدىراپ كەتكەنلەردىن بولسا كىرەك ئۇنىڭ ھازىرقى تەققى-تۇرقىدىن ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش قارا يېتىملىكى چىقىپ تۇراتتى.
بىچارىنىڭ قورققىنىدىن ئېغىزىدىكى گەپ ئاران –ئاران چىقىۋاتاتتى، قېرى بەڭگى تېخىمۇ ئالچاڭلاپ سوئال-سوراقنى كۈچەيتتى:
– سەن ئەتتىگەندە نومۇس قىلماي مىنىڭ قازىنىقامدا غۇسلى-تاھارەت ئېلىپسەن، بۇراستما؟
– مەن…مەن…شۇ
– ۋۇ ئىتنىڭ بالىسى، قىزىمنى بولدى دىگۈچە ئۇرۇپسەن گەپ قىلمىسام تېخى ئۆيۈمگەكىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكۈدەك بولدۇڭما؟! كىمىڭنى كۆزۈڭگە ئىلمايسەن قېرى ھابدال!
ئالجىغان قېرى ھاينى-ھۇيت دىگۈچە كىيئوغلنىڭ چاتىرىقىغا ئىككىنى تىزلاپ ئۇنى يەرگە پۈكلەپ قويدى-دە قۇيۇندەك پىقىراپ بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئاغىزىنى شاتۇت يىگەندەك قانغا بويىۋەتتى، يا رەببىھ ! كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىگە ئىشىنەلمەي ھاڭ-تاڭ قالدىم…
ساراڭ قېرى يەنە كىيئوغلىنىڭ ئاچ بېقىنىغا مۇشتىكى بىلەن تازا كىلىشتۈرۈپ بىرقانچىنى سېلىۋىدى ئۇ شۇئان يەرگە يېقىلدى، ئەمدىلىكتە ئۇنى ئاستىغا بېسىپ پومىداقلاپ قۇناق سوققاندەك سۇقۇشقا باشلىدى، بۇ قېرى چال يەرگە چاپلىشىپ قالغان كىيئوغلىنى نېمە قىلدىكىن تاڭ، يىگىتنىڭ قانجۇق ئىتتەك چىرقىرىغان ئاۋازى تال باراڭلىق ھويلىنى بىر ئالدى…
– ھاي خوتۇن تىز بول، ئاۋۇ كاشكاتنى ئەكەل، بۇ گەدەنكەشنىڭ مۇشۇنداق ھارامزادە قىلدۇرغان نىمىسىنى كىسىپ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويمىسام خەپ!،- دەپ ۋاقىرىدى قېرى بەڭگىئاشخانىدىكى خۇتۇنىغا قاراپ.
ئۇ خوتۇنمۇ تۇشقان بىر ساراڭكەن، بىردەمدىلا بىرتال مۈڭگۈز دەستىلىك قاڭىراق پىچاقنى كۈتۈرۈپ ئېرىگە سۇندى، ئاھ خۇدا بۇ نېمە ئىش، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ قورققىنىمدىن لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدىم، ئىككى قۇلۇم ئىختىيارسىز چاترىقىمغا كىلىپ توختاپ قالدى چۈنكى مىنى سۈننەت قىلغاندىكى ئاغرىق ئازابى ھېلىمۇ ئىسىمدە بارئىدى…
«نېمىلا بولمىسۇن بۇ سۈننەت تويغا مەن قاتناشماي، ئۆزەمنى دالدىغا ئالمىسام بولمىدى! ئەڭ ياخشىسى بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسىدىن قاچاي!» مەن شۇلارنى ئويلاپ چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە ھويلىدىن ئۆزەمنى سىرىتقا تاشلىدىم، شۇ قاچقىنىمچە ئۆيۈمگە بېرىپ ساق بىركېچە-بىر كۈندۈز تالا-تۈزگە چىقمىدىم.
تىلەمچىنىڭ ئۆيىدىكى ئەشۇ ۋەقەدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدىم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن خاتىپنىڭ ئۆيۈم تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ» دىگەندەك يەنە ئىختىيارسىز چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە قوشنىمىزنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ يىراق يېزىدىكى بىر توققۇنۇمنىڭ ئۈيىگە قېچىپ كەتتىم.
* * * * * * * * * *
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى، مەن يەنە بۇرۇنقىدەك كىشىلەرنىڭ يۈگرى-يىتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىپ كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم، شۇ ئارلىقتا ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخانغىمۇ شەھەردىكى بىرسىنىڭ چېيى ئىچىرىلدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەنت مۇدىرى ئاتايىن مىنى ئىزدەپ كىلىپ بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى:
– ھاي توختى پوكان، قاچانغىچە بويتاق يۈرىسەن، خوتۇن ئالغۇڭ يوقمۇ؟
– يوقمىدىكى، ئۆيۈمدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنىمەم بولمىسا ماڭا كىم تېگەتتى مۇدىر ئاكا؟- دىدىم قاپىقىمنى سۈزۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا.
– بۇنىڭدىن غەم قىلما، مەن ئامالىنى قىلىپ قويدۇم، گىپىمنى ئاڭلامسەن؟-دېدى كەنتە مۇدىرى شاپ بۇرۇتىنى لىكىلدىتىپ.
مەن ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم:
– قۇرۇق گىپىڭنى قويغىنە ئاكا!
– ھا…ي! ، مەن قۇرۇق گەپ قىلمىدىم، دىگىنە گىپىمنى ئاڭلامسەن؟
ئۇنىڭ سۆزى راستتەك قىلاتتى.
-ئاڭلاي! – دىدىم ئاغزىم قۇلىقىمغا يىتىپ.
– ئەمىسە مۇنداق گەپ، سېكرىتارنىڭ كىچىك قىزىنى ساڭا ئېلىپ بەرسەم قانداق دەيسەن؟ چىقىمنىڭ ھەممىنى كەنتە كۆتىرىدۇ!
بۇگەپنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچىم تىك تۇردى.
– ۋاي ئەشۇ پەلىپەتىشنىما؟ ئەتىدىن كەچكىچە ئادەمگە ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدىغان ئەشۇ گۆش تاغىرى دەلتىنى!
– ھاي ئۇكام، سېكرىتار دېگەن مۇشۇ كەنىتنىڭ ئاتىسى ھەم خانى! ئۇنىڭغا كىيئوغۇل بۇلىۋالغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ، بىر ئۆمۈر ئىشلىمەي ئوڭدا يېتىپ يەيسەن ئەمەسمۇ؟!، – دېدى ئەترەت باشلىقى بىلىكىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، – سېكرىتارنىڭ قىزى ئايشىخانمۇ ئۇنچە ساراڭلاردىن ئەمەس، پەقەت كىچىكلىكىدە كېسەلدىن ساقايغاندا شۇنداق بولۇپ قاپتىكەن، سىنىڭ ھۆددەڭدىن تولۇق چىقالايدۇ، بولمىسا ئويلاپ باققىنە، بۇ يۇرتتا سەندەك قوڭالتاق ئاقلاندىغا كىم قىزىنى بىرىدۇ؟
مەن ئويلىنىپ قالدىم، دىمىسىمۇ ئۇنىڭ سۆزى راستتەك قىلاتتى، مەن كۆيگەن ھەم ماڭا ئوڭ كۈزى بىلەن قارايدىغان پاتمىخاننى ھاجىم دادىسى ئەزبىرايى خۇدا ماڭا بەرمىسە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار مەندەك يالاڭتۆش توختى پوكاننى تېخى ياراتمىسا؟
ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم.
– شۇنداق قىلساق بولارمۇ ئاكا؟
– ۋاي خاتىرجەم بولە توختى پوكان، ھەممە ئىشىڭنى ئۆزەم جۆندەيمەن!
شۇنداق قىلىپ مەھەللىدىكى چوڭلار بىر ئايغا قالمايلا سېكرىتارنىڭ دەلتە قىزى ئايشىخاننى ماڭا ھەقلەپ نىكاھلاپ قويدى، سېكرىتار دادامنىڭ ھىممىتىدە چاشقانلار تولا مەشرەپ ئويناپ تاملىرى ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كونا ئۈيۈمدىنمۇ خوشلىشىپ ئوبدانلا جابدۇلغان يېڭى بىر ئۆيگە كۆچۈۋالدىم.
لېكىن ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، بۇرۇن كۈندۈزى ئاز-تولا ئۇخلايتتىم، زېرىكسەم ئىت تالاشتۇرۇدىغان، خورازسۇقۇشتۇرىدىغان يەرلەرگە بېرىپ زېرىكىمنى چىقىراتتىم ئەمما قېيىن ئاتام بولغان سېكرىتار ئوغرى ماڭا بىردەم ئارام بەرمەيتتى،قوي كالىلىرىغا سېسىق ساماننى تاسقاپ بۇلالماي كارنىيىم تۇرخۇن بولۇپ كەتتى، ئېتىزلىقتىن كىلەلمەيتتىم، سۇ توشۇيتتىم،ئىشقىلىپ جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرىغا سالاتتى، ئويلاپ باقسام ئۇلار مىنى كىيئوغۇل ئەمەس مەدىكار قاتارىدا كۆرىۋاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوي-بەستى مەندىن قاۋۇل كەلگەن خۇتۇنۇم ئايشىخاننىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ كىلەڭسىز سېمىزلەردىن ئىدى،ئىككىمىز بىر جايدا ياتىدىغان بولساق مەن ئۇنىڭ يېنىدا خۇددى شىرنىڭ يېنىدىكى توشقاندەك ياكى ۋاسكىتبول توپىغا چاپلىشىپ قالغان بىر تال مۇناقا ئۈزۈمدەك بولۇپ قالاتتىم.
بۇ بىناماز خۇتۇننىڭ ئەقلى ئانچە تەرەققى قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىككى قولتۇقى خۇددى كونا لاتا خەيدەك پۇرايتتى، يەنە بىرقولتۇقىدىن بولسا بەئەينى ئېچىپ قالغان گۆشنىڭ پۇرىقىدەك بىر خىل سېسىق پۇراق كىلەتتى، مەن توي قىلغىلى ئىككى ئاي بۇلاي دېدى، ئادەم ئىش قىلغانغىمۇ بىرنىمە بولمايدىكەن، ئاچ قالغانغىمۇ بىرنىمە بولمايدىكەن لېكىن ئەڭ يامىنى ئەشۇ ئايشىخاندىن كېلىدىغان پۇراق بولدى، توي قىلغىنىمدىن بىرى بۇ سېسىقچىلىقتا بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىپ توختىمىدى،ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى يالغۇزلىقىمغا قايتمىسام مىنىڭ بۇ بۇرنۇم ئېقىپ كېتىپ يۈزۈمگە قۇشقاچ ئۇۋا قۇيىدىغان بىر كامار ئېچىلىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ قالدى.
بىر كۈنى قوتاندا قىغ چىقىرىۋاتسام قېيىن ئانام يۈگرەپ كىلىپ «تىز بۇلۇڭ، ئايشىخاننى دوختۇرغا ئاپىرايلى!» دەپ ئالدىمدا يۈگۈرۈپ ماڭدى.بىز ئالدىراپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا چىقتۇق.
دۇختۇر ۋايجانلاپ ياتقان خوتۇنۇمنى تەكشۈرۈپ«ھەي!قورسىقىدىكى بالىغا تۆت ئايلىق بوپتىكەن، بالا قۇرسىقىدا ئۆلۈپ قاپتۇ!» دېدى.
بېشىمدىن بىر چېلەك سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم:
– نېمە دىدىڭىز؟ تۆت ئايلىق بولۇپتىكەنما؟،- دىدىم بۇ گەپتىن ھەيران بولۇپ.
– شۇنداق ، بالىڭىزغا تۆت ئايلىق بوپتىكەن!
ئەمەلىيەتتە مەن ئايشىخاننى ئالغىلى تېخى ئىككى ئاي بولغان ئىدى.شۇڭا غەزەپ بىلەن قېيىنئانام بولغان خۇتۇنغا ئالايدىم، بۇ خوتۇن ماڭا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمىدى، ئىچىمدە خەپ دىدىم.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئايشىخان دوختۇرخانىدىن چىققان ئاخشىمى ئۇنىڭدىن ھېلىقى گەپنى كۇچىلىدىم:
-ھاي خوتۇن! بىر گەپنى سورسام راستىنى ئېيتامسىلەر؟
– ئېيتاي!
– دۇختۇر قورسىقىڭدىكى بالىغا تۆت ئايلىق بولۇپتىكەن دەيدۇ، سىلە مەندىن بۇرۇن بىرەسى بىلەن ھېلىقىدەك ئىشنى قىلغانما؟
– قىلغان!
مەن ئۇنىڭ ئۇدۇل بەرگەن جاۋابىدىن تېخىمۇ غەزەپلەندىم.
-كىم بىلەن ياتقان جېنىم خوتۇن؟- دەپ ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم.
-كىم بىلەن بۇلاتتى، كەنتە مۇدىرى بىلەن شۇ!
«كەنتە مۇدىرى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ بېشىم بىر پىرقىرىدى.
– ئەسلىدە ئىش مۇنداقكەندە، قانچە قېتىم ؟
-قانچە قېتىملىقىنى ساناپ بولالمايمەن، ئىشقىلىپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە ياكى باشقا يەردە مېھماندارچىلىق بولغاندا ئۇلار ھاراقنى بولدى دىگۈچە ئىچىشەتتى، دادام مەس بولۇپ قالسا بىر ئامال قىلىپ كەنتە مۇدىرىنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىتەتتى، كەنتە مۇدىرى بولسا مەسلىكىدە دائىم دەرىزەمدىن ئارتىلىپ كىرەتتى….!
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە غەزەپتىن مۇشتىكىم تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
-ئۆيدە ئاناڭ يوقمىدى؟
-ئانام بۇنداق چاغدا تۇداخۇن تازنىڭ قېشىدا تۇرسا…
– قايسى تۇداخۇن؟
-كەنتە كومتىتنىڭ دەرۋازىسىنى باقىدىغان ھېلىقى گاچىچۇ؟
-كاللىسىدىن چىۋىن ئۇچۇپ كىتەلمەيدىغان ھېلىقى تۇداخۇن تازما؟
– ھەئە!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېلىشتى«توۋۋا خۇدايىم ماۋۇ مەلئۇنلارنى، نېمانداق ھەپتىدە ئىككى –ئۈچ قېتىم ھاراق ئىچىشىپ يۈرىدىكىن دىسەم ئىش مۇنداقكەندە، خۇدا ئۇرغان بۇ چاھار پايلار ئەسلىدە مىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟»
مەن ئۇزاقتىن –ئۇزاق خىيال قىلىپ كەتتىم « قانداق قىلىش كېرەك؟زادى قانداق قىلىش كېرەك؟» ئاخىرى بىرقارارغا كەلدىم «توختا ھەرقايسىڭ تېخى توختى پوكاننىڭ قانداقلىقىنى بىلىشمەپسەن!» مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى تالاق قىلىش پەيلىدىن يېنىپ ئايشىخاننىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئايشىخان بىخىرامان ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى، چىراغ يۇرىقىدا ئۇنىڭ سۇندۇك تۇخۇمىدەك كىچىك يۈزى خۇددى لېگەننىڭ يۈزىدەك چوڭ، كاللىسى ئۈنئالغۇدەك تۆت چاسا، ئېغىزىدىكى چىشلىرى دانە-دانە جىگدىدەك قىزىل كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
«ئېھتىمال بۇ خوتۇن كىچىك چېغىدا سۇپۇن يەۋالغان بولسا كېرەك بولمىسا چىشلىرى بۇنداق قارا داغ بولۇپ كەتمەس ئىدى»، «توۋۋا نېمىشقا ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ چىشىغا بىرقاراپ ئالمىغاندىمەن»،«توغرا، مال بازىرىدا چارۋىلارنىڭ ئاغىزىنى يىرىپ چىشىنى ساناپ ئالغان بىلەن خۇتۇن دىگەننىڭ ئېغىزىنى يىرىپ ئالغىلى بولمايدۇ-دە!»،«لېكىن كەنتە مۇدىرى دېگەن ،كىشى ھەققىدىن قورقمايدىغان بۇ لەنىتى مىنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا كۆرۈپ چىشىمنى سانىمايلا سودامنى پۈتتۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ!»
شۇنداق قىلىپ ھەپتىنى چىداپ ئۆتكۈزدۈم، قېيىن ئاتامنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى كەنتە كومتىتىنىڭ براك قىلىنغان كونا تىراكتۇرنىڭ پۇلغا يارايدىغانلىكى تۆمۈر-تەستەكلىرىنى بىر ئامال قىلىپ سېتىپ يانچۇقۇمنى بىر ئاز توملىدىم-دە ماڭا بۇ ئىسسىق پوقنى يىگۈزگەن كەنتە مۇدىرىنىڭ تالالىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان تۇمۇچۇقتەك بىر قىزىنى پەملەپ ئۇنىڭ ئۈيىگە تولا قاترايدىغان بولدۇم، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىر «پوكانباي» ئىدىم، كەنتە مۇدىرىنىڭ ياشتا مەندىن كىچىك بۇ قىزىمۇ خېلى تور تارتىپ پىشىپ يىتىلىپ قالغان بولغاچقا بارغانسېرى ماڭا يەر تۈۋىدىن ھىجىيىپ قارايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ«تۇمۇچۇق» مەھەللە سېكرېتارىغا يەنى مىنىڭ قېيىن ئاتامنىڭ ئۈيىگە پات ئارىدا كىلىن بولۇپ باراتتى.مەن بىر ھىساپتا بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سۇقۇپ بۇ ئىككى ئوغرىدىن ئۆچ ئالغان بۇلاتتىم.
بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا كەنتە مۇدىرىنىڭ ئۆيىدىكى چوڭلارنىڭ بازارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈيىگە باردىم، دىگەندەك ئۆيدە چوڭلار يوق ئىكەن، مەن پۈرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ يېنىمدا ساقلاپ يۈرگەن كۈمۈش ئۈزۈكنى «تۇمۇچۇق»قا ئاستا سۇندۇم، ئۇ كۈلگىنىچە ھويلىدىكى ئىنىسىنىڭ بۇ سوۋغىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى دەرھال يانچۇقىغا سالدى، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى ئاستا تۇتتۇم، ئۇ قۇلىنى ئېلىپ قاچتى، ئۇنىڭ بىر كۈزى سىرتتىكى ئىنىسىدا ئىدى، مەن ھاياسىزلىق بىلەن«تۇمۇچۇق»نىڭ كەينىدىن كىلىپ ئۇنى بوش قۇچاقلىۋالدىم، قارىسام ئۇ جىددىلىشىپ بىرئاز ھاسىراشقا باشلىدى، دېمەك مىنىڭ بۇ قوپاللىقىم ئۇنىڭغا خوش يېقىپ قىلىۋاتاتتى.
-بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلىمۇ؟ ساڭا ئېلىپ قويغان يەنە بىرسوۋغىتىم بار ئىدى!،- دىدىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ.
– قانداق بۇلار توختەك!،- دېدى «تۇمۇچۇق» ئارىسالدى بولۇپ.
– بارغىن، ئۇنى مەن ساڭا ئاتاپ ئالغان.
-ھازىر بارامدىم؟ مەن قورقىمەن!
-قورقمىغىن، بىر تال مويۇڭغا تەگمەيمەن!
– ئەمىسە گىپىڭىز گەپ.
– مەن بېرىپ ئاۋۇ ساراڭ خوتۇننى چوڭ ئۆيىگە تاشلاپ قۇيۇپ ئۆگزىدىن ساڭا شەرەت قىلاي، سەن دەرھال ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى ئېتىزلىقتىن كىرگىن!
– ماقۇل ئەمىسە.
مەن خوشلۇقتا يۈگۈرگىنىمچە ئۆيدە ئۇخلاپ ياتقان ئايشىخاننى ئويغىتىپ ئۇنى يوق باھانىلەر بىلەن چوڭ ئۈيىگە ئېلىپ باردىم-دە ئۇچقاندەك ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆگزىگە ياماشتىم…
«تۇمۇچۇق»مۇ مىنىڭ ئۆيۈمگە ئارقا ئېتىزلىقتىن كىرىپ كەلدى، ئۇنى ھوجرىغا باشلاپ قۇلۇمدىكى تۈگۈنچەكلەنگەن پۇلنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئۇنى يەنە ئابىيامقىدىن بەكراق چىڭ قۇچاقلىۋالدىم…
-سوۋغىتىڭىز مۇشۇمىدى؟،-دېدى ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك خىجىل بولۇپ.
– شۇنداق، بۇلارنى مەن ساڭا يېغىپ ساقلىغان، ئۆزۈڭ بىلىپ بىر نېمە ئالغىن!،-دىدىم ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ.
ئاڭغىچە مىنىڭ قۇلۇم ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى ئۈستىدە سىيرىلىشقا باشلىدى، مۇشۇ تاپتا «تۇمۇچۇق» مۇ مىنىڭ ھەرىكەتلىرىمنى بارغانسېرى ياقتۇرۋاتاتتى.شۇ چاغدا ئۇ ئېغىزىنى قۇلىقىمغا يېقىپ تۇرۇپ بىر گەپنى يۇمشاق قىلىپ ئېيتتى:
– توختى، مەن قىز!
– بۇنى بىلىمەن!
– ئىككىمىز بۇرۇن ئاخۇنۇمدا بىرگە ئۇقۇغان، سەن ماڭا ساۋاق بېرەتتىڭ …
-شۇنداق، ئىسىمدە بار،-دىدىم مەنمۇ ئېغىزىمنى ئۇنىڭ لىۋىگە چىڭ يېقىپ تۇرۇپ .
-بىز بۇنداق قىلساق قانداق بولار، سەن ماڭا خەلپەت ئىدىڭ، بىز دەۋزەخى بولۇپ كېتەرمىزمىكىن؟
«خەلپەت» ۋە «دەۋزەخى» دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەركەتتىكى قۇلۇم توختاپ جىددىلەشكەن بەدىنىم بىر ئاز بۇشىشىشقا باشلىدى.
«توۋۋا خۇدايىم، مەندەك يالاڭتۆشنى خەلپەت دەيدىغانلارمۇ باركىنا، يوقسۇل بولغىنىم بىلەن مىنىڭمۇ خۇدايىمىم بار! مەن ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمەن دەپ بۇ نارەسىدىنى بوزەك قىلسام مىنىڭ ئۇ ھايۋانلاردىن نېمە پەرقىم بولسۇن! ئويلاپ باقسام ھېلىقى كىيئوغلىنى ئۇرغان تىلەمچى ھابدالمۇ بۇ دىھقانلارنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان ئىككى ئاچكۆزدىن ياخشىدەك تۇرىدۇ، بۇلاردا يوق غۇرۇر ئەشۇ تىلەمچىدە بار ئوخشايدۇ، مەن بۇ نەھىيىدىن ياناي، خۇدايىم ماڭا بەرسىمۇ ئەجەب ئەمەس! ئۇلارنىڭ بارىدىغان يىرى دەۋزەخ! خۇدايىم ئۆزى ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن!» مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاستىمدا ياتقان «تۇمۇچۇق» قۇيىۋېتىپ ئورنىمدىن تۇردۇم لېكىن يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ يولغا قارايدىغان دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ سالدىم، قارىسام يىراقتا قېيىن ئاتام، قېيىن ئانامدەك بىركىملەر قۇلىغا كالتەك-توقماقلارنى ئېلىشىپ ئۆيۈم تەرەپكە بوراندەك باستۇرۇپ كىلىۋېتىپتۇ.
ئەسلىدە بۇلارنى خۇتۇنۇم بولغان ساراڭ باشلاپ كەلگەن بولۇپ مەن ئۇنى چوڭ ئۈيىگە ئاپرىپ قۇيۇپ بۇ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە ئۇ مىنىڭ كەينىمگە ئەگىشىۋېلىپ دېرىزە سىرتىدىن مىنى مارىلاپ تۇرغان ئىكەن، ئاندىن ئۇ بۇ قىزنى قۇچاقلىغىنىمنى كۆرىۋېلىپ دەرھال يىغا-زار قىلىپ بۇ ئىشنى چىقارغان ئىكەن.
مەنمۇ دەرھال«تۇمۇچۇق» نى باغنىڭ ئارقا ئىشىكتىن چىقىرىۋېتىپ ئاران ھويلىغا چىقىپ ئۈلگۈردۈم ئاڭغىچە قېيىن ئاتام قاتارلىق بەش ئادەم غەزەپ بىلەن ھويلىغا شۇڭغۇپ كىرىپ مىنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى-دە ھۇجرا ئۆيگە قىستىدى، مەن كەينىمگە داجىپ ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ ئۆزەمنىڭ ئاقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇم، ئۇلار ئوپۇر-تۇپۇركەينىمدىن كىرىپ «تۇمۇچۇق»نىڭ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالغان بىردانە قىزىل ياغلىقىنى قۇلىغا ئېلىۋالدى، ياغلىق ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى ھاماقەت ئايشىخانمۇ ئوبدان كۆرەلمىگەچكە بۇ توپىلاڭچى قۇشۇنمۇ بۇ ياغلىقنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتى، دېمەك مەن ئۇلاردىن چاققان كەلگەن ئىدىم، ئىچىمدە بىر تۇرۇپ «تۇمۇچۇق»نىڭ كىملىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرمىگەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم، قېيىن ئاتام بولغان رەزگى ئوغرى خۇددى بۇنداق بۇزۇقچىلىقلارنى ئۆمرىدە قىلىپ باقمىغان ئاق بالىخاندەك كالتەكنى كۈتۈرۈپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلمەسمۇ…
شۇ چاغدا كاللامغا چاقماقتەك بىر ئەقىل كەلدى، مەن دەرھال دېرىزە تەكچىسىدىكى شامدان قىلىنغان بىر تال كونا بوتولكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۈنلۈك ۋاقىرىدىم:
-قايسىڭ يېقىنلاشساڭ قانىڭنى يارىمەن!
مىنىڭ ھەيۋەمدىن بۇ ھارامدىن بولغانلار ھېچ قورقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇلار تەلەتىنى بۇزۇشۇپ بىر نىمىلەرنى دېيىشكىنىچە خىرقىراپ ئالدىمغا كېلىشتى، مەن دەرھال بوتۇلكىنىڭ قوڭى تەرىپىنى تامغا ئۇرۇپ چېقىپ ئۇنىڭ ئەينەك بىسىنى چىقارماقچى بولدۇم، بوتولكا كونا زاۋۇتنىڭ بولسا كېرەك قېرىشقاندەك چېقىلمىدى، ئىككىنچى قېتىم بوتولكىنى سۇپىنىڭ يېنىدىكى كونا ئۈستەلگە ئۇردۇم، بوتولكا چىقىلىپ قۇلۇمدا ئۆزەمنى قوغدايدىغان تىغلىق قورالدىن بىرسى پەيدا بولدى بۇ چاغدا قېيىن ئاتام قاتارلىق كالتەكچىلەرنىڭ يۈرىگى بىر ئاز سىيقىراپ بىر-بىرلەپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ خۇش پۇراق تارقىلىپ تۇرىدىغان سېكرىتارنىڭ بۇ خالجىيىدىن خوشلاشماقچى بولدۇم…
بۇ ئۆيدە ماڭا تەۋە مۈلۈكۈمدىن پەقەت ئاتا-ئانامدىن قالغان شۇ بىر پارچە كىگىزلا بار ئىدى. ئوڭ قۇلۇمدا چېقىلغان بوتولكىنى تۇتۇپ سول قۇلۇمدا سۇپىغا سېلىنغان كىگىزىمنىڭ بىر بۇرجىكىنى تارتىشقا باشلىدىم، باشقا چاغلاردا بىر ئادەم ناھايىتى تەسلىكتە كۆتۈرگىلى بۇلىدىغان چوڭ ھەم قېلىن كىگىز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن ئاسانلا كەينىمدىن سۆرىلىپ ماڭدى، ئۇلار مىنىڭ قان تەپچىپ تۇرغان كۈزۈمدىن قورقىشىپ كەينىگە داجىيىشقىنىچە ماڭا يول بەردى، مەن بوتۇلكىنىڭ تىغىنى خۇددى تاپانچىنى تەڭلىگەندەك ئۇلارغا نۆۋەت بىلەن تەڭلەپ ئۇلارغا ھەيۋە قىلغىنىمچە كىيگىزىمنى شاخ سۆرىگەندەك سۆرەپ ئاستا -ئاستابۇ نەس باسقان ھويلىدىن چىقىپ كەتتىم ئاندىن ئانچە نېرىغا بارماي تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىزىل گۈلدەك پۇراپ تۇرۇدىغان بۇ خانىشىمنىڭ سۈزىنى ئەزبىرايى خۇدا ئىككىنچى يول چىقماسلىققا بېرىۋەتتىم.

* * * * * * * * * *
كەلگۈلۈك ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋەردى، ئۇزاق ئۆتمەي پاتمىخاننىڭ تويى بولدى، ئاڭلىسام ھاجىم ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەرەمگە ماڭىدىغان ئىشىنى بىجىرىپ بەرگەن شەھەردىكى قىيامەتلىك ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بەرگەن ئىكەن، لېكىن پاتمىخان ھەپتىگە قالماي شەھەرلىك ئىرىدىن سۈزىنى ئېلىپ مەھەللىمىزگە ئۈنۈپ بولدى.
«ئۆلمىگەن جاھاندا ئۈمىد بار» دەپتىكەن، مەن ئەتىدىن-كەچكۈچە پاتمىخاننى مارىلاپ يۈردۈم، بىر كۈنى كۆلگە سۇغا چىققان پاتمىخان بىلەن يار بۇيىدىكى ئېرىقنىڭ بۇيىدا كۆرۈشىدىغانغا پۈتۈشتۇق.
ئۇ كۈنى مەن قوشنىمىزنىڭ بېغىدىن كاللامدەك كېلىدىغان چوڭ بىر ساپ سەيۋە ئۈزۈمنى ئۈزۈپ كۆرۈشىدىغان جايدىكى ئېرىقنىڭ بۇيىدىكى كوكاتقا باغلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويدۇم.
ھايال ئۆتمەي پاتمىخانمۇ پەيدا بولدى، خۇشاللىقتا يۈرۈگۈم توختىماي ئوينايتتى، مەن ئېرىق ئىچىدىكى مۇزدەك بولۇپ كەتكەن بىر ساپ سەيۋىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇ ئۈزۈمنى قۇلۇمدىن تارتىنچاقلىق بىلەن ئالدى ئاندىن ئۈزۈمدىن بىر مىدىقنى ئاجرىتىپ ماڭا سۇندى.
بىز بىردەم تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق، ئاخىرى مەن گەپ تەشتىم:
– شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزدىڭلارمۇ؟
– شۇنداق بولدى، سۆزۈمنىمۇ ئېلىپ بولدۇم.
پاتمىخان يەنىلا بۇرۇنقىدەك تارتىنچاق بولۇپ بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرمىگەنچىلىك قىلاتتى.
– سىنىڭ بۇنداق تىز ئاجراشقىنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ؟ سىلەرگە زادى نېمە ئىش بولغان پاتمىخان؟
مەن ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزى بىلەن تىكىلىپ قارىدىم، پاتمىخان تازا بىر ئۇلۇق-كىچىك تىنىۋېتىپ سوئالىمغا ئاستا جاۋاب بەردى:
– دەپ كەلسەم گەپ جىق توختەك، مىنى ئالغان ئۇبالا….
– ئۇ بالا ….نېمە ئىش بولدى، تارتىنماي دېگىن!
– ئۇ بالا ئەسلىدە ئۈزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بىر روھى كىسەلكەن….
پاتمىخان بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھۇق تارتىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى تازا چۈشىنەلمەي سورىدىم:
– داداڭنىڭ ئۇ ئاغىنىسىنى كاتتا ئەمەلداركەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بالىسى ئۇ قانداقسىگە…
– بالىسى ئۇ …ئۇ… توي ئاخشىمى ياتار ياتماي قۇلىغا كەمىرىنى ئېلىۋېلىپ ئاغزىمغا يۈگەن قىلىپ سالدى، مەن تېخى توي قىلسا مۇشۇنداق ئادەت بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بىر چاغدا دۈمبەمگە مىنىۋېلىپ «دىرت…چۇھ…ئۇياققا چاپ…بۇياققا چاپ…» دەپ يۈرۈيدۇ، قارىسام ئۇ مىنى ئات قىلىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تامنىڭ بۇرجىكىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ مىنىڭ قورقۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ پىخىلداپ كۈلگىنىچە قۇلىدىكى كەمەر بىلەن باش كۈزۈمگە ئۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكلىكىدە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىگە قانمىغان نىمىكەن، مىنى بولدى دىگۈچە ئۇرۇپ بولۇپ ئارقىدىن«ئانا…ئانا…مەممە…مەممە…» دەپ كۆكسۈمگە ئېسىلىپ يۈرۈيدۇ. بۇ ئىش ئۇدا بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتى، ئۇلار ئەسلىدە مىنى «يېزىلىق، ھېچنىمنى بىلمەيدۇ، نېرۋىسى ئاجىز ئوغلىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ…» دېگەن مەقسەتتە بۇ توينى قىپتىكەن، مەن ئۇ بالىنىڭ تاياق-توقمىقىغا زادى چىدىيالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆلسەممۇ ئۆز مەھەللەمدە ئۆلەي دەپ ئالغان تويلۇقلىرىنى بېشىغا ئېتىپ بىرىپ قېچىپ كېلىۋالدىم.
– توغرا قىپسەن، ھاجىم داداڭ نېمە دېدى؟،-دەپ ئالدىراپ سورىدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
– دادام بۇ ئەھۋاللارنى ئانامدىن ئاڭلاپ شەھەرگە كىرىپ ئىشىمنى تۈگىتىپ چىقىپتۇ، لېكىن دادامنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەرەمگە بارىدىغان يول خېتى توڭلاپ قالىدىغان ئوخشايدۇ…
– ساڭا بىر گەپنى دەيمۇ؟
– قايسى گەپنى …
پاتمىخان ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا تىكىلىپ قارىدى.
– ئەمدى ماڭا تەگكىن!
– قاشاڭ….
پاتمىخان ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ كۈلگىنىچە قۇلىدىكى ئۈزۈمدىن بىرنى ماڭا ئاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئوماق قىلىقلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا تېخىچە مەيلى بارلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى.
– ئوتىڭدا ساراڭ بۇلاي دىدىم پاتمىخان! ئۆلسەم خوش بولامسەنيا؟،- دىدىم كۆزۈمنى ئۇنىڭ خۇما كۆزىگە قاداپ تۇرۇپ بىچارىلەرچە.
ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۈزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ:
– توختەك، سەن ئەمدى ئالەم چۈش بولغىچە ئۇخلىماي، مەسچىتكە بالدۇر چىقىپ دادامغا ياخشىچاق بولغىن! قالدى ئىشنى خۇدايىمغا قۇيايلى، گىپىمنى چۈشەندىڭما؟
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ قۇلىدىكى سەيۋىدىن يەنە بىر مىدىقنى ماڭا سۇندى. پاتمىخاننىڭ سۆزىدىن مەن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، خۇشاللىقىمدىن ئاغىزىم قۇلىقىمغا يەتتى…
شۇندىن ئىتىبارەن مەسچىتكە خۇراز چىللىماستا چىقىپ خۇپتەندە ھەممىدىن كېيىن قايتىپ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئوڭ بېقىنىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولدۇم. جامائەت مىنىڭ ھەقىقى تەقۋالىقىمنى كۆرۈپ ئىسمىمنى ئاتىغاندا «پوكان» دېگەن لەقىمىمنى ئالدىراپ تىلغا ئالمايدىغان بولدى،بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھاجىممۇ ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولدى.
ئەمما بۇ ئاسايىشلىق كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارالمىدى، بىر كۈنى ئەتتىگەندە جامائەت بامداتتىن يېنىپ ساۋۇت خارەتنىڭ ئۆيىدىكى نەزىرگە داخىل بولدۇق، لىگەن-لىگەن پولۇ ئاشلار ھاينى-ھۇيت دىگۈچە قۇرۇقدىلىپ دۇئا ياندۇرىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق نەزىر دۇئاسىنى كۆپىنچە مەھەللىدە دىنىي بىلىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، يۈزى ھەممىدىن چوڭ بولغان ھاجىم يەنى پاتمىخاننىڭ دادىسى ياندۇرۇپ بىرەتتى.
باشقىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن خوش ئىتىشى بىلەن ھاجىم ئۈنلۈك قىلىپ «ئامىن!» دەپ قۇلىنى ئېگىز كۆتۈردى، پۈتۈن جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى، نەزىر تامىقىنى جىق يەۋالدىممۇ بىلمىدىم دەل مۇشۇ پەيتتە قېرىشقاندەك قۇرسۇغۇم ۋاراقشىپ ئاغرىپ، چىدىغۇسىز بىر يەل قۇرسۇغۇمنىڭ تۆۋىنىگەكىلىپ تۇرىۋالدى، ئاڭغىچە پۈتۈن كۈچۈمنى پەسكە يېغىپ بۇلبۇلۇمنىڭ سايراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدۇم.
مۇشۇ تاپتا بۇ باشتۇڭ يەل كۈزۈمدىن چىقاي دەپ قالغان ئىدى، جېنىمغىنا ھاجىمنىڭ دۇئاسىمۇ بارغانسېرى ئۇزىراپ تۈگىمەيۋاتاتتى…..
ئاھ خۇدا! «غور……ت» قىلغان مۇڭلۇق ھەم ئۇزۇن بىر ئاۋازدىن پۈتۈن جامائەت چۇچۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ئوسۇرۇپ باقمىغاندەك تەڭلا ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراشتى، كۈزىنى يۇمۇپ دۇئا قىلىۋاتقان ھاجىممۇ خۇددى مىنىڭ يەل قويىۋەتكىنىمنى كۆڭلى تۇيغاندەك كۈزىنى«لاپپىدە» ئېچىپ ئۇدۇللا ماڭا قارىدى…
«ئاھ! قانداق قىلاي !» ماڭا ئاسمان يىراق يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ كەتتى، مەن ئاخىرى بۇلالماي يېنىمدا ئولتۇرغان بىرسىگە گاچچىدە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، جامائەتمۇ مەن بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا قارىدى، يېنىمدىكى بۇ ئادەم ئادەتتە ئوننى تەپسە بىر قېتىم تەۋرىمەيدىغان، يۈز ئېغىز گەپ سورىسا بىرگە جاۋاب بىرىدىغان ئىنتايىن ياۋاش خۇدا قۇلى بىر ئادەم ئىدى. لېكىن بۈگۈن بۇ بىرنېمىگىمۇ زۇۋان كىرىپ قېلىۋاتاتتى:
– ساقتۇ ؟
ئۇنىڭ بۇنداق «ساقتۇ؟» دەپ ئۈنلۈك سورىغىنى «بىرنېمىڭىزنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتمىگەندۇ؟»دىگىنى ئىدى، جامائەت يەنە ماڭا قاراشتى، مەن ئەمدى بۇ يۈزى قېلىن يەلنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم سول تەرىپىمدىكى بىرەيلەنگە تىكىلىپ قارىدىم، بىراق يېنىمدىكى بۇ مەدىكارمۇ خۇددى مەن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بۇرنىنى ئىككى قوللاپ ئىتىپ ئاللاقاچان مەندىن داجىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئىشنىڭ قاملاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە سورۇندىن پارتاقشىپ قېچىپ چېكەتتىم.
* * * * * * * * * *
شۇ خىجىلچىلىقتا ئۈچ-تۆت كۈنگىچە مەسچىتكىمۇ چىقالمىدىم، بەشىنچى كۈنى پاتمىخاننى ئويلاپ ئولتۇرالماي ئۇنى يەنە مارىلاپ كۆل بۇيىدىكى مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈردۈم، چۈنكى ھاجىمنىڭ قورۇسى مەسچىتكە يانداش بولۇپ ھاجىم مەسچىتكە ماڭغان ھامان مەن پاتمىخاننىڭ ھويلىسىغا چالما ئېتىپ ئۇنىڭغا كەلگەنلىكىمدىن شەپە بېرەلەيتتىم.
پېشىنگە ئەزان ئۇقۇلۇش ئالدىدا ھاجىم قۇلىغا بىر تال چەينەكنى كۈتۈرۈپ كۆلدىن سۇئالغىلى چىقىپ كەلدى، شۇ چاغدا كاللامغا شاققىدە بىر ئەقىل كەلدى«ھاجىمنىڭ تاھارەت سۈيىنى كۆلدىن ئاچىقىپ بىرىپ ئۇنىڭغا بىر ياخشى بولىۋالمايمۇ؟!» مەن شۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم، مەن ھاجىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغىچە ئۇكىشى كۆلنىڭ گىرۋىكىدىكى تۇپا پەشتاق بىلەن سۇ ئۇسىدىغان يەرگە چۈشۈپ بولغان ئىكەن، مەن ئالدىراپ ھاجىمنىڭ دىققىتىنى تارتتىم:
– ھاجىم ئاكا، ئەكەلسىلە، سۇنى مەن ئاچىقىپ بېرەي!
ھاجىم سۇ ئۇسقىلىۋاتقان يەردىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
– ياق، توختاخۇن ئۇكام، تەس ئەمەس!
– ياق ھاجىم ، ئەكەلسىلە دەيمەن!
مەن جىددىيچىلىكتە پەستىكى سېغىز لايدا ياسالغان پەشتاققا ئوبدان قارىماي، ھاجىمغا خۇشامەت قىلىمەن دەپ پەشتاقنىڭ يېنىدىكى سېغىز لايلىققا دەسسەپ ساپتىمەن، نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن بىردەمنىڭ ئىچىدە «غىررىدە» تېيىلغان پېتى ھاجىمنىڭ يېنىغا كىلىپ توختاپ قالدىم، «پولتۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئالدىمدىكى ھاجىم يوق، قارىسام ئۇ كۆلدە پالاقشىغىلى تۇرۇپتۇ، ئىسىمنى يېغىپ ئۇنى تارتىۋالاي دەپ بولغىچە سايىت چولاق دېگەن خۇمپەر كۆلگە سەكرەپ ھاجىمنى تارتىپ ئاچىقىپ بۇلاپتۇ.
-سىلنىڭ نېمە قىلغانلىرى بۇ توختى پوكان؟ ياشىنىپ قالغان ئادەمگىمۇ مۇشۇنداق ئېغىر چاقچاق قىلامسىلەر؟
مۇشۇ تاپتا پاتمىخانغا يەر تىگىدىن ئىش-پەش تارتىپ يۈرۈيدىغان بۇ چولاق ھاجىمنىڭ ئالدىدا مىنى قەستەن ئۇسال قىلىپ مىنى سۇراققا تارتىۋاتاتتى.
-مەن…مەن…مەن شۇ…
-پوكاندەك قاراپ تۇرماي بېرىپ ھاجىمدىن ئەپۇ سورمامسىلە توختاخۇن؟!
ئەمدى سايىت چولاق دېگەن بۇ چۈپۈرەندى تېرىسىگە پاتماي مىنىڭ لەقىمىمنى چىشلەپ تارتىۋاتاتتى.
كۆلنىڭ لەپتىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن چاپىنىنى سىقىۋاتقان ھاجىمنىڭ قۇلىدىكى ئىشنى ئالماقچى بولۇپ ھاجىمنىڭ ئالدىغا ماڭغاچ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم:
-ھاجىم ئاكا خاپا بولمىسىلا….مەن ئەسلىدە…
ھاجىم ماڭا قارىمايۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنلىغانسېرى ئاۋازىم پۈتۈپ كارنىيىمنى بىرسى بوغۇۋالغاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
-ھاجىم ئاكا…مەن…مەن…
قېرىشقاندەك دەل مۇشۇ چاغدا پۇتۇمغا كىمدۇ بىرسىنىڭ ئەپكىشىدەك بىرنېمىسى پۇتلاشقاندەك بۇلدى، مەن ئۆزەمنى كونترول قىلالماي يەردىن قاڭقىپ چۈشكىنىمچە ئالدىمغا ئوقتەك سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ تېخى تولۇق قۇرۇنۇپ بۇلالمىغان ھاجىمغا سوقۇلۇپ كەتتىم، تەتۈر پېشانە ھاجىم بەلكىم سۇغا ئامراق بولسا كېرەك چىلەككە تاشلانغان كاۋاپ زىخىدەك ھېچ شەپىسىزلا كۆلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
يېقىلىپ كەتكەن يەردىن دەرھال قۇپۇپ كۆلنىڭ ئىچىگە قارىسام كۆل يۈزى شۇنداق تىنچ، ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا قارىشىپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ، ھاجىم يەنە يوق، بىر چاغدا«پولتۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن بۇ بىلىق يىللىق ھاجىم سۇ ئىچىدىن چىقىپ كۆلنىڭ ئۇتەرىپىدىكى پەشتاقتىن سۇ ئۇسقىلىۋاتقان بىر تۇل خوتۇن مۇماينىڭ قاپىقىغا ئېسىلدى.كۆزۈمنى ئۇۋۇلىۋېتىپ قارىسام ئۇ ئۆلەي دەپ قالغان مۇمايمۇ خۇددى قاپىقىدا ساقلاپ قويغان ئالتۇن باردەك قاپىقىنى قويۇۋەتمەستىن سۇنىڭ ئىچىدە ھاجىم بىلەن«ھۆپ…ھۆپ» قىلىشىپ سو ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ…
* * * * * * * * * *
شۇنداق قىلىپ بىر ئايغىچە پاتمىخاننى ئۇچرىتالمىدىم، بىر كۈنى پاتمىخان ئۆيۈمگە ئۇدۇل كىلىپ بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدى:
– بۇلىدىغان ئىش بولدى، ھېچقىسى يوق، لېكىن دادام سىنى بىر ئىشقا ياردەملەشسۇن دەيدۇ؟
ئۇنىڭ كۈلكە باسقان چىرايىدىن بىرە خۇشاللىقنىڭ ھىدى كىلىپ تۇراتتى.
– نېمە ئىش پاتمىخان، داداڭ جېنىمنى بەرسۇن دىسىمۇ بىرىمەن!
– ئالدىمىزدىكى ھەپتە ھېلىقى دۇختۇر سىڭلىمنىڭ تۇيىنى قىلىدىغان بولغان، دادام سىنى شۇ توينىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارغا ياردەملەشسۇن دەيدۇ!
– ۋاي چاتاق يوق پاتمىخان! ئۇنى كىمگە بىرىدىغان بولدىڭلار؟
– كىچىكلىكىمىزدە بىللە ئوينايدىغان ھېلىقى تۇرانىياز پوتلىغا بىرىدىغان بولدۇق.ئۇ تېخى يېزا ساقچىخانىغا باشلىقكەن!
– باشلىق؟ ۋاي ئۇ ماڭقا مەندىن بىر-ئىككى ياش كىچىك نىمە ئىدىغۇ، ئەتىدىن كەچكىچە كۆك پوتلىسىنى نانغا قېتىپ يەپ يۈرەتتى، تېخى باشلىق بۇلاپتىما ئۇ؟
– ئۇ ئەسلىدە ئادەتتىكى ساقچى ئىكەن لېكىن ئۇ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇنى كىچىك تۇرۇپ باشلىق قىلىپتۇ! دادامنىڭ دىيىشىچە كېيىن ئۇ تېخى ھاكىم بۇلىدىكەن.
-ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى كىچىك چېغىمدا كۆرگەنچە ئىدىم، ئۇلار شەھەرگە كىرىپكەتكەن ئەمەسمىدى؟
-ھەئە، دادىسى شەھەردە پىكاپى بار چوڭ باشلىقكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قېلىۋاتاتتى، پاتمىخان ئىچىمدىكىنى بىلىپ يۈرۈكۈمگە تۈكۈرۈپ قويدى:
-توختەك، باشقا ئىشلاردىن غەم قىلمىغىن، بىزگىمۇ ئاز قالدى…
بىز شۇنداق قىلىپ خوشلاشتۇق.
توي كۈنىمۇ يېقىنلاپ قالدى، مەن ھاجىمنىڭ ئوتۇن يېرىشتىن باشلاپ تاكى قازان-قۇمۇچ تېپىشقىچەبولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم باش بولۇپ قىلغانچىلىك قىلدىم. بۇ جەرياندا پاتمىخان بىلەن ھە دىسە كۆز بېقىشىپ ياشلىقنىڭ پەيزىنىمۇ راسا سۈرۈشتۇق، ھاجىممۇ مىنىڭ بۇنداق ئىشچان ئاق كۆڭۈللىكىمدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك ماڭا باشقىچە ئامراق بولۇپ كەتتى.
توي كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى، ناغرا-سۇناي مەھەللىنى بىر ئالدى، مەن ھاجىم ماڭا ئاتاپ تىكتۈرۈپ بەرگەن چىبەرقۇت كىيىمنى كىيىپ ئاش ئېتىدىغان يەردە بىر قۇلۇمنى بەش قىلالماي ئىشلەۋاتاتتىم. بىرسىنىڭ « ھوي، قارشى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى كەپتۇ، كۆرۈشكىلى چىقايلى!» دېگەن بۇيرۇقى كەلدى، قۇلۇمدىكى ياغ-يۇغىلارنى ئېيتىۋېتىپ كىچىكلىكىمىزدە بىرگە ئوينايدىغان ئۇ پوتلىنىڭ ھازىرىقى ھالىتىنى كۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىپ سەپكە تىزىلدىم.
قارىسام تۇرانىيازنىڭ بوي-بەستى ئۈسۈپ قۇرسىقى ئالدىغا تاۋۇزدەك چىكەتكەن بولسىمۇ لېكىن چىرايى كىچىك چېغىدىكى تۇرانىياز پوتلىنىڭ چىرايدىن قىلچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى،مەن بىر قاراپلا ئۇنى تونىۋالدىم.
ئۇلار قائىدە بويىچە سەپكە تىزىلىپ بىز بىلەن بىردىن-بىر كۈرۈشۈپ ئۆيگە مېڭىۋاتاتتى، تۇرانىياز مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە مەن ئۇنىڭغا قىسقىغىنا تۇنۇشلۇق بەردىم:
-ئوھوي، تۇرانىيازمۇ سىز؟
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى قوشۇپ ئاتىمىغانلىقىمدىن ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىپ زورىغا جاۋاب بەردى:
-سىنى تونىيالمىدىمغا؟
– كىچىكلىكىمىزدە بىرگە ئوينايتتۇققۇ، مەن ھېلىقى توختى!
ئەمەلىيەتتە ئۇ مىنى بىر قاراپلا تونۇۋالغان ئىدى لېكىن قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ ماڭا باشتىن-ئاياغ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مۇغەمبەرلىك بىلەن:
– ھە توختى پوكانما؟ نېمە ئىش قىلىپ كەتتۇقا پوكان؟
ئۇنىڭ مىنى مەسخىرە قىلىپ بېشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ قىلغان ئۈنلۈك سۆزىدىن يىگىتنىڭ قولداشلىرى پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى، مەن خىجىل بولغىنىمدىن قىزىرىپ كەتتىم.
-قاراڭلا قىزىرىپ كەتكىنىڭلارنى! ئىسمى-جىسمىڭلىغا لايىق پوكاندە سىلە!،- دېدى تۇرانىيازماڭقا يەنە ماڭا ھۇجۇم قىلىپ.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن قارشى تەرەپنىڭ يىگىتلىرى ئەمەس بىز تەرەپنىڭ ئادەملىرىمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى.
مەن ئىچىمدە خەپ دىدىم، قارشى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى بىز بىلەن كۈرۈشۈپ بولۇپ ئۆيگەكىرىپ كەتكەندە بۇ كۆك ماڭقىنىڭ كىچىكلىكىدىكى بىر ئىشى يادىمغا كېلىۋالدى:
ئالتە-يەتتە ياشلىق چاغلىرىم ئىدى، بىر قېتىم ئانام ماڭا بازاردىن ئون نەچچە تال كەمپۈت ئالغاچ چىقىپتىكەن، شۇ كەمپۈتلەرنى سامانخانىغا تىقىپ قۇيۇپ ئاۋايلاپ يەيتتىم، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئوينىغاندا بىر تال كەمپۈتنى ئېلىپ چىقاتتىم-دە چۇرقىراشقىنىمزچە كونا شال پاخاللىق ئېتىزىغا يۈگۈرۈيتتۇق ، مەن بىلەن ئوينايدىغان بۇ بالىلار ياشتا مەندىن سەل كىچىكرەك بولۇپ كەمپۈتكە بەك ئامراق ئىدى، بىز كەمپۈتنى ئامىراقلىقىمىزدىن «قەمپۈت» دەپ ئاتىۋالاتتۇق، مەن بالىلارغا كەمپۈتنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ پالالغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يىرتىق ئىشتىنىمنىڭ ئېغىدىن كىچىككىنە قوڭغۇرىقامنى چىقىراتتىم-دە بالىلارغا قۇلۇمنى كاناي قىلىپ سۇزۇپ توۋلايتتىم:«چوڭ داداڭلارغا سالام قىلىڭلار!»
بالىلار كۈلۈشكىنىچە تۈشمۇ-تۇشتىن ئالدىمغاكىلىپ «چوڭ دادا سالام!» دەپ قوڭغىرىقىمغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشەتتى. ئارقىدىن مەن «قېنى ئەمدى چوڭ داداڭلارنى سىيپاپ قۇيۇڭلار!» دەپ ئاۋازىمنى تازا بوم چىقىرىپ توۋلايتتىم، بالىلار كۈلۈشكىنىچە نۆۋەت بىلەن كىلىپ قوڭغىرىقامنى سىيپاپ قويغان ھەركەتنى دوراپ قۇيۇپ بىر يانغا ئۆتۈپ تۇراتتى، بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى قىزلار ئىككى قۇلىدا ئاغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلۈشكىنىچە بىر يانغا ئۆتۈۋالاتتى، ئاندىن بىز كەمپۈتنى نۆۋەت بىلەن ئاغزىمىزغا سېلىپ شۈمىگەندىن كېيىن شال پاخىلىنىڭ ئۈستىگە تاشلايتتۇق، ھۆل كەمپۈت شال پاخىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاستىدىكى توپىغا مىلەنگەندىن كېيىن يۈزىنى بىر قەۋەت تۇپا-تۇزاندى قاپلايتتى، ئاندىن كەمپۈت يىيىش نۆۋىتى كەلگەن بالا تۇپا كەمپۈتنى شۇ پېتى ئاغىزىغا سېلىپ بىر شۈمىۋالغاندىن كېيىن يەنە شۇ پاخالنىڭ ئۈستىگە تاشلايتتى، ئۇ چاغلاردا كەمپۈتكە شال پاخىلىنىڭ توپىسى يۇقسا باشقىچە بىر خىل تەمگە كىرىپ قالامدىكىن تاڭ ئىشقىلىپ بىز مۇشۇنداق ئۇسۇلدابىر تال كەمپۈتنى ئون نەچچە بالا تولۇق شۈمۈپ چىقاتتۇق.
مانا مۇشۇ كەمپۈتۈمنى يەيدىغان بالىلارنىڭ ئىچىدە تۇرانىياز پوتلىمۇ بار ئىدى، مەن«چوڭ داداڭلارنى سىيپاپ قۇيۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلغىنىمدا باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى يالغاندىن سىياپ ئۆتۈپ كەتسە بۇ تۇرانىياز دېگەن پوتلا ئۆز ئالقىنى بىلەن قوڭغىرىقامنى سىيپاپ قۇياتتى. ھەتتا ئۆيدىكى چاغلىرىمدا «ئاكا، چوڭ دادامنى سىيپاپقۇياي، كەمپۈت بارمۇ؟» دەپ كەينىمگە كىرىۋالاتتى.
مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ بۇ پوتلىنىڭ بايامقى ھاكاۋۇر-چوڭچىلىقىنى زادى سىغدۇرالمىدىم، قۇسۇغۇم كۆپۈپ ئاخىرى ئۇلار ئولتۇرغان ھويلىدىكى سوپىغا يېقىنلىشىپ چاندۇرماي ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋالدىم:
-ھە سوجاڭ ئەجەب يوقاپ كەتتىڭلىيا، سىلنىڭ چوڭ داداڭلار مۇشۇ مەھەللىدىكى مازاردا، چوڭ داداڭلارنىڭ بېشىنى ئۇنداق تاشلىۋەتمەڭلار ئۇكام!
مەن شۇنداق دەپ بولۇپ قورسىقىمنىڭ تازا ئاستىنى چاندۇرماي قاشلاپ قويدۇم. تۇرانىياز پوتلا مىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى سۆز-ھەركىتىمدىن ئازراق سىزىپ قېلىپ ئورنىدا غىمىسلاپ ئولتۇرالماي قالدى.
-ھە…ھە…ئاكا ئۇزۇن بولدى خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە بۇ تەرەپلەرگە ئۆتەلمىدۇق!بۇندىن كېيىن بىز قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھە دەرسىز!
تۇرانىياز پوتلا بىردەمنىڭ ئىچىدە بايامقى چوڭچىلىقىدىن قېلىپ ئالدىمدا پىلە قۇرتىدەك بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن سۇپىدا ئولتۇرغان بايامقى كۈلگۈنچەك يىگىتلەرمۇ ھەيران قالدى، مەنمۇ مەقسىتىمگە يىتىپ مىيىقىمدا كۈلگىنىمچە بۇ نائەھلىنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتىم.
ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەي ئاشپەز ئۇستام يۇلغۇن شېخى تېپىشىمنى بۇيرىدى، مەن پاتمىخاننى ئىزدەپ تېپىپ يۇلغۇن شېخىنىڭ نەدىلىكىنى سورىدىم. يۇلغۇن شېخى ئۆگزىدىكى سامانخانىدا ئىكەن. مەن ئالدىراپ ئۆگزىگە چىقىپ ھويلىدا ماڭا قاراپ تۇرغان پاتمىخاندىن قەستەن سورىدىم:
– نەدە دېگەن؟
پاتمىخان مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ ناغرا-سۇناينىڭ ئاۋازىدا گىپىمنى يالغاندىن ئاڭلىيالمىغان بولۇپ ئۆگزىگە چىقتى.
– ۋاي خۇدايىم، سىنى قانداق قىلسام بۇلار توختەك؟،-دېدى پاتمىخان قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.
– نېمە قىلساڭ بىر قىلغىنە! چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى مىنىڭ!،-دىدىم ئۇنىڭ زىل كۈلكىسىگە بۇلالماي.
– يۇلغۇن شېخى دېگەن ئەنە!،-دەپ كۆرسەتتى پاتمىخان سامانخانىنى كۆرسىتىپ كۈلگىنىچە.
– ماڭە بىللە كىرىمىز!،-دىدىم ئاغزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى غۇرتتىدە يۇتىۋېتىپ.
پاتمىخان ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ سامانخانىغا ماڭدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ گەپ قىلمايلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم، ئۇمۇ ماڭا چىڭ يېپىشتى، يۈرۈگۈم خۇشاللىق ھاياجىنىدىن پارتلاپ كىتەيلا دەپ قېلىۋاتاتتى.
-توختەك ساڭا بىر خوش-خەۋەرنى يەتكۈزەيمۇ؟،- دېدى پاتمىخان قۇچىقىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ.
-نېمە خوش-خەۋەر پاتمىخان؟
-دادام ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى مۇشۇ ئايدا قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
– نېمە… نېمە دىدىڭ؟ داداڭ تويىمىزنى قىلىپ بېرەمدىكەن؟
مەن خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتىم.
-ھەئە ، دادام ئۆز ئاغىزى بىلەن ئانامغا دەپتۇ.
مەن بۇ خەۋەردىن ھاڭ-تاڭ قالدىم، خۇشاللىقتا پوت-قوللىرىم تىتىرەشكە باشلىدى. مەن چەكسىز ھاياجان ئىچىدە ئالدىمدىكى راسا چوڭ باغلانغان يۇلغۇن شېخىدىن ئىككى باغلامنى دەس كۆتۈردۈم. پاتمىخان ئەتراپىمدا «ھاي توختەك! بۇنچە جىق شاخنى نەگە ئاپىرىسەن،بىر باغلامنى ئال!» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى، مۇشۇ تاپتىكى خوشلۇقۇمدا قۇلىقىمغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيۋاتاتتى. قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە پەقەت پاتمىخاننىڭ «تويىمىزنى مۇشۇ ئايدا قىلىپ بېرىدىكەن» دېگەن ئاۋاز ياڭراپلا تۇراتتى.
مەن بۇ ئىككى بۇغام يۇلغۇن شېخىنى كۈتۈرۈپ شوتتىن چۈشكىلىۋاتاتتىم، سامانخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان پاتمىخان بىر قۇلىدا پىشانىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر قۇلىدا ئىما-ئىشارەت قىلىپ بىرنىمىلەرنى دەيتتى…
مەن شوتىدىن چۈشمەكچى بولۇپ پۇتۇمنى بالداققا تاشلاپ تۇرۇپ ئاخىرقى قېتىم پاتمىخاندىن يەنە بىر سورىدىم:
-بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ بىز راست….
گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە ئۆزەمنىڭ شۇتنىڭ ئۇچىدا يۇلغۇن شېخى بىلەن بىرگە ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم، دېمەك ئۆگزىگە سەل-پەل تىك قۇيۇلغان بۇ شۇت مىنىڭ كۆتۈرىۋالغان شېخىمنىڭ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كىتىشى سەۋەپلىك ئۆگزە تېمىدىن ئاجراپ ئۇدۇللا مىھمانلار ئولتۇرغان سۇپىغا قاراپ چۈشىۋاتاتتى.
«قاراس-قۇرۇس…گوم» قىلغان ئاۋاز بىلەن ھويلىدا قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئاستىمدا شاخ، شاخنىڭ ئاستىدا شۇت، شوتىنىڭ ئاستىدا ئاللا كىملەر ۋايجانلاپ ياتىدۇ.
بۇ كېلىشمەسچىلىكىنى كۆرۈڭ، ھويلىدىكى سۇپىدا تويى بولىدىغان يىگىت قاتارلىق ئون نەچچە مېھمان ئولتۇرۇپ ئالدىغا كەلگەن دۈڭلىگە ئەمدى قول ئۇزىتىۋاتقان ئىكەن. ھېشىق ئارلشىپ قالغان بۇ شوت چاقماق تىزلىكىدە بۇ بىر قاتار مېھمانلارنىڭ ئۇدۇل گەدىنىگە چۈشۈپتۇ، نەچچەيلەننىڭ بېشى دۈڭلىگە چىلىشىپ كاللىسى ئېتىلغان بولسا يەنە نەچچىسىنىڭ يۈزىنى ئالدىدىكى تەخسە- پىيالىلەرنىڭ سۇنۇقلىرى تىلىپ قانغا بويىۋېتىپتۇ…
بۇلارنىڭ ئىچىدە يارىسى ئەڭ ئېغىر بولغىنى تويى بۇلىدىغان يىگىتنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ مۇبارەك يۈزى ناۋات چېيى دەملەنگەن چەينەك-پىيالىلەرگە توغرا كىلىپ قالغاچقا يىگىتنىڭ تومشۇقى ئېتىلىپ ئاستىن-ئۈستۈن چىشلىرىدىن كامىدا بەش-ئالتىسى ئالدىدىكى داستىخانغا تۈكۈلۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
مەن كۈزۈمگە ئىشىنەلمەي ئاستىمدىكى كالپۇكى قوش تەكىيدەك بولۇپ خارقىراپ ياتقان يىگىتكە سىنچىلاپ قارىدىم، بۇ بىر جۈپ تەكىينىڭ ئارىسىدا قىزىل شارپىدەك بىرنىمە ساڭگىلاپ تۇراتتى زەن سېلىپ قارىسام ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغىنى شارپا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تىلىكەن، ئۇنىڭ مۇشۇ تاپتا بۇيۇن ئومۇرتقىسىدىن بىر قانچىسى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك بىچارىنىڭ بېشى شوتىنىڭ ئاستىدا دومىلاپ يۈرگەندەك قىلاتتى.
مەن مۇشۇچاغدا بوينى ئۆلۈك كەپتەرنىڭ بوينىدەك بىر يانغا ساڭگىلاپ قالغان ئاستىمدىكى يىگىتنىڭ تويى بۇلىدىغان تۇرانىياز ئىكەنلىكىنى رەسمىي جەزم قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بۇرنىدىن بارمىقىم توملۇقىدىكى بىرجۇپ چوكىدەك كۆك ماڭقا بالا ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەكراق ساڭگىلاپ تۇراتتى.
مەن ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم-دەكۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ يالغاندىن ئايلانغان بولۇپ يېتىۋالدىم. ئۇلارتۆشمۇ-تۆشتىن يۈگۈرۈپ كىلىشىپ ئالدى بىلەن ئەتىۋارلىق يىگىتنى تارتىپ ئېلىپ قىز يۆتكەشكە ئەكەلگەن لاتا پىكاپقا سالدى، ئارقىدىن سەت بولمىسۇن دەپ مىنىمۇ كۈتۈرۈپ ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇردى، پىكاپنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا ئىككىمىز سىڭايان يېتىشىپ ئاران پاتتۇق، بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئېسىل ماشىنىدا ئولتۇرۇشۇم ھېسابلىناتتى
ئالدى ئورۇندۇقتىكى تۇرانىيازباشلىقنىڭ چېچىنى مايلاپ كەينىگە تارىۋالغان كاستۇم-بورۇلكىلىق خام سېمىز دادىسى تىت-تىت بولغىنىچە شوپۇرىغا بۇيرۇق قىلدى:
-تىز ماڭ!
شۇنداق قىلىپ ماشىنا شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ يېنىمدىكى تويى بۇلىدىغان يىگىتكە قارىسام ئۇ يەنە ئۈلۈكتەك يېتىپتۇ، ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ مىنى تىترەك بېسىشقا باشلىدى…
شۇنداقتىمۇ خۇداغا قىلغىنىم بارئىكەن، بىر چاغدا كاساپەتنىڭ قۇلى ھەركەتكە كىلىپ ئەتراپنى سىيلاشتۇرۇپ مىنىڭ بەدىنىمنى چىڭ تۇتىۋالدى.
– ئانا…ئانا….
ئۇ ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى. بىراق دادىسى تاراكتۇردەك ئاۋاز چىقىرىپ ماڭىدىغان بۇ پىكاپنىڭ شاۋقۇنىدا ئۇنىڭ ئاجىز ئاۋازىنى ئاڭلىمايۋاتاتتى.
-ئانا…ئانا…
مەن ئاستا ئېغىزىمنى ئۇنىڭ قۇلقىغا يېقىپ پىچىرلىدىم:
-ئۇ ئاناڭ ئەمەس چوڭ داداڭ، ئەمدى قويىۋەت!
– چوڭ دادا…چوڭ دادا…
ئۇ يەنە توختىماي ئىڭرايتتى، مەن ئاغرىققاچىدىيالماي ئۇنىڭ قۇلىقىغا تېخمۇ ئۈنلۈكرەك قىلىپ ئېيتتىم:
-ئەمدى مەندە كەمپۈت يوق!
يىل  1996- قاراقاش

Share
1386 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.