logo

trugen jacn

تارىخچى توختى مۇزاتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ئىنكاس قوزغىدى

image

مېھرىبان

2015-u0529-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تارىخچى توختى مۇزات 1998 – يىلى 2 – ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 1999 – يىلى 3 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى ئارتىپ،12 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. توختى مۇزات تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن توختى مۇزات ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. 2009 – يىلى 10 – فېۋرالدا يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

مەرھۇم تارىخچى توختى مۇزات ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر «ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتى»، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلغان تەتقىقاتچى ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، توختى مۇزات ئەپەندى 2009 – يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ياپونىيىگە قايتىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويمىغان. 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن توختى مۇزات ئەپەندى بېيجىڭدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەقىبىي ئاستىدا تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن بىلىدىغانلارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ » قەدىمكى ئۇيغۇر قانۇن ۋەسىقىلىرى ھەققىدە تەتقىقاتش»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «تارىخىي رەشىدىدىن كېيىنكى 300 يىل«قاتارلىق ئەمگەكلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئەمما رەھىمسىز ئەجەل ناھەقچىلىكلەرنى يەتكۈچە تارتقان بۇ ئىلىم ساھىبىنى ئۆز ئەمگەكلىرىنى تاماملىماي تۇرۇپ ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن.

بۈگۈن فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە مەرھۇمنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە قارىتا قايغۇلۇق تەزىيە، چوڭقۇر ئېچىنىش ئىنكاسلىرى يېزىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىگە قارىتا گۇمانىي قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ئىنكاسلاردا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى، 1998 – يىلى فېۋرال ئېيىدا ياپونىيەدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ھەققىدىكى كىتابى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن مەزگىلىدە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەزگىلدىكى ئەھۋاللار،2009 – يىلى خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىن جازا مۇددىتىدىن بىر يىل ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبىي ئاستىدا تارىخ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھاياتى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

تارىخچى توختى مۇزات خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان مەزگىللەردە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، توختى مۇزات ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسى، قاتتىق ئېچىنىشى ۋە گۇمانىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/ftoxti-muzat-05292015233911.html

Share
1705 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.