logo

trugen jacn

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار يىغىۋېلىنغان

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» نى تازىلاش ھەرىكىتى داۋامىدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىتابخانىلاردىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دەلىللەنگەندىن كېيىن، رادىومىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى بىلەن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى ئىلگىرى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ جاھازدىن چۈشۈرۈلۈپ يىغىۋېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ سېنزورغا، يەنى سىياسىي تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق يولى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ سېتىش بۆلۈمى دىرېكتورى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ كىتابلار ھازىر يوق. مەيلى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرى بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرچە كىتابلار بولسۇن، ھەممىسى جاھازدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى. ئۇنىڭ سەۋەبىنى دەمسىز؟ بۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس، بىز بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدۇق.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، كىتابخانىمىزدىكى ھەممە كىتابلار ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىتابلار جاھازدىن چۈشۈرۈلدى. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھەممە كىتابلىرى جاھازدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى.»

زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «شۇنداق، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار، ئەمما ھۆكۈمەت بۇ كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىشكە ياكى تەھرىرلەشكە تېگىشلىك مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ، رەسمىي بېكىتمەكچى ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ۋاقىتلىق يىغىۋېلىندى.»

«بۇنىڭدىكى كونكرېت سىياسىي مەسىلىلەردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. بىز پەقەت يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە تىزىملىككە چۈشكەن كىتابلارنى يىغىۋەتتۇق. ئۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش بىزنىڭ ھوقۇق دائىرىمىزدىكى ئىش ئەمەس. ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى يىغىۋېتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە باشقا ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارمۇ كۆپ.»

بىز ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر خىزمەتچى خادىم سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرى بىلەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ يىغىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈردى. ئۇ بىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار يىغىۋېتىلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، سەۋەبىنىمۇ دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى كىتابخانىنىڭ خىتاي دىرېكتورىدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئاخىرىدا، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ كىتاب سېتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يىغىۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن بولغان-بولمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. ئەمما، شىنجاڭ تەرەپ ھازىر نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىپ، قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىپ، سېنزوردىن ئۆتكەن كىتابلارنى ئاندىن كىتابخانىلارغا سالالايمىز. شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە نەشرىياتىمىزدا چىققان بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار جاھازدىن چۈشۈرۈلۈپ يىغىۋېلىندى.»

«سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىلا ئەمەس، بەلكى نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلار يىغىۋېلىندى. شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى بۇ كىتابلارنى قايتىدىن تەكشۈرىدىكەن. تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن كىتابلار قايتا بازارغا سېلىنىدىكەن. شۇڭا نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھازىر يىغىۋېتىلدى.»

«شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن قايتىدىن تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ شىنجاڭنى يەرلىك سىياسىتى ئىكەن.»

«بارلىق كىتابلار يىغىۋېلىندى. يەنى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار، بولۇپمۇ 2015-يىلىدىن كېيىن نەشردىن چىققان كىتابلارنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىندى. شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى نەشرىياتلار نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسى قايتا تەكشۈرۈلمەكچى ئىكەن. بۇ شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى ئىكەن. شۇڭا سىز ھازىر نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان كىتابلارنى شىنجاڭدا سېتىۋالالمايسىز.»

«بۇ شىنجاڭ تەرەپنىڭ يەرلىك سىياسىتى. تىبەتتە ئۇنداق ئەمەس. پەقەت شىنجاڭدىلا مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ.»

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى يىغىۋېلىپ، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىدە قايتىدىن سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/cheklengen-kitab-08102017141212.html

Share
1276 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.