logo

trugen jacn

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار

 

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

755a6048-696a-41f7-93c3-a1958c3b0648
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 30-ئىيۇل، قەشقەر.

رادىئومىز بۇ يىل 6-7-ئايلاردىكى پروگراممىلىرىمىزدا، 2015-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە 2015-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى تىنچسىز بولغان. تۆۋەندە 2015-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇشلار ۋە بۇ ۋەقەلەردىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە ۋەقە سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پروگراممىنىڭ 1-بۆلىكىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

13-ئىيۇل شېنياڭ شەھىرىدىكى 3 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى:

13-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ساقچىلار لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدە 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە «شىنجاڭلىقلارنى تەكشۈرۈش» نامىدىكى ئۆي ئاختۇرۇشتا يۈز بەرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، شېنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ 13-ئىيۇل چىقارغان 26-نومۇرلۇق قىزىل باشلىق ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى ئېلىپ بارغان، ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا ساقچىلار 7 قەۋەتلىك بىر بىنادىن 3 ئەر، 1 ئايال ۋە 3 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى بايقىغان، ساقچىلارنىڭ ئۆي ئىچىگە قالايمىقان ئاتقان ئوقىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئۆلگەن. خوتەن لوپ ناھىيىلىك ئامانگۈل مەتتۇرسۇن ئىسىملىك 28 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي مەنبەلىرى مەزكۇر ئۆيدىكى 3 بالىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ياكى يارىلانغان ۋە يارىلانمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شېنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى 13-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن شېنخې ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۆيمۇ-ئۆي تىنتىپ، ئۆي ئىجارە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ساقچىلار شېنياڭ شەھىرىدىن «ھىجرەت ۋە تېررورلۇق دېلوسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلغان 16 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. شېنياڭ شەھىرىدە 13-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان ئۆي ئاختۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى بۇ يىل 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان «12-ئىيۇن ھىجرەت دېلوسى» نىڭ داۋامى ئىكەن.

خىتاي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ئىدارىسى چىقارغان ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «باشلىرىغا قارا نىقاب كىيگەن 4 نەپەر تېررورچى قولىدىكى ئۇزۇن پىچاقلىرىنى شىلتىپ، غازات شوئارى توۋلاپ ساقچىلارنى چاناشقا ئۇرۇندى.»

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە بىنادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېگىزدىن قايناقسۇ تۆكۈپ بىرقانچە ساقچىنى يارىلاندۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

27-ئىيۇل ۋېنجۇ شەھىرىدە 2 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى:

27-ئىيۇل دۈشەنبىدىكى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋېنجۇ شەھىرىدە 24-ئىيۇل جۈمە كۈنى سەھەردە بىر «تېررورلۇق گۇرۇھى» پاش قىلىنىپ، «2 تېررورچى» نىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيدىن تېپىلغان پىچاق ۋە قۇرئان قاتارلىق دىنىي كىتابلار مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن بەزى ئۇچۇرلاردا ۋېنجۇدا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

28-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، «ساقچىلار ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن شىنجاڭلىقلار ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەردە ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى» دەپ جاۋاب بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، «خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان گۇمانلىق كىشىلەر ئاياللار ۋە بالىلار. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملار قۇرئان قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى. خىتاي ساقچىلىرى ھەر خىل باھانىلەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

30-ئىيۇل ئۈرۈمچى ئايرودروم ۋەقەسى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان خەۋەر مەركىزى» نىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ۋەقە چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. رادىئومىز ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا 17-ئاۋغۇست تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە دائىرىلەر 30-ئىيۇل ۋەقە چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. 17-ئاۋغۇست كۈنى رادىئومىز مۇخبىرى ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا تېلېفون قىلىپ ساقچى خادىملىرىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىدا بىر نەپەر خادىم ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتسا؛ يەنە بىر نەپىرى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ھەر ئىككىسى ئايرودرومدا ۋەقە چىققانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما « شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە 30-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا بىر قېتىملىق مانېۋىر ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

18-سېنتەبىر باي سوغان كۆمۈر كېنى ۋەقەسى:

18-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە كۆمۈركان ساقچى ۋە خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى دەسلەپكى ئېنىقلىشىدا 40 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار 18-سېنتەبىر كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 3 مەزگىلىدە تېرەك بازارنىڭ تاغ باغرىدىكى سوغان كۆمۈر كان ساقچىلىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

تەۋەلىكتىكى ساقچى خادىملىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40 كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان؛ ئۆلگەنلەرنىڭ 5 نەپىرى تېرەك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى ئىكەن.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بايدا مەزكۇر ۋەقە گۇماندارلىرى ھەققىدە 9 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 10-ئايغىچە يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا، قاچقۇنلارنىڭ بىر جەمەت ئۈچ ئائىلىدىن 17 نەپەر كىشى ئىكەنلىكى بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئايال ۋە 3 كىچىك بالا بارلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ 56 كۈندىن كېيىن، يەنى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋەر بېرىپ باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 28 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلار سانى 28 نەپەر، دەپ ئېلان قىلدى. خەۋەردە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ باي كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان «تېررورلۇق گۇرۇھى» نىڭ 28 ئادىمىنى يوقاتقانلىقى بىر ئادەمنىڭ تەسلىم بولغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئەمما «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ئايال ۋە بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە يەنە، بۇ گۇرۇھنىڭ 18‏-سېنتەبىر سوغان كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا 16 كان ئىشچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 18 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، بايدىكى يەرلىك دائىرىلەر كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 56 كۈنلۈك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق قاچقۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.
خىتاي خەۋەرلىرىدە ھۇجۇمچىلار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى مۇسا توختىنىياز، مەمەت ئەيسانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندىن باشقا ئۇ گۇرۇھتىكى قالغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختالمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/yuzbergen-weqelikler-12032015153834.html

Share
962 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.