logo

trugen jacn

بىر مەھبۇسنىڭ ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2-تۈرمىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى

timthumb

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغان مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى تاشقى دۇنياغا ھېلىھەم ئاشكارا بولغىنى يوق.

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

شىنجاڭ «راۋان» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىر ئادۋوكاتى كۈرەش ھاشىم 6-ئاپرېل كۈنى «سۈكۈتتە تۇرۇش ھوقۇقى» ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە «سۈكۈتتە تۇرۇش ھوقۇقى» غا خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئۇقۇملار بويىچە تەبىر بېرىپ، بۇ ھوقۇقنىڭ خىتاينىڭ ئەدلىيە تەرتىپىدە تېخى تۇرغۇزۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ھالبۇكى، ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە خىتايدىكى ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى «قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلدى. جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش خېلى چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى» دەپ جاكارلىغان.

ئۇنداقتا، ئادۋوكات كۈرەش ھاشىم ئېيتقاندەك، خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغانلارغا بېرىلىدىغان تەن جازاسىغا چەكلىمە قويۇلدىمۇ؟

بۇ سوئالغا 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2-تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن، يېقىندا مىڭ بىر جاپالار بىلەن مەلۇم دۆلەتكە كەلگەن، ئەمما نام-شەرىپىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر سابىق مەھبۇسنىڭ بايانلىرى جاۋاب بەرسە كېرەك.

ئۇ بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 4 يىللىق ھاياتى جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەركىن دۇنياغا چىققاندىن كېيىنكى بايانلىرى خىتايدىكى «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

2010-يىلى 9-ئايدىن 2014-يىلى 2-ئايغىچە ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2-تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن، يېقىندا مىڭ بىر جاپالار بىلەن مەلۇم دۆلەتكە كەلگەن، ئەمما نام-شەرىپىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر سابىق مەھبۇس رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك ئائىلە بولۇپ، دادىسى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا 3 ئوغلىنى پاكىستاندىكى مەلۇم بىر مەكتەپكە ئىسلام بىلىملىرى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن.

ئۇلار 3 ئوغۇل پاكىستاندا ئون يىلغا يېقىن ئوقۇغان ۋە قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىنلاشقان. خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ياكى ئاتالمىش «تېررور گۇماندارلىرى» دېگەن قالپاق بىلەن تەقىب قىلىشقا باشلىغان.

پاكىستاندا داۋاملىق تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان بۇ ئاكا-ئۇكا 3 قېرىنداش 2002-يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. ۋەتەنگە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ 3 ئاكا-ئۇكا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر يېرىم يىلدىن 2 يىلغىچە تۈرمىدە يېتىپ چىققان.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى خاتىرجەملىك يوقالغان. چوڭ ئاكىسى تۈرمىدىكى ئېغىر قىيىن-قىستاق نەتىجىسىدە روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئەسلىگە كېلەلمىگەن.

2010-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئۈرۈمچىدە ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلىپ تىللىغان بىر خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىدىكى 2-تۈرمىگە قامىلىپ 4 يىلغا يېقىن جازا مۇددىتى ئۆتىگەن.

2014-يىلىنىڭ بېشىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پاسپورت بېجىرىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان. ھالبۇكى، شۇنچە يول مېڭىپمۇ پاسپورت ئالالمىغان. ئاخىرىدا چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش باھانىسىدە مىڭ تەستە پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن.

بۈگۈن ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى 2-تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 4 يىللىق ھاياتى جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «سىياسىي جىنايەت» بىلەن قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-weziyiti-04232015134453.html

Share
1461 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.