logo

trugen jacn

بىرماغا تەۋە كوكاڭلار ۋە خىتايغا تەۋە ئۇيغۇرلار



كوكاڭ ئارمىيسى ھەققىدە ۋىدىيولار

مەھمەتىمىن ھەزرەت

دۇنيا خەۋەر ئاگىنىتلىقلىرى 2.ئاينىڭ 13.كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە ،بىرما (مىياممار)نىڭ خىتاي چىگرىسىدىكى كوكاڭ رايونىدا بىرما ھۈكۈمەت ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان كوكاڭ قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ 47 نەپەر ھۈكۈمەت ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ،79 نەپەرنى يارىدار قىلىپ،5 ھەربىي ماشىنىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى يازدى.بۇ خەۋەر مۇھىم ئەمەس،مۇھىم بولغىنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كوكاڭ ئارمىيەسىدەك كىيىنگەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىرما چىگرىسى ئىچىگە كىرىپ،كوكاڭلار بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىي قۇراللار بىلەن بىرما ئارمىيەسىنى قاتتىق چىقىمغا ئۇچىراتقانلىغى توغرىسىدىكى خەۋەر ئىدى.كوكاڭلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىر ھەپتە ئىچىدە 13 قىتىم تۇقۇنۇشتى.كوكاڭلارنىڭ مەركىزى شەھىرى لاۇككاى كوكاڭلار تەرىپىدىن قايتۇرىۋىلىندى.بۇ خەۋەر مىنى قىززىقتۇردى.كوكاڭلار كىم؟ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ يەردە نىمە ئىشى بار؟ دەپ چۈشەندىم ۋە بۇ توغرۇلۇق خىتايچە،ئىنگىلزچە ماتىرياللارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.كوكاڭلار ئەسلىدە خەنزۇ مىللىتى بولۇپ،خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن كىيىن ،ئىنگىلىزلار ھىندىستاندا ئىشلەپ چىقارغان ئەپىيۇنلارنى خىتايغا سىتىشقا باشلىدى.ئۇ زامان بىرمانىڭ بىر قىسمىنى بىسىۋالغان ئىنگلىزلار (كىيىن بىرمانىڭ ھەممىسىنى بىسىۋالدى) بىرمانى ھىندىستاننىڭ بىر ۋىلايىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ،خىتايغا تىخىمۇ كۆپ ئەپىيۇن سىتىش ئۈچۈن بىر قۇرۇقلۇق يولى ئىچىشنى قارار قىلدى ۋە 1897.يىلى كوكاڭنى خىتايدىن تارتىۋىلىپ بىرماغا قوشىۋالدى.كوكاڭ ئۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە زەھەرلىك چىكىملىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھەم ساتىدىغان قارا بازا بولۇپ كەلدى.رۇيلى،كۇنمىڭدا زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىغا ئادەتلەندۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار كوكاڭنى ياخشى بىلىدۇ

images (1)

خەرىتىدىكى كىچىك كۆك نوقتا كوكاڭدۇر

بىرما 1948.يىلى ھىندىستان بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل بولدى. 14 ئالى ئاپتونوم رايوندىن تەركىپ تاپقان پىدىرال (لىيەنباڭ) دۆلەت.بىرمادا 134 مىللەت بار.كوكاڭلار بۇلاردىن بىرسى.1949.يىلى خىتاي كومىنىست ئارمىيەسىگە يىڭىلگەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسمى قىچىپ كوكاڭغا كەلگەن بولۇپ،بۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن داڭلىق خىتاي گىنىراللىرى بار ئىدى.ئۇ خىتاي گىنىراللىرى كوكاڭلارغا ھەربىي تەلىم بەردى،ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەتىنى قۇراللىق مۇداپىيە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئاڭ-سەۋىيەگە ئىگە قىلدى

كوكاڭلار بىر تەرەپتىن قۇراللىق ئەتىرەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ھۇقۇقىنى قوغدىسا،يەنە بىر تەرەپتىن نەشە،ئەپىيون،ئەرويىن ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ،دۇنيانىڭ زەھەرلىك چىكىملىك مەركىزىگە ئايلاندى ۋە باياشات ياشىدى.كوكاڭ پارتىزانلىرى (ئەسلىدە ماپىيا)خىتايدىن قۇرال ۋە باشقا ماددىي ياردەملەرگە ئىرىشىش ئۈچۈن 1965.يىلى كوكاڭ كومىنتىك پارتىيەسىنى قۇردى ۋە بىرما كومىنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى ئىلان قىلدى.پارتىيەنىڭ ۋە قۇراللىق قىسىمنىڭ قۇماندانى سىچىۋەنلىك بىر ئائىلىنىڭ كوكاڭدا تۇغۇلغان ئوغلى بولغان پىڭجىاشىڭ ئىدى.پىڭجىاشىڭ 1989.يىلى،بىرما كومىنىستىك پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ،كوكاڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنى قۇرغانلىقىنى ئىلان قىلدى.بىرما ھۈكۈمىتى،كوكاڭلارنىڭ ئالى ئاپتونومىيە ھۇقۇقىنى رەسمى ئىتىراپ قىلدى.پىڭجىاشىڭ كىلىشىمگە بىناەن 16 باتالىيون ئەسكىرىدىن بىر باتالىيوننى ئەلىپ قىلىپ،قالغان 15 باتالىيون ئەسكەرنى تارقىتىپ ھۈكۈمەت خىزمەتلىرىدە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى.قۇراللارنى مەركىزى ھۈكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەردى.شۇنداق قىلىپ كوكاڭلار بىرمادا ھىچبىر ئاز سانلىق مىللەت ئىگە بولالمايدىغان ئالاھىدە ھۇقۇققا ئىگە بولدى.كوكاڭ دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەكتە ئايلاندى

838ba61ea8d3fd1fbd7c20cd304e251f94ca5fd4

 

كوكاڭلارنىڭ داھىسى ۋە قۇماندانى پىڭجىاشىڭ

 

كوكاڭنىڭ ئارمىيەسى،ئامانلىقنى ساقلاش ئەتىرىتى بار بولۇپ،كوكاڭلار سىياسى مەركەز سۈپىتىدە بەيجىڭ بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتتى. پىڭجىاشىڭ بىرما پۇلى خەجلەشنى رەت قىلىپ،خىتاي پۇلنى دۆلەت پۇلى قىلىپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان پۇلى خىتاي پۇلىدۇر.مەكتەپلىرى خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەر بولۇپ،خىتاي تىلىنىڭ يۈننەن شىۋىسىدا دەرىس ئۆتۈلىدۇ.ئۆي ۋە قول تىلىپۇنلىرى يۈننەنگە قاراشلىق تىلىپۇن نۇمۇرلىرىدۇر.تىلىپۇن چقىملىرى كوكاڭدىكى خىتاي بانكىسىغا تۆلىنىدۇ.كوكاڭنىڭ پايتەختى لاۇككاى بىرما شەھرى ئەمەس،خىتاي چىگرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەرگە ئوخشايدۇ

 

شەھەر ئامانلىقىنى ساقلاۋاتقان كوكان جاندارمىلىرى

مۇشۇنداق ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاۋاتق ان كوكاڭڭ ھۈكۈمىتى،ھەربىي زاۋۇت ۋىۋىسكىسى ئىسلىلغان بىر زاۋۇتتا زەھەرلىك چىكىملىك ئىشلەپچىقاغانلىقى ئۈچۈن،بىرما دۆلەت ساقچى ۋە باج خادىملىرى 2009.يىلى 8.ئاينىڭ 8.كۈنى بۇ زاۋۇتنى كونترول قىلغىلى كىلدۇ.پىڭجىاشىڭ ئۇلارنى چىگىرىدىن كىرگۈزمەيدۇ.ئارقىدىن بىرما شاقچىلىرى كىلىدۇ،ئوققا تۇتۇلىدۇ.ئارقىدىن بىرما ئەسكەرلىرى كىلىدۇ،ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ كوكاڭ قۇشۇنى يىڭىلىدۇ.پىڭجىاشىڭ ۋە قۇشۇنى خىتاي چىگرىسى ئىچىگە چىكىنىدۇ ۋە ئارقىسىدىن 30 مىڭ ئەتىراپىدا كوكاڭ پۇخرالىرى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە قىچىپ كىرىۋالىدۇ

 

پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان كوكاڭ ئەسكەرلىرى

خىتايدا 5 يىل سۈرگۈندە قالغان كوكاڭ قۇماندان 85 ياشلىق پىڭجىاشىڭ 2014.يىلى 12.ئايدا 2000 نەپەر مۇنتىزىم ئەسكەرنى باشلاپ خىتايدىن يۇرتىغا قايتىدۇ.تانكا،ئايرۇپىلانلارنى ئۇرۇپ پاچاقلىيالايدىغان زامانىۋى راكىتىلارغا ئىگە بولغان كوكاڭ ئارمىيىسى 2015.يىلى 2.ئاينىڭ 9.كۈنى بىرما ئارمىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ 47 نەپەر بىرما ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ،73 نەپىرىنى يارىدار قىلىدۇ ۋە 5 ھەربىي ئابتۇمبىلنى راكىتىلار بىلەن پاچاقلاپ تاشلايدۇ

بۇ ۋەقەدىن كىيىنلا،يۈننەنگە قىچىپ كەلگەن كوكاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرسى “ كوكاڭ خىتاينىڭ قىرىمىدۇر.روسلار قىرىمنى قايتۇرۇپ ئالغاندەك،كوكاڭنى خىتاي دۆلىتى قايتۇرۇپ ئىلىشى كىرەك.”دەپ بايانات ئىلان قىلدى

ئارقىدىنلا بىرما دۆلەت باشلىقى “ ھىچكىمگە بىر سانتىمىتىر زىمىنىمىزنى بەرمەيمىز” دىدى.خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى،كوكاڭغا ئەسكەر ۋە قۇرال كىرگۈزگەنلىكىنى رەت قىلىسىمۇ،دۇنيا مەدياسى بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ۋە تەھلىللەرنى ئىلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بىرمانىڭ نۇپۇسى 50 مىليون. 5200 كۇۋادىرات كىلومىتىر توپراققا ئىگە كوكاڭنىڭ نۇپۇسى 200مىڭ بولۇپ ،خەن ئىرىقىغا مەنسۇپ كوكاڭ نۇپۇسى 150 مىڭ. ئاسىيانىڭ ھىچبىر دۆلىتىدە كوكاڭلاردەك ئاز، ئامما بۇنداق دۆلەت ئىچىدە دۆلەتلىك ھۇقۇقىغا ئىگە بولغان بىر مىللەت يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىچىك ئاز نۇپۇسلۇق خەلق دۇنيانى زەھەرلىك چىكىملىك بىلەن زەھەرلەۋاتىدۇ.كوكاڭلارنىڭ مۇشۇنداق ئاسىيانىڭ ئەركە بالىسىغا ئايلىنىشىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ كۇچى،قوللىشى ۋە بىۋاستە ئارلىشىشىنىڭ ھەسسىسى زور.

images (3)

 

كوكاڭ 5200 كۇۋادىرات كىلومىتىر ھەجىمگە ئىگە زىمىن

بىز ئۇيغۇرلار 15 مىليون نۇپۇسقا ئىگىمىز.ئاپتونومىيە بىزنىڭ نامىمىزدا،ئامما بۇ ئاپتونومىيە ھۇقۇقىدىن بىزنى باشقۇرغىلى يۇرتىمىزغا كەلگەن خىتايلار پايدىلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھۇقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس.يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىنى خىتاي ئۇزاقتىكى تۈركىيە،ئامەرىكا،ياۋرۇپادىن كۆرىدۇ.ئۆزى بولسا كوكاڭلارنى قۇراللاندۇرىدۇ ۋە بىرمانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.بىرمادىكى كوكاڭ ئاتالغان خەنزۇلارنىڭ بىرماغا قارشى ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇراللىق كۈرەش قىلغان رەھبىرى پىڭجىاشىڭنى “مىللىي قەھرىمان” دەپ دۆلتىدە ئالاھىدە يىللارچە مىھمان قىلىپ،قۇرال،ئەسكەر ياردىمى بىلەن يۇرتىغا يولغا سالغان خىتاي ھاكىمىيىتى،قەلەمدىن باشقا ھىچقانداق قۇرال ئىشلەتمىگەن،ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئۇچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلدى.كوكاڭلارنىڭ قۇماندانى خىتايدىن قۇرال،ئەسكەر،پۇل…ياردىمىگە ئىرىشىۋاتقان كۈنلەردە،ئۇيغۇرلاردىن ئىلھام توختى قاتارلىق 10 مىڭلىغان بىگۇنا ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرمىلارغا سۇلاندى،ئىتىپ تاشلاندى.نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى،ئۇيغۇرلار خىتاي پۇخراسى ھىساپلانسىمۇ،تۇمۇرىدا ئىقىۋاتقان قان خىتاي قىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،چەتئەل پۇخراسى كوكاڭلارنىڭ تۇمۇرىدا خىتاي قىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئەنە شۇنداق ئىمكانىيەتلەرگە ئىرىشتى

ئۇيغۇرلارمۇ،دۇنيا خەلقلىرىمۇ بۇ رىئاللىقنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەك

images (2)پىڭ جىاشىڭ مىللىتىنىڭ كىلەچىگى بولغان بالىلار بىلەن بىللە

 

مەن بۇ يەردە كوكاڭلارنى ئىيىپلىمەيمەن.مىنىڭ ئىيىپلەيدىغىنىم ئۆز چىگىرىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىقلارنى يوقۇتۇش،چىگراسى سىرتىدىكى ئاز سانلىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى يۈزلۈك قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىدۇر. بۇ    نۇپۇسى ئاز،ئامما قەھرىمان  خەلققە يۈكسەك ھۈرمەت بىلدۈرىمەن.چۈنكى كوكاڭلار مىللىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن 65 يىلدىن بىرى قۇراللىرىنى چىڭ تۇتۇپ كۈرەش قىلغان،يىرىم ئەسىردىن كۆپ ئەركىنلىك ئۇرۇشى جەريانىدا ھازىرقى مەۋجۇت نۇپۇسىغا يىقىن ئىنساننى چىقىم تارتقان.كوكاڭ ئارمىيەسىنىڭ باش قۇماندانى،كوكاڭ خەلقىنىڭ داھىسى پىڭجىاشىڭ دۇنيادىكى بارلىق خىتايلار تەرىپىدىن “مىللىي قەھرىمان” دەپ تەرىپلەنمەكتە. پىڭجىاشىڭ 85 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ،2.ئاينىڭ 9.كۈنىدىكى ئۇرۇشقا ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلغان.پىڭجاشىڭ ھىچبىر دۆلەتتىن كىملىك،ياكى پاسپورت ئىلىشقا ئىرىشەلمىگەن قارا نۇپۇس بىر ئادەم بولسىمۇ،خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان.مەن ئۇنىڭ “بىزنىڭ نەسلىمىز خەن مىللىتىدىن بولسىمۇ،خەن مىللىتىگە قوشۇلۇپ يوق بولۇپ كىتىشنى خالىمايمىز.بىز كوكاڭ مىللىتى بولۇپ ياشاشنى،جۇڭگونىڭ ياردىمىنى ئىلىپ،بىرمادا بىرمالىققا ئىزىلمەي ئەركىن ياشاشنى خالايمىز.چۈنكى ياشاۋاتقان زىمىن بىزگە ئائىت” دىگەن سۆزلىرىنى ئۇقۇغىنىمدا ئۇنىڭغا ئاپىرىن، دىدىم

来自微信

 

بۇ خەت، بىر يىلدىن بىرى كوكاڭدا بىرما ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان خۇنەن لىياڭلىق ھەربىدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان لىن پامىللىك بىرسىنىڭ خىتاي خەلقىنى كوكاڭدىكى ئۇرۇشقا دەۋئەت قىلىپ يازغان خىتى

قۇرال بىلەن ئۆزىنى ۋە ھەق-ھۇقۇقىنى قوغداشتا 150 مىڭ نۇپۇسلۇق كوكاڭلار،15 مىليون نۇپۇسلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگىسىدۇر

ئەركىنلىك ئەركىنلىككە لايىق بولغان خەلقلەرنىڭ ھەققىدۇر

يىل 2015. 2ئاينىڭ 18 .كۈنى

مەنبە

Myanmar Kokang Rebels Deny

Receiving Chinese Weapons

缅甸政府军与果敢叛军冲突47名士兵丧生

 

中国坚决否认介入果敢战事 缅军重夺要塞(图)

http://www.boxun.com/news/gb/intl/2015/02/201502250159.shtml#.VO3Fw3ysXwY

Share
2908 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.