logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمىدا مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى قۇربانجان ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ جېنىنى قۇتقۇزغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

18-سېنتەبىر كۈنى بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈركان ھاجۇمىدا، تېرەك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇربانجان ئۆزىنى دەرياغا تاشلاش ئارقىلىق جېنىنى قۇتقۇزغان.

ئاشكارىلىنىشىچە ۋەقەدە ئېغىر يارىلانغان قۇربانجان شۇ كۈنى، ئۆزىدىن ئاۋۋال بىر گۇرۇپپا ساقچىنى ئېلىپ يولغا چىققان ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بىر ياللانما ساقچى بىلەن بىرلىكتە سوغان كۆمۈركېنىغا يېتىپ بارغان؛ ئۇ ۋەقە مەيدانىدىكى ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنى، بولۇپمۇ ۋۇ فېڭنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھودۇققان ۋە پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمىغان. نەتىجىدە ئۇ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەق مەيداندىن قېچىپ كۆمۈركاننىڭ يېنىدىكى قاپسىلاڭ دەرياسىغا ئۆزىنى ئاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان نۆۋەتتە شۇ ۋەقەدە يارىلانغان شېرىكى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىرلىكتە باي ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ۋە ئەھۋالى خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرماقتا. ۋەقەدىن خەۋەردار نۆۋەتچى خادىملارنىڭ بايان قىلىشىچە شۇ كۈنى ھۇجۇمدا پاتىپاراق بولغان بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ ياتاق بىناسىدىن ئۆزىنى سىرتقا ۋە دەرياغا ئېتىپ جېنىنى قۇتقۇزۇشقان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان ئۇچۇرلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى باي ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى شۇ ۋەقەدە يارىلانغانلاردىن باشقا بىمار قوبۇل قىلمىغان؛ بۇ ئەھۋال ۋە ئۆتكەن كۈنلەردە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلىپونىنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ جىددىي ۋە ئالاقزادە پوزىتسىيىسى ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى ئۆلگەن ۋە يەنە 50-60 كىشى يارىلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر نۇقتىدىن دەلىللىمەكتە.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا تېرەك بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ۋەقە قوماندانلىق شتابى ئورنىدا قوللۇنۇلىۋاتتقانلىقى ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى، تۈنۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېرەك بازاردىدىكى بىر بالىلار باغچىسىغا يۆتكەلگەنلىكى ۋە شۇ يەردە ئوقۇتىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇ يەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-10012015163826.html

Share
1400 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.