logo

trugen jacn

سىياسەت : 18 ياشلىق ئەلى مامۇت «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ» مۇددەتسىز كېسىلگەن

image (1)

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبە بازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار (3)

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇلتۇر 6-ئايدا باشلانغان تېررورچىلارغا بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش بورىنى ئاقسۇ ئايكۆلگە قەدەم باسقىنىدا رەسمىي بىر سىياسىي قۇيۇنغا ئايلانغان.

بۇ قۇيۇن پەيشەنبە بازاردىكى 10 نەچچە ئۆسمۈرنىمۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپلىرىدىن ئۇچۇرۇپ ئېلىپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغانىكەن؛ مانا بۇلاردىن بىرى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى 5-تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 18 ياشلىق ئەلى مامۇتتۇر. مەزكۇر سىياسىي قۇيۇندا ئۆسمۈر ئەلى مامۇتقا تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت يېشىغا نىسبەتەن تولىمۇ چوڭ بىر قالپاق كىيدۈرۈلگەن؛ ئەمما ئەلى مامۇتنىڭ ئائىلىسىگە ئۇ قۇرغان تەشكىلاتنىڭ بىرەر ھەرىكىتى ياكى پروگراممىسى ۋە ھەتتا نامى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلمىگەن. مەزكۇر ئائىلە پەقەت ئەلى مامۇتنىڭ 5-تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدىلا تۈرمىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغان. تۈرمە خېتىدە ئەلى مامۇتنىڭ تېررورلۇققا كۈچ توپلاش ۋە رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىلا ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئەلى مامۇت، 2014-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلغان ئىشچى-تېخنىك مەكتىپىگە ئەكېتىلگەن، ئۇ مەكتەپكە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ئائىلىسى بىر ھەپتە كېيىن ئۇنىڭ تۇتۇلغىنىدىن خەۋەر تاپقان. ئەلى مامۇت بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سوتلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن، سوتقا ئائىلىسى قاتناشتۇرۇلمىغان.

مەھبۇس ئەلى مامۇت ئوقۇغان ئاقسۇ شەھەرلىك ئىشچى-تېخنىك مەكتىپىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىن ئەلى مامۇت بىلەن بىرلىكتە 13 ئوقۇغۇچى جازالانغان؛ بۇلارنىڭ مەزكۇر جازاغا سەۋەب بولغان قىلمىشى قول تېلېفونى ئارقىلىق تورغا چىقىپ دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالغان ماتېرىياللارنى كۆرۈش، بىر-بىرىگە كۆرۈش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىش ۋە بىر قېتىملىقتا توپلىشىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈش بولغان. ئەلى مامۇت ئەنە شۇ قېتىملىق توپلىنىشتا سەۋەبچى رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن تېررورلۇققا كۈچ توپلاش ۋە رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمدە مۇددەتسىز كېسىلگەن.

مەھبۇس ئەلى مامۇتنىڭ دادىسىنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندىمۇ، ئەلى مامۇتنىڭ تۇتۇلۇشىغا قول تېلېفونى سەۋەب بولغان، ئۇنىڭ مەكتەپتە تېلېفون ئوينىغان بالىلارغا باشلامچىلىق قىلىشى تېررورلۇققا رەھبەرلىك قىلىش دەپ قارالغان. بىز ئاقسۇ شەھەرلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بۇ ئۆسمۈر مەھكۇملار توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقا ئۇنىمىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-11092015151211.html

Share
1344 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.