logo

trugen jacn

ئەڭ مۇھىم مەسىلە مىللەتنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

 

plain-blue-background-wallpaper-3-9

مەھمەتىمىن ھەزرەت
– ھۇستەقىللىق كۈرىشى كىتاۋىنىڭ 2. بابى-
كىتاپ 1997. يىلى 4. ئايدا يېزىلغان ۋە  ئەزىمەت تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان

ئەڭ مۇھىم مەسىلە مىللەتنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بىر مىللەتنى بىر گەۋدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، بەدىنىمىزنىڭ بىر يېرىدە جاراھەت ياكى ئاغرىق بولسا پۇتۇن ۋۇجۇدىمىز راھەتسىز بولىدۇ، پىكىر قىلىشىمىزدىن باشلاپ ھەر قانداق ئۇششاق ھەركەتلىرىمىزگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كېسەل بولغان ئادەملەرنىڭ داۋالىنىشىغا ئالدىرىشىمۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ نورمال راھەت ھاياتقا ئېرىشىش ئۇچۇندۇر
جوڭگونى ئىستىلا قىلىپ، خەنزۇ مىللىتىنى ئۆزىگە مالاي قىلغان مانجۇر خانىدانىدانلىغى،شەرقىي تۇركىستانغا 1878-يىلى زوزۇڭتاڭنى ئەۋەتىپ، بۇ زېمىننى ئىستىلا قىلىنغاندىن باشلاپ ۋە1884-يىلى مانجۇر خانىدانلىقى تەرىپىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمىنى بىز ئۇچۇن ھاقارەتلىك بولغان ”شىنجاڭ“ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، پايانسىز ئانا تۇپراقلىرىمىز زجۇڭگۇ خەرىتىسى ئىچىگە ئېلىنغاندىن باشلاپ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. گەرچە خەلقىمىز قۇل بولۇشقا بىر كۇنمۇ رازى بولمىدى. مىللىي ئازاتلىق كۈرەشنى توختاتمىدى. بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل ”شەرقىي تۈركىستان“ دۆلىتىنى قۇرۇدى. بىراق، دۇشمەن ئىنقىلاپنى ۋە خەلقىمىزنى باستۇرۇپلا قالماي، ئارىمىزدىن خائىن تەربىيىلەش ۋە ئىشلىتىشتە ھىچ بىر مۇستەملىكىچى مىللەتتە بولمىغان ھىلى-مىكىرلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. بولۇپمۇ 50 يىلدىن بېرى، كوممۇنىست خىتايلار خائىن-مۇناپىقلارنىڭ قۇلى بىلەن خەلقىمىز ئۇستىدىن قىرغىنچىلىق يۇرگۇزۇشتە تارىخى مۇزېيلاردا قويۇپ كېلەچەك دۇنياغا ئىبرەت قىلغۇدەك رەزىل سىياسەت ۋە ۋاستىلارنى ئىشلەتتى
بىز ئۆزىمىزدىن مىڭ ھەسسە كۈچلۈك بولغان دۈشمەن بىلەن كورەش قىلىپ باشقا چىقىشىمىز ئۇچۇن، ۋۇجۇدىمىزدىكى جاراھەت بولغان ۋەتەن خائىنلىرى، مىللىي مۇناپىقلارنى قەتئى شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم. بۇ خائىن-مۇناپىقلار مىللىي روھىمىزدىكى كىر، مىللىي ئەخلاقىمىزدىكى نوقسانلاردۇر.بىزنىڭ مىللىي ئەخلاقىمىزغا ۋەتەن خائىنلىرى، مىللەت مۇناپىقلىرى ئارقىلىق سىڭدۈرۈلگەن ئەڭ ھاقارەتلىك كەسىلىمىز–روھىمىزنى چىرمىغان قۇللۇق زەنجىرىدۇر.روھى قۇللۇقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، جىسمانى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس
قۇللۇق روھىدىن كېلىۋاتقان ئوز تەقدىرنىڭ ئاقىۋىتىگە بويۇن ئېگىش ۋە ياكى چاتىقى بولماسلىق. مىللىي بىرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان باش-باشتاقلىق، ھەر كىم ئۆزىنى ئەقىللىق، ئۆزىنى توغرا ساناشتىن كېلىپ چىققان ئىتتىپاقسىزلىق، ھىچ سەۋەبسىز، كۆرەلمەسلىكتىن مەنبە ئالغان ئوز-ئارا ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى، قىسقىسى مىللىي كىملىگىمىز ۋە مىللىي تەقدىرىمىزنىڭ ئەڭ خەتەرلىك نۇقتىلارغا بېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش ئۇچۇن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار، تۇرمىلاردا ئازاب چىكىۋاتقانلارنى كورۇپ تۇرۇپ، ئانا ۋەتىنىنىڭ ئۆزىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغانلىقىمدىن ۋىجدان ئازابى ھېس قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يىتەركى مەن سەبرى قىلىپ تۇراي، مەن ئۆلمەي سالامەت تۇرۇپ تۇراي، بەلكىم بىر كۈنى يۇرتىمىز، تۇيۇقسىز ئازاتلىققا ئېرىشىپ قالار دېگەن خام خىياللار بىلەن ئوز-ئۆزىنى ئالداپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى خەلق ئارىسىدا ئابرويى بار، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئۇچۇن باشقىلار تەرەپتىن يول كۆرسەتكۈچى دەپ قارالغان دىنى ۋە پەننى زىيالىلاردۇر. زۇلۇم ئاستىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتقان بۇ كىشىلەر، ۋەتەنگە جىددى خىزمەت قىلالماسلىقتىكى ۋىجدان سوتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇچۇن، مىللىي قىسمىتىمىزنىڭ تەتۇرلىكىنى خۇداغا ئارتىپ قويىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن تارىختىكى تەلەيسىزلىكلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەجداتلىرىمىزغا يۈكلەپ قويىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەسلىكىنى بولسا دۇشمەننىڭ كۈچلۈك ۋە رەھىمسىزلىكىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىزا تارتىدىغان ئۆلۈمدىن قورقۇش تۇيغۇسى بار. بۇ، قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلمايدىغان، غەيرى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بەرى ئۇلارنىڭ روھىغا سېلىنغان قۇللۇق زەنجىرى بار. مىليونلىغان ياخشى ئادەملەرنىڭ روھى قۇللۇق قەپىزى ئىچىدە بولغىنى ئۇچۇن چارىسىز ھالدا قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشماقتا. بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن مىللەت خائىنلىرى، ۋەتەن ساتقۇنلىرى، ۋەتەن-مىللەتكە ھاقارەت قىلىشتا، دۈشمەنگە ساتقۇنلۇق قىلىشتا، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىماقتا
ۋەتىنى غەيرى مىللەت تەرىپىدىن ئىشغال ئېتىلگەندە يات ھاكىمىيەتكە خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەر بىرمۇنچە دۆلەتلەردە بولغان ھادىسە، مەسىلەن: ئىككىنچى دۇنيا
ئۇرۇشىدا گېرمانىيە فىرانسىيەنى بېسىۋالغاندا، ياۋروپانىڭ ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ غۇرۇرلۇق فرانسۇز مىللىتى ئىچىدىن گېرمانلارغا خىزمەت قىلغانلار بولغان، ئەينى زاماندا ياپونلار جۇڭگۇنى بېسىۋالغاندا ياپونلارغا خىزمەت قىلغان بىرمۇنچە جۇڭگۇلۇقلار بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ بىر قىسمى جان بېقىش ئۇچۇن دۈشمەنگە خىزمەت قىلغان بولسا، بىر قىسمى، دۆلەتنى ۋە مىللەتنى دۇشمەننىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىدىن قوغداپ قېلىش مەخسىتىدە خىزمەت قىلغان. ئەلبەتتە بىر قىسمى دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۇچۇن ۋەتەنگە، مىللەتكە ئېغىر زىيانلارنى سالغان ۋە تارىختا ۋەتەن خائىنى دېگەن نام بىلەن لەنەتلەنگەن. ئەمما بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ۋەتەنپۇرۇش خائىنلارغا ئوخشاش، ئوز مىللىتىنىڭ پىسخىلوگىيىسىنىڭ قانداقلىقىنى،قانداق قىلىپ بۇ مىللەتنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە مىللىي ئىرادىسىنى تارمار قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ مىللەتنى قانداق قىلىپ ياۋاشلىتىپ، قۇللۇق بويۇنتۇرقىدىن خوشلىنىدىغان ئەھۋالغا ئەكەلگىلى بولىدىغانلىقىنى دۇشمەن ھاكىمىيىتىگە ئۈگۈتۈپ، ئەقىل-جاسارەت بەرگەن، ھەتتا ئوز مىللىتىگە بولغان مىللىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىقتىسادى تالان-تاراچنى تىزلىتىش ھەققىدە بېجىڭگە خەت يېزىپ يوللىغانغا ئوخشاش مىساللارنى دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇلار، ئوز مىللىتىنىڭ نەسلى قۇرۇپ تۈگىگەندە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر خائىنلارغا ھېچ ھاجىتى قالمايدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرگىنى يوق.
بىز ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن ھەققىدە گەپ بولغاندا ۋەتەننى ئانىغا ئوخشىشىدىغان ئادەت بار. شائىرلىرىمىز شېئىرلىرىدا ”ئانا ۋەتەن“ دەپ يازىدۇ. ناخشىچىلىرىمىز ناخشىلىرىدا ”ئانا ۋەتەن” دەپ ناخشا توۋلايدۇ. ھەممەيلەن ”ئانا ۋەتىنىم“ دەيمىز. دېمەك ۋەتەن بىزنى تۇغقان ئانىغا ئوخشاش ئەزىز ۋە مۇبارەكتۇر. مۇبادا بىرەر يەردە ئوز-ئارا جېدەل-ماجرا بولۇپ قىلىپ، بىرسى يەنە بىرسىنى ”ئاناڭنى پالان قىلاي“ دىسە، ئانىسى ھاقارەتلەنگۇچى ئۇيغۇر،ئەگەر ئاچچىقى يامان بىرسى بولسا، بۇ مەيداندا ئۆلۇم چىقىدۇ، ئەگەر ھاقارەتكە ئۇچرىغۇچى ئاجىز ۋە كۈچسىز بولغاندىمۇ، بۇ ئاھانەتنى ئىشىتكەن ھامان ئۇرسۇن ياكى ئۇرۇلسۇن ئۆزىنى بىلەر-بىلمەي قارشى تەرەپنىڭ ياقىسىغا يېپىشىدۇ. دېمەك بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئانىنىڭ شەرىپىنى قوغداش ئەڭ مۇقەددەس، جاندىنمۇ ئۇلۇغ بىر مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ، مەجبۇرىيەت نەزىرىدە ئەمەس، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزدە بىز بىلەن بىللە ياشىماقتا. ۋەتىنىمىز بولسا، پۇتۇن مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى، دۇشمەن بىزگە ئاناڭنى پالان قىلاي دەۋاتقىنى يوق، ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتىدۇ. ئانىمىزنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتىدۇ. دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، خارلاۋاتىدۇ، ئىپپەت-نۇمۇسىمىزنى ئاياق ئاستىدا چەيلەۋاتىدۇ، بىز مىليونلىغان ۋەتەن پەرزەنتى ئاچچىق ۋە كۆز ياشلىرىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، كۆز ئالدىمىزدا، يۇرۇگىمىزنى پارە-پارە قىلىدىغان بۇ پاجىئەنى كورۇپ تۇرۇپ، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمىگەنلىكى ئۇچۇن ھەر كۈنى چارىسىزلىق ئىچىدە مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىۋاتىمىز. بۇنى ئاز دەپ، ئارىمىزدىن بەزىلەر چىقىپ ئوز ئانىسىنىڭ پۇت-قوللىرىنى چۈشەپ دۈشمەنگە تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزلىرى ئەقىلسىز تۇرۇقلۇق، پەقەت دۈشمەننىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۇچۇن، ئۆز ئانىسىنى قانداق ئاياق-ئاستى قىلىش ھەققىدە ئەقىل ئۈگۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئەي مەزلۇم مىللەت! سىزنىڭ دۇشمەگىغۇ كۇچۇڭىز يەتمەيدىكەن، سىز بىلەن بىللە بۇ ئانا ۋەتەندە تۇغۇلغان، ۋەتەنگە ۋە سىزگە تارىخىمىز بويىچە ھىچ كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئاھانەت ۋە ھاقارەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئارىمىزدىكى شۇ بىر ئۇچۇم ساتقىنلارغىمۇ كۇچىڭىز يەتمەمدۇ؟ ئارىڭىزدا ئۆلۈمدىن قورققىنى ئۇچۇن مىڭ ياشقا كىرگەن ئادەم بارمۇ؟ خوجايىنى ئالدىدا غالجىر ئىتقا ئوخشاش قاۋاپ سىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۇ ئاسىيلارنى قۇتىراشتىن توختۇتۇش ئۇچۇن ئۆيىڭىزدە ئىشلىتىدىغان بىر پىچاقمۇ يوقمۇ؟ خائىنلار توخۇ يۇرەك، ئەڭ قورقۇنچاق، ئەمما پۇرسەتپەرەس، شەخسىيەتچى،راھەت بەرەس، نام – شۆھرەتكە ئەڭ ئامراق مەلئۇنلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. سىز ئۇلارنى تىللىسىڭىزمۇ، جامائەت ئالدىدا يۈز ئابرويىنى چۇشەرسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك. چۈنكى، سىز يامان يۈرگىنىڭىز ئۇچۇن، ئۇلار خوجايىندىن تېخىمۇ كوپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. راھەت-پاراغەتلىك ھاياتى تېخىمۇ مىللەتنىڭ قېنىغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ خائىنلارغا، بىر ۋەتەننى، بىر مىللەتنى، بىر كىچىك ماشىنىغا ياكى بىر نەچچە يىللىق شەخسى راھىتى بەدىلىگە تېگىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش لازىم. بۇنى چۇشەندۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولى، خائىنلارنى، بۇ ۋەتەندىن،بۇ مىللەتتىن، بۇ ھاياتتىن ۋىدا ئەتتۇرۇش! ئۇلار گۆرگە كىرگەندىن كېيىن، نە ۋەتەنگە، نە مىللەتكە زىيان سالالمايدۇ.ھاياتتا قالغانلىرىغا ئىبرەت بولىدۇ. دېمەك، ئەڭ زىيانسىز خائىن -ئۆلۈك خائىندۇر

بۇگۇن، ۋەتىنىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىمانلىق مۇجاھىدلار شەھىد بولۇۋاتىدۇ،بىگۇناھ ياشلىرىمىزنى ئولتۇرۇپ، تۇرمىلەرگە قاماۋاتىدۇ. ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەر ياش-ئەۋلادلىرىمىز، يېزا ۋە شەھەرلەردىكى ئېغىر ئىشسىزلىق ۋە كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان يوقسۇللۇق ئۈستىدە قايغۇرۇۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزدە ئېچىلىۋاتقان تەبىئى بايلىقلاردا ئېغىر بىر جىسمانىي ئىش بىلەن ئىشلەشنى خالىغان ئىشسىز ئىنسانلىرىمىزنىڭ، بۇ ئاددى تەلەپلىرىنىڭمۇ خام-خىيالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇۋاتىدۇ. مۇھتاجلىقتىن بىرمۇنچە قىزلىرىمىز جۇڭگۇغا ئېلىپ كېتىلىپ ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. مىليونلىغان خەن ئاھالىسى شەرقىي تۇركىستاندا راھەت ياشناۋاتقانلىقىغا قارىماي، جۇڭگۇغا پۇل تېپىش ئۇچۇن كىرىپ قالغان ياشلىرىمىزنىڭ قولىدىكى پۇللىرىنى تارتىپ ئېلىنپ، جۇڭگۇلۇق ساقچىلار تەرىپىدىن ھايۋان مۇئامىلىسىگە ئۇچىراۋاتىدۇ. ۋەتەندە ھاياتتىن ئۇمۇدىنى ئۈزگەن بىر مۇنچە ياشلىرىمىز خىروئىنغا، ئوغرىلىققا ۋە باشقا جىنايەتلەرگە ئادەتلەندۇرۇلۇپ، مىللىي روھىمىزنى چۈشكىنلەشتۇرۇش ئۇچۇن ھەيدەكچىلىك قىلىنىۋاتىدۇ. ۋىجدان ۋە ئىمان ئىگىسى قەھرىمان قىز- يىگىتلىرىمىز بولسا، تۆمۈر قەپەز ئىچىدىكى يولۋاسلاردەك چارىسىز تۇرىۋاتقان بىر ئەھۋالدا، ئوچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، دىگەندەك،ۋەتەن خائىنلىرى بولسا ”بىر ئەكسىل ئىنقىلابى تەشكىلات تېپىۋالسام، بۇ، لوق گوشنى خوجايىنىمغا تەقدىم قىلىپ، دەرىجە ئاتلاپ ئۆسىۋالسام“ دېگەن خىيال بىلەن ئىشتىھاسى ئېچىپ تاقىتى-تاق بولۇپ ھەر يەردە تىمىسقىلاپ يۈرۈۋاتىدۇ. بەزى مۇناپىقلار، تارىخىمىزنى، بۇگۇنىمىزنى،يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي زۇلۇمنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بىلىمى بار. ھەر ئىشتا ئەقلى ئىشلەيدۇ. ئەمما ،“بۇ گىگانت كۈچكە تەڭ كېلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا تۆت كۇنلۇك ئۆمرۈمنى راھەت ئۆتكۈزەي“ دېگەن خىيال بىلەن ئاڭلىق ھالدا ساتقۇنلۇق يولىنى تاللىغان. بۇ خىل مۇناپىقلار يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلاملاردا كۆپ بولۇپ، كۈندۈزى مىللەتنىڭ ئالدىغا چىقىپ ”مەن خەلقىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، سىلەرنى سۆيىمەن“ دەيدۇ. كېچىسى، ھوجايىنلىرىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، كىملەرنىڭ بېشىنى ئېلىش،كىملەرنى تۈرمىگە قاماش،كىملەرنى مۇھىم ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ھەققىدە ئەقىل ئۈگىتىدۇ. بۇ خىل خائىنلارنىڭ بىر كۈن ئارتۇق ياشىشى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ قاننىڭ بىر كۈن ئارتۇق ئېقىپ چىقىپ كېتىشى دېمەكتۇر. يىلاننى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈرۈش ساۋاپتۇر
مىللىتىمىزنى بىر ساغلام ۋۇجۇتقا ئىگە قىلىش ئۇچۇن، بۇ ۋۇجۇتتىكى جاراھەتلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش لازىم.خائىنلارنى جازالاش دەۋرى – مىللىي سالامەتلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرىدۇر. مىللىي ئەخلاقىمىزنى، مىللىي روھىمىزنى، مىللىي ئىرادىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرىدۇر. خائىنلارنى جازالاش دەۋرى -مىللىي ئىتتىپاقلىقىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەۋرىدۇر. بىر-بىرىمىزگە بولغان ئاداۋەتنى ئەپۇ قىلىش، ۋەتەن سۆيگەن پۇتۇن شەرقىي تۇركىستانلىقلار بىر تۇغقاندۇر دېگەن چۈشەنچىنى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە يەرلەشتۈرۈش دەۋرىدۇر.خائىنلارنى جازالاش دەۋرى -تارىختىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يۇرتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ھازىرلىق قىلىش دەۋرىدۇر

ۋەتىنىمىز غەيرى مىللەت ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن تارىختىن باشلاپ، ۋەتەن خائىنلىرى ئاشكارە كۆرەڭلەشكە باشلىدى. ئۇلار پەقەتلا، بۇرنى سەزگۇر، نىشاننى پۇراپ تاپىدىغان ئىت قاتارىدا ئىشلىتىلىپ كەلدى. كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۇركىستاننى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتكۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئىتلارغا، تاپقان ئولجىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇن بەزى ھوقۇقلارنى بەردى. يەنى مىللىي خائىنلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىك ئورگانلىرىدا شەكىلدە بەزى ھوقۇقلار بېرىلدى. ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن-ئىنتىزاملىرىنى ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ كورۇنۇپ، يۇرت ئىچىدە تەسىرى بولغان، مىللىي يولباشكىللىرىمىزنى، دىنى ئالىملىرىمىزنى، زىيالىلىرىمىزنى، ياشلىرىمىزنى
تۇتۇش ۋە يوق قىلىش ئىشلىرىنى بىجىردى. ياخشى بېقىلغان خائىنلار، بۇ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان، خەلقىمىزنىڭ پۇتۇن ئوي-پىكرى شۇ تەرەپكە جېلپ
قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ”سىنىپىي كۇرەش“ دەيدىغان پىتنە پاساتنىڭ ئىچىدە ئوز ئارا بوغۇشىۇپ ھالىدىن كېتىۋاتقان شارائىتنى ياراتقاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۇركىستاننىڭ
پۈتۈن بايلىقىنى بىمالال بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرۇپ، يوقسۇل ۋە مەزلۇم ئەھۋالدىكى شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئىچىدە باي، راھەت ۋە ئەركىن ياشاش كاپالىتىگە ئىگە مىليونلارچە كۆچمەن خەن نوپۇسىنى يەرلەشتۈرۈپ يۇرتىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تىزگىنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. نەتىجىدە، بۇگۈنكى خوتەن،قەشقەردىكى بىر دىھقاننىڭ يىللىق دارامىتى 50-60 دوللار ئەتراپىدا بولسا،
شىخەنزىدىكى ياكى قارىمايدىكى بىر خەننىڭ يىللىق دارامىتى 500-600 دوللار ئەتراپىدا بىر ھالغا كەلدى. بىر-بىرى بىلەن ھىچ بىر زىددىيىتى بولمىغان، گۇناھسىز،ئەمما دۆلەت تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا پەرىقلىق ياشاش شارائىتى يارىتىلغان بۇ ئىككى مىللەت خەلقى ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ئوز-ئارا ئۆچمەنلىك، ئوز-ئارا نەپرەت تۇيغۇسى يارىتىلدى. ئاسمان بىلەن زىمىن ئارىسىدىكى قەدەر چوڭ پەرقىنى يارىتىشتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق. يەنى، شەرقىي تۇركىستاندا خەن مىللىتىنىڭ سىياسى جەھەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ ھاكىم مىللەت ئىكەنلىكىنى جوڭگودىكى خەن ئاھالىسى ئالدىدا ئىسپاتلاش بىلەن شەرقىي تۇركىستانغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن جەلىپ قىلىش، يەرلىك خەلقنى بولسا، ياشاشنى خالىسا،يوقسۇل ۋە مەھكۇم ھاياتقا تەن بېرىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىش، ئەگەر تاقەت قىلالماي ئىسيان قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقسا نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يەنىلا خەن ئاھالىسىنى كوچۇرۇپ ئەكىلىپ يەرلەشتۇرۇش. مۇستەملىكىچىلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىشتا، ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۇرۇش ئۇچۇن ئەمەس،ئۇ مىللەتلەرنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، ئۆزلىرى بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈندۇر. ياكى يوق قىلىش بەدىلىگە يېڭى زېمىنلارنى ئوزىنىڭ قىلىش ۋە ئوز مىللىتىگە بەخت-سائادەت يارىتىش ئۇچۇندۇر. ئەمما مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ساتقىن ۋە مۇناپىقلار خەلقىمىزنىڭ ھەققىنى دۇشمەن ھاكىمىيىتىگە ئېلىپ بېرىشتە، مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، غۇرۇرىنى، جاسارىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، قۇللۇق روھىغا ئادەتلەندۇرۇشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپلا قالماستىن، مىللىتىمىزنىڭ قېنىنى، روھىنى زەھەرلەيدىغان مىكروپلۇق رولىنى ئوينىماقتا. خائىنلار، مىللى ئىنقىلاب دەۋرلىرىدە ياكى مۇستەقىللىقىمىزنى قولىمىزغا ئالغان زامانلاردا تازىلانغان بولسىمۇ،ئاسارەتتە ياشىغان زامانلاردا،مىللەتتىن ھىچ قاچان تەھدىت كۆرمىدى. ئەكسىچە مىللەتكە تەھدىت ئامىلى بولدى. خائىنلار، مىللەتنىڭ ئالدىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىدى. مىللەت ئۇنى ھەل قىلمىغىنى ئۇچۇن، مىللەت ، خائىنلارنىڭ ئالدىدا مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار دۇشمەن ھىمايىسى ئاستىدا ئۆزلىرىنى ”مىللى داھى“ قىلىپ كۆرسىتىش ئۇچۇن، مىللى داھىلىرىمىزنى يوق قىلدى،ئۆزلىرىنى ”مىللىي قەھرىمان“ قىلىپ كۆرسىتىش ئۇچۇن مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنى يوق قىلدى، ئۆزلىرىنى ”بىلىم ئەھلى“ قىلىپ كۆرسىتىش ئۇچۇن بىلىملىك ئادەملىرىمىزنى يوق قىلدى. ئۆزلىرىنى ”دىنى زات“ قىلىپ كۆرسىتىش ئۇچۇن دىنى زاتلىرىمىزنى يوق قىلدى. ۋەتەن ساتقۇچىغا نەپرەت قىلىش ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلقىمىزنى، ۋەتەن ساتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىشقا ئادەتلەندۇرۇشكە تېرىشتى. ۋەتەنپەرۋەرلەرگە، مىللىي يولباشچىلارغا يۈكسەك مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان خەلقىمىزنى، ئۇلارغا نەپرەت قىلىشقا ئادەتلەندۇرۇشكە تېرىشتى. يەنى، مىللەتنىڭ روھىنى مەست قىلىپ تۇرۇپ، خەلق نەپرەت قىلىدىغان نەرسىگە مۇھەببەت باغلاشقا، مۇھەببەت باغلايدىغان نەرسىگە نەپرەت قىلىشقا زورلىدى. بۇ خىل خائىنلىق ھەرىكتى مىللى ھاياتىمىزغا پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى
بەزى تارىخى ھادىسىلەر بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بۇلار ھەققىدە ئازراق توختالماق لازىم؛ 1930-يىللاردا مىللىي ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكتى پۇتۇن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئەۋج ئالدى. ۋەزىيەت، خۇددى كۆكلەمدە پۇتۇن دەل-دەرەخلەردە ئېچىلغان چېچەكلەر بىر قاتتىق بوراندا توزۇپ كەتسىمۇ، ئەرتىسى كۈنى نەچچە ھەسسە ئارتۇق چېچەك ئېچىلغانغا ئوخشاش ئىدى. باھار مەۋسۇمىدە چېچەكلەرنى توزۇتۇپ تۇگۇتۇش خام خىيال بولغىنىغا ئوخشاش، ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ تۇگۇتۇشمۇ ئىمكانسىز ئىدى
مانجۇرىيەنى ياپونغا تارتقۇزۇپ قويغان، ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان جوڭگۇنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا ئەسكەر چىقىرىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى مىللى بىرلىك سەپ ئاساسىدىكى بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تامامەن مۇسائىت ئىدى؛ چۈنكى خوجىنىياز ھاجى قۇمۇل ۋە ئەتراپىغا ھاكىم ئىدى. بۇ ئىنقىلاب مەشئىلىدىن ئىلھام ئالغان تۇرپان جامائەتى مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا تۇرپاندا قوزغالدى ۋە خوجىنىياز ھاجىنى قارشى ئالدى. كۇچادا تۆمۈربەگ باشچىلىقىدا قوزغالغان خەلق كۇچار، ئاقسۇ، قەشقەرگىچە ھاكىم ئىدى.
پامىر تاغلىرىدا ئىسيان كۆتۈرگەن قىرغىز باھادىرلارمۇ قەشقەر ئىنقىلابىغا ئالاھىدە كۇچ قاتقان ئىدى. ئەينى زاماندا روس ئىستىلاسىدىن قېچىپ غەربىي تۇركىستاندىن شەرقىي تۇركىستانغا كەلگەن ئۇرۇش تەجرىبىسى بار ئۆزبەگ قەرىنداشلارمۇ قەشقەردىكى ئىنقىلابتا ناھايىتى مۇھىم رو ئوينىماقتا ئىدى.چەرچەن-چاقىلىقتىن، خوتەن،يەركەنگىچە بولغان ئۇزۇن لىنىيە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى خوتەن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن ئىدى. ئالتاي، جانىمخان باشچىلىقىدىكى قازاق ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىدا ئىدى. غۇلجىدا ھەر زامان ئىنقىلاب پارتلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما شەرقىي تۇركىستاندا بىر مىللىي دۆلەت قۇرۇلسا، رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان قازاق، قىرغىز،ئۆزبەگ قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ئوخشاش دىن، تىل، ئوخشاش ئورۇپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مىللىي ھىسىياتلىرىغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارىدى. شۇنىڭ ئۇچۇن ستالىن، سوۋىت ئىتتىپاقى چېگرىسىغا ئورتا ئاسىيانىڭ كېلىچىكىگە مەشئەل تۇتىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇن كۆرمىدى. ستالىننىڭ، شەرقىي تۇركىستاندا ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئىچىدە يەنىلا كونا جۇڭگۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ۋارىسى بولغان شىڭ شىسەينى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەسكىرى ياردەم بېرىشى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ جىددى تەھدىت ئاستىدا قېلىشى دېمەك ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بارلىق مىللىي كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش،ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۇچۇن بىر دۆلەت تەشكىلاتىغا جىددى ئېھتىياجى بار ئىدى. يەنى، بىر مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى لازىم ئىدى. بۇ ئىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەڭ بۇرۇن ھېس قىلغان كىشى سابىت داموللام ئىدى. ئۇ زات خوتەندە ئىنقىلاب باشلاشتىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن چەتئەلدىن قايتىپ ئۇدۇل خوتەنگە كەلگەن ئىدى. سوۋىت ئىتتىپاقى، تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بەزى تەھلىل-تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان سابىت داموللام، خوتەندە ئىنقىلاب پارتلاش ئالدىدا ۋەزىيەت ھەققىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا بەرگەن مەلۇماتىدا:دۇنيادا ھېچ بىر دۆلەت شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ خوشنا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن
خوتەن ئازات قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن،سابىت داموللام، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يەركەنتتىكى خوتەن ئەسكەرلىرىدىن 2000 كىشىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىپ، تۆمۈر سىجاڭغا ياردەملىشىپ قەشقەر يېڭىشەھەر سېپىلغا بىكىنىۋالغان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىۋالغان تۇڭگانلارنى يوقىتىپ،مىللىي بىرلىك دىئالوگىنى باشلىتىش ئۇچۇن يولغا چىقىدۇ. ئەمما، قەشقەردىكى ئىنقىلاب سېپىگە ئىككى يۈزلىمە، پىتنىچى، خائىن بولغانلىقى كېيىن بىلىنگەن بەزى مۇناپىقلار سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىدى. ئۇلار، تۆمۈر سىجاڭغا بەزى بۇزغۇنچى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.يەنى، سابىت داموللام جامائەت ئىچىدە ناھايىتى ئابرويلۇق ۋە ئۆزى قەشقەرلىق بولغىنى ئۇچۇن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئىشەندۈرۈپ، سابىت داموللامغا نىسبەتەن تۆمۈر سىجاڭنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويىدۇ. تۆمۈر سىجاڭغا سىجاڭلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن تۇڭگانلار بىلەن ئارىسى بۇزۇلۇپ، تۇڭگانلار قەشقەر يېڭىشەھەردە بېكىنىپ يېتىۋالغان، دۈشمەن تېخى يوقۇتۇلمىغان بىر ئەھۋال ئاستىدا،تۇيۇقسىز بىركېچىدە، يەنى 1933-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىسى تۆمۈر سىجاڭ، ھېچ ئويلىمىغان يەردە سابىت داموللامنى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قېرىندىشى ئەسكىرى قوماندان ئەمىر ئابدۇللا (شا مەنسۇر) نى تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ. خوتەندىن كەلگەن 2000 ئەسكەرنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ ئۆزلىرىنى ھەيدىۋىتىدۇ.تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭى شەھەردىكى تۇڭگانلار بىلەن ئەمەس، خوتەن ئىنقىلابچىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا باشلايدۇ.ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىغى،تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكىرى قىسىملىرىنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان بايراقلىرى خىتايچە خەت يېزىلغان بايراقلار ئىدى. ئەسكىرى تەرتىپ بەن،پەي، لىيەن.. دەپ ئاتىلاتتى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر قوشۇننىڭ قومانداننىڭ ئۇنۋانى” سىجاڭ” ئىدى. خوتەندىن كەلگەن ئەسكەرلەر، بۇ ئەھۋالغا قاراپ، تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنىغا شۆھبە بىلەن قارىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر.ئامما، ئۇلار ئۇمۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆمۈر ۋە ئەسكەرلىرىگە ھېچقانداق ئاداۋەتلىك سۆز، ھەرىكەتلەردە بولمىغان شارائىتتا، تۆمۈر سىجاڭنىڭ سابىت داموللام ۋە باشقىلارنى قولغا ئېلىشى، ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتنىڭ ئىچىگە تارتىپ كىرگەن ئىدى
تۆمۈر سىجاڭ، دەرھال ھاپىز تىڭجاڭ باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلىرىنى يەكەنگە يولغا سالدى. ھاپىز تىڭجاڭ، خوتەن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ قارىقاشقىچە ئىلگىرىلەپ باردى. خوتەن ئەسكەرلىرى ئۇلارنى چىكىندۇرۇپ، تەكرار يەركەنتكىچە كەلدى. مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىتلىرى ئورۇنسىز بىر-بىرى بىلەن ئېتىشىپ ئۆلدى.1933 يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۇنى تۆمۈر سىجاڭ باغ سەيلىسىدىن قايتىپ كېلىشىدە قەشقەردە تۇڭگانلار تەرىپىدىن شەھىد قىلىندى. سابىت داموللام تۈرمىدىن چىقىپ دەرھال ھۆكۈمەت قۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىن، قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى غۇجى نىياز ھاجى، خوتەن ئىنقىلابىنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا…لار خەۋەرسىز ئىدى.1933-يىلى11-ئاينىڭ 21-كۇنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىندى.دۆلەت قۇرۇش خىتابنامىسى ھىندىستان رادىئوسى ئارقىلىق بۇ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا ئېلان قىلىندى. ئاي – يۇلتۇزلۇق ھاۋارەڭ بايراق قەشقەر ئاسمىنىدا جەۋلان قىدى. ئەمما، سابىت داموللام تۈرمىدە ياتقان ۋە قەشقەر، خوتەن ئىنقىلابچىلىرى بىر-بىرى بىلەن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلارنىڭ زىيىنىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتاتتى. سابىت داموللام ئويلىغاندەك، خوجا نىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇش، شىڭ شىسەينىڭ ئەمرى ئاستىدىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئاق ئورۇسلارنى ئىنقىلابچىلار تەرەپكە جەلپ قىلىش، ئەسكىرى كۇچتا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەپ تۇرۇپ، روس، ئىنگلىز ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۇچ بۇيۈك كۇچ بىر-بىرىگە يىگۇزمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۇركىستاندىن ئىبارەت بۇ لوق گوشنى،ئۈچ بۇيۇك كۇچنىڭ ئەسكىرى كۇچىدىن چەكلەنگەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچى رايون ھالىغا كەلتۇرۇپ، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى بۇ زېمىن ئۇستىدە ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى توسىايدىغان بەزى توسقۇنلۇقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان ئىدى؛ شىڭ شىسەي، خوجا نىياز ھاجى بىلەن كېلىشىپ بولغان ئىدى. رۇسلارنىڭ كاپالىتى بىلەن مۇئاۋىن رەئىسلىككە رازى قىلىنغان خوجا نىياز ھاجىم، جەنۇبقا يولغا سېلىندى. ما جۇڭيىڭنىڭ كۆڭلىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئېلىپ بولغان ئىدى. جەنۇبقا قاراپ يولغا چىققان خوجا نىياز ھاجىم كۇچلىرى بىلەن تۇڭگان كۇچلىرى داۋانچىڭدا قاتتىق جەڭ قىلدى. خوجا نىياز ھاجىم ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ جەنۇبقا ماڭدى، ئارقىدىن ما جۇڭيىڭ قوغلىدى. شىڭ شىسەي بولسا ئۈرۈمچىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالدى.
ئاقسۇدا، سەۋىت ك.گ.ب نىڭ ۋەكىلى يۈسۈپجان، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن كۆرۈشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىش، سابىت داموللام، مۇھەممەد ئەمىن
بۇغرالارنى ئولتۇرۇش ياكى تۇتۇپ بېرىش قارىشلىغىدا، خوجا نىياز ھاجىغا قورال ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى بەردى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىككە كاپالەت بەردى. سابىت داموللام، مىللىي كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇچۇن، مىللىي مۇجادىلە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەڭ كۇچلۇكى بولغان قۇمۇل-تۇرپان كۈچلىرىنىڭ بېشىدا بولغان خوجا نىياز ھاجىنى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەئىسى قىلىپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ چارە بىلەن خوجا نىياز ھاجىنى،شىڭ ۋە روسنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىرىپ، ئالتە شەھەردە شەرقىي تۇركىستاننىڭ ئىقتىسادى،سىياسى ۋە ئەسكىرى كۈچىنى رەتكە سېلىپ، ئاندىن شىمالدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى دۆلەتنىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىسى پەقەت پىلاندا قالدى. چۈنكى خوجا نىياز ھاجى تېخى قۇمۇلدىكى چاغدىلا، روس جاسۇسلىرى، يەنى، مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ئىنقىلابچى قىياپىتىدىكى ۋەتەن خائىنلىرى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىنغا يەرلىشىپ بولغان ئىدى. خوجا نىياز ھاجىم، رۇسلارنىڭ “ئىزلىگەن مىللەتلەرنىڭ ھامىيسى” ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن ئىدى. بىراق ستالىن بولسا، تەخىتكە چىققان ئىككىنچى كۈنىلا،ئۈرۈمچىدىكى سوۋىت كونسۇلغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ كوممۇنىست ئىكەنلىكىنى، موسكوۋاغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، ئوغاق- بولقىلىق سوۋىت قىزىل بارىغى ئالدىدا قەسەمياد قىلغان شىڭشىسەينى تاللاپ بولغان ئىدى. خوجا نىياز ھاجىمنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىدى.جاسۇسلارنىڭ تەسىرى بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئۈمىدى رۇسلارغا، رۇسلارنىڭ ئۈمىدى بولسا شىڭشىسەيگە باغلانغان ئىدى. پۇتۇن مىللىي كۇچ بىرلەشكەندە، ئەسكىرى كۇچ سالمىقى ئېغىرلاشقاندا ئاندىن ئىچكى-تاشقى دۇشمەن كۈچلىرى بىلەن مۇرەسسەگە ئولتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، رۇسلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى خوجا نىياز ھاجىم ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۇتۇن دىققىتىنى جەلپ قىلىۋالغان ما جۇڭيىڭدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن، روسلارنىڭ قورالىغا ئىھتىياجى بار ئىدى

شەرقىي تۇركىستاندا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇچ تەرەپ ئىچىدە شىڭ شىسەي ياپونىيىدە ھەربى تەلىم ئالغان، يالغان كوممۇنىستلىقى بىلەن رۇسلارنىڭ ھىمايىسىنى قازانغان، روس ياردىمى بىلەن ئەڭ زامانىۋى قوراللارغا ئىگە بولغان ئەسكىرى كۈچنىڭ قوماندانى ئىدى. شەرقىي تۇركىستاننى ئىگىسىدىن سورىماي رۇسلارغا ساتقان بۇ شەخىس شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىشتىن كۆڭلى ئەڭ خوش بولىدىغان بىر جاللات ئىدى.
ما جۇڭيىڭ خىتاي ئىچىدە ئەسكىرى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ياش بولۇشىغا قارىماي كوپ ئۇرۇش كۆرگەن، ئارمىيىسىنى ئەڭ قاتتىق ئىنتىزام ئىچىدە تۇتىدىغان بىر قەھرىمان مىلىتارىست بولۇپ، ئۇ، مىللىي ئىنقىلابىمىزنىڭ ئىككىنچى بۈيۈك دۇشمىنى ئىدى. ئارمىيىسىنى جوڭگۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 36-تۇۋەنى دەپ، ھەر يەردە قورالسىز خەلقنى بۇلاپ-تالاپ يۈرگەن ۋە بەزىدە ناماز قىلىدىغان بۇ باندىتلارىنىڭ ئارقا تېرىكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان پاسپورتى بىلەن ھىندىستانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان، ھىندىستاندىكى ئېنگىلس ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەتىراپ قىلىشنى ئىستىگەن ئىدى. ئېنگىلس ھۆكۈمىتى، سىز مەسىلىڭىزنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەل قىلىڭ! بىز سىزنى ئەمەس، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى تونۇيمىز، دەپ ئېنىق جاۋاب بەرگەن ئىدى. دېمەك ئېنگىلس ھۆكۈمىتى قولىدىن چىقىپ كېتىش خەۋپى بولغان ھىندىستاننىڭ يېنىدا بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن راھەتسىز ھېس قىلغان ئىدى. ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئەغىر ئىدى
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھۈشنىمىز ئافغانىستاندىن باشقا ھېچ بىر دۆلەت رەسمى تونۇمىدى. ھەتتا تۇركىيەدىكى پۇتۇن گېزىت-جورنال، رادىئو ئايلارچە شەرقىي تۇركىستاننى تەبرىكلەپ خەۋەرلەر بەرگەن بولسىمۇ،تۇرك خەلقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەبرىكلەپ تەنتەنىلەر قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھېچ بىر تىۋىش چىقارمىدى. شەرقى تۈركىستان كۈكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان، بومبايدىن تىلگىرام ئارقىلىق “كۆك بايراقتىن قىزىل بايراققا سالام” ماۋزۇسى بىلەن ئەۋەتكەن دۆلەت مەكتۇپىگە جاۋاپ بېرىش نازاكىتىنىمۇ كۆرسەتمىگەن ئىدى. چۈنكى، ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، روسلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن قورقاتتى. ئىچكى-تاشقى دۇشمەن كۇچلەر يېڭى تۇغۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بۆشۈكىدە بوغۇپ يوق قىلىشنى پىلانلاۋاتقان ۋە بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۇركىستاندىكى مۇجاھىد گۇرۇپپىلارنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىش زۆرۈرىيىتى بار ئىدى
خوجا نىيازھاجىم، ئاقسۇدىن چېكىنىپ قەشقەرگە كېلىۋاتقىنىدا، سابىت داموللام ئاتۇشقا قەدەر كېلىپ پۇتۇن جامائەتنى توپلاپ، دۆلەت مۇراسىمى بىلەن خوجا نىياز ھاجىنى قارشى ئالدى ۋە قەشقەردىكى دۆلەت سارىيىنى بوشىتىپ خوجا نىياز ھاجىغا بەردى. تۇڭگانلارنىڭ قەشقەرگە يېقىنلىشىپ كەلگەنلىگىنى بىلگەن خوجا نىياز ھاجىم قەشقەردە بىر ئايمۇ تۇرماستىن ياركەنتكە چېكىندى ۋە باشقىلارمۇ ياركەنتكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 11- كۇنى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى، سابىت داموللامنى تۇتۇپ، قوللىرىنى ئارقىسىغا باغلاپ خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.خۇجا نىياز ھاجىم،سابىت داموللامنى رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۇچۇن ئاقسۇغا يولغا سالدى، خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللامنى تۇتۇپ بېرىش قارشىلىقىغا رۇسلارنىڭ بەرمەكچى بولغان قوراللىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆركەش تامغا كەتتى. رۇسلار، ئاقسۇدا سابىت داموللامنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ شىڭشىسەيگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۆركەش تامدا روسلارنىڭ ۋەدىسى يالغان ئىكەنلىكى بىلىندى. روسلاردىن بىر تالمۇ مىلتىق ئالالمىغان خوجا نىياز ھاجىم، يەنىلا رۇسلارنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئاقسۇغا كەلدى. ئۇندىن كېيىن مۇئاۋىن جۇشى بولۇش ئۇچۇن چارىسىز ھالدا ئۇرۇمچىگە كەتتى
مەن بۇ يەردە تارىخى جەريانلارنى سۆزلىمەكچى ئەمەس. ھادىسىلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋىرى بولسۇنكى، مەن دېمەكچى بولغان ئەسلى ماھىيەتنى كۇشەنسۇن دېگەن نىيەتتە ئۇ، تارىخلارۇستىدە بىر ئاز توختالدىم. ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىدىم شۇ: دۇنيادا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان خوجا نىياز ھاجىم ،يەنى ئۇ، دۆلەت قانۇنىنىڭ،دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى پاراگىراپىنىڭ 2- ماددىسىدا ”دۆلەت رەئىسى خەلق تەرىپىدىن 4 يىللىق مۇددەت ئۇچۇن سايلىنىدۇ.ئەمما ئىسلامنىڭ، ۋەتەننىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، مۇستەقىللىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان دۆلەت رەئىسىمىز خوجا نىياز ھاجىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەتنىڭ رەئىسىدۇر. ئۇنىڭ بۇ سۈپىتىنى پۇتۇن خەلقىمىز ۋە ئارمىيىمىز تەستىق ئېتىدۇ“ دەپ يېزىلىشى بىلەن پۇتۇن دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەقدىر تىزگىنى تاپشۇرۇلغان بۇ ئادەم 1934- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۇنى ھۆكۈمەتتىن مەخپى ھالدا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن 11 ماددىلىق بىر كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتى ۋە 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مىنىستىرلار
كابىنېتىدا، خوجا نىياز ھاجىم بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئىناۋەتسىزدەپ ئېلان قىلدى. ھۆكۈمەت ئىچىدە قايتا ئىتتىپاقلىشىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئورتىغا چىققان ئىدى. خوجا نىياز ھاجىم، بارلىق مۇتەبەر ئۇيغۇر بۈيۈكلەرگە ئوخشاش، شەخسى ئىززەت نەپسىنىڭ كەمسىتىلىشكە تاقەت قىلىپ تۇرالمايتتى. شۇڭا خوجا نىياز ھاجىم يەكەندە “ شۇ سابىت موللا دېگەن لومودىنى تۇتۇپ كېلىڭلار!” دەپ بۇرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.
بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن سوۋىت ئىتتىپاقى شەرقىي تۇركىستانغا 7 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەنى كىرگۈزۇپ ھاۋادىن ۋە يەردىن مىللىي ئارمىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. شىڭ شىسەينىڭ ،تۇڭگانلارنىڭ ۋە رۇسلارنىڭ ئەڭ زامانىۋى قوراللىرىغا ئىگە بولغان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكىرى تەلىم كۆرگەن قوماندانى بولمىغان،ھەربىي ئىنتىزامدىن خەۋەرسىز قەھرىمان مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ مەغلۇبىيەتنى، مىللىي ھاكىمىيىتىمىزنىڭ يىقىلىشنى توسۇپ قېلىش تەس ئىدى. بۇ مەغلۇبىيەتنى بىز ئەۋلادلىرىمىزغا چۈشەندۈرەلمەيمىز. ئەمما، دۆلەت رەئىسى بولغان خوجا نىياز ھاجىمنىڭ، باش مىنىستىر ۋە بۇ دۆلەتنى قۇرغۇچى بولغان سابىت داموللامنى تۇتۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە تەسلىم ئېتىشىنى، بىز قايسى مەنتىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مۇمكىن؟ ئەۋلادلىرىمىزغا قايسى يۈزىمىز بىلەن، قايسى تىلىمىز بىلەن،قانداق چۇشەندۇرەلەيمىز؟ خوجا نىياز ھاجىم، سابىت داموللامنى قاچۇرىۋەتىشى مۇمكىن ئىدى. رۇسلارغا، شىڭشىسەيگە ”قېچىپ كېتىپ قالدى،تۇتالمدىم“ دېيىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر خوجا نىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللامغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن كەچۈرگۈسىز بىر ئۆچمەنلىكى بولسا، تۇتۇپ ئۆزى ئۆلتۇرۇۋەتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇنداق قىلمىدى. سابىت دامولللامنى، دۈشمەن ئالدىدا يارىماس بىچارە ئادەم قىلىپ كۆرسىتىش ئۇچۇن قوللىرىنى باغلاپ، يالاڭ ئاياق ماڭدۇرۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى ئۆستۈرۈپ دۈشمەنگە تەسلىم قىلدى
سابىت داموللام ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئېغىر جىسمانىي ۋە مەنىۋى قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىندى. سابىت داموللام تۇتۇلۇپ تاكى خوجا نىياز ھاجىم 1942-يىلى ئولتۇرۇلگەنگە قەدەر 8 يىل ئىچىدە شەرقىي تۇركىستاندا سابىت داموللام قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب يول باشچىلىرى، ئىنقىلابچىلار ۋە ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلغۇچى ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبەكلەردىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئولتۇرۇلدى. بارلىق ئۆلتۇرۇلىدىغانلار خوجا نىياز ھاجىمنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئولتۇرىدىغان ئادەم تۈگەپ خوجا نىياز ھاجىم يالغۇز قالغاندا، خوجا نىياز ھاجىمغا، سابىت داموللامنى تۇتۇپ بېرىشكە مەسلىھەت بەرگەن ۋە رىغبەت بەرگەن ھاجىمنىڭ ئەڭ يېقىندىكى ۋەتەن خائىنلىرى شىڭ شىسەينىڭ ئەمرى بىلەن خوجا نىياز ھاجىمنى ئولتۇرۇپ بىر كېچىدە ئۈرۈمچىنىڭ سېپىلىدىن جەسىتىنى تاشقىرىغا تاشلاپ قويدى
سابىت داموللام قەشقەردە ۋە بۇخارادا ئوقۇغان، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە كۆپ يىل مۇدەررىس بولغان، كېيىن غۇلجىدىكى جامائەتنىڭ تەكلىپى بىلەن 1929-يىلى غۇلجىغا كېلىپ غۇلجىدا قازى مۇدەررىسلىك قىلغان، ئۇستا ناتىق ۋە دىنى ئالىم ئىدى.1930-يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا غۇلجىغا كەلگەندە ئىككەيلەن ئىنقىلاب ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشىپ، ئىنقىلابنى خوتەندە باشلاشنى ئۇيغۇن كۆرۈپ،سابىت داموللام چەتئەلگە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خوتەنگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللام ئىنقىلاب ھارپىسىغا يېتىشىپ كېلىش ۋەدىسى بويىچە ھىندىستان ئارقىلىق خوتەنگە كەلگەن.خوتەندە ئىنقىلاب غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، سابىت داموللامنى دۆلەت رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەندە، سابىت داموللام :ئىنقىلاب خوتەندە پارتلىدى. بىرىنچىدىن ھەر بىرلىرىنىڭ غەيرىتى بىلەن بۇ ئىش بولدى. ئىككىنچىدىن مەن، قەشقەردىن كېلىپ خوتەندىكى ئىنقىلابنىڭ بېشىغا كېلىۋاتسام ئىنقىلابنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن تازا پايدىلىق بولمايدۇ، دەپ قوبۇل قىلمىغان. دېمەكچىمەنكى؛مۇھەممەد ئەمىن بۇغراغا ئوخشاش،سابىت داموللاممۇ ئالىجاناپ پەزىلەت ئىگىسى ئىدى. بۇگۇن بىز 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى، دۆلەت قانۇنى، بانكىچىلىق ۋە باشقا ئىچكى-تاشقى سىياسەت ھەققىدىكى بىرمۇنچە ھۆججەتلەردىن، سابىت داموللامنىڭ نەقەدەر بىلىملىك،نەقەدەر تەدبىرلىك ۋە دۇنيانى توغراچۇشەنگەن بىر دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. مۇشۇنداق بىر تارىخى شەخسنى، بىر دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسىنى ، ئۆز مىللىتىدىن بولغان بىر نەچچە ئادەم ياركەنتتىن ئاقسۇغا قەدەر بىر ئىككى ھەپتە چۆلدە ئېلىپ ماڭغاندا، مىللەتنىڭ بۇ يول باشچىسىنى، مىللەتنىڭ شان-شەرىپىنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن يىگىرمە-ئوتتۇز نەپەر ۋەتەن ئوغلىنىڭ چىقمىغانلىقى ئىنساننى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. ئىنسان شۇنىڭغا ھەيران قالىدۇكى، سابىت داموللامنى يالاپ ئېلىپ ماڭغۇچى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر، يولدا ھەر كۈنى سابىت داموللامنىڭ ئىمامەتچىلىگىدە 5 ۋاخىت ناماز قىلغان. سابىت داموللامغا ئىچ ئاغرىتىپ كۆز يېشى قىلىشقان. ئامما “بىز خۇجا نىياز ھاجىمنىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ.” دەپ سابىت داموللامنى ئاقسۇغا ئاپىرىپ، سوۋىت جاسۇسلىرىنىڭ نازارىتىدە ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىكى، خىتاي ساقچى باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن
خوجا نىياز ھاجىم جاھىل،ئوقۇمىغان بىر ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، دۈشمەنگە قارشى تۇنجى ئوقنى ئاتقان،خەلقنى قوزغىلاڭغا تەشكىللىگەن، نۇرغۇن جەڭدە غالىپ چىققان ،شەرقى تۇركىستان دولىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئۇچۇن ئاساس ۋە ئىشەنچ ھازىرلىغان بىر مىللىي قەھرىمان ئىدى.تارىخى شارائىت ۋە ئەتراپتىكى بۇزۇق ئادەملەر ئۇنى بۇ خاتا يولغا باشلاپ قويدى.ئەمما، ئۈرۈمچىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىپ، ئۇنىڭ راھىتىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماي،خوجا نىياز ھاجىم ئۆلتۈرۈلگەندە ئۈرۈمچىدە ھېچ بولمىسا ئون-يىگىرمە ئادەم كوچىغا چىقىپ ”بىزنىڭ باشلىقىمىز قېنى؟ ئۇنى كىم ئۆلتۈردى؟“ دەپ ھۆكۇمەت بىناسى ئالدىغا بارغىنى يوق. بىر ئىككى ئوغۇل بالا چىقىپ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىگە تاش ئاتالىغىنى يوق. ئىنسان ئويلۇنۇپ قالىدۇ؛ نىمىشقا بۇ مىللەت ئۆز تەقدىرى بىلەن، ئۆزىنىڭ يول باشچىلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چاتىقى يوق؟ قەھرىمان بىر نەسىلنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ خەلق نىمىشقا بۇ قەدەر بىچارە، قورقۇنچاق ۋە باش باشتاق ھالغا كېلىپ قالدى؟
قەشقەردە 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئەنە شۇنداق ئالەمدىن ئۆتتى.
غۇلجىدا 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ تەقدىرى نېمە بولدى؟ ئەلىخان تۆرەم 1920 -يىللىرى پەرغانە ۋادىسىدا روسلارغا قارشى كۈرەش قىلغان ۋە تۇتۇلۇش ئالدىدا قېچىپ قەشقەرگە كەلگەن ۋە قەشقەردە جامى،مەسچىت، ئۆيلەردە، كاپىرلارغا قارشى جىھات قىلىش توغرۇلۇق تەبلىگ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر جاسۇسلارنىڭ چېقىمچىلىغى نەتىجىسىدە ئۇزۇن يىل شىڭ شىسەينىڭ تۇرمىسىدا قالغان دىنى ئالىم، پىشقان ئەسكىرى قوماندان، يېتىشكەن بىر سىياسىيون ۋە پەۋقۇلئاددە ناتىق ۋەتەنپەرۋەر بىر زات ئىدى . 1944-يىلى غۇلجىدا پارتلىغان ئىنقىلابتا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى قۇرۇلغان شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنى شەرقىي تۇركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندا مارشال ئۇنۋانى بېرىلگەن بىر مۇبارەك زات ئىدى. روسلارنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئېھتىياجىمىز بولغانلىقى ئۇچۇن، روسلار بىلەن ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەتتە ئۆتۈش ئۇچۇن دىپلوماتىك غەيرەت كۆرسەتكەن ئىدى. روسلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۇچۇن، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا روس تەرەپدارى ئەمما ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن كۈرەش قىلىدىغان قابىلىيەتلىك ياشلارنى قويغان ئىدى. ئەلىخان تۆرەم شەرقتىكى سىياسەتچىلەرگە ئوخشاش، ئۇششاق مەنپەئەت ئۇچۇن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى گۇرۇھۋازلار تەشكىلاتى قىلمىغان ئىدى. شەرقىي تۇركىستاندىكى مۇسۇلمان تۇرك خەلقلەرنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىكىنى تەمىن ئېتىپلا قالماستىن، مۇسۇلمان بولمىغان، تۇرك ئېرىغا مەنسۇپ بولمىغان خەلقلەرنىمۇ ئوخشاش باراۋەرلىك، ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە قىلغان ئىدى. مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى،مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچى، مىللىي دوستلۇق ئەينى زاماندا شەرقىي تۇركىستانغا خوشنا بولغان پۇتۇن دۆلەتلەرگە ئۈلگە ياراتقۇدەك بىر ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. دۆلەت ۋە ئارمىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئۇيغۇر،قازاق،قىرغىز،ئۆزبەگ، تاتار، موڭغۇل، تۇڭگان، شىبە، روس، خىتاي قاتارلىق ھەر مىللەت ۋەكىللىرى يەر ئالغان بولۇپ، ھەممىسى ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە كىشىلەر ئىدى
شەرقىي تۇركىستاننى ئۆز ۋەتىنىم دەپ سانىغان مىللىي كۈچلەر بىر ئارىغا كەلگىنى ئۇچۇن،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالتايدىن تاكى غۇلجىغا قەدەر پايانسىز زېمىنلاردا شەرقىي تۇركىستان بايرىقى ئاستىغا بىرلەشتۈرۈلگەن، مۇنتىزىم ئارمىيەنىڭ سانىنى 40 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيە، ئۈرۈمچىنىڭ دەرۋازىسى سانالغان ماناسقا كەلگەن ئىدى. جەنۇپتا قاراشەھەرنىڭ يۇلتۇز، ئاقسۇنىڭ باي، كوناشەھەر، قەشقەرنىڭ تاشقورغان، قاغىلىق، پوسكام ناھىيىلىرى شەرقىي تۇركىستان بايرىقى بىلەن شەرەپلەنگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى ئالدى-كەينىگە قارىماي جۇڭگۇغا قېچىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە،يەنى 1945-يىلى 9-ئايدا، روسلار،شەرقىي تۇركىستاننىڭ ماناس ۋە جەنۇبتا ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيەنى مەجبۇرەن ئىلگىرلەشتىن توختاتتى. چۈنكى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۇنى جۇڭگۇ- سېۋەت دوستلۇق كېلىشىمى موسكىۋادا ئىمزالانغان ئىدى.
مىللىي ئىرادىمىزنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، سوۋىت بىلەن جۇڭگۇ ئارىسىدا سودىسى قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۇركىستاننىڭ ناھايىتى ئەرزانغا سېتىلىپ كېتىش ئىھتىمالىنى تولۇق ھىس قىلغان ئەلىخان تۆرەم، مىللىي ئارمىيەنىڭ توختىماي ئىلگىرىلىشىنى خالىسىمۇ، ھۆكۈمەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ۋە روسلارغا قاتتىق ئىشەنگەن مىللىي رەھبەرلەر، روسلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىتايلار بىلەن كېلىشىم قىلىش تەرەپدارىدا چىڭ تۇردى. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۇنى باشلانغان مۇرەسسە مۇزاكىرىسى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 11 ماددىلىق كېلىشىم بىلەن تاماملاندى.
سۆھبەت تېمىسى 1945. يىلى 10. ئايدىلا ئورتىغا چىققان ئىدى. سەۋەبىنى شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرى بەك بىلمەيتتى. خەلق بولسا تامامەن خەۋەرسىز ئىدى. ياپون ئارمىيسى 1945.يىلى. 9. ئاينىڭ 2. كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسىگە رەسمى تەسلىم بولدى. جۇڭگو دىكى بارلىق ياپون ئارمىيەسىمۇ تەسلىم بولدى. جاڭ جېشى، خۇددى سۇنجۇڭسەندەك تەقۋادار بىر خرىستىيان مۆرىدى ئىدى. جاڭجېشى، جۇڭگودىكى بارلىق ياپون ئەسىرلەرنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي زېمىنىدىكى ياپون ئەسىرلەر ساق- سالامەت ياپونىيىگە كەتتى. ( مانجۇرىيەدە سوۋىت قىزىل ئارمىيسى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 60 مىڭ ياپون ئەسكىرى كېيىن ماۋ زېدوڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 56 مىڭ ياپون ئەسىرى ئاچلىق، سوغۇق، چارچاشتىن خىتاي تۇرمىلىرىدا ئۆلۈپ كەتتى.) جۇڭگودا ئۇرۇش توختىغان ئىدى. گومىنداڭنىڭ قولىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق زاپاس ئەسكەر بوش قالغان ئىدى. جاڭجېشى مەخپى ھالدا 100 مىڭ خىتاي ئەسكىرىنى شەرقى تۈركىستانغا يۆتكەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. چۈنكى، شەرقى تۈركىستاندا شىڭشىسەيدىن قالغان 20 مىڭلا ئەسكەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى خەن بولمىغان يەرلىك خەلقلەردىن ئىدى. ئۈرۈمچىدە سۆھبەت باشلانغان 1. ئايدىن باشلاپ، سۆھبەت تاماملانغان 6.ئايغىچە شەرقى تۈركىستانغا 80 مىڭ خىتاي ئارمىيسى يۆتكىلىپ بۇلۇنغان ئىدى. 1946.يل ئاخىرىغىچە 100 مىڭ خىتاي ئەسكىرى شەرقى تۈركىستانغا توشۇلۇپ بولۇندى. گومىنداڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بېتىمگە، تىنچلىققا ھېچ ئېھتىياجى قالمىغان ئىدى
شۇڭا روسلارمۇ، ئەلىخان تۆرەمنى قورقماستىن تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. بۇ شەرقىي تۇركىستاننىڭ دۆلەت باشلىقى ئەلىخان تورەمنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئوتتۇرىدىن يوق قىلىش ئىدى. بۇنىڭ ئۇچۇن، روس جاسۇسلىرى بۇرۇنلا ”ئەلىخان تۆرەم ئەنجانلىق ئۆزبەگ، بىر ئۆزبەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولىشى بولمىغان گەپ“ دەپ خەلقنىڭ مەھەللىۋازلىق ھىسسىياتىدىن پايدىلىنىپ پىتنە-پاسات تارقىتىشقا باشلىغان ئىدى. ئۈرۈمچىدە كېلىشىمگە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئىمزا قويۇپ 7 كۆندىن كېيىن، يەنى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجىدىكى روس كونسۇلى ئەلىخان تۆرەمنى بىر جىپ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ كېچىدە قورغاسقا ئاپاردى ۋە سوۋىت چېگرىسى تەرەپكە ئۆتۈپ توختىدى. بىر دۆلەتنىڭ رەئىسىنى،40 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ باش قوماندانىنى، غۇلجىدىكى كىچىككىنە بىر روس كونسۇلنىڭ تۇتۇپ كېتىش جاسارىتى قەيەردىن كەلدى؟ بۇ دۆلەتكە، بۇ خەلققە، بۇ ئارمىيەگە بۇنداق ئېغىر ھاقارەت قىلىش جاسارىتىنى كىم بەردى؟ بۇ ئىش باشقا مىللىي رەھبەرلىرىمىزنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنغان ئىدى.ئەمما، مىللى ئارمىيە ئىچىدە ئەلىخان تۆرەمنىڭ قولىدىن قەھرىمانلىق مىداللىرى ئالغان بىر نەچچە ئوفىسسەر، جەڭچى چىقىپ، روس كونسۇلىنى تۇتۇپ ”رەئىسىمىزنى بەر. بەرمىسەڭ سېنى ئۆلتۈرىمىز“ دەپ مىلتىقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە تەڭلىگەن بولسا ئىدى، بۇ مىللەتنىڭ مۇھەببىتى بار يولباشچىلىرىنى قوغداشنى بىلىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا پەخىرلىنىپ ئىسپاتلىغان بولار ئىدۇق.
غۇلجىدا رەئىسىنى ئىزدەپ خەلق غەليان كۆتەرسە، غۇلجىغا قايتۇرۇپ ئەكىرىپ بېرىش ئۇچۇن ئەلىخان تۆرەمنى قورغاس چېگرىسىغا 10 كۈن سۆھبەتلەشكەن قىياپەتتە تۇتۇپ تۇرغان روسلار، غۇلجىدا ھايات نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىغىنى، ھېچكىم رەئىسىنى ئىزدەپ غەۋغا قىلمىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەلىخان تۆرەمنى ئېلىپ كېتىپ تاشكەنتتە تۈرمىگە قاماپ قويدى. ئەلىخان تۆرەم بار ۋاقتىدا شەرقىي تۇركىستان پۇقرالىرى ئىچىدە روس پاسپورتى تارقىتىش قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەمدى روس كونسۇلى ئاشكارە ۋە كەڭ تاشا روس پاسپورتى تارقىتىشقا باشلىدى. ۋەتەننىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدى كېسىلگەن بىر مۇنچە ئوفىسسەرلار، زىيالىيلار ۋە باشقا كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن سوۋىت پۇقراسى بولۇشقا باشلىدى. ئارمىيە ئىچىدە، خەلق ئىچىدە پارچىلىنىش باشلانغان ئىدى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن خىتايلارمۇ بوش تۇرمىدى. 1942-يىلى چوچەكتە زاكىروپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن گۇمىنداڭغا رەسمى جاسۇس بولۇپ ئىشقا ئېلىنغان سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىغىدىكى بىر قىسىم خىتاي جاسۇسلىرى ئۈمىدىنى ماۋزېدوڭغا باغلاپ،گۇمىنداڭنى تاشلاپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەنئەنگە جاسۇسلۇق قىلىشقا باشلىدى.كېلەچەك ئۇچۇن خىتايلارغا خىزمەت قىلغۇچى خائىنلار گۇرۇپپىسىنى ھازىرلاشقا باشلىدى. شەھىدلەرنىڭ قېنى سوۋۇماي تۇرغان بىر شارائىتتا ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ساناپ، قىسقا يولدىن كاتتا مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى بولغان خائىنلار بەس-بەس بىلەن ھەركەت قىلىۋاتاتتى .گەرچە ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئورنىغا ئەخمەتجان قاسىمى كەلگەن بولسىمۇ، ئەخمەتجان قاسىمى روسلارنىڭ ۋە خىتايلارنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلىمىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئەقىللىق، دىپلوماتىيەنى ياخشى بىلگەن، تەدبىرلىك بىر مىللىي يولباشچى ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تالانتىنى ئەڭ بۇرۇن ھېس قىلغان ئادەم يەنىلا ئەلىخان تۆرەم ئىدى. بۇنىڭ ئۇچۇن ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەڭ مۇھىم دۆلەت خىزمەتلىرىگە قويغان ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى بەزى ۋەتەن ساتقۇنلارنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، سوۋىت جاسۇسى ئەمەس ئىدى. بەلكى سېۋىت تەرەپدارى ۋەتەنپەرۋەر ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگىنى ئۇچۇن روسلار ۋە خىتايلار بىلەن يۇمشاق دىپلوماتىك يول بىلەن ۋەتەننىڭ كېلەچەك ئالى مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن تىرىشماقتا ئىدى. بۇ يۇمشاقلىقتىن پايدىلانغان روس ۋە خىتاي جاسۇسلىرى، مىللىي سەپنى ئىچىدىن بۇزۇش ئۇچۇن تىرىشىۋاتاتتى. ئەلىخان تۆرەمنى روسلار تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوسمان باتۇر، رسلاردىن شۆھبىلەندى ۋە مىللى ئارمىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. ئوسمان باتۇر بىلەن مىللىي ئارمىيەدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا بىر-بىرىنى قىرماقتا ئىدى. دۈشمەنگە قارشى ئوق ئېتىش تامامەن توختىغان ئىدى. روسلارنىڭ ھەرقانداق شەرتىگە رازى بولغان ئەخمەتجان ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە 4 كىشى 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۇنى ئالمۇتىغا چاقىرىلدى ۋە بېجىڭگە بېرىپ مىللى مەسىلىنى ماۋ بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىشنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ئەمىرنىڭ ستالىن تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ئەمما، روسلار، مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىشنى، خىتايلارنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولۇشنى ئىما قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئەخمەتجان قاسىمى بۇ شەرتلەرگە قارشى چىقتى.شەرقىي تۇركىستانغا مۇستەقىللىق ۋە ياكى يېرىم مۇستەقىللىق سەۋىيىسىدە بىر كېلىشىم بولمايدىغان بولسا، مەسىلىنى خەلققە ھېچقانداق قىلىپ چۇشەندۇرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يۇمشاق بىر شەكىلدە روسلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى
روسلار، “ئىشىڭىزنى ماۋ بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىڭ” دەپ ئايرۇپىلان بىلەن بېجىڭگە يولغا سېلىپ قويدى. ئارىدىن 5 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ 5 رەھبەر موڭغۇلىيە چېگرىسى ئىچىدە ئايرۇپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى مەخپى ھالدا سەيپىدىن ئەزىزگە بىلدۇرۇلدى ۋە بېجىڭگە سەيپىدىن ئەزىز چاقىرتىلدى. ئۇ مەخپى، يالغۇز ھەم شەرتسىز ھالدا خىتاينىڭ ئايروپىلانى بىلەن ئۇدۇل بېجىڭغا كەتتى.
ۋەتەن ئاسمىنىدىكى مىللى بايراق يېقىلدى. غۇرۇر ۋە ئىپتىخارىمىز بولغان مىللىي ئارمىيە خىتايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. سابىت داموللامنى، خوجا نىياز ھاجىمنى، ئەلىخان تورەمنى دۈشمەن تۇتۇپ يەپكەتكەندە سۈكۈت قىلىپ تۇرغان ۋە ياكى بەك دىققەت قىلمىغان بۇ خەلق، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىللىي يولباشچىلىرىنىدىن ئايرىلىپ قالغاندىمۇ دۈشمەنگە ھېچ قىساس تۇيغۇسى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىمىدى. ئادەملەر يىغلىدى، ماتەم تۇتتى. ئەمما ئون-ئونبەش ئوغۇل بالا چىقىپ روس كونسۇلىغا كىرىپ ”بىزنىڭ داھىللىرىمىز نەدە؟ ئۇلارنى نىمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟“ دەپ غەۋغا قىلغىنى يوق. ھەر قېتىم داھىلىرىدىن ئايرىلىپ، باش-باشتاق قالغان خەلق، چۆلدە بۆرىلەرنىڭ بۇزغۇنىغا ئۇچرىغان پادا قويدەك تىرە-پىران بولدى ۋە كۆپ چىقىمغا ئۇچرىدى. خەلقىمىز ھەر قېتىم مىللىي داھىللىرىدىن، مىللىي بايرىقىدىن، مىللىي ئارمىيەسىدىن ۋە دۆلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ بەدىلىنى بەك كۆپ قان بىلەن، بەك ئېغىر چىقىم بىلەن ئۆتىدى. شەرقىي تۇركىستاننىڭ دۈشمەنلىرى بەك كۇچلۇك بولغىنى ئۇچۇن ۋە خەلقىمىزنىڭ خائىنلارنى جازالاش ئەنئەنىسى زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن، كۇچكۇك
دۈشمەن بىلەن بىرلىشىپ خەلققە ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋەتەن ساتقۇچلار ھەر قېتىمقى مىللىي مەغلۇبىيىتىمىزدىن كېيىن خەلقىمىزنى قان قۇستۇردى. مىللىي داھىللىرىمىزنى يوق قىلىپلا قالماي،خەلق ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئابرويىنى چۇشۇرىدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردى. پۇتۇن كوممۇنىست دولەتلەردە بىردەك بىر قېلىپ، بىر يول، بىر پىكىرگە ئۇيغۇنلاشمىغان ئادەملەر رەھىمسىز ”پۇرۇلتارىيات“ چاقى ئاستىدا يەنچىلىپ يوق
قىلىندى. لۇغىتىدىن ”ئىنسانپەرۋەرلىك“ دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى فاشىزم دىكتاتۇرلىغى بىلەن دۇنياغا نامىنى چىقاردى. گىتلېر فاشىست ئىدى، ئەمما، ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت-سائادىتىنى يارىتىش ئۇچۇن باشقا مىللەتلەرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ماۋزېدۇڭ بولسا ئۆز مىللىتىنى ئولتۇرۇش بىلەن، ئۆز مىللىتىنى جازالاش بىلەن گىتلېرچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ماۋ ”چىنشىخۇاڭ ئاز ئادەم ئۆلتۈرگەن، مەن ئۇنىڭدىن كۆپ ئولتۈرىمەن“دەپ ئۆز مىللىتىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە رېكورت يارىتىپ پەخىرلەندى. ئۆز مىللىتى ئۇچۇن بۇ دۇنيادا دوزاق ياراتقان ماۋ ھاكىمىيىتىنىڭ قول ئاستىدىكى غەيرى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قىياس قىلمىغى تەس ئەمەس. بۇ قارا كۈنلەردە مىللەتنى باشلاپ مېڭىش قابىلىيىتىگە ئىگە، داھى بولغۇسى ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلدى ۋە ياكى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرمىلاردا ياتقۇزۇلۇپ جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتىن كېرەككە كەلمەس ئەھۋالغا كەلتۈرۈلدى. كېچىدە ئاسماندا كورۇنگەن ئاقار يۇلتۇزلار كەبى خەلقنىڭ نەزىرىدە غىل-پال پارلىغان يول باشچىلار، ئۇ دىنىي ساھەدىن بولسۇن،ئوقۇغۇچى بولسۇن، زىيالىي بولسۇن، ئىشچى بولسۇن، دېھقان بولسۇن، تىجارەتجىبولسۇن، كىم بولىشىدىن قەتى نەزەر دەرھال تۇتۇپ يوق قىلىندى ۋە ياكى يامان بەدناملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئابرويىنى چۇشۇرۇپ، جامائەت ئىچىدە سۆزى ئۆتمەس ھالغا كەلتۈرۈشكە تېرىشتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەنلىرىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان ساتقۇنلارنىڭ قولى بىلەن، ساتقۇنلارنىڭ ئاغزى بىلەن قىلىدى
دېڭىز-ئوكياندا كېتىۋاتقان پاراخوت ئۇچۇن كومپاس قانچە مۇھىم بولسا، بىر تەشكىلات ئۇچۇن، بىر جاما’ئەت ئۇچۇن، بىر مىللەت ئۇچۇن، بىر خەلق ئۇچۇن يولباشچى شۇ قەدەر مۇھىم. يولباشچىلىرىنى قوغدىيالمىغان ئەل، خيائىنلارنى جازالاندۇرالمايدۇ. خائىنلارنى جازالاندۇرۇشنى بىلمىگەنلەر، تەبىئىيكى يولباشچىلارنى ھىمايە قىلىشنى بىلمەيدۇ. ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمىگەن قەۋىملەرنىڭ ئاقىۋىتى خارلانماق بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.ئۇلارنىڭ تەقدىرى خۇددى پۇتبول مەيدانىدىكى ئىككى گۇرۇپ ئوتتۇرىسىدا تېپىپ ئوينىلىدىغان پۇتبول توپىغا ئوخشايدۇ. پوتبولنى ئوينىغانلار چىمپيون بولۇپ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالغان بولسا، زەربىدىن يىرتىلغان توپ ئەخلەتلەر ئارىسىدا ياتقان بولىدۇ
ئەسىر مىللەت ،دۈشمىنى ئالدىدا خار، دوستى ئالدىدا ئىتىبارسىزدۇر. مەزلۇم خەلقنىڭ كۆز يېشى، زالىم دۇشمەننىڭ يۇرۇكىنى يۇمشىتالمىغىنىغا ئوخشاش، دوستلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەسىرلەندۇرۇشتىمۇ كۈچسىز قالىدۇ. بىز، مىللەت سۈپىتىدە بۇ دۇنيادا ياشاشنى خالىساق، ئۆزىمىزنى تەھلىل-تەتقىق قىلىشىمىز، خاتالىغىمىزنى تۇزۇتۇشىمىز لازىم. قۇللۇق روھىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۇچۇن، روھىمىزنى مەست قىلغۇچى مىكروپلاردىن قۇتۇلۇشىمىز لازىم. بۇ مىكروبلار مىللىي خائىنلاردۇر. ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە تازىلىماي تۇرۇپ، بىرلىكنى تەمىن ئېتىش، مىللىي ئىرادىنى تۇرغۇزۇش مۇمكىن ئەمەسلىگىنى كۆپ بەدەللەر ھىساۋىغا كەلگەن ساۋاقلار بىلەن ئوگەندۇق. ئەمما، مىللەتكە، ۋەتەنگە قىلغان خىيانىتىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى خەلققە، ۋەتەنگە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تۇزۇتۇشنى ئارزۇ قىلغانلارنى ئەلۋەتتە خەلق كەچۇرىدۇ. بىز، بىرمۇ ئادەمنىڭ دۈشمەن تەرەپتە قېلىشىنى خالىمايمىز.
تۇمۇرىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەگ، تاتار، تاجىك…قېنى بولغانلار خىتايغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغانلارمۇ، خىتايلار تەرىپىدىن يەكلەندى، تۆۋەن كۆرۈلدى. كۆزگە ئېلىنمىدى. قورچاق ئورنىدا قوللىنىلدى. ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلغانلارنى يەنىلا قوينىمىزغا ئالىمىز. بىزنىڭ كەچۇمەيدىغانلىرىمىز، ۋەتەننى، مىللەتنى، خەلقنى، ھاياتى بويىچە ئەيشى-ئىشرەت ئۇچۇن پۇل ئورنىدا خەزجلىگەنلەر ۋە ھەزجلەشتە چىڭ تۇرغان خائىنلاردۇر
مىللىي ۋۇجۇدىمىزنى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن، خائىنلارغا ئۆلۈم

Share
2012 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.