logo

trugen jacn

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى غەيرىي رەسمىي تارقىلىش سۈرئىتى دۇنيا سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنى چۆچۈتمەكتە

dd5d5b36-4a6a-430d-bb02-d5633dcf4287

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن 1-دېكابىر، يەنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى.

پۈتۈن دۇنيا خەلقى، جۈملىدىن سەھىيە ساھەسى ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ قورقۇنچلۇق كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى كىشىلەرنى چۆچۈتمەكتە.

ئۇنداقتا، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى بىلەن تولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ئاپەت قانداقلارچە خەلق نەزىرىدىن چەتتە قالدۇرۇلدى؟ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەيدىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى يۇقۇم ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن جىنسىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، يېقىندا غەربتىكى مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى 43 مىڭدىن كۆپرەك ئىكەن. ئۇنىڭ تەخمىنەن 85 پىسەنتى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ھۆكۈمەت ھېسابى بويىچە 35 مىڭدىن 37 مىڭغىچە ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئاساسەن دېگۈدەك زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش بىر ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىشىدىن يۇققان ئىكەن. ھالبۇكى، 2009-يىلىدىن كېيىن بۇ خىل يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن تارقالماقتىكەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ رايونلار بويىچە جىددىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 2009-يىلىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى، ئىلى قاتارلىق شىمالدىكى شەھەرلەرگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن بولسا، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە شىددەت بىلەن كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە ئۇزۇندىن بۇيان تېببىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەمەتئىمىن ئەپەندىمۇ ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق يۇقىرىقى ئەھۋالنى تەستىقلايدۇ. ئۇ ھازىرغىچە تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغان ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرى سانىنىڭ 35 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پەقەت ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىدۇ.

يۇقىرىقى 2 نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئاز دېگەندە 2-3 كىشى، كۆپ بولغاندا 5 تىن 10 كىشىگىچە دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار بىردەك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرى سانىنىڭ ئاز دېگەندە 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلىنماسلىقى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق يامرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا ئاتالمىش «مۇقىملىق» قا مۇئامىلە قىلغاندەك جىددىي قارىمايۋاتقانلىقىدىن، دەپ ھېسابلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/uyghurda-eydiz-12012015151045.html

Share
1102 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.