logo

trugen jacn

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش مەركەزلىرى تۈرمىدىنمۇ چىڭ باشقۇرۇلماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى، رايوندىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغان بولدى. ئىنكاسلاردىن بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ «دىن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۆگىنىشى» باھانىسىدە بىر قانچە ئايلاپ تۈرمە شەكلىدىكى ئۆزگەرتىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ بۇ ئورۇنلارنى پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە، تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش» تەدبىرىدە، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تە ئاداققىچە چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلماقتا. «نىزام» نىڭ 46-ماددىسىدا: «مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيىسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›، ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›، شۇنىڭدەك ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى› بويىچە جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ قانۇن ئاساسى تۇرغۇزۇلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەمەلدارى چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى كۈنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى شۇنداقلا «دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەسەبىيلىك دېگەن نېمە دېگەن سوئالغا مەزكۇر «نىزام» دا: «ئەسەبىي دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق تەشەببۇس ۋە قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ» دەپ شەرھىلەنگەن. ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ساقال قويۇش، ھىجاب ئارتىش، ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىش، ھاراق ئىچمەسلىك، ھەتتا ھالال-ھارامنى ئاشكارا ئايرىشمۇ بۇ نىزامدا چەكلەنگەن ماددىلارغا چۈشىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئارقىلىق ئىجرا قىلماقتا.نۆۋەتتە شەھەر، بازار ئاساسىي قاتلاملاردا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش سىنىپى» نامىدا يېڭى شەكىلدىكى تۈرمىلەر بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورۇنغا خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشى بايقالمىسىمۇ، نۇقتىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى دىنىي ساھەدە ئوقۇغانلار، بولۇپمۇ مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆز ئالدىغا دىنىي ساھەدە بىلىم ئاشۇرغان، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن تۈركىيەگە بارغان، تارقاق ھەج قىلغان، ئىلگىرى مۇقىملىقنى قوغداش چارىلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بايقالغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغانلار دېگەندەك كىشىلەر ئىككى ئاي ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن يېپىق شەكىلدە قامالماقتا ئىكەن. رامزان كېلىشى بىلەن بۇ ئورۇنلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، يېقىندا تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىن ئىنكاس قىلغۇچىلار، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولانغان ئاتا، ئانىلىرى، ئۇرۇق‏- تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ جايلارغا سولانغانلار بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ساق – سالامەتلىك ئۇچۇرىنىمۇ بەرمەي، ھېچقانداق يوقلاش بۇيۇملىرىنىمۇ قوبۇل قىلماي، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

چەتئەلدىكى بىرىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، ئاتۇشتا ھىجابلانغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى ئايدىن بۇيان «تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولاپ قويۇلۇپ ئائىلىسىنىڭ كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن توختىگۇلنىڭ ياشانغان دادىسىدىن، ئاتۇش شەھىرىدىكى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى «كەلگەن سۇ» دېگەن جايغا بەرپا قىلىنغانلىقىنى سوراپ بىلدۇق.

دائىرىلەرنىڭ رامزان كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئالىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئاقسۇدىكى بىر ئايال ۋە يەنە بىر كادىر، تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ۋەزىيەت چىڭ بولغاچقا كونكرېت ئۇچۇرلار بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش يۈزىسىدىن جايلاردىكى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش ئورۇنلىرى» نىڭ ئالاقىسىنى ئىزدەپ كۆردۇق. ئادەتتە ئىنتېرنېتتىن رايوندىكى تۈرمىلەرنىڭمۇ تېلېفون نومۇرلىرىنى تېپىش مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش» مەركەزلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىدى. بىز بۇ ئورۇنلارنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى بۇ ئورۇنلار ئالاھىدە مەخپىي باشقۇرۇلىدىغان بولغاچقا تېلېفون ئالاقىسىمۇ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

چېن چۇەنگونىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ بىرى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە «مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق» بولۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم ئورنىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىدى، جايلاردا بۇلارنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاتۇش ۋىلايەتلىك، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قىزىلسۇ ۋىلايەتلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تېلېفوننى ئالغان ساقچى قانداق كىشىلەرنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، بىزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتى كېلىۋاتىدۇ، ھېيت بايراملاردا، سولانغانلار بىلەن ئائىلىسىنى كۆرۈشتۈرەمسىلەر؟ نەرسە ‏- كېرەك ۋە پۇل كىرگۈزۈشىگە يول قويامسىلەر ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا «بۇنداق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/esebiylikni-tugitish-terbiyilesh-merkizi-06122017170448.html

Share
1847 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.